|
|
|
|
ئاسمانغا قارىتىپ بىر ئوق ئاتتىم،
قەيەرگە چۈشتى ئۇ، ھېچ بىلەلمىدىم.
چۈنكى ئۇچۇشى بەك تىز بولغاچ ،
كۆز نۇرۇمدا قوغلاپ يېتەلمىدىم.
ئاسمانغا قاراپ ناخشا ئېيىتتىم،
يەرگە چۈشكەندەك، زادى قەيەرگە؟
كىمنىڭ كۆز نۇرى شۇنچە ئۆتكۈر،
يېتەلەيدۇقوغلاپ كەتكەن يەرگە.
ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن، بىر *ئېمەندە،
تاپتىم ئۇ ئوقنى، ساپساقلا تۇرغان .
ئەمما ئۇ ناخشا ، باشتىن ئاخىرى ،
بايقىسام دوستۇم يۈركىدە قالغان.
ئاپتورى : ئامىركا شائىرى خ . ۋ. لوڭفېللوۋ ، (Henry Wadsworth Longfellow)
مەنبەسى : رەسىم ۋە ئەسلى شېئىر گوگول تورىدىن ، دوستۇم تەرجىمىسى
http://www.poetryfoundation.org/archive/poem.html?id=173890
ئىزاھات: *ئېمەن-- دۇب دەرىخى
|
|
|
|
|
|