ئەدىبى ئەسەر يوقاپ كىتىدۇ دىسە ئىشەنمەيسىز بەلكىم ، مەنمۇ ئىشەنمەيمەن ، توغىرراقىنى ئېيتقاندا ، نەچچە مىنۇت ئىلگىرى تىخى ئىشەنمەيتىم ، مانا ئەمدى ئەمدىلا ئايىغى چىقىپ ماڭغان ئەسەرلىرىمدىن بىرى ئىزدىرەكسىز يوقىلىپ ، مەلۇم بىر ئاق كۆڭۈل كىشى تەرىپىدىن تىپىۋىلىنىپ بۇ مۇنبەرنىڭ نەچچە كىلومىتىرلىق سەددىچىن سىپىلىغا چاپلانغانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ئامالىم بولمىدى .
ئالدى بىلەن شۇ ئاق كۆڭۈل كىشىنىڭ ئىنسابىغا ھەمدۇ سانالار ئوقۇيمەن !
دۇنيا تولىمۇ قالايمىقان ، بولۇپمۇ مۇشۇ 2012 يىلىغا پەقەت بىر يىل قالغان كۈنلەردە تىخىمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ . كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيالا ئەمەس بەلكى مۇنۇ ئۆمۈچۈك تورىدەك زەيلىمەس سىپىل تاملار بىلەن قورشالغان مەۋھۇم دۇنيامۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ .
قاياققا قارىسىڭىز ئۇرۇپ-چىقىش ، قىيقاس-چوقان ، جىدەل-ماجرا ، يەنە تىخى كىشىلەر ئۇخلاپ خىيالىغا كىرگۈزۈشكە تىخى ئۈلگۈرمىگەن ئىشلا مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ .
مۇنۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ خەلىق مەيدانى بولغان مۇنبەرنى ئىلىپ ئېيتايلى ، ئەجىر قىلىدىغانلا ئازلاپ ئەجىرسىز تەقسىماتقا قول سوزىدىغانلا كۆپىيۋاتىدۇ ، قارىغاندا كىشىلەر تىخى كەلمىگەن كومىنىزىمنى مۇنۇ مۇنبەرلەردە قىزغىن تەبرىكلەۋاتقان بولسا كىرەك . دوقمۇش دوقمۇشلاردا ئىگىلىرىنى يوقىتىپ قويۇپ سەرسان-سەرگەردان بولىۋاتقان ئەسەرلەر ، دىنى بىلىملەردىن ئىمتىھان بىرىۋاتقان شئېر-نەسىرلەر ، ئەدەبىيات نەزىريەسىدىن ئىمتىھان بىرىۋاتقان دىنى بىلىملەر ، ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ ئۇزۇن كوچىلىرىدا ئازغىشىپ قىلىۋاتقان سەنئەت ئەسەرلىرى ، نەسىرى شەكىلدە يىزىلسا تىرىسى تەتۈر سويۇلۇپ ، شئېرى شەكىلدە يازسا تەختىراۋانغا سىلىنىپ تويى بولىۋاتقان ئەسەرلەر .
بۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ قانۇنلىرىمۇ بارغانسىرى ئۆز كۈچىنى يوقىتىپ قويىۋاتىدۇ ، ئەلۋەتتە شۇنىڭغا لايىق ، ئۇنىڭمۇ ئىلگىركى رەڭلىرى بارغانچە ئۆڭۈپ ، گۇنۇسلىشىۋاتىدۇ .
مەۋھۇم دۇنيانىڭ پۇخرالىرىدىمۇ ئۆزگۈرۈشلەر كۆپ ، داۋالغۇش تولىمۇ ئىغىر ، پىكىر ئورتاقلىقى يوق . بەزىلىرى ئەخلاقنى ، ئەنئەنىنى ئۆزلىرىگە تۇغ قىلسا بەزىلەر دىننى بويۇنلىرىغا تۇمار قىلىپ ئىسىشقان ، يەنە بەزىلەر بولسا زامانۋىلىشىش ، چەتئەللەردىن ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ، ئەمما ئۇلار بىر نۇقتىغا يىغىلمىغان . ئەنئەنىۋى ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن دىن ئارىسىدا تۇمانلىق چوڭقۇر ھاڭ يوشۇرنىۋالغان ، كىشىلەر ئىككىسىنى ئايرىۋىلىشتا قىينىلىدۇ ، خۇددى كۆزلىرى تىڭىپ قويۇلغاندەك . زامانۋىلىشىش بىلەن ئەنئەنە ، زامانۋىلىشىش بىلەن دىن ئوتتۇرسىدا جۇمۇلاڭما چوققىسىنى ھەيرانە-ھەس قالدۇرغۇدەك ئىگىز بىر تاغ قويۇلغان . زامانۋىلىشىش ، چەتئەلدىن ئۆگىنىش ، دىن ، ئەنئەنە ۋە ئەخلاقلارمۇ ئۆز تىرتورىيىسىدە نۇرغۇن ئۇششاق پارچىلەرگە بۆلىۋىتىلگەن ، ھىچكىممۇ باشقىلارنىڭ سۆزىنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلىنىشنى خالىمايدۇ ، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئىنىق بىلىنىپ تۇرسىمۇ بۇ ھەقىقەتنى ئىتراپ قىلىشنى خالىمايدۇ .
قارىغاندا بۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ زامان ئاخىرىغىمۇ نەچچە كۈن قالغان بولسا كىرەك . ئۇنداقتا توردا ئەسەر ئىلان قىلىشقىمۇ پىلانلىق ئىلان قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ، ساننىڭ زىيادە ئىشىپ كىتىشىدىن ساقلانساق بولامدۇ نىمە ، خۇددى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدەك ...
ھىلىقى يوقىلىپ كىتىپ باشقىلار تىپىۋالغان ئەسىرىمگە كەلسەك ، ھىلىقى ئاق كۆڭۈل كىشىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ، ئەسىرىمنى يوقالغان ئورنىدىن تىپىپ كەپتۇ ئەمەسمۇ . ئەمدى بۇ ئەسىرىمنى ئامان-ئىسەن ئۆزىنىڭ ئىللىق ئائىلىسىگە قايتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك ، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ياردىمىگە تايانمىسام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ .
ئەسىرىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تولىمۇ ياخشى ، يوقالغان ۋاقتىدىكى بىلەن سىلىشتۇرغاندا ، بىرەر تال چىكىتىمۇ چۈشۈپ قالمىغان ۋە بىرەر تال پەشمۇ ئۆسۈپ چىقمىغان ، بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى ئۇنى تىپىۋالغان كىشى تولىمۇ ئىنساپلىق ، ياخشى كىشى ئىكەن .
ئاخىرىدا باشقۇرغۇچىلاردىن ئاشۇ شور پىشانە ئەسىرىمنى مۇنبەر تىمىغا چاپلانغان ئورنىدىن ئاۋايلاپ ئىلىپ چۈشۈپ ماڭا قايتۇرۇپ بىرىشىڭلارنى تۆۋەنلىك بىلەن ئۆتىنىمەن .
ئەسىرىمنىڭ تىپىۋىلىنغان ۋاقتى : 2011-يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنى 16:05
چاپلانغان ئادىرسى :
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=31145&u=1028
بىچارە بايقۇشنىڭ ئىسمى :يېزىغا قايتقان بالا
بۇ ئەسەر ئەسلىدە ئۆتەڭ خاتىرسىدە 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 26- كۈنى نۇپۇسقا ئىلىنغان بولۇپ ، يازغۇچىسى ، ئۆتەڭدىن كاككۇك ، يەنى مەن ، پەيزىللاجان تۇرسۇن .
بۇ ئەسەرنىڭ يوقاپ كىتىلگەن ئادىرسى :
http://oteng.blogbus.com/logs/80898864.html