مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 357|ئىنكاس: 3

ئۆلۈم سونىتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 536
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9300
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 01:28:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۆلۈم سونېتلىرى


مىسترال (چىلى، 1889 ـ 1957)



زۇلمەتلىك قەبرىگە ئەيلەنسەڭ دەپىن،
مەن سېنى ئاچىقاي قۇياشلىق يەرگە.
بىر كۈنى مەنمۇ ھەم يېنىڭغا تەيىن.
بوپ يەنە ياستۇقداش ياشايمىز بىرگە.
مەن سېنى ئاچىقاي قۇياشلىق يەرگە،
بالىغا ئىچكۆيەر ئاق دىل ئانىدەك.
تۇپراقلار تاشلانسا غۇبارسىز تەنگە،
ئەللەيلەر ئانا يەر، مامۇق پەر تۆشەك،
سېپىمەن ئۈستۈڭگە ئەتىرگۈل بەرگى.
بىسېزم تېنىڭگە چۈشمىسىكەن دەپ،
ماناندىن شۇڭغىغان كۆكۈچ ئاي نۇرى.
ياشايمەن ياڭرىتىپ ساداقەت كۈيى،
يانىمەن رەشىكتە، كېلەرمىدۇ دەپ
قايسى بىر ھۆرلىقا سېنى كۆرگىلى.


 

ئازابلار قىنىدىن تاشقاندا ئېقىن،
قىلىدۇ مۇراجەت روھىمغا جىسمىم.
راھەتكە قۇل بولۇپ كېتىۋەرمىگىن،
شۇ گۈلگۈن يوللاردا ئالماي ھېچ تىنىم...
سەزگەنسەن تىكلەندى يېڭى بىر قەبرە،
ياتىدۇ يېنىڭدا ناتۇنۇش ئايال.
ئۇزىتار بىر كۈنى مېنىمۇ يەرگە،
ئاشۇ چاغ ئارمانلار تاپىدۇ ۋىسال.
يېتىمەن تەكتىگە نىگارىم شۇ تاپ،
ياتساڭمۇ يىل بويى قاراڭغۇ گۆردە.
ۋۇجۇدۇڭ نە ئۈچۈن بولمىدى بىتاپ.
بۇ ئالەم كۆكىمۇ يارقىن نۇرانە.
كىم ئەھلى ساداقەت، كىملەر بىۋاپا،
يۇلتۇزلار بىزلەرگە بولۇر سودىيە
.




ياش ئىدىڭ غۇبارسىز، نېلۇفەردەك پاك،
قايسى كۈن يۇلتۇزۇڭ ساقىغان چېغى.
شاد ئىدىڭ جىسمىڭدىن ئۇرغۇيتتى ئىدراك،
ئۇرۇلدى كۆكسىڭگە ئۆلۈمنىڭ تىغى...
ئۇ كەتتى، ئېيتقىنا، ئېيتقىنا خۇدا،
نۇرانە قەلبىن كىم چۈشىنىدىكىن؟
رەھىمسىز ئەجەلدىن قۇتقۇز ئۇنى يا،
شېرىن چۈش جامىگە غەرق ئەيلىگەن.
ئۇپقۇنلار ھاياتىن ئەيلىدى غەرق.
نە چارە، دەرىخا، ياشلىقى تېغى
ئېپ كەتسەڭ بولمامدۇ ئۇرمايلا بەرق.
ھاياتى تۈگىدى، سۇندى قانات ـ پەر...
مۇھەببەت كۆيۈمى يوق دەمسەن مېنى؟
شاھىتسەن ئىلاھىم، ئۆزۈڭ جاۋاب بەر!



«يارىلانغان يۈرەك» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.



................................................
مەنبەسى : ئۇيغۇرچە خەلق گىزىتى تور بېتى
http://uyghur.people.com.cn/156014/10642182.html


بەرگىن سېنى سۆيگەنلەرگە تەبەسسۇم، دۈشمىنىڭگە قالدۇر ئاھۇ-ھەسرەتنى.   قايرىپ قويۇپ ھەرخىل سەۋەب،قىسمەتنى، بېغىشلىغىن دوسىتلىرىڭغا قەلبىڭنى. _ بىرۇن
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 02:56:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6358
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 04:10:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋدالىق

گابرىئېلا مىسترال

ئەي ئىلاھىم،
كۆزلىرىمنى قويساڭچۇ يۇمۇپ،
لەۋلىرىمنى قويساڭچۇ جۈپلەپ
ۋاقت تېخى تۇرۇپتۇ شبنچە
سۆزلىرىمىز كەتسىمۇ تۈگەپ.

بىر-بىرىمىزگە تۇرىمىز قاراپ،
ئۇزاق-ئۇزاق سۈرمەستىن زۇۋان،
قىتىپ قالغان كۆزلەردە يوق جان،
تىترەپ تۇرغان چىرايلار سامان،
نېمە قالدۇردى بىزگە بۇ جاھان.

لەۋلىرى تىترەپ سۆزلەر ئۇ ماڭا،
قەلبىدىن ئۆرلەپ چەكسىز دەرت-پىغان،
مەنىسىنى بولمايدۇ بىلىپ،
دەيمەن ئاڭا تەقدىرلىرىمىز،
قان بىلەن گۆشتەك قوشۇلغان ھامان.
شۇندىن كىيىن
ھىچنىمە قالماپتۇ ماڭا!
گىرىملەرمۇ ياشقا قوشۇلۇپ
مەڭزىم بويلاپ ئاقماقتا مانا.

كالۋالاشتى تىللىرىم تامام،
قۇلىقىمغا كىرمەيدۇ سادا.
زەئىپ دالا پايانلىرىغا
تىكىلىمەن شۈنچە بىپەرۋا!
ئوتقاش كەبى گۈللەر بەرىبىر،
كۈلتۈك قارلار ئاڭلاتسىمۇ سىر!
كىچ كىشىدىن كۆرمەيمەن زىنھار،
ئۆرتىسىمۇ دىلىمىنى يارا.
تىلەيمەن ئاھ تەقدىر ئاللادىن،
كىرپىكلىرىم يۇمۇلسۇن ئەبەد،
تومۇرىمدا توختىسۇن سادا!

توختات دەيمەن شاماللارنىمۇ،
شامال ئۇنىڭ ئاۋازلىرىنى
ئېلىپ كىتەر بەكمۇ يىراققا،
سايىۋەن بول دەيمەن قۇياشقا،
سىماسىنى شۇ ئۆتكۈر نۇرلار،
قىلار ھامان يىنىمدىن جۇدا.
قوبۇل ئەيلە مىنى ئەي خۇدا،
دەرگاھىڭغا بارىمەن تەنھا،
ئېلىپ چەكسىز مۇھەببىتىمنى
قىيان باسقان زىمىندەك گويا!

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 05:41:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ، ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش