|
|
|
|
ئونسۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى (ئونسۇغا نەزەر)
ئونسۇ ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ غەربىي، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي شىمالىي، تەڭرى تېغىدىكى تومۇر چوققىنىڭ جەنۇبىي، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان . شەرقى ئۇزۇنلۇق 28ˊ[sup] o[/sup] 79 ــ 28ˊ[sup] o[/sup] 81 ، شىمالىي كەڭلىك 52ˊ[sup] o[/sup] 40 ~ 21ˊ[sup] o[/sup] 42 ئارلىقىغا توغرا كېلىدۇ. شىمالىي تەڭرى تاغنىڭ ئۇمۇرتقىسى بولغان كارسكارنى چىگرا قىلىپ موڭغۇل كۈرە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىي مۇزارت دەرياسى ئارقىلىق باي، توقسۇ ناھىيىلىرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي ئاقسۇ شەھىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. غەربىي توشقان دەرياسى ئارقىلىق ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. غەربىي شىمال، قىرغىزسسىتان ۋە قازاقسسىتان جۇمھۇريىتى بىلەن چىگىرلىنىدۇ. ئونسۇ ناھىيىسى ئاقسۇغا قاراشلىق، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەت ئورنى ئونسۇ بازرىدا بۇلۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارلىقى 660 كىلومېتىر، تاش يول مۇساپىسى بولسا 1019 كىلومېتىر، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ شەرىق غەرىب ئارلىقى تەخمىنەن 153 كېلومېتىر، جەنۇب شىمال ئارلىقى 167 كېلومېتىر بولۇپ، ئومۇمى كۆلىمى 14 مىڭ 215.1كۋادىرات كېلومېتىر بۇلۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ناھىيىلەر، شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ئومۇمى يەر كۆلىمىنىڭ %0.86 نى ئېگەللەيدۇ.
مەنبە: «ئونسۇ تەزكىرىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
|
|
|
|
|
|