مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 260|ئىنكاس: 1

باغچا يولى قوزغىغان ئىلھام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1142 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:50:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرىكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر  دىسنىي باغچىسىنىڭ مەشئۇللىرى باغچا يوللىرىنى لايىھلەشنى باغچىغا كىرگەن كىشىلەرگە قالدۇرغان .نەتىجىدە باغچا ئىچىلىپ بىرھەپتىدىن كىيىن باغچا ئىچىدە كىشىلەر قالدۇرغان نۇرغۇن چىغىر يول ھاسىل بوپتۇ .شۇنىڭ بىلەن باغچا مەسئۇللىرى ئاشۇ چىغىر يوللارنى بويلاپ باغچا يولىنى ياساپتۇ .بۇنىڭدىن ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئاشۇ بىر باغچا يوللىرىنى لاھىيلەشتىمۇ پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىدەك خەلقچىللىقىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز.بۇ يەردە ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى ،باغچىغا كىرگەن خىلمۇ -خىل ئىرق ،ۋە ئىتىقادقا بۆلۈنگەن ئامىرىكا پۇقرالىرى ،شۇنداقلا دۇنيانىڭ جاي -جايىدىن كەلگەن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە قىممەت قارىشىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ باغچىغا قالدۇرغان ئىزلىرى نىشانى ئىنىق ھەم كىشىگە بىر خىل ئازادىلىك تۇيغۇسى بىرىدىغان ،يەنە تىخى باغچىنىڭ چىملىقلىرىغا خويمۇ ياراشقان يىلانباغرى تەبىئىي يوللار بولغانكى ،ھەرگىزمۇ پادا-كالا پىتىقدىغاندەك باش -ئاخىرى يوق گىدىرماچ يوللار بوپقالمىغان .بۇ يەردە مىنى ئەڭ سۆيۈندۈرگىنى ،باغچا مەسئۇللىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈشتىكى ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىدا بولۇپلا قالماي ،يەنە تىخى تارىختىن بىرى پۇرچىقى پىششىماي كىلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ تۈركۈمىنىڭ يول يۈرۈشتە ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرغانلىقى بولدى .
ئەمدى ئۆزىمىزنڭ باغچىلىرى ۋە ئەتراپىمىزدىكى چىملىقلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق ،بۇ يەردىكى يوللارنى پۈتۈنلەي ئىنژىېنىېرلار لايىھلەيدۇ .بۇ يوللار ئاساسەن تۈز ۋە بەزىسى يىلانباغرى بولسىمۇ ،ئەمما مەيلى تۆت چاسا سېمونىت خىش ياتقۇزۇلغان يوللاردا ياكى چىملىقلارغا تىزىپ قويۇلغان موگو لاردە رەڭلىق سېمونت تاشلارنىڭ ئۈستىدە ماڭسىڭىز،قەدىمىڭىزنى ئۆلچەمگە چۈشۈرالمەي ئالچاڭلاپ قالىسىز.شۇڭا ئۇيوللارنىڭ يىنىدا كىشىلەر ئۆزمەيلىچە ياساپ قويغان يوللىرى بولىدۇ .كىشىلەر نىمە ئۈچۈن پاكىز ھەم تۈز يولدا ماڭماي ،چىملىقنى دەسسەپ ئۆز ئالدىغا يول سىلىۋالىدۇ ؟ئۇلار قەستەن قىرىشىپ شۇنداق قىلامدۇ ،ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ؟دىسنىي باغچىسىدىكى يوللار بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى ،ئىنسانلار يول يۈرۈش مەسىلىسىدە قانداقتۇر لايىھلىگۈچى ۋە يول باشچىغا ھاجەت ئەمەس،گەرچە ئۇلارنىڭ ئىرقى ،مىللىتى ،مەدەنىيىتى ،قىممەت قارىشى ئوخشىمىسىمۇ ،ئەمما يول سىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۇغما ئىقتىدارى ئوخشاش قانۇنىيەتكە ئىگە ئىكەن .ھەم بۇنىڭغا يۇقىتى تەلەپمۇ قويۇپ كەتمەيدىكەن .ئۇنداق بولمىغاندا مەيلى ئامىرىكىدىكى دىسنىي باغچىسى بولسۇن ياكى بىزنىڭ چىملىقلىرىمىز بولسۇن ،ھەممىسى پادا-كالا مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى .دىمەڭ ،بۇ يەردە ئادەمنى ھەممىدىن بەك سۆيۈندۈردىغان بىر مەسىلە بار ئۇ بولسىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ يول يۈرۈشتىكى ئورتاقلىقى .بەلكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە خۇددى چۈجە -خورازلاردەك بىر -بىرىنىڭ تۇمشۇقىنى قان قىلىشىپ بىسىقماي كىلىۋاتقان ئىنسانلار يول يۈرۈشتىكى ئاشۇ ئورتاقلىقىدىن ئىلھام ئىلىپ ،ئىدىيە ۋە باشقا جەھەتلەردىمۇ توقۇنۇشۇپ قالمايدىغان يوللارنى بەرپا قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...........
مەنبە :شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2010يىللىق 5-سانىدىكى تۇرسۇن تۇردى دىگەن ئەپەندىمنىڭ ئەسىرى 

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .

كۆڭۈللەر ئاللاھ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4314
يازما سانى: 1178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14310
تۆھپە نۇمۇرى: 503
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 10:01:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولىنى ئىنسان ئۆزى ئاچمىسا باشقىلار ماڭغان يولدا ماڭسا سەل مەنىسى بولمايدۇ .

غەم قىلما بەندەم غەمخانەڭ مەن دەپتىكەن ئاللا ،تەۋەككۈل دەرياسىغا سالغىن كىمە ،گاھ لەيلە گاھ چۆكە غەم يىمە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش