بۇ ھەممىسى يېڭى ئىقتىدارلار ،،چوقۇم ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تور بېكىتى قوللىغۇچىلىرى
بېكىتىمىز مۇنبەر سەھىپىسىنى ئېچىپ كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ مەنىۋىيتىنى بېيىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىك تارىخىغا دېھقانچىلىق مەيدانىنى تۇنجى بولۇپ سىناق قىلىپ ھەم 90% نورمال ھالدا سەپلىۋالغان ئىدۇق. شۇنىڭدىن بۇيان دېھقانچىلىق مەيدانى تورداش دوستلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرشىغا ئېرىشكەن،،،
بۇ قېتىم بىز بىلوگ سېستىمىسىنى مۇنبەرگە رەسمىي ئورنىتىپ سىناق قىلىپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ ئىككى كېچە ئىككى كۈندۈزلۈك ئەمگەك مېۋىمىزنى كۆردۇق
كومپىيۇتىردىكى رەسىملەرنى مۇنبەرگە چىقىرىشنى بىلمەيۋاتامسىز؟
كۈندىلىك خاتىرە يازاي دېسىڭىز ھەممە ئادەمنىڭ كۆرۋىلىشىدىن ئەنسىرەمسىز؟
تېمىلارنى ساقلىۋالالماي ئىنكاس يېزىپ ئاۋارە بولدىڭىزمۇ؟
ئەڭ ياخشى يازغۇچىلارنىڭ تېمىلىرىنى تاپالماي ئاۋارىمۇ؟
تېمىلارنىڭ يېرىمىنى يېزىپ ساقلايدىغان يەر تاپالمىدىڭىزمۇ؟
ھەممىسىنىڭ چارىسى بىر يولىلا ھەل قىلىندى!
تېمىلارنى مۇنبەردىكى تېما ساقلىغۇچتا ساقلىۋالدىغان ئىقتىدار رەسمىي قوشۇلدى
ھەممىسى ھەل بولدى
مەلۇم تېمىنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسىڭىز تېمىنى ساقلىۋىلىش كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا مۇنبەردىكى ئۆزىڭىزنىڭ بىلوگىغا بۇ تېما ساقلىنىپ قالىدۇ
بۇ ئىقتىدارلار قوشۇلدى...
كۈندىلىك خاتىرە يازالايسىز
دوستقا قوشۇش ئۈچۈن ئىستىرىلكا كۆرسىتىلگەن رەسىمنى چېكىسىز
ساقلىۋالغان تېمىڭىز مۇشۇ يەردە كۆرىنىدۇ!
دوستلار تىزىملىكىنى بېسىپ دوستلىرىڭىزنىڭ تېمىلىرىنى ئاسانلا تېپىۋالسىز
كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ ساقلىيالايسىز،،ھوقوقنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، باشقىلار كۆرەلمەيدىغان ،پەقەت دوستىڭىزلا كۆرەلەيدىغان قىلىپ ،،ھەممىسىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز
بۇنىڭ ئارقىلىق كومپىيۇتىردىكى رەسىمنى بىۋاستە مۇنبەرگە چىقىرىپ ئۇلىنىش قىلالايسىز
شۇنىڭغا ئوخشاش ھەممە ئىقتىدارلار ئۇيغۇرچە بولۇپ،سىناپ باقسىڭىز تەبىيلا كۆنۈپ قالىسىز،بۇنى 2- مۇنبەر دىيىشكىمۇ بولىدۇ..
يەنە بىر قاتار كۆپلىگەن ئىقتىدارلار بار،،ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىدىم.. بىلمىگەن يەرلەر بولسا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ...
سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا تېرىشىمىز!!!!
بىز ئەڭ ياخشىسى ئەمەس، بىراق ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تېرىشىمىز!
مىسرانىم تور مۇلازىمەت ئىشخانسىس
مىسرانىم مۇنبەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
2011 - يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى