(1)
نىنجا ياپون رىۋايەتلىرىدە تەسۋىرلىنىدىغان جانبازلىققا ئىنتايىن ماھىر بولغان يوشۇرۇن قاتىل بولۇپ مۇشۇ نامدىكى ئويۇنلارھەممە جايدا قارشى ئېلىنىدۇ.
نىنجا ئويۇنلىرىنى «موگو» ئويۇنلىرىنى ئوينايدىغان ۋاقىتلىرىمىزدا ئويناپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئىلگىرى مۇشۇنداق بىر ئويۇن بولىدىغان. قىز دوستىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قاتار ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان.
ئايفوندىمۇ مۇشۇنداق ئويۇنلارنىڭ بازىرى خېلى ئىتتىك.
Ninja دەپ ئىزدەيدىغان بولساق نۇرغۇن ئويۇنلارنى تاپالايمىز. بۇ يىلقى تۇنجى سوۋغا بولغان بۇ كىچىك ئويۇننىڭ ئىسمى
NinjaTown بولۇپ ئىلگىرى يۇقىرى باھا بېرىلگەن ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىدى. بۈگۈندىن باشلاپ ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلدى.
نىنجا ئويۇنلىرىغا ئامراق
ئالمىداشلار چوقۇم ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىكى كېرەك.
ئويۇن ئوينىغۇچى نىنجا بازىرىدىكى كىچىك
نىنجانىڭ رولىنى ئېلىپ ئىككى چوڭ دەرەخ ئارىسىدا يۇقىرىغا قاراپ توختىماي يامىشىدۇ. قانچە ئۈستىگە چىققانسىرى خەتەر شۇنچە چوڭىيىدۇ. دەرەخ ئۈستىدە ھەرخىل مەخلۇقلار سىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز لازىم. ئەلۋەتتە، بىزگە پايدىلىق نەرسىلەرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. ئۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئېگىز سەكرىگىلى بولىدۇ. كۆرۈنىشى ناھايىتى كۆركەم. ئوماق ئويۇنلارنىڭ بىرى. بۇنى چۈشۈرىۋالماي ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. دوللار خەجلەشتىن بۇرۇن ھەقسىز چۈشۈرىۋېلىڭ!
ئويۇننى ھەقسىز چۈشۈرۈش ئادىرسى:
http://www.pasiban.com/20110101539.html
(2)
ئىلگىرى سىز
مۇسابىقە ئويۇنلىرىنى كۆپ قېتىم ئويناپ باققانغۇ دەيمەن. نەچچە خىلىنى ئويناپ باققانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. لېكىن بۇ ئويۇن ئىلگىرىكىلەرگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن «
يېڭى ئويۇن» . بۇنى ئىنتايىن
ئىسىل مۇسابىقە ماشىنا ئويۇنى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئويناش ئۇسلۇبى پەقەت
باشقىچىلا.
سىز
مۇسابىقە ماشىنىسىنى باشقۇرۇپ ھەيدىمەيسىز. پەقەت خەرىتىگە قولىڭىز بىلەن
سىزىش ئارقىلىقلا ماشىنىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىيەلەيسىز. سىزغان چاغدىكى سۈرئېتىڭىز ماشىنىڭىزنىڭ شۇ جايدىكى سۈرئېتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنى بىرلا ۋاقىتتا 3 ئادەم ئوينىغىلى بولىدۇ.
تورلاشتۇرۇپمۇ ئوينىغىلى بولىدۇ. بەلكى مەنمۇ سىز بىلەن مۇشۇ ئويۇننى بىللە ئويناپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
ئۆگەنمەك ناھايىتى ئاسان. ئاۋال قانچە ئادەم ئوينايدىغانلىقىنى ياكى توردا ئوينايدىغانلىقىمىزنى تاللاپ بېرىمىز. ئاندىن 1-ئويۇنچى ماشىنىسىغا يۆنىلىش
سىزىپ بېرىدۇ. سىزغاندىكى سۈرئەت، ماشىنىنىڭ سۈرئېتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاندىن 2-ئويۇنچى، ئاندىن 3-ئويۇنچى سىزىدۇ. باشلاشنى باسقاندىن كېيىن ئۈچىڭلارنىڭ ماشىنىسى بايا سىلەر سىزىپ بەرگەن يول بويىچە مۇسابىقىنى باشلىۋېتىدۇ.
بۇ ناھايىتى ئوماق بىر ئويۇن. ئاۋازنىڭ يېقىملىقلىغى، ماشىنىنىڭ سىيرىلىشىنىڭ تەبىئىيلىكى كىشىگە ئۆزگىچە زوق بېرىدۇ. خوش، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەي دەرھال
چۈشۈرىۋېلىڭ.
ئويۇننى ھەقسىز چۈشۈرۈش ئادىرسى:
http://www.pasiban.com/20110101550.html
مەنبە: http://www.pasiban.com/