مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 868|ئىنكاس: 11

قىزلار ۋە ئەخلاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆز ئازابىنى يۇش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5588
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5686
تۆھپە نۇمۇرى: 374
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2011-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 05:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قىزلار كەلگۈسىدىكى ئانىلار . دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى قىز - ئاياللار ئاپىرىدە قىلغان . قىز - ئاياللارنىڭ كۆكسى- قارنى كەڭ، پەزىلىتى ئۇلۇغ، مېھىر - ۋاپاسى تەڭداشسىز بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ خسمىدىن. دۇنيا، ئىنسان ، مەدەنىيەت،تىل ۋە مىللەت تۆرەلگەن . بۇ دۇنيا شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيۈملۈككى، قىزلار تەبىئەت ھۆسنىگە ھۆسىن قوشىدۇ . قىزلار ئانا بولۇپ ئىنسانىيەتنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئۇلايدۇ . خوتۇن بولۇپ ئەرلەرگە مۇھەببەت ئاتا قىلىدۇ . ئانىدىن مىللەت تۇغۇلىدۇ. ئانىدىن تىل ۋە مەدىنىيەت ئاپىرىدە بولىدۇ . ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ قىز - ئاياللارغا يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئەدەپ- ئەخلاق ،شەرم- ھايا جەھەتتە ئىپپەت-نومۇس ،پاكلىق -ساداقەتنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىلىرىنى يارىتىپ ، ئۇيغۇرلانىڭ ئاجايىپ مىللەت ئىكەنلىكىنى ئۆزگىلەرگە تونۇتقان . مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنى كىلەچىكىگە ئۇلىغۇچى خوتۇن - قىزلىرىمىزمۇ كىيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئىزلارنى قالدۇرمىقى زۆرۈر . ئەخلاق- قىزلاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئەڭ موھىم پەزىلەت . گۈزەل ئەخلاق ۋە پاكلىق بولغاندىلا قىزلار باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ، ياخشى كۆرۈشىگە ۋە ھۆرمەت قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ . گۈزەل ئەخلاق قىزلارغا ئىشەنچ ۋە غورۇر ئاتا قىلىدۇ .
  ئىدىقۇت ئېلى قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ ، مۇڭغۇل ئېلى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن كىيىن ، ئىدىقۇت خانى بىلەن مۇڭغۇل خانى ئۆزئارا قۇدىلاشقان . مۇشۇ ۋاقىتتا مۇڭغۇل ئېلىنىڭ خاقانى چىڭگىزخان قىزى ئالتۇن بەكەنى ئىدىقۇت ئېلىگە يولغا سېلىش ئالدىدا قىزىغا:‹‹ بەختلىك ئايالنىڭ ئۈچ ئىرى بولىدۇ . بۇلارنىڭ بېرى دۆلەت ، ئىككىنچىسى ياخشى نام .ئۈچىنجىسى ئېرى . مانا مۇشۇ ئۈچ ئەرگە ئىگە بولىلىساڭ بەختلىك بولىسەن. ئەگەر سەن دۆلەتكە سادىق بولۇپ ، ئەدەپ - قائىدىلەرگە ئەمەل قىلساڭ تەبىئىي ھالدا ياخشى نامدىن ئىبارەت ئىككىنجى ئەرگە ئىگە بولىسەن . ياىشى نامىڭنى مەھكەم ساقلىيالىساڭ ھىچقانداق ئەرنىڭ سىنى تاشلىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ ›› دەپ نەسىھەت قىلغان .
   ئومۇمەن ، مەيلى قەدىمكى ياكى ھازىرقى دەۋردە بولسۇن ، ئەدەپ - ئەخلاقلىق بولۇش قىزلارغا قويۇلىدىغان ئەڭ موھىم ئۆلچەم . جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەرنىڭ ئەدەپ - ئەخلاق قارشىدا يىڭىچە ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ قىزلارنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقلىق بولۇشىغا بولغان ئۆلچىمى ئۆزگەرگىنى يوق . ئەدەپ- ئەخلاق قىزلارنى ھەقىقىي بەختكە ئىرىشتۈرىدۇ . گۈزەل ئەخلاق بولغاندىلا قىزلار ئەرلەرنىڭ ھەقىقىي سۆيۈشىگە ، ھۆرمىتىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلەيدۇ . .
‹‹ ئەخلاقلىق ، پەزىلەتلىك ئايال - پانىي ئالەمدىكى جەننەت ››

مەنبەسى :ئايشەمگۈل ئايۇپنىڭ ‹‹ بەخت ئۆز قولىڭىزدا ›› دىگەن كىتابىدىن ئىلىندى .

كۈلۈشنىڭ ھەممىسى خوشاللىق ئەمەس، يىغلىغاننىڭ ھەممىسى خاپىلىق ئەمەس .

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11043
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5281
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 835 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 05:59:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزپسز،داۋاملىق تېرشىڭ،

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22039
تۆھپە نۇمۇرى: 1133
توردا: 3243 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 06:20:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى كۈندە ،گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان قىزلار بولمىسا كېرەك،ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچىدە گۈزەللىككە ئىنتىلىش يولىدا تاپتىن چىقماي كېلىۋاتقان قىزلىرىمىز كۆپ سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن بىز كۆز ئالدىمىزدا يۈز بىرۋاتقان ئوبيېكتىپ رېئاللىقىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
مودا قوغلىشىش " بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ئىجتمائىي پىسخىكىسىغا ئايلىنىپ قالدى.رېسوران تانسىخانا ،تۈرلۈك كۆكۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئۇلارنىڭ ئارامگاھىغا ئايلانماقتا .مۇنداق قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىش ،ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ،ئويۇن تاماششىغا ،يەپ -ئىچىشكە قىزىقىش ،مەنىسىز كۈن ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار قىزلىرىمىزنىڭ ساپاسىغا ئېغىر دەىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ ،ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى مۇقەددەس بىلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارشى ۋە قىممەت قارشىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى.
قىز دېمەك ئانادېمەك،ئانا دېمەك كەلگۈسىنىڭ خۇجايىنلىرى دېمەكتۇر.قىزلارنىڭ قىز ۋاقتتىكى تەربىيىسى ئۇنىڭ ئانىلىق تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۇ ئانا بولغاندىن كېيىن ،باققان پەرزەنتىگە ئۇنىڭ مىجەز خۇلىقى ۋە تەربىيىلىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.دېمەك،ئانىلارنىڭ ساپاسى مىللەت ساپاسىغا بىۋاسە مۇناسۋەتلىك.بىزنىڭ كۆپ ساندىكى قىزلىرىمىز ئۆمۈر - بۇيى ئاددا-ساددا ياشاپ ،يۈكسەك غايە ۋە ئۇلۇغۋار ئىستەك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ ،ئۆزلىرىنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.بىر قىسىم ئاياللىرىمىز ئەرلەرگە ئوخشاش ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى يارىتىپ،مىللەتكە،ۋە ۋەتەنگە شان-شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.ئادەم تولۇپ -تاشقان مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك ئارقىلىقلا بەختىكە ئېرىشەلەيدۇ.ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم قىزلار ئازغىنە پۇلنى ۋە نام - ئابرينى دەپ ئۆزلىرىنىڭ قىزلىق قەدىر - قىممىتىنى ،پاك-ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويماقتا.ئۇيغۇر قىزلىرى تارخىتىن بۇيان ئەخلاق -پەزىلىتى ،كۆيۈمچانلىقى ئاق كۆڭۈللۈكى ،مېھماندوستلۇقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق بولسىمۇ،بۇ خىل ئەجداد مىراسى بىر قىسىم قىزلىرىمىزنىڭ قولدا ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى يوقىتىپ قويماقتا.   
قىز بالا دېگەن ھايا -نۇمۇسى بىلەن گۈزەل،نۇمۇستىن ئايرىلغان قىز بالا خۇددى تاجىدىن ئايرىلغان شاھتەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، شەرمىي -ھايا قىز بالىنىڭ زىننىتى،بەختى،ھۆرمىتى.ئەي قىزلار! بىلىپ قېلىڭلاركى،ھەقىقىي ئۆلۈم ئانچەقورقۇنچلۇق ئەمەس ،قورقۇنچلۇقى گۈزەللىكىنى، پاكلىقىنى قەدىرلىمەي ھايۋانلارچە ياشاشتۇر.دۇنيادائۆز تەقدىرى ئۆز قولىدا بولماسلىقتىن ئارتۇق بەختىسىزلىك بولمىسا كېرەك.ۋىجدانى پاك،گۈزەللىكىنى مىللەتنى،ھاياتنى قەدىرلەيدىغانلار بۇ دۇنيادا مەڭگۈ بەخىت ئىچىدە ئۆتىدۇ.بۈگۈنكى جەمئىيەت ۋىجدانلىق،غۇرۇرلۇق، پاك-دىيانەتلىك ،گۈزەل ئەخلاقلىق قىزلارغا مۇھتاج.

نادىرە

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5412
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 1303 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 06:21:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلاق ئادەم زىننىتى.
ياخشى تىمىدىن بىرنى يىزىپسىز، بۇنداق تىمىلارنى ھەممىسى ياقتۇرىدۇ،
بولسا ئۆز تەپەككۇرىڭىزغا تايانسىڭىز، سىزنىڭمۇ ئۆز ئىجادىيەت مىۋىلىرىڭىزدىن ھوزورلانساق دەيمەن.
سەھەر ئورنىدىن تۇرۇش----تاھارەت ئىلىپ، ناماز ئوقوش------تاماق يىيىش-------ئائىلە ۋە جەمىئەت ئىشلىرىنى ئەتراپلىق بىجىرىش.

يولۋاس

سىرلىقلىقىڭىزنى

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 1854
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 41957
تۆھپە نۇمۇرى: 3084
توردا: 6338 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 06:22:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلاق ئادەم زىننىتى [s:166]  [s:166]

كۆڭۈلچەككە ئالدامچى ئامراق كىلىدۇ. گۈلنىڭ ئومرى قىسقا كىلىدۇ ،چۇنكى ھەممىغا يارىغاچ، تىكەننىڭ ئورى ئۇزۇن بۇلىدۇ ،چۇنكى ھەممىگە سانچىلغاچ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8391
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5727
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2011-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 06:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارسىز دۇنيا ،سۇسىز كۆلگە ئوخشايدۇ .

ئۆزۈڭنى بىل .

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6568
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6444
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 06:30:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەرمى ھايالىق ، ئەدەپ ئەخلاقلىق بولۇش قىزلار گۈزەللىكىنىڭ يارقىن نامايەندىسى .

قىيىنچىلىق ئەينەك بولسا سەن ئۇنى يەڭگۈچى ئالماس بول .

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 10:36:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تېمىدىكى ماقالىلەرنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23814
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3064
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2011-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 10:52:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر قىدەك مۇ شۇنداق جەميەتتە ئەخلاقلىق قىزلار ئاساسەن ئۇچۇرمايدۇ  ئەتراپمىزغا نەزەرسالساق ھەممە يەر ئەخلاق سىزلققاتۇلدى  تۇۋادەيمەن تۇۋا  [s:168]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23814
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3064
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2011-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 10:55:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسرڭىز قالتسكەن  مۇشۇنداق ئەسەرلەر بۇلساداۋالىق يۇللاپتۇرغايسىز  رەخمەت سىزگە

ئەل غىزا قۇۋەت م

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11615
تۆھپە نۇمۇرى: 992
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 01:17:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋەپكار

بەزى قىزللار ئۇنتۇپ ھايانى .
بۇلۇپ كەتتى ئەخلاق ھاياسىز ،
قېنى ئۇندا پاكلىق دىيانەت.
ئىسىت ئاڭا بۇپتۇ ۋاپاسىز ،

يارشىملىق كوينەكنى تاشلاپ .
كىيۋالغان غەرىپچە ئىشتان،
مۇسۇلمانىڭ قىزلىرى تۇرۇپ.
كۇپۇر سىياق غەيرى ياسانغان،

شۇ چىرايللىق ياغلىقنىمۇ .
تاشلىۋېتىپ يۇرۇيدۇ باشتاق،
ئىشتان كەيسە كۆينەك كىيمىگەن.
كوينەك كەيسە تارتىدۇ پايپاق،

كىيىمللىرى بەك تار يېپىشقاق.
ئەكىس ئېتتەر ھەممە پىگورى،
كەيگەندىمۇ گۇيا يالىڭاچ .
كۈتۈرەرمۇ شۇنى غۇرورى،

بەزى قىزللاريېرىم يالىڭاچ.
ماڭار شەيتان قۇشۇنى بۇلۇپ ،
يارشارمۇ ئاشۇنداق يۈرسە.
مۇسۇلمانىڭ قىزلىرى تۇرۇپ،

گۈزەل ئوسكەن قارا چېچىنى .
كىسىپ قىسقا بولغان كالتا چاچ ،
چاچلىرىنى رەگگارەڭ بۇياپ .
بەك چاكىنا بۇلۇپ ئالىماچ ،

يەنە تېخى ئاخشاملىرمۇ.
ئويگە كەيمەي نەمۇ نە يۈرگەن،
ئاتا -ئانا قىلسا نەسىھەت .
ئاڭلىماستىن قاپاقنى تۈرگەن،

تىلۋۇزۇرنى كورمىدىڭىزمۇ .
بۇ بىزلەرگە ئازادە زامان ،
سوزلەپ شۇنداق ئاقماس گەپلەرنى.
يۈرەر شۇنداق بەڭۋاشلا ھامان ،

ئىسىت شۇنداق قىز بالىلارغا.
قېنى ئۇندا پاك غۇرور ۋىجدان،
قېنى ئۇندا ساپ ئىسىل ئەخلاق.
قېنى ئۇندا ھەقىيقى ئىمان ،

شەرىئەتنى بىلمەمدىكىن تاڭ.
يوقمۇ ئۇندا ئىسلامى ئوي ئاڭ،
خۇدايىمنىڭ قەھرىدىن قورىقماي .
يۈرەمدىكىن بۇلۇپ بۇ پاڭ ،

ئىسلامى كىيىم كىچەكنى كىيگەن.
قىزللارغا بىر قاراپ باقسىنچۇ،
شەرىئەتنىڭ ئىچىدە يۈرۈپ.
قەدىر قىممەت ھورمەت تاپسىچۇ.



خۇتەن شەھەر يىڭى ھايات ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانسدا تامام -سەۋەپكار

ھاياتقا بەزدە كۈلگۈم كىلدۇ خاتالىق ئوتكۈزسەم تۈزگۈم كىلىدۇ نە ئامال ھېچ كىشى مەندەك ئەمەسكەن شۇڭلاشقا ئۇن تۈنسىز يۈرگۈم كىلىدۇ

دىلنۇرى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11254
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5137
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 05:54:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش