مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2278|ئىنكاس: 27

كومپىيوتېر بىلىملىرىدىن سۇئال-جاۋابلار(تە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7449
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10573
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 07:52:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كومپىيوتېر بىلىملىرىدىن سۇئال-جاۋابلار

CPU ئالماشتۇرۇش كارتىسى ئارقىلىق ئاساسىي تاختىغا ئۇلىنىدۇ. يېقىندىن بېرى كومپىيوتېرنى ئاچقاندا ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. توك مەنبەسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش، بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈنمەسلىكى توك مەنبەسى، ئاساسىي تاختا، CPU قاتارلىقلارنىڭ كاشىلىسى. ئالماشتۇرۇش كارتىسى ئىشلىتىلگەن كومپىيوتېرغا نىسبەتەن بۇ چوقۇم ئالماشتۇرۇش كارتىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلە. CPU نىڭ توك سەرپىياتى ناھايىتى چوڭ بولغاچقا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئالماشتۇرۇش كارتىسىنىڭ ئاساسىي تاختىغا تۇتىشىدىغان قىسمى ئوكسىدلىنىپ ياخشى تۇتاشمىغانلىقتىن كومپيوتېر نورمال ئىشلىمەيدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي ماشىنىنى ئېچىپ، ئالماشتۇرۇش كارتىسىنى ئېلىپ سۇسىز ئىسپىرىت بىلەن ئالماشتۇرۇش كارتىسىنىڭ ئاساسىي تاختا بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان قىسمىنى پاكىزە تازىلاپ قايتا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن مەسىلە ھەل بولىدۇ.
س: كومپىيوتېرنى قوزغاتقاندا CPU توغرا ئەمەس دىگەن خەت چىقىۋالىدۇ، بۇ قانداق ئەھۋال؟ CMOSقا كىرگەندە كومپىيوتېر قېتىۋالىدۇ. ئوخشاش تىپتىكى CPU نى ئالماشتۇرساق نورمال ئىشلەيدۇ، بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ج: بىر قىسىم 815EP ئاساسىي تاختىنىڭ Manage Easy ئىقتىدارى بولۇپ،  قاتتىق دىسكىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. CPU توغرا ئەمەسلىك CPU نىڭ ئۆزىدىكى خاتالىق ئەمەس. CMOS قا كىرىپ PC Health Status تۈرىنى تاللاپ CPU نىڭ تېمپراتورىسى، شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىشىنى تەكشۈرگەندە CPU نىڭ تېمپراتورىسى بەكلا يوقىرى(90~80 گرادۇس)بولسا ، چوقۇم شامالدۇرغۇچنىڭ كاشىلىسى. شامالدۇرغۇچنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن مەسىلە ھەل بولىدۇ. ئەگەر يەنىلا مەسىلە ھەل بولمىساCPU ياكى ئاساسىي تاختىنىڭ ئۆزىدىكى ئېغىر كاشىلا. بۇنى ساتقان ئورۇنغا ياكى كەسپى رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
س: CPU نىڭ چاستوتىسىنى تۆۋەنلىتىش زىيانلىقمۇ؟
ج: CPU نىڭ چاستوتىسىنى تۆۋەنلىتىش زىيانلىق ئەمەس. بىراق بۇ مۇتلەق ئەمەس. ئۆلچەملىك سىرتقى چاستوتىنى ئىشلەتكەندە ئاساسىي تاختىدىكى PCI باش لىنىيە چاستوتىسىمۇ ئاپتوماتىك تەڭشىلىدۇ. ئۆلچەمسىز سىرتقى چاستوتىنى ئىشلەتكەندە مەسىلەن : CPU سىرتقى چاستوتىسى 133MHz بولسا، بۇنى 112MHz قىلىپ ئىشلەتكەندە ئاساسىي تاختىنىڭ PCI باش لىنىيە نورمال بولمىغان ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ. ھەم كومپيوتېر نورمال ئىشلىمەسلىك بىر قىسىم قاتتىق دېتاللارنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا CPU چاستوتى ئۆلچەملىك چاستوتىدا ئىشلىگىنى ئەڭ مۇۋاپىق .
س: CPU نىڭ توك بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق تېمپراتورىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بولامدۇ؟
ج: بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ۋە ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى ئاساسىي تاختىلارغا نىسبەتەن CPU نىڭ توك بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇللىرى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسەن دىققەت بىلەن ئىش كۆرۈڭ.  خاتا تەڭشەش سەۋەبىدىن CPU نىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ.
س: CPU نىڭ بىر « پۇتى» سۇنۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
ج: سۇنۇپ كەتكەن پۇتنى ئۆز ئورنىغا قويۇپ بىر تامچە 502 يىلىمىنى تېمىتقاندىن كېيىن ئۈچ مىنۇت ئىچىدە مۇقىملىشىدۇ. ياخشى تۇتىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئاساسىي تاختىغا مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
س: CPU تۈرىدىكى AMD دا ماسلاشماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇتمۇ ؟
ج: CPU تۈرىدىكى AMD دا ماسلاشماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. CPU تۈرىدىكى Intel دا ئىجرا بولغان بارلىق پروگراممىلار CPU تۈرىدىكى AMD دىمۇ ئىجرا بولىۋېرىدۇ. ماسلاشماسلىق مۇقىمسىزلىق ئەھۋاللىرى بولسا ئاساسىي تاختىدىكى مەسىلە بولۇپ، بۇنى ئەڭ يېڭى قوزغىتىش پروگراممىسى ياكى تولۇقلىما پروگرامما ئارقىلىق ھەم شۇنداقلا BIOS نەشىرىنى يېڭىلاش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
س: CPU نىڭ چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق سىستېمىنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟ ھەر قانداق CPU نىڭ چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولامدۇ؟CPU نىڭ چاستوتىسىنى  يوقىرى كۆتۈرۈش CPU نىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟
ج: CPU نىڭ چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق تېزلىكنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھازىرقى CPU لارنىڭ ھەسسىلىك سانى تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، سىرتقى چاستوتىسى ئارقىلىق چاستوتىسى يوقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ھەر قانداق CPU نىڭ چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. سىستېمىنىڭ تېزلىكى ھەر قايسى قاتتىق دېتاللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا CPU نىڭ چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرگەن بىلەن سىستېمىنىڭ تېزلىكى ماس ھالدا يوقىرى كۆتۈرلۈشى ناتايىن.
CPU نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن بەك قىزىيدۇ. مۇقىمسىزلىشىدۇ. CPU نىڭ ئۆمرىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا كۆيۈپ كېتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى CPU نىڭ چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرمەي ھەم تۆۋەنلەتمەي، نورمال چاستوتىدا ئىشلەتكەن ياخشى .
س: CPU چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرگەندە تىزىملاش جەدۋىلىنىڭ بۇزۇلۇش ھادىسىسى قانداق ئىش؟
ج: بۇ CPU نىڭ چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. CPU چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن سىرتقى چاستوتىمۇ يوقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ماس ھالدا  ئىچكى ساقلىغۇچنىڭمۇ چاستوتىسى يوقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چاستوتىسى 100MHz بولسا، ئۇچۇر يەتكۈزۈشتە خاتالىق پەيدا بولۇپ، تىزىملاش جەدۋىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
CPU نىڭ چاستوتىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى مۇۋاپىق چاستوتىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ. 
س: BIOS دىن CPU نىڭ تېمپراتورىسىنى تەكشۈرگەندە 95 گرادۇس، شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى 0 بولغان، بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: BIOS نەشىرى تۆۋەن بولىشى مۇمكىن، ھەم شامالدۇرغۇچنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس. شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ 0 بولىشى شامالچى ئۆلچەملىك بولمىغاچقا ئاساسىي تاختا تەكشۈرەلمىگەن ھەم شامالدۇرغۇچ توك مەنبەسى ئاساسىي تاختىدىكى CPU Fan روزىتكىغا ئۇلانمىغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن :
1. BIOS نەشىرىنى يوقىرى كۆتۈرۈڭ. سۈپىتى ياخشى ئۆلچەملىك شامالدۇرغۇچ ئىشلىتىڭ.
2. شامالدۇرغۇچنىڭ توك مەنبەسىنى چوقۇم ئاساسىي تاختىدىكى CPU Fan روزىتكىسىغا ئۇلاڭ.
س: CPU چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن نورمال. بىراق 3D ئويۇنلىرىنى ئوينىغاندا كومپيوتېر قېتىۋالىدۇ، بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: 3D ئويۇنلىرىنىڭ CPU غا بولغان تەلىپى يوقىرى بولغاچقا، 3D ئويۇنلىرىنى ئوينىغاندا CPU بەكرەك قىزىيدۇ. شۇ سەۋەبتىن كومپيوتېر قېتىۋالغان. ئەڭ ياخشىسى CPU چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرمەك. ئەگەر يوقىرى كۆتۈرۈش زۆرۈر بولسا، سۈپىتى ياخشى شامالچىغا ئالماشتۇرۇڭ ھەم ئىسسىقلىقنىڭ تولۇق تارقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
س: بىر نەچچە پۇتى سۇنۇپ كەتكەن CPU نى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
ج: CPU نىڭ پۇتلىرى ئىنتايىن ئىنچىكە ھەم زىچ بولغاچقا، ئادەتتە قول بىلەن كەپشەرلەش ئىنتايىن قىيىن. كەپشەرلىمەيمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 
1. توك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ياخشى . ئاسان داتلاشمايدىغان ئىنچىكە سىم تەييارلاپ CPU نىڭ ئەسلىدىكى پۇتى بىلەن تەڭ قىلىپ كېسىمىز.
2. ئالدىن تەييارلىۋالغان سىمنى CPU نىڭ ئۈزۈلگەن پۇتى چۈشىدىغان ئورۇنغا سېلىپ ، CPU نى ئورۇنلاشتۇرىمىز.
3. قىسقۇچنىڭ ئېلاستىكلىقى ياخشى بولغان CPU شامالدۇرغۇچىنى ئورۇنلاشتۇرساق كومپيوتېر نورمال ئىشلەيدۇ. ئەگەر نورمال قوزغالمىسا قايتا سىناڭ. چوقۇم مۇۋاپپەقىيەتلىك بولىدۇ. 
س: كومپيوتېر ئەسلىدە  نورمال ئىدى، بىر نەچچە كۈن ئىشلەتمەي قوزغاتقاندىن كېيىن، ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق، بۇ قانداق بولغىنى ؟
ج: بۇ خىل كاشىلا ئاساسلىقى CPU نىڭ ياخشى تۇتاشماسلىقىدىن بولغان. كومپيوتېر نورمال ئىشلىگەندە CPU نىڭ توك سەرپىياتى يوقىرى ھەم بەك قىزىيدىغان بولغاچقا CPU پۇتلىرى ئوكسىدلىنىش سەۋەبىدىن ياخشى تىگىشمەيدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ. شۇڭا سىز ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ CPUنى چىقىرىپ، چوتكىسى بىلەن CPU نىڭ پۇتلىرىنى تازىلاڭ ھەم CPU روزىتكىسىدىكى چاڭ توزانلارنىمۇ تازىلاپ، CPU نى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرسىڭىز، كومپيوتېر نورمال قوزغىلىدۇ.                                                                                                                             
س: كومپيوتېرنى مەلۇم ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كېيىنCPU شامالچىسىدىن ئاۋاز چىقىپ قېتىۋالىدۇ ياكى قايتا قوزغىلىپ كېتىدۇ، بۇ قانداق بولغىنى؟
ج: بۇ خىل ھادىسە CPU شامالچىسىغا كۆپ مىقداردا چاڭ توزان توپلىشىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان. چاڭ - توزان سەۋەبىدىنCPU شامالچىسىدا ئاۋاز پەيدا بولغان ھەم ئايلىنىش نورمال نورمالسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئىسسىقلىق تارقىتىش ياخشى بولمىغاچقا، CPU قىززىپ ، كومپيوتېر قېتىۋالغان، CPU شامالچىسىدىكى چاڭ - توزاننى تازىلىۋېتىڭ، ياكى شامالچىنى ئالماشتۇرۋېتىڭ.
س: كومپيوتېرنى قوزغىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي قايتا قوزغىلىدۇ، يەنە قايتا قوزغالغاندىن كېيىن قوزغىلىپلا قايتا قوزغىلىدۇ ياكى قوزغالمايدۇ، بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: كومپيوتېرغا ۋىرۇس يۇققان بولىشى مۇمكىن. يېڭى نەشىردىكى ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى بىلەن ۋىرۇس تازىلاڭ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاۋا تېمپراتورىسى بەك يوقىرى بولىشى ياكى CPU شامالدۇرغۇچىنىڭ سوۋۇتۇش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلىقتىن بولغان. سوۋۋۇتۇش ئىقتىدارى ياخشى بولغان شامالچىغا ئالماشتۇرۇڭ .
س: CPU نىڭ چاستوتىسى يوقىرى بولسا ياخشى بولامدۇ؟
ج: ناتايىن، چۈنكى كومپيوتېرنىڭ سۈرئىتى - سىستېما باش لىنىيىسى ، CPU چاستوتىسى ، ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسى، قاتتىق دىسكىنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتى قاتارلىقلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، CPU چاستوتىسى قانچە يوقىرى بولسا شۇنچە ياخشى كومپيوتېر دىگىلى بولمايدۇ.
س: كومپيوتېر ئەسلىدە نورمال ئىدى،  CPU شامالچىسى بۇزۇلغاچقا، يېڭىدىن بىرنى ئالماشتۇرسام ئاستىلاپ كەتتى، بۇ قانداق بولغىنى؟
ج: يېڭىدىن ئالماشتۇرغان شامالچىCPU نى تولۇق سوۋۇتالمىغان، ئادەتتە CPU تېمپراتورىسى بەلگىلەنگەن دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە، CPU ئاپتوماتىك ھالدا BIOS نى قوغداش ئۈچۈن CPU نىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بوففېر ساقلىغۇچىنى ئاپتوماتىك تاقىۋېتىدۇ. نەتىجىدە كومپيوتېر ئاستىلاپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا شامالچىنى ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى ياخشى بولغان شامالچىغا ئالماشتۇرۇڭ ياكى BIOS نى ئېچىپ BIOS FEATURES SETUP تىن CPU L1 leve cache نى Disabled قىلىپ تەڭشىسىڭىز ، كومپيوتېر ئاستىلاپ كەتمەيدۇ.  بىراق تاسساددىبەن CPU كۆيۈپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ كېلىپ چىقىدۇ.
س: كومپيۇتېر نورمال قوزغىلىپ يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ، بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: ئاۋال قاتتىق دېتاللارنىڭ توقۇنۇشقان ئەھۋالىنىڭ بار يوقلۇقىغا قاراپ بېقىڭ. توقۇنۇشقان ئەھۋال بولساCMOS تىن External نى Disable قىلىپ تەڭشەپ قايتا قوزغىتىڭ. قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن نورمال بولسا ئېنىقكى cache بۇزۇلغان بولىدۇ، شۇڭا كەسپى رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
س: USB نىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟
ج: 1. ئورنىتىش ئىنتايىن ئاسان، بارلىق USB ئۈسكۈنىلەرنى بىۋاسىتە كومپيوتېرنىڭ USB ئېغىزىغا ھەر قانداق شارائىتتا ئۇلاپ ئۈزۈشكە بولىدۇ.
2. ئۈرئىتى تېز، ئادەتتە تۆۋەن سۈرئەتتىكىسى1.5MB/s ، يوقىرى سۈرئەتتىكىسى12MB/s ، يوللاش ئارىلىقى5 مېتىر بولىدۇ.
3. كۆپ ئۈسكۈنىلەرنى ئۇلاشقا بولىدۇ. بىر PC كومپيوتېرغا نىسبەتەن ئەڭ كۆپ بولغاندا127 دانە USB ئۈسكۈنىنى ئۇلاشقا بولىدۇ.
4. ئۆزى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. USB كابىل تۆت تال سىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىككى تال سىم ئۇچۇر يوللاشقا، ئىككى تال سىم توك بىلەن تەمىنلەشكە ئاجرىتىلغان بولۇپ، 5V توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
س: USB ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
ج: قاتتىق دېتال، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە USB ئۈسكۈنە بولىشى كېرەك. ئاساسىي تاختىدا چوقۇم USB ئۇلاش ئېغىزى بولۇشى ھەم ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى USB ئۈسكۈنىنى قوللىشى، مەشغۇلات سىستېمىسى Windows98 ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى نەشىردە بولىشى ھەم USB ئېغىزلىق ئۈسكۈنە بولغان شارائىتتا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
س: كومپيوتېردا USB ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتكىلى بولماسلىق قانداق ئەھۋال؟
ج: 1. ئاساسىي تاختا قوزغىتىش پروگراممىسى ۋە USB ئۈسكۈنىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ نەشىرىنى يوقىرى كۆتۈرۈڭ .
2. ئاساسىي تاختا BIOS نەشىرىنى يوقىرى كۆتۈرۈڭ.
3. ئاساسىي تاختىدىكى USB ئېغىزى بۇزۇلغان، ئاساسىي تاختىنى ئالماشتۇرۇڭ.
س: ئاساسىي تاختىدىكى LPT, COM, IDE ئۇلاش ئېغىزلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟
ج: بۇ خىلدىكى كاشىلا كومپيوتېر قوزغىتىقلىق ھالەتتە ئۈسكۈنىلەرنى ئۈزۈپ ئۇلاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسىي تاختىنى كەسپى رېمونتخانىغا ئېلىپ بېرىڭ، ياكى كۆپ ئىقتىدارلىق كارتىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ LPT, COM, IDE ئېغىزلىرىنى تولۇقلاڭ.
س: كومپيوتېرنى قوزغاتقاندا Error unable control a20 line ئۇچۇرىنىڭ چىقىپ، كومپيوتېر قېتىۋېلىشى قانداق ئەھۋال؟
ج: بۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ كاشىلىسى بولۇپ، ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ ئىچكى ساقلىغۇچنى قومۇرۇپ ئېلىپ، قايتىدىن مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇڭ ياكى باشقا قىستۇرۇش ئوقۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ، يەنىلا ھەل بولمىسا، باشقا ئىچكى ساقلىغۇچنى سېلىپ سىناپ كۆرۈڭ. يەنىلا بولمىسا ئاساسىي تاختا بۇزۇلغان بولىدۇ.
س: كومپيوتېرنى ئۆچۈرگەندە 你可以安全关闭计算机 دېگەن ئۇچۇر چىقىۋېلىپ power كونۇپكىسىنى باسقاندا ئۆچىدۇ. قانداق قىلغاندا ئۆزى نورمال ئۆچىدۇ؟
ج: ئاساسىي تاختىدىكى ئالىي دەرىجىلىك توك مەنبە باشقۇرغۇچنى مەشغۇلات سىستېمىسى تونىمىغان ياكى توقۇنۇشۇپ قالغان .
BIOS دىن power Management setup تىزىملىكىدىن ACPI Function تۈرىنى Enable قىلىپ تەڭشىسەك ھەم سىستېمىنى قوزغىتىپ ئاساسىي تاختىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قايتىدىن قاچىلاڭ.
(ACPI Function تۈرى ئەسلىدىلا Enable قىلىپ تەڭشەلگەن بولسا، Disable قىلىپ تەڭشەپ، ئاساسىي تاختىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاڭ)
س: ئاساسىي ماشىنا قېپى بىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ ماس كەلمەسلىكى قانداق ئەھۋال؟
ج: كومپيوتېرنى قوراشتۇرۇش جەريانىدا ئاساسىي تاختىنى سىنىغاندا نورمال، ئاساسىي ماشىنا قېپى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغاندا قوزغالماسلىقتەك ھادىسە كۆرىلىدۇ. ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ ئۆلچەمسىز بولىشى تەپەيلىدىن مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرىلىدۇ. شۇڭا ئاساسىي ماشىنا قېپىنى تاللىغاندا سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي يەنە ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ ماتېرىيالى، سۈپىتى قاتارلىقلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يوقارقىدەك ئەھۋال كۆرۈلگەندە ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى قىسقا تۇتاشقان جاينى تېپىپ چىقىپ ئىزولياتسىيەلىك خۇسۇسىيىتى بار نەرسە بىلەن مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىڭ.
س: BIOS تىن مەخپى نۇمۇر بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق كومپيوتېر قوزغالغاندامەخپى نۇمۇر تەلەپ قىلماسلىقى قانداق ئەھۋال؟
ج: BIOS تىكى Advanced Bios تىزىملىكىدىكى Security option نى System گە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن Set Super visor password ئارقىلىق مەخپى نومۇر بەلگىلىسىڭىز، كومپيوتېر قوزغالغادا مەخپى نومۇر تەلەپ قىلىدۇ.
س: كومپيوتېر قوزغىلىپلا BIOS نىڭ قوزغىلىشى قانداق ئەھۋال؟
ج: بىر قىسىم تاختىلارغا BIOS پارامېتىرلىرى توغرا تەڭشەلمىسە، كومپيوتېر قوزغالسىلا BIOS ئېچىلىۋالىدىغان ئىقتىدار قوشۇلغان ، شۇڭا BIOS نى توغرا تەڭشەڭ ياكى ئېتراپ قىلىنغان قىممەتنى تەڭشەڭ.
Load Fail Defaults ياكى Load optimized Defaults ھالەتتە تەڭشەپ كومپيوتېرنى قايتا قوزغىتىڭ.
س: BIOS قا مەخپى نۇمۇر سالغىلى بولماسلىق قانداق ئەھۋال؟
ج: بۇ ھادىسە BIOS دا مەخپى نومۇر بەلگىلەش تۈرى توغرا تاللانمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان. BIOS نى ئېچىپ advanced setting دىن passward chech دىن setup ياكى alwayse نى تاللاپ مەخپى نومۇر بېكىتسىڭىز ئىناۋەتلىك بولىدۇ.
س: CMOS نىڭ ئۇچۇر ساقلىيالماسلىقى قانداق ئەھۋال؟
ج: بۇ ھادىسە ئاساسىي تاختىدىكى باتارىيىنىڭ توك بېسىمى يېتىشمىگەنلىك سەۋەبىدىن بولغان. ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ يېڭى باتارىيە ئالماشتۇرۇڭ. مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىسا تۆۋەندىكى ئېھتىماللىقلار بار.
1. ئاساسىي تاختىنىڭ توك يولىدا مەسىلە بار. كەسپى رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
2. CMOS نىڭ سىم ئاتلاتقۇچىدا مەسىلە بار. ئاساسىي تاختىدىكى CMOS سىم ئاتلاتقۇچىنىڭ 1~2 ياكى 2~3 ئورۇندا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر 2~3 ئورۇندا بولسا 1~2 ئورۇنغا يۆتكىسىڭىز مەسىلە ھەل بولىدۇ. تەپسىلاتى ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىدا تەپسىلىي كۆرسىتىلىدۇ.
س: ئوخشاش كومپيوتېرلارنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قانداق ئەھۋال؟
ج: بۇ خىل ھادىسە يۇمشاق دېتال ياكى BIOS نىڭ تەڭشىلىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاۋۋال BIOS نى تەكشۈرۈڭ. ھازىرقى BIOS لاردا BOOTEASY تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ خىل ئىقتىدار ئوچۇق بولسا كومپيوتېر قوزغالغاندا ئۆزىنى تەكشۈرۈش باسقۇچىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ.  شۇڭا بۇ خىل ئىقتىدارنىڭ ئوچۇق ياكى ئوچۇق ئەمەسلىكىنى BIOS دىن تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئەگەر ھەر ئىككى كومپيوتېرنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى ئوچۇق بولۇپ، يەنىلا قوزغىلىش سۈرئىتىدە پەرىق بولسا، بۇ ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان كاشىلا.
س: كومپيوتېر قوزغالغاندا، BIOS ROM checksum error system halted دېگەن ئۇچۇرنىڭ چىقىشى قانداق ئەھۋال؟
ج: بۇ BIOS ئۇچۇرىنى تەكشۈرىۋاتقاندا چىققان خاتالىق بولۇپ، بۇ خاتالىق چىققاندا كومپيوتېر قوزغالمايدۇ. بۇ خاتالىق BIOS دەرىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش تولۇق، مۇۋاپپەقىيەتلىك بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان، BIOS نى قايتىدىن يېڭىلاڭ.
س:  BIOS دەرىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولماسلىق، قانداق ئەھۋال؟
ج: 1. بىر قىسىم ئاساسىي تاختىلاردا سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىق BIOS دەرىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش چەكلىۋېتىلگەن، ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسەن سىم ئاتلاتقۇچنى تەڭشەڭ.
2. BIOS دەرىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان قوزغاتقۇچ دىسكىدا باشقا پروگرامما، ھۆججەت بولماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ Confjg.sys, autoexec.bat قاتارلىق ھۆججەتلەر.
3. دەرىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرمەكچى بولغان BIOS نەشىرى ئەسلىدىكى BIOS نەشىردىن نەشىر نۇسخىسى تۆۋەن بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن، نەشىر نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.
س: كومپيوتېرنى بىر مەزگىل ئىشلەتمىگەندىن كېيىن، قوزغاتسام قوزغىلىش جەريانىدا قېتىۋالىدۇ، يەنە بەزىدە ئېكران قارا رەڭدە بولۇپ قالىدۇ. بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: قوزغىلىش جەريانىدا قېتىۋېلىشBIOS ئۆزەك پلاستىنكىسىنىڭ ياخشى تىگىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولغان. BIOS ئۆزەك پلاستىنكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
س: CMOS قا كىرگەندە system balted, Unknow Flash type ئۇچۇرى چىقىپ كومپيوتېر قېتىۋېلىشى قانداق ئەھۋال؟
ج: 1. CMOS ئۆزەك پلاستىنكىسىدا قىسقا تۇتاشقان ئەھۋال كۆرۈلگەن، CMOS ئۆزەك پلاستىنكىسى ئەتراپىدىكى چاڭ - توزانلارنى پاكىزە تازىلاڭ.
2. CMOS ئۆزەك پلاستىنكىسى يېقىن ئەتراپىدىكى ۋېنتا ياكى ئاساسىي تاختىنىڭ باشقا جايلىرى تۇتىشىپ قالغان ئەھۋالنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈڭ.
3. ئاساسىي تاختا ئاساسىي ماشىنا قېپى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن، قىسقا تۇتىشىپ قالغان ۋە ياكى ۋېنتىلار بەك چىڭ چىڭىتىۋېتىلگەن ئەھۋال بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈڭ.
س: CMOS ئۇچۇرىنى سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىقمۇ ئۆچۈرگىلى بولماسلىق، قانداق ئەھۋال؟
ج: 1. توك مەنبەسىدىن ئاساسىي تاختىغا ئۇلىنىدىغان توك مەنبە سىمىنى ئاچرىتىۋېتىپ، CMOS سىم ئاتلاتقۇچىنى ئۆچۈرۈش ھالىتىدە تەڭشەڭ.
2. CMOS ئۆزەكنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان باتارىيىنى بىر كۈن ئەتراپىدا ئېلىۋېتىڭ.
س: BIOS AMI نى AWARD BIOS قا ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟
ج: بولمايدۇ. چۈنكى ئاساسىي تاختا ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت BIOS نى مەخسۇس شۇ خىلدىكى ئاساسىي تاختا ئۈچۈن لايىھىلەيدۇ.
س: BIOS نىمە ئۈچۈن CPU شامالچىنىڭ ئايلىنىش تىزگىنىنى ئۆلچىيەلمەيدۇ؟
ج: شامالچە توك مەنبەسى ئۈچ تال ياكى ئىككى تال بولىدۇ. توك مەنبە سىمى ئۈچ تال بولغان شامالچىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى BIOS ئۆلچىيەلەيدۇ. ئىككى تال بولغاننى ئۆلچىيەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسم سۈپىتى ياخشى بولمىغان شامالچىلاردىمۇ يوقارقىدەك ئەھۋال مەۋجۇت. شۇڭا سۈپىتى ياخشى شامالچى سەپلەڭ.
س: ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ كونا ياكى يېڭىلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟
ج: ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزەك پلاستىنكىسى ئۈستىدە 9811 غا ئوخشاش خەت شەكىللىرى بولىدۇ. بۇ مۇشۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ 1998-يىلىنىڭ 11- ھەپتىسى زاۋۇتتىن چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كالېندار ئارقىلىق RAM نىڭ كونا يىڭىلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
س: ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ يىتىشمەسلىكى قانداق ئەھۋال؟
ج: كومپيوتېر سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەندە قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن، ئويۇنچۇق ئوينىغاندا ئىچكى ساقلىغۇچ يېتىشمەسلىك ئۇچۇرى كۆرىنىدۇ. ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى :
1. كومپيوتېرنى ئۆچۈرۈپ قايتىدىن قوزغىتىڭ. ئىچكى ساقلىغۇچتىن بىرنى قوشۇڭ.
2. ئىچكى ساقلىغۇچتا توقۇنۇش بولسا، باشقا ئىچكى ساقلىغۇچقا ئالماشتۇرۇڭ.
3. ئىچكى ساقلىغۇچتا سۈپەت مەسىلىسى بار ياكى بۇزۇلغان.
س: ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن كومپيوتېر قوزغالمايدىغان، قايتا قوزغىلىپ كېتىدىغان ۋە قېتىۋالىدىغان ئەھۋاللارنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ج: 1.ئادەتتە ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسى يوقىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتسە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش - ئوقۇش جەريانىدا ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلۈپ، يوقارقىدەك ئەھۋال كۆرىلىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى يوقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن كومپيوتېر نورمال قوزغالمىسا CMOS ئۇچۇرلىرىنى ئۆچىرىدىغان سىم ئاتلاتقۇچ ياكى CMOS باتارىيىسىنى ئېلىۋېتىش ئارقىلىق CMOS ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، كومپيوتېرنى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ ياكى ئەسلىدىكى چاستوتىغا تەڭشەڭ.
2. كومپيوتېر قوزغىلىپ نورمال ئىشلىمىسە، ئوخشاشلا CMOS دىن ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ ياكى ئەسلىدىكى چاستوتىغا تەڭشەڭ.
CMOS دىن ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى تەڭشەيدىغان تۈر:
SD-RAM Frep
بىر قىسىم ئاساسىي تاختىلاردا ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى CPU چاستوتىسى، PCI چاستوتىسى  بىرلىكتە تەڭشىلىدۇ.
CMOS دىن ئىچكى ساقلىغۇچقا مۇناسىۋەتلىك تەڭشەش تۈرلىرى خاتا تەڭشىلىش سەۋەبىدىن يوقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئوخشاشلا يوقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىككى خىل ئۇسۇل بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
س:256MB ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئىككى دانە سەپلەنگەن. بىراق 256MB ئىچكى ساقلىغۇچنىلا تەكشۈرىدۇ، نېمە ئۈچۈن؟
ج: 1. ئاساسىي تاختا BIOS نەشىرى تۆۋەن بولسا بەلگىلىك قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەن ئىچكى ساقلىغۇچنى تونىمايدۇ ھەم  ئىشلىمەيدۇ. شۇڭا BIOS نەشىرىنى يوقىرى كۆتۈرۈڭ.
2. ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى قوللىمىغان بولىشى مۇمكىن، ئاساسىي تاختىنىڭ يېڭى نەشىرىدىكى قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاڭ.
س: ئىچكى ساقلىغۇچ قىزىپ كېتىشى سەۋەبىدىن سىستېمىنىڭ مۇقىم ئىشلىمەسلىكى ھەم قېتىۋېلىشى قانداق ئەھۋال؟
ج: ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى، ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىچكى ساقلىغۇچ قىزىپ كەتسە، كومپيوتېر قېتىۋالىدۇ ياكى قوزغالمايدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان توپلاشتۇرۇلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالى بولۇپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال بەلگىلىك تېمپراتورا دائىرىسىدە نورمال ئىشلەيدۇ، تېمپراتورا بۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە، سانلىق مەلۇمەتلارنى يەتكۈزۈش، ساقلاش، ئوقۇش جەريانىدا ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
1. ئاساسىي ماشىنا قېپى ئىچىگە يەنە بىر دانە شامالدۇرغۇچ ئورنىتىپ، سوۋۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاڭ.
2. ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەندە ئامال بار ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىڭ.
3. ئىچكى ساقلىغۇچقا ئىسسىقلىق تارقىتىش پلاستىنكىسى سەپلەڭ.
س: كومپيوتېرنى قوزغىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قېتىۋالىدۇ، قايتا قوزغاتقاندا بىخەتەر ھالەتتە قوزغىلىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ج: بۇ خىل كاشىلا ئىچكى ساقلىغۇچ ئەتراپىغا كۆپ مىقداردا چاڭ - توزان توپلىشىۋالغانلىق ھەم ئىچكى ساقلىغۇچ قىستۇرۇش ئوقۇرىنىڭ مېتال قىسمىنىڭ ئوكسىدلىنىشى سەۋەبىدىن بولغان. چوتكا ۋە قېرىنداش قەلەم ئۆچۈرگۈچ ئارقىلىق ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ماتېل قىسمىنى ۋە ئىچكى ساقلىغۇچ قىستۇرۇش ئوقۇرىنى تازىلاش كېرەك.
س: قاتتىق دىسكىغا قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى باشقا قاتتىق دىسكىغا ئۆز پىتىچە كۆچۈرگىلى بولامدۇ؟
ج: Ghost يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق بولىدۇ. قاتتىق دىسكا سىغىمى ئوخشاش بولساdisk to disk بۇيرۇقى ئارقىلىق ئۆز پىتىچە كۆچۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر دىسكا سىغىمى ئوخشاش بولمىساpartition to partition بۇيرۇقى ئارقىلىق سىغىمى ئوخشاش بولغان رايون بويىچە كۆچۈرگىلى بولىدۇ.
س: CMOS نىڭ قاتتىق دىسكىنى تەكسۈرەلمەسلىكى قانداق ئەھۋال؟
ج: 1. قاتتىق دىسكا ۋىرۇسنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچىرىغان ئەھۋالدا قاتتىق دىسكىنىڭ لوگىكىلىق قۇرۇلمىسى، يېتەكلەش سانلىق مەلۇماتلىرى، ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلى ..قاتارلىقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن CMOS قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرەلمىگەن. بۇنداق ئەھۋالدا قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايونلارغا ئايرىپ فورماتلىسىڭىز بولىدۇ.
2. قاتتىق دىسكىدا فىزىكىلىق بۇزۇلۇش بولسىمۇ CMOS قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ. قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر سىمى، توك مەنبە سىملىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ياخشى تىگىشمىگەن ئەھۋال بولسا قايتىدىن مۇقىملاشتۇرۇڭ. يەنىلا تەكشۈرۈلمىسە، قاتتىق دىسكىنىڭ ماگنىت بېشى ۋە كونترول توك يولىدا كاشىلا كۆرۈلگەن، كەسپى رېمونتخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئوڭشىتىڭ. ئەگەر كومپيوتېردا مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار بولسا يېڭىدىن بىر قاتتىق دىسكا سەپلەڭ، رېمونت قىلىنغان قاتتىق دىسكىنىڭ مۇقىملىقى ياخشى بولمايدۇ.

مۇنبەردە كومپىيوتورغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تىمىمىنى خەنزۇچە تور بىكەتلەرلەردىن تەرجىمە قىلدىم.سىزگە ئازراق پايدىسى بولسا مەن شۇنىڭدىن خوشال.
كۆچۈرگۈچىلەر مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ! ئۇيغۇرچە باش مەنبە________ مىسرانىم!

ھۆرمەت بىلەن-مەشئەل يىگىت.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
zapar + 50
سىھىرگەر + 100 ئەجىرىڭزگە كۆپ رەخمەت  دەستۇم.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 150   باھا خاتىرىسى

ھەر كىچىنىڭ كۈندۈزى بار
ھەر خىل قوللىنىشچان تور بىلىملىرىنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز بۇ توپقا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ توپ نومۇرى:234285719

جەننەت+دوزاخ = ھايات

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201567
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 07:57:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارغا پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئەھمىيەتلىك تېما يوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۇر ئېيتىمەن .

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1311
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17589
تۆھپە نۇمۇرى: 1167
توردا: 14790 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:02:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالاي بەزى مۇشۇنداق ساۋاتلار بەك كېرەك بولۇپ قالىدۇ.

ئەسلى ياۋايى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9509
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10000
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2011-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:11:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇئالنى قىزىل  جاۋابنى قارا قىلغان  بولساڭلار  ھەقىقەتەن ياخشى بولاتتتىكەن ... نادىرلاپ قوياتتىم مەن بولسام ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2653
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15431
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 3356 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:14:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىلىملەر ئىكەن،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

قىلغان ئىشىڭغا مىننەت قىلما!

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3548
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19121
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت دوستۇم ياخشى يوللاپسىز ھارماڭ!

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10770
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:22:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كومپىيوتىرنى  ئىشلىتۋاتقاندا    قىتۋىلشى نىمە  سەۋەپتىن  .

ئارزۇيۇم ئاددي ھەم بۈيۈك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14234
يازما سانى: 1706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12358
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:32:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما تېما ياخشى يوللىنىپتۇ !  مەنمۇ تىخى بەزى تەرەپلەردە چالا ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم  !  تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر  1  [s:166]

قولۇمداقەلەم   ،  يۈرەكتە ئەلەم !يۈتمىسۇن غورور،تەۋرىسۇن ئالەم !

ئادەمنىڭ گۇزەلل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18237
يازما سانى: 643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7830
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 1001 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2011-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:33:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بىلىملەركەن سىزگە كۆپ رەھمەت مەن ساقلۋالدىم  [s:166]  [s:166]  [s:166]

قانداق ئويلىساڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24555
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6351
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 640 سائەت
تىزىم: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:45:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە دوستۇم، نۇرغۇن بىلىملەرنى ئوگۈنىۋالدۇق .ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز .بولسا مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز.

ئىسىڭدە ساقلا!!!ئادىمىلىكنى ۋىجداننى سېتىپ ئېرىشكەن نەرسە تىگىشلىك بولمىغان نەرسە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش