مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 840|ئىنكاس: 6

كېرىيە خەلق ئەپسانە- رىۋايەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

☆☆しovのyou☆☆

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31213
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 04:44:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


توپلاپ رەتلىگۈچى: ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل

تەبىئەت ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى توغرىسىدا
ئاسمان


يەرنىڭ تۆت ئەتراپى سۇ (دېڭىز) بولۇپ، ئاسمانمۇ چوڭ دېڭىز ئىكەن. يەر سۇدىكى چوڭ كۆپۈكچىنىڭ ئىچىدە لەيلەپ تۇرىدىغان قۇرۇقلۇق ئىكەن. يۇلتۇزلار ئاسمان دېڭىزىدىكى خادا تاشلار ياكى كىچىك ئاراللار ئىكەن. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئادەمنىڭ روھى بۇ دېڭىزنى ئۈزۈپ ئۆتۈپ ئەرىشكە چىقىدىكەن. شۇڭا بۇرۇنقى كىشىلەر ياغاچتا قېيىققا ئوخشاش قىلىپ تاۋۇت ياساپ، ئۆلگەنلەرنى تاۋۇتقا سېلىپ كۆمگەن ئىكەن. بۇنداق قىلغاندا، كىشىنىڭ روھى قېيىقتا ئولتۇرۇپ، ئاسمان دېڭىزىنى بىمالال ئۈزۈپ ئەرىشكە ئاسان چىقالايدىكەن.

ساما يولى


ساما يولى ئاسمان دېڭىزىدىكى خادا تاشلار زىچ ئورۇنلاشقان جاي بولۇپ، پەرىشتە- مالائىكىلەر تاشتىن- تاشقا ئۇچۇپ (دەسسەپ) يۈرۈپ ئالەمنى كېزىدىكەن. سۇغا دەسسەپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدىكەن. ئەگەر سۇغا دەسسەپ سالسا، سۇ داۋالغۇپ كېتىپ، ئاسمان دېڭىزىنىڭ سۈيى يەر يۈزىگە تېشىپ كىتىدىكەن. شۇڭا ئۇ «ساما (ئاسمان) يولى» دەپ ئاتالغان ئىكەن.

گۈلدۈر ماما


ئاسماندا ئاق قوچقار بىلەن كۆك قوچقار بۇلۇتلار ئۈستىدە ئوتلاپ يۈرۈيدىكەن. پادا مۇئەككەللىرىنى ئۇيقۇ بېسىپ خاۋالۇتتا قالغاندا بۇ ئىككى قوچقار بىر- بىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، بىر بىرىگە خىرىس قىلىپ، ئۈسسۈشىدىكەن. ئۇلار ئۈسسۈشكەندە بېشىنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن گۈلدۈرماما ئاۋازى ياڭرايدىكەن. مۈڭگۈزلىرى بىر بىرىگە ئۇرۇلغاندا چاقماق چېقىلىدىكەن. پادا مۇئەككەللىرى ئويغۇنۇپ، قوچقارلارنى ئايرىۋەتكەندە گۈلدۈرماما توختاپ، بۇلۇتلار تاراپ كېتىدىكەن.

يامغۇر


ئاسماندا ئاق قوچقار بىلەن كۆك قوچقار بىر بىرى بىلەن ئۈسسۈشكەندە، ئاسمان تىترەپ كىتىپ، ئاسمان دېڭىزىنىڭ سۇلىرى داۋالغۇپ، دولقۇنلىنىپ كېتىدىكەن. دېڭىز سۈيىنىڭ دولقۇنلىنىشىدىن ھاسىل بۇلغان سۇ چاچراندىلىرى يەر يۈزىگە يامغۇر بولۇپ ياغىدىكەن.

بۇلۇت


بۇلۇت ئاسماندىكى مال- چارۋىلارنىڭ يايلىقى ئىكەن. بۇلۇت ئۈستىدە قوي، كالا، ئۆچكە دىگەندەك چارۋا ماللار ئاسماننى كېزىپ يۈرۈپ ئوتلايدىكەن. بۇ مال چارۋىلار ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدىكەن. شۇڭا بۇلۇتلار ھەمىشە ئوتى ياخشى تاغلارغا چۈشۈپ، مال- چارۋىلارنى ئوتلۇتۇپ، تويغاندا ئېلىپ كىتىدىكەن. يەر يۈزىدىكى مال- چارۋىلار تاغدا ئوتلاۋېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇلۇتنى يەپ قويىدىكەن. شۇڭا بۇلۇت يىگەن قوينىڭ قورسىقىدىن بۇلۇت* چىقىدىكەن.                                            
* تاغ قۇيىنىڭ قۇرسىقىدىن بوز رەڭلىك بەزگە ئوخشاش بىر نەرسە چىقىدۇ. بۇنى يەرلىك كىشىلەر «بۇلۇت» دەپ ئاتايدۇ. بۇ نەرسە ئۇيغۇر تىبابىتىدە دورا قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

يەر تەۋرەش


يەرنى يەرنىڭ تىگىدە غايەت زور بىر كالا كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئەگەر يەرنى شۇ كالا كۆتۈرۈپ تۇرمىسا يەر سۇ ئاستىغا غەرىق بولۇپ كېتىدىكەن. كالىنىڭ يەرنى كۆتۈرۈپ تۇرغان مۈڭگۈزى تالسا، يەرنى يەنە بىر مۈڭگۈزىگە يۆتكەيدىكەن. يەرنى بىر مۈڭگۈزىدىن يەنە بىر مۈڭگۈزىگە يۆتكەش جەريانىدا يەر سىلكىنىپ كېتىپ، يەر تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن.

ئاينىڭ دېغى


ئاي ئەسلىدە داغسىز، ئىنتايىن سۈزۈك ۋە گۈزەل ئىكەن. ئاي بىلەن كۈنمۇ يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. ئاي ھەم گۈزەل، ھەم لاتاپەتلىك بولۇپلا قالماي، گاھ ھىلال بولۇپ، گاھ تولۇن بولۇپ تولۇپ كۆرۈنىدىكەن. ھەم كېچىسىمۇ، كۈندىزىمۇ كۆرۈنىدىكەن. بولۇپمۇ ئالەمنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ۋەھىمە، غېرىپلىق باشقاندا كۆرۈنۈپ، كىشىلەرنى بەكمۇ خۇشال قىلىدىكەن. شۇڭا كىشىلەر ئاينى بەك ياخشى كۆرۈدىكەن. كىشىلەرنىڭ ئاينى كۈندىنمۇ ياخشى كۆرۈشى ۋە سۆيۈنىشى كۈندە ھەسەت پەيدا قىلىپ، كۈننى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئازاپلاپتۇ. بۇ ئازاپقا چىدىمىغان كۈن ئاينىڭ يۈزىگە قوقاس چېچىۋېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاينىڭ يۈزى كۆيۈپ، داغ پەيدا بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاي بىلەن كۈن چىقىشالمايدىغان بولۇپ قېلىپ، ھەمىشە بىر بىرىدىن يىراق يۈرۈشىدىكەن. ئەگەر ئىككىسى ئۇچرۇشۇپ قالسا، كۈننى خىجالەتچىلىك بېسىپ، نۇرى ئۆچۈپ، تۇتۇلىدىكەن. كىشىلەر ئەر- ئاياللارنىڭ بىر بىرىدىن ھەسەت قىلىشىنى كۈننىڭ ئايغا ھەسەت قىلىشىغا ئوخشۇتۇپ، «كۈندەشلىك» دەپ ئاتايدىغان بولۇپتۇ.

قۇياش


قۇياش ئەتىگىنى شەرقتىن چىقىپ، كەچقۇرۇن غەرپكە پېتىپ، كۈندۈزى يەر يۈزىنى يورۇتىدىكەن. كېچىسى يەرنىڭ تىگى بىلەن غەرپ تەرەپتىن شەرق تەرەپكە ئۆتىدىكەن. يەر تىگى جىن- شاياتۇن، ئالۋاستىلارنىڭ ماكانى بولغاچقا، قۇياش كېچىچە قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، شەرق تەرەپكە بارىدىكەن. شۇڭا كۈن ئەتىگىنى ۋە كەچقۇرۇن قاننىڭ رەڭگىدە قىزىرىپ كېتىدىكەن. جىن- شاياتۇنلار تاڭ ئاتقۇچىمۇ قۇياش بىلەن جەڭ قىلغان كۈنلىرى چېچىلغان قانلار تاڭ شەپىقى بولۇپ كۆرۈنىدىكەن. كەچقۇرۇن جىن- شاياتۇنلار ئالدىراپ كېتىپ، قۇياش پاتقۇچە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ جەڭ قىلسا، چېچىلغان قانلار كەچكى شەپەق بولۇپ كۆرۈنىدىكەن.

كۈن تۇتۇلۇش


قۇياش ئەتىگىنى شەرقتىن چىقىپ، كەچقۇرۇن غەرپكە پېتىپ، كۈندۈزى يەر يۈزىنى يورۇتىدىكەن. كېچىسى يەرنىڭ تىگىدە تۈنەپ ئارام ئالىدىكەن. يەر يۈزىدە (ئىنسانلار ئارىسىدا) گۇناھى- كەبىر، ساقتىلىق، نائىنساپلىق، ناھەقچىلىق … قاتارلىقلار كۆپ بولغاچقا، قۇياش بۇ ئىشلارنى كۆرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئاسمانغا چىققىلى ئۇنىمايدىكەن. ھەر كۈنى پەرىشتە- مالائىكىلەر قۇياشنى زەنجىرلەپ باغلاپ، سۆرەپ ئېلىپ چىقىدىكەن. ئاسىي- مۇناپىقلار يەرگە ھەر بىر دەسسىسە يەر بىر چىرقىرايدىكەن. قۇياش يەرنىڭ ھەر بىر چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىسا، بىر ئازاپلىنىدىكەن. شۇڭا گاھىدا گۇناھى- كەبىرلەر كۆپ جايلارنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن بۇلۇتلارنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالىدىكەن. گاھى كۈنلىرى يەر يۈزىگە كۆرۈنمەي، نۇرىنىمۇ چۈشۈرمەي يەر تىگىگە كىرىپ كېتىدىكەن. ئىنسانلارغا زۇلمەتلىك دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىرىقى كۆرسىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش ئۈچۈن پات- پات كۈن تۇتۇلىدىكەن.

قار (1)


قىش كۈنلىرى ئاسمان دېڭىزى ئۇيۇل توڭلاپ كېتىدىكەن. پەرىشتە- مالائىكىلەر ھەمىشە مۇز ئۈستىدە چاڭغا بىلەن تېيىپ مېڭىپ، ئالەمنى كېزىدىكەن. گاھىدا مۇز تېيىلىپ ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدىكەن. ئۇلار مۇز تېيىلىش جەريانىدا قىرىلىپ چىققان مۇز قىرىندىلىرى قار بولۇپ يەر يۈزىگە ياغىدىكەن. قارنىڭ شەكلى بەزىدە ياغقانلىرى گۈلگە ئوخشاش، بەزىدە ياققانلىرى مۇزغا ئوخشاش بولۇشىدا، پەرىشتە- مالائىكىلەر مۇز تېيىلىپ ئويناپ كۆڭۈل ئاچقاندىكىسى گۈلگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ خاسىيەتلىك قاردۇر. ئەرىش لەشكەرلىرى ۋە پەرىشتە- مالائىكىلەر ئەرىشكە چىقىۋالغان جىن- شاياتۇنلارنى قوغلاپ ئۆز ماكانىغا ھەيدىۋېتىش ئۈچۈن جىددى يۈرۈش قىلغاندا ھاسىل بولغان قار مۇز پارچىسىغا ئوخشاش مۆلدۈر بولۇپ ياغىدىكەن، بۇ شۇملۇقتىن بىشارەتتۇر.

قار (2)


بۇرۇنقى زاماندا ئاسماندىن ئۇن ياغىدىكەن. كىشىلەر يېغىن مەزگىلىدە يەرگە داسقان سېلىپ قويۇپ، ياققان ئۇننى يىغىۋېلىپ، يىل بۇيى تېرىقچىلىق قىلماي يەپ- ئىچىپ، كۈنىنى باياشاتچىلىق، توقچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدىكەن. بىر كۈنى يېغىن مۇئەككىلى كىشىلەرنىڭ ئۆز شاپائىتىدىن قانچىلىك رازى ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ يەر يۈزىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ بىر شەھەرنى ئايلىنىپ، بىر كوچىدا كېتىۋېتىپ، بىر ئايالنىڭ ئۆزى ياغدۇرۇپ بەرگەن ئاق ئۇندا پوشكال سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە بۇ ئايالنىڭ پوشكالنى يەپ بولۇپ، خۇداغا قانچىلىك شۈكرانە ئېيتىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا قۇچىقىدىكى بالىسىنىڭ ئىچى كەپتۇ. ئۇ بوۋاقنى توسۇپ بولۇپ، بوۋاقنىڭ قوڭىدىكى پوق يۇقۇنى ئېيتىۋېتىشكە بىر نەرسە تاپالماي، پىشۇرۇپ تەييارلىغان پوشكالدىلا ئېيتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن يېغىن مۇئەككىلى دەر غەزەپ بولۇپ، بۇ ئىشنى ئاللاغا يەتكۈزۈپتۇ. خۇدا مۇ بۇ ئىشتىن غەزەپلىنىپ، ئۇننىڭ ئورنىغا قار ياغىدىغان قىلىۋېتىپتۇ.

نىمە ئۈچۈن قار ياققاندا چاقماق چاقمايدۇ؟


قىش كۈنلىرى ئەرىشتىكى مال- چارۋىلار ئالەمنىڭ قىش بولمايدىغان يىرىدىكى يايلاقلارغا ئوتلاشقا كېتىدىكەن. ئاق قوچقار بىلەن كۆك قوچقارمۇ شۇقاتاردا كېتىدىكەن. پەقەت ياز يۇرۇپ، ئوت- چۆپلەر ئۆسكەندە ئاندىن قايتىپ كېلىدىكەن. شۇڭا قىش كۈنلىرى ئاسماندا ئىككى قوچقار بولمىغاچقان، كۈن بۇلۇتلۇق بولسىمۇ، قار ياغسىمۇ گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىمەيدىكەن، چاقماقمۇ چاقمايدىكەن.

بۇران


ئالەم ئۈچ قات (قەۋەت) بولۇپ، ئاسمان – تەڭرى، ئىلاھ، مۇئەككەل، پەرىشتە- مالائىكىلەرنىڭ تۇرار گاھى، يەر – ئىنسانلارنىڭ تۇرارگاھى، جەھەننەم (يەرنىڭ تىگى) جىن- شاياتۇن، ئالۋاستىلارنىڭ تۇرارگاھىدۇر. يەر تىگىدىكى جىن- شاياتۇن، ئالۋاستىلار يەر يۈزىگە چىقىپ يۈرۈش قىلسا، بۇران ھاسىل بولىدىكەن. يەر يۈزىگە چىققان جىن- شاياتۇنلار قانچە كۆپ بولسا، بۇران شۇنچە كۈچلۈك چىقىدىكەن. ئاز بولسا ئاجىز چىقىدىكەن. كۈندۈزى بىرلا جىن يەر يۈزىگە چىقسا، كىچىك قۇيۇن (ئايلانما شامال) بولۇپ كۆرۈنىدىكەن. بىر شاياتۇن يەر يۈزىگە چىقسا قارا قۇيۇن بولۇپ يۈرۈيدىكەن. شۇڭا بۇران چىققان كېچىلىرى سىرتتا يېتىش خەتەرلىك بولۇپ، جىن- شاياتۇنلار ئاپىتىنى سالسا ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. قۇيۇن ئىچىدە قېلىشتىنمۇ ساقلانماق زۈرۈر.

شامال


ئاسماندىكى ھۆر- پەرىلەر ھەمىشە توپلىشىپ يەر يۈزىگە چۈشۈپ، سەيلى- ساياسەت قىلىپ تۇرىدىكەن. گاھىدا ئېقىنلارنىڭ پىنھان جايلىرىدا، پىنھاندىكى كۆللەرگە چۈشۈپ يۇيۇنىدىكەن. ئۇلار يەر يۈزىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە شامال ھاسىل بولىدىكەن. بىرەر پەرىزاتنىڭ تويى بولسا، ھۆر- پەرىلەر توپلۇشۇپ، تويى بولغۇچىلارنى يەريۈزىگە ئېلىپ چۈشۈپ، ئۇزاق سەيلە قىلدۇرىدىكەن. بۇنداق چاغدا چىققان شامال بىر قەدەر كۈچلۈك ھەم ئۇزاق داۋاملىشىدىكەن. پەرىلەر ئىنسانلاردىن بىرەرسىنى ياقتۇرۇپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن خۇپپىيانە توي قىلىۋالىدىكەن. ھەر كۈنى كەچلىكى ئېرىنىڭ يېنىغا چۈشۈپ، بىر كېچە بىرگە بولۇپ، سەھەردە ئەرىشكە چىقىپ كېتىدىكەن. بەزىدە كۈندۈزى ئېرىنىڭ غېرىپ بولغان ياكى كۆڭلى يېرىم بولغان چاغلاردىمۇ ئېرىنى يوقلاپ كېلىدىكەن. بۇ خىلدىكى يالغۇز پەرىلەرنىڭ ئۇچۇشىدىن سەلكىن شامال ھاسىل بولۇدىكەن. شۇڭا شامال كىشىنىڭ تېنىگە ھوزۇر بېغىشلايدىكەن. خامان تېپىن مەزگىلىدە شامال چىقمىسا، نەغمە قىلىپ ناخشا ئېيتسا، پەرىشتىلەر «يەر يۈزىدە توي بولغان ئوخشايدۇ» دەپ يەر يۈزىگە چۈشۈدىكەن. بۇنىڭ بىلەن شامال چىقىدىكەن. خاماندا «كالايلوي» ناخشىسى ئوقۇش شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.


ئۆسۈملۈك، زىرائەتلەر توغرىسىدا
بۇغداي دەرىخى

بۇغداي ئەسلى جەننەتتىكى دەرەخ بولۇپ، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىغا ئۆز مىۋىسىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن جەننەتتىن قوغلۇنۇپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلىۋېتىپتۇ. ئۇ يەر يۈزىدىمۇ ئىنتايىن ئىگىز ئۆسۈپتۇ. ھەتتا باشقا دەرەخلەردىن بەس تالىشىپ، ئۆزىنىڭ جەننەتتىن چىققانلىقىنى كۆز- كۆز قىلىش ئۈچۈن، ئادەتتىكى دەرەخلەردىن نەچچە ھەسسە ئىگىز ئۆسۈپتۇ. ئۇ چاغدا ئەرىش يەر يۈزىگە يېقىن ئىكەن. چۈنكى تەڭرى يەر يۈزىدە بولغان ئىشلارنى ئىنىق كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەرىشنى پەس ياراتقان ئىكەن. بۇغداي دەرىخى ئەرىش بىلەنمۇ بوي تالىشىپ ئۆسۈپ، ئۇچى ئەرىشكە تۇتىشىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن دىھقانلار بۇغداي دەرىخىگە يامىشىپ ئەرىشكە چىقىپ سەيلە- تاماشا قىلىپ يۈرۈپتۇ. كۆپ قىسمى لاي پاچىقى بىلەنلا چىقىپ ئەرىشنى لاي قىلىۋەتكەننى ئاز دەپ، ئەرىشكە تۈكۈرۈپ، مىشقىرىپ، تاھارەت قىلىپ، ئەرىشنى بۇلغىۋېتىپتۇ. تەڭرى بۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ، ئەرىشنى يەتتىنچى قات ئاسمانغا يۆتكىۋېتىپتۇ. ھەم بۇغداي دەرىخىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈپ، يەنە ئەرىشكە تاقىشىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇغداينى بىر يىللىق، سامان غوللۇق پاكار ئۆسۈملۈككە ئايلاندۇرىۋېتىپتۇ. بۇغداي قاتمۇ- قات گۇناھ ئۆتكۈزگەچكە، ئورىۋالغاندىن كېيىن كالا- ئېشەكلەرگە دەسسىتىپ پايخان قىلىپ، خامان قوشۇپ دېنىنى ئايرىيدىغان؛ دېنىنى ئايرىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا ئىزىپ ئۇن قىلىدىغان، ئۇنىنى خېمىر قىلىپ ئۆمەللەپ، سۇدا قاينىتىپ ياكى ئوتقا قاخلاپ پىشۇرۇپ يەيدىغان نەرسە بولۇپ قالغان ئىكەن. بولمىسا ئەسلى بۇغداي دەرىخىنىڭ مىۋىسى ئېلىپلا يىسە بولىدىغان ئىنتايىن تاتلىق ۋە شەربەتلىك مىۋە ئىكەن.

ئارپا


بۇرۇنقى زاماندا ئارپا ئەڭ ئەتىۋارلىق زىرائەت ئىكەن. شۇڭا ئارپا ئەڭ كۆرەڭ ئىكەن. ھەمىشە كۆرەڭلەپ، باشقا زىرائەتلەرنى مەسخىرە قىلىدىكەن. باشقا زىرائەتلەر ئارپىنىڭ كۆرەڭلىكىدىن نالە قىلىدىكەن. بۇغداي جەننەتتىن يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئارپا بۇغدايدىن بەس تالىشىپ، ئۇنىمۇ مەسخىرە قىلىپتۇ. دەر غەزەپ بولغان بۇغداي: «يوقات ئارپا ئوسورغاقنى، بولمىسا تاشلا ئورغاقنى» دىگەن ئىكەن، دىھقان ئارپىنىڭ بېشىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇرۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئارپىنىڭ قىلتىرىقى سۇنۇپ، 7 شەكلىگە كېلىپ قاپتۇ. ئارپىنىڭ بۇ ھاكاۋۇرلىقىدىن كىشىلەر دەر غەزەپ بولۇپ، ئۇنى زىرائەتلەر قاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئارپا بەك خارۇ- زارلىققا قاپتۇ. ئاخىر ئۇ بۇغداي ئۆستۈرگىلى بولمايدىغان تاغلىق رايۇنلارنى ئۆزىگە ماكان تۇتۇپتۇ. شۇڭا ئارپىنىڭ قىلتىرىقىنى ئېلىپ، يەرگە تۈكۈرۈپ، قىلتىرىقنى تۈكرۈككە سانچىپ «ساڭا نىمە بولغان؟» دەپ سورىسا، قىلتىرىق «ۋاي، ئىگەمنىڭ ھاكاۋۇرلىقى…» دەپ نالە قىلىپ، پىرقىرايدىكەن.*

لالى**

بۇرۇنقى زاماندا كىشىلەر لالىنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلغان ئىكەن. كۆك لالىنى سۇدا قاينىتىپ يەيدىكەن ياكى باشقا يىمەكلىكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ يەيدىكەن. كېيىن كىشىلەر ئارپىنى بايقاپ، ئارپا تېرىپ يىيىش بارلىققا كېلىپتۇ ۋە لالى يىيىش ئىستىمالدىن قاپتۇ. ھەم لالىنى «سېسىق لالە» دەپ ئاتايدىغان بولۇپتۇ. بۇ ھاقارەتكە چىدىمىغان لالى:

سېسىق لالى دىمەڭ بىزنى،
بىزمۇ تويغۇزغان سىزنى.
ئارپا ئوسۇرغاقنى كۆرۈپ،
تاشلىۋەتمەڭلار بىزنى.

دەپ قوشاق توقۇپ، نالە قىپتۇ. ھەم ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى قەدىرلىشىنى ۋە يىيىشىنى كۈتۈپ، ھېمىشە ئېتىز- قىرلاردا ئۆسىدىكەن. ھازىرمۇ لالىلەر ئادەم قارىسىنى كۆرسە شۇ قوشاقنى ئوقۇپ نالە قىلارمىش. شۇڭا يىلدا بىر قېتىم لالى سېلىپ تاماق ئىتىپ يىمەك باردۇر.                                                        
* ئارپىنىڭ قىلتىرىقىنى ئېلىپ، يەرگە تۈكۈرۈپ، قىلتىرىقنى تۈكرۈككە سانچىپ قويسا قىلتىرىق  سائەت ئىستىرىلكىسىدەك ئايلىنىدۇ.
** لالى – ياۋا ئوت بولۇپ، ئېتىز- قىرلاردا ئۆسۈدۇ، ئوت- چۆپ قىلىپ مال بېقىلىدۇ.
سامساق
بۇرۇنقى زاماندا كىشىلەر ياۋا ئوت- چۆپلەرنى تېرىپ كىلىپ تاماق ئىتىپ يەيدىكەن. تاغقا يېقىن بىر مەھەللىدە بىر تۇل ئايالنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن، ئۇلار ھەر كۈنى تاغقا چىقىپ ياۋا ئوت- چۆپ تىرىپ كېلىدىكەن. بىر كۈنى ئۇلار ياۋا ئوت- چۆپ تېرىۋېتىپ، پىيازغا ئوخشاپ كېتىدىغان، ئەمما يىلتىزى مىدىقلىق، يوپۇرمىقى ئۈچ قىرلىق ھەم ياپىلاق بىر خىل ئۆسۈملۈكنى بايقاپتۇ ۋە بىر نەچچە باش يولۇپ ئۆيىگە ئالغاچ بېرىپتۇ. ئاپىسى بۇ نەرسىنىمۇ ئاشقا ساپتۇ. بۇ نەرسە تائامنىڭ تەمىنى باشقىچە ياخشىلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەم ئۇكىسىغا زادى ياقماپتۇ. ئەرتىسى ئاكىسى ئۇ نەرسىدىن يەنە بىر قانچە باش يولۇۋاپتۇ. ئۇكىسى بۇنى كۆرۈپ:
_ خويمۇ ئۆچ بولدۇم. بۇنى ئاپامغا ئاشقا سالمىساق، دەيلى – دەپتۇ. ئاكىسى ئىنىسىنىڭ مەقسىدىنى چۈشۈنەلمەي سوراپتۇ:
_ نىمە دەيمىز؟
_سامىساق (سالمىساق) دەيلى. _ دەپتۇ ئىنىسى.
_ مەيلى، بۇنى سامىساق دىسەك دەيلى. – دەپتۇ ئاكىسى.
شۇنىڭدىن بىرى بۇ نەرسىنىڭ ئىسمى «سامىساق» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «سامساق» بولۇپ قالغان ئىكەن.
نىمە ئۈچۈن پىيازنى توغرىسا كۆزدىن ياش ئاققۇزىدۇ؟
پەيخەمبەر ئەلەيھەسسالامنىڭ ئايالى پەيخەمبەر ئەلەيھەسسالامنىڭ تالاغا قاراپ قالغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، كۈنلەيدىكەن. ئۇ باشقىلاردىن ھەر پەيشەنبە كۈنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە پەيشەنبىلەپ كەتكەندە، ئېرىنىڭ بىر ئايالنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر جۈمە كۈنى ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن بولۇپ، ئىشىكى ئالدىدىكى پىياز تېرىلغان ئىتىزدىكى بىر تۈپ قاپاق تېرەكنىڭ كەينىگە مۆكۈپ تۇرۇپ پايلاپتۇ. دىگەندەك، ھايال ئۆتمەي قۇلىقىغا سېرىق سەمبە گۈل قىسقان، ئۆڭى سېرىق بىر ئايال ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پىيازلىقتا چاچلىرىنى چۇۋۇپ، تاپاق تېرەكنى قۇچاقلاپ زار- زار يىغلاپتۇ. ئۇنىڭ ئاھ- زارىغا چىدىمىغان قاپاق تېرەكمۇ ئاچچىققا تولۇپ يىغلاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن قاپاق تېرەكتىن يىلىم چىقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا قاپاق تېرەكنىڭ يۇپۇرمىقىمۇ، قوۋزىقىمۇ، يىلىمىمۇ ئاچچىق بولۇپ قالغان ئىكەن. پىيازمۇ ئۇنىڭ ئاھ- زارىغاچىدىماي، ئاچچىققا تولغان ئىكەن. شۇڭا پىيازنى توغرىسا ئادەمنىڭ كۆزىنى ئېچىشتۇرۇپ ياش ئاققۇزىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا ئاياللار سېرىق گۈل قىسسا، پەيشەنبە كۈنلۈكتە يۇيۇپ- تارانسا يامان بولىدىكەن.

توغراق


دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن كېيىن، جانلىقلار ئۆز ئۆمرىنىڭ تولىمۇ قىسقىلىقىدىن داتلىنىپ، ئاللاغا ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ بېرىش توغرىسىدا مۇناجات قىپتۇ. ئاللا يەر يۈزىگە مۇكا سۈيى (ئابى ھايات سۈيى) چۈشۈرۈپتۇ. بۇ سۇنى ئادەم، قاغا ۋە توغراق ئىچىپتۇ. ئادەم قېرىپ مىڭ ياشقا كىرگەندە، ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ھالغا يېتىپ قاپتۇ. چىشلىرى ئۆسۈپ، ئېغىزىدىن دەرەخ شېخىدەك چىقىپ قاپتۇ. ئاتا- ئانىسىنى بېقىش يۈكىدىن قورققان پەرزەنتلەر ئۇلارنى جاڭگالغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپتۇ. ئۇلار جاڭگالدا يا ئورنىدىن تۇرالماي، يا يىگۈدەك بىر نەرسە تاپالماي بەك قىينىلىپ كېتىپتۇ. دەرەخ شاخلىرىدەك چىشلىرىغا قۇشلار كېلىپ قونۇپ، ئۇلارنىڭ يۈز- كۆزلىرىگە چىچىپ، بەك خارۇ- زارلىقتا قاپتۇ. خۇدا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئادەمنىڭ ئۆمرى بەك ئۇزۇن بولسا بولمايدىغانلىقىى بىلىپ، ئادەملەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىپتۇ. لېكىن قاغا بىلەن توغراق يەنىلا شۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. قاغىلار قېرىپ، ئۇچۇش ئىقتىدارىدىن قالغاندا، تاغلاردىكى كۆل بويلىرىغا چىقىپ ماكانلىشىدىكەن. چۈنكى بۇنداق يەرلەردە يىمەكلىك مول ئىكەن. مىڭ ياشقا كىرگەن قاغىلارنىڭ تۈكلىرى تامام چۈشۈپ، قىپ- قىزىل گۆش بولۇپ قالىدىكەن. بۇنداق قاغىلار كېرىيە تاغلىرى ئارىسىدىكى ئۇرايىم كۆل ئەتراپىدا كۆپ ئىكەن. توغراقمۇ مۇكا سۈيى ئىچكەن بولغاچقا، سۇسىز قۇملۇقتىمۇ ياشىرىپ تۇرىدىكەن. توغراق ياشىرىپ مىڭ يىل، قۇرۇپ مىڭ يىل، يىقىلىپ مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرىدىكەن.

ئەنجۈر


ئەنجۈر ئەسلى جەننەتنىڭ مىۋىسى بولۇپ، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتە يىيىش چەكلەنگەن بۇغداي دەرىخىنىڭ مىۋىسىنى يەپ قويغاندىن كېيىن، تاھارەت قىستاپ، ئاخىرى توزنىڭ قانىتىنى كېرىپ دالدا قىلىپ بىرىشى بىلەن تاھارەت سۇندۇرۇپتۇ. تاھارەتتىن كېيىن ئەۋرىتىنى پاكىزلاشقا ئەنجۈر يوپۇرمىقىنى بەرگەن ئىكەن. ئەنجۈر بۇ گۇناھى ئۈچۈن جەننەتتىن قوغلانغان ئىكەن. شۇڭا ئەنجۈرنى يىيىشتىن بۇرۇن شاپىلاقلاپ ئۇرۇۋېتىپ يىيىش كېرەك ئىكەن.


يەر- جاي ناملىرى توغرىسىدا
كېرىيە (1)


بۇرۇنقى زاماندا كېرىيەگە قەشقەردىن نۇرغۇن ئاھالىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرغان ئىكەن. قەشقەردىن كېرىيەگە ساق- سالامەت يېتىپ كەلگەنلەر توپ- توغرا ئۈچ مىڭ ئائىلىلىك ئىكەن. كېرىيەلىكلەر بەكمۇ مىھمان دوست بولغاچقا، ئۇلارنى «كەل يار» دەپ قىزغىن قارشى ئاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ يۇرت «ئۈچمىڭ كەل يار» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «كېيا» بولۇپ قالغان ئىكەن. شۇڭا كونىلار كېرىيەنى «ئۈچمىڭ كېيا» دەيدىكەن.

كېرىيە (2)


كېرىيە قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان بولغاچقا، دەريا تاغدىن باشلىنىپ، بۇ بوستانلىققا كەلگەندە چوڭقۇر يار ھاسىل قىلىپ ئاقىدىكەن. «تاغ» سۆزى بۇرۇنقى تىلدا «قىر» دەپ ئاتىلىدىكەن. ھازىرمۇ يەرلىك شىۋىدە شۇنداق ئاتىلىدۇ. شۇڭا «تاغ قېشىدىكى يار» دىگەن مەنىدە «قىريا» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «كېيا» بولۇپ قالغان ئىكەن.

كېرىيە (3)

ئەڭ دەسلەپ كېرىيە بوستانلىقىدا ئولتۇراقلاشقانلار دەريانىڭ ئەتراپىنى ئېچىپ تېرىغان ئىكەن. كېرىيە دەرياسى چوڭقۇر ئويۇلۇپ كەتكەن يار بولغاچقا، ئېتىزلار يار ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن ئىكەن. يەرلىك تىلدا ئېتىز «قىر» دىيىلگەچكە، «ئېتىز قېشىدىكى يار» دىگەن مەنىدە «قىريا» دەپ ئاتىلىپ، كېيىينچە «كېيا» بولۇپ قالغان ئىكەن.

كېرىيە (4)

كېرىيە شىۋىسىدە ئېتىز «قىر»دەپ، دەريا «يا» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا دىھقانچىلىق ئېتىزلىرى دەريا لېۋىگە جايلاشقان بولغاچقا، «دەريا بويىدىكى ئېتىز» دىگەن مەنىدە «قىريا» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «كېيا» بولۇپ قالغان ئىكەن.

كېرىيە (5)

كېرىيەنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن، تارىختا مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. مەدەنىيەتمۇ ئىنتايىن تەرەققى قىلغان. بۇ يۇرتقا كېيىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلار بۇ يۇرتنى «قەدىمىي يەر» دىگەن مەنىدە «قېرى يەر» دەپ ئاتاپ، كېيىنچە «كېرىيە» بولۇپ قالغان ئىكەن.

كېرىيە (6)

كېرىيەدە دىھقانچىلىق ئىنتايىن بۇرۇنلا تەرەققى قىلغان ئىكەن. پايدىلانغىلى بولىدىغانلىكى بوستدانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېتىز ئىكەن. كېرىيەنىڭ يەر شەكلى تەكشى بولمىغاچقا، سوغۇرۇشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئېتىز قىرلىرىنى كۆپ سالىدىكەن. شۇڭا قايەرگە قارىسا ئېتىز قىرلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. شۇڭا كىشىلەر «قىر كۆپ يەر» دىگەن مەنىدە «قىريەر» دەپ ئاتاپ، كېيىنچە «كېرىيە» بولۇپ قالغان ئىكەن.

كېرىيە (7)

كېرىيە دەرياسىنىڭ بۇرۇنقى ئېقىنى ھازىرقى كونا شەھەر رايۇنىنىڭ داۋان بېشىدىن باشلاپ، بەش توغراقنىڭ غادىراڭنىڭ قۇمىغىچە بولغان 10 نەچچە كېلومېتىر دائىرىدە ئاقىدىكەن. كېيىنچە دەريا تىگى ئويۇلۇپ، ھازىرقى ئىزىغا چۈشكەن ئىكەن. بۇرۇنقى تىلىمىزدا دەريا «يا» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇنداق كەڭ ئېقىن كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان بولغاچقا، كىشىلەر بۇ دەريانى «كەڭ يا» دەپ ئاتىغان ئىكەن. كېيىنچە دەريانىڭ ئىسمى بۇ يۇترنىڭ نامى بولۇپ «كەڭيا» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «كېيا» بولۇپ قالغان ئىكەن.

مەكىت


شاھ مەشرەپ ئەۋلىيا شەنبە بازار بازىرىنىڭ مەكىت كەنتىگە كەلگەندە، بىرسىنىڭ ئۆيىگە ئوزۇقلۇق سوراپ كىرىپتۇ. ئۆي ئىگىسى شاھ مەشرەپ ئەۋلىيانىڭ داڭقىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىكەن. بۇ كىشى ئۇنىڭ تۇرقىدىن ۋە گەپ- سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ شاھ مەشرەپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ ۋە ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ مىھمان قىپتۇ. ئۇ كىشى شاھ مەشرەپنىڭ راست ئەۋلىيا ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇنى سىناپ، ئىتنىڭ چىشى كۈچىكىدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى بېسىپ پولو ئىتىپ كىرىپ، ئالدىغا قويۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن شاھ مەشرەپ «ئى خۇدانىڭ بەندىسى، تۇر ئورنۇڭدىن» دەپ خىتاپ قىلىپ، ئىت گۆشىنى بىر سىلىغان ئىكەن كۈچۈك تىرىلىپ، غىڭشىغان پېتى ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ ئىش چۆچەك بولۇپ، ئۇزۇن زامانلارغىچە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرۈپتۇ.  يەرلىك تىلدا قانچۇق ئىت «مىكە ئىت» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ كۈچۈك قانجۇق بولغاچقا، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كەنت «مىكە ئىت» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «مەكىت» بولۇپ قالغان ئىكەن.

قىغاز


شاھ مەشرەپ ئەۋلىيا شەنبە بازارنىڭ بىر كەنتىگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ نامىنى سورىسا، ھېچكىم دەپ بىرەلمەپتۇ. ئۇ بىر ئۆيگە ئوزۇقلۇق سوراپ كىرىپ قارىسا، بۇ ئۆينىڭ ھويلىسىدا بىر توپ غاز يۈرگۈدەك. ئۇ ئۆي ئىگىسىدىن «بۇ غاز قانچە؟» دەپ سورىغان ئىكەن، ئۆي ئىگىسى «بۇ قىرىق غاز» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. شاھ مەشرەپ شۇئان «بۇ يۇرتنىڭ نامى قىرىق غاز بولغاي» دەپ دۇئا قىلىۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كەنت «قىرىق غاز» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «قىغاز» بولۇپ قالغان ئىكەن.

چوقلا


بۇرۇنقى زاماندا، سىرتتىن كەلگەن بىر تۈركۈم كۆچمەن شەنبە بازارنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى تېخى ئېچىلمىغان يەرنى ماكان تۇتۇپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش قۇراللىرى بولمىغاچقا، جەڭدە ئىشلىتىدىغان نەيزە بىلەن يەرنى چوقۇلاپ ئېرىق ئېلىپ سۇ باشلاپ كېلىپ، يەنە نەيزە بىلەن يەرنى چوقۇلاپ بوزيەر ئېچىپ دىھقانچىلىق قىلغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر «چوقلاش» دەپ ئاتىلىپتۇ. چوقلاش جەمەتىدىكىلەر شۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەن. بۇ كەنتمۇ «چوقۇلاش» مەنىسىدە «چوقلاش» دەپ ئاتالغان ئىكەن.

قاراتۈرۈن


بۇرۇنقى زاماندا شەنبە بازارنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى ساسلىققا يېقىن جايدا بىر قانچە كۆنچى ماكنلىشىپتۇ. يەنە بىرنەچچە خۇمدانچى بۇ يەردە خۇمدان ماڭغۇزۇپتۇ. كۆنچىلەرنىڭ كۆن ئىسلىغاندا كۆن خۇمدىنىدىن چىققان ئىس ۋە خۇمدانچىلار كېسەك پىشۇرغاندا خۇمداندىن چىققان ئىسلار بىلەن بۇيەرنىڭ ھاۋاسىدا ھەمىشە قارا ئىس لەيلەپ يۈرۈيدىغان ھالەت شەكىللىنىپتۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ كەنتنى «قارا تۈتۈن» دەپ ئاتاپ، كېيىنچە «قاراتۈرۈن» بولۇپ قالغان ئىكەن.

داشمان


بۇرۇنقى زاماندا شەنبە بازار تەۋەسىدە 4 دانىشمەن ئۆتكەن ئىكەن. بۇ دانىشمەنلەر ئىلىم- ھىكمەتتە كامالەتكە يەتكەن، ئالدىن كۆرەرلىكى يوقۇرى كىشىلەر بولسىمۇ، زاھىتلىق يولىنى تۇتقان ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ئۆز نامىنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئىسمى- شەرىپىنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمىغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئولتۇرىقى بىر بىرىدىن يىراق ئىكەن. ئۇلار ھەمىشە كىشىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كەنت ئايىغىدىكى شىۋاقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بىر دۆڭدە جەم بولۇپ، ئۆز ئارا مۇتائىلە قىلىشىدىكەن. شۇڭا بۇ دۆڭ «دانىشمەننىڭ دۆڭى» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «داشمان دۆڭ» بولۇپ قالغان ئىكەن. كىشىلەر بۇ دانىشمەنلەرنى ئاتاشتا ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئادەتلىرى بىلەن ئاتايدىكەن. بۇ دانىشمەنلەرنىڭ بىرى ياشتا ۋە ئىلىم- بىلىمدە پىشىۋا بولغاچقا، ئۇنى كىشىلەر «تاغدەك دانىشمەن» دىگەن مەنىدە «تاغ دانىشمەن» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ ئىسىم كېيىنچە ئۇ ماكان تۇتقان كەنتنىڭ نامى بولۇپ، «تاغ داشمان» دەپ ئاتىلىپتۇ. يەنە بىر دانىشمەن ھەمىشە ھويلىسىدا ئولتۇرىدىكەن. ياز كۈنلىرى ھويلىدا ئۇخلايدىكەن. يەرلىك تىلدا ھويلا «ھال» دەپ ئاتالغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «ھويلا دانىشمەن» دىگەن مەنىدە «ھال دانىشمەن» دەپ ئاتايدىكەن. كېيىنچە بۇ نام ئۇ كىشى ئولتۇراقلاشقان مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ، «ھال داشمان» دەپ ئاتالغان ئىكەن. يەنە بىرى ھەمىشە ئىشىكى ئالدىدىكى سۇپىدا ئولتۇرىدىكەن. يەرلىك تىلدا سۇپا «سۈكە» دەپ ئاتالغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «سۇپا دانىشمەن» دىگەن مەنىدە «سۈكە دانىشمەن» دەپ ئاتايدىكەن. كېيىنچە بۇ نام ئۇ كىشى ئولتۇراقلاشقان مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ، «سۈكە داشمان» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «سىكە داشمان» بولۇپقالغان ئىكەن. يەنە بىر دانىشمەننىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى بولمىغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «دانىشمەن» دەپلا ئاتايدىكەن. كېيىنچە بۇ نام ئۇ كىشى ئولتۇراقلاشقان مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ، «داشمان» دەپ ئاتالغان ئىكەن.

قارىمان


مۇغاللا بازىرىنىڭ بىر كەنتى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇرۇنقى زاماندا بۇ كەنتتە باشقىلارنى خەۋىپتىن قۇتقۇزۇشتا داڭ چىقارغان بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، يەرلىك ھاكىمىيەت ئۇنىڭغا «قەھرىمان» دەپ نام بەرگەن ئىكەن. بۇ كەنت «قەھرىماننىڭ مەھەللىسى» دىگەن مەنىدە «قەرىمان مەللىسى» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «قارىمان» بولۇپ قالغان ئىكەن.

چۆپچىلە


جاي يېزىسىنىڭ بۇ كەنتى كېرىيە دەرياسىنىڭ بۇيىغا جايلاشقان بولغاچقا، ھەمىشە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ تۇرىدىكەن. بۇرۇنقى زاماندا ھەر يىلى ئۇدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بىرىپ، دىھقانچىلىقتىن زادى ھوسۇل ئالالماي، يامۇلغا تاپشۇرىدىغان باجنى تۆلەشكە ئامالسىز قاپتۇ. لېكىن بەگ- دورغىلار ھەدىسە باج تۆلەشكە قىستاپ، يەرلىك دىھقانلارنى زادى ئارامىدا قويماپتۇ. ئۇلار ئاخىر بولالماي، يامۇلغا كىرىپ، ئامبالغا دات ئېيتىپتۇ. ئامبال ئۇلارنىڭ ئەرزىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ. ئەھۋالنىڭ راستىنلا شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئاشلىق ئورنىغا يامۇلنىڭ ئات- ئۇلاغلىرى ئۈچۈن ئوت- چۆپ تاپشۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كەنتتىكىلەر يامۇلغا ئوت- چۆپ تاپشۇرۇپ، ئاشلىق ئالۋىڭىدىن قۇتۇلۇپتۇ. بۇ يەرلىك دىھقانلار «ئوت- چۆپ تاپشۇرغۇچىلار» دىگەن مەنىدە «چۆپچىلەر» دەپ ئاتىلىپتۇ ۋە بۇ نام بۇ كەنتنىڭ نامى بولۇپ «چۆپچىلە» دەپ ئاتىلىپتۇ.

ئەگلە


بۇرۇنقى زاماندا، كۆكيار يېزىسىدا «كەمەك ھەييار» دەپ ئاتالغان تولىمۇ ھەييار، گەپدان، قىزىقچى، ھىلە- مىكىرگە ماھىر بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ھەمىشە بەگ- غوجاملارنى گەپتە سوقۇپ، ئىش- ھەركەتتە چۈشۈرۈپ، يۈزىنى لەت قىلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ناھيە ئامبىلىنى ئەل- جامائەت ئارىسىدا لەت قىلىپ، قاتتىق يۈزىنى چۈشۈرۈپتۇ. غەزەپلەنگەن ئامبال بۇ ئۆچمەنلىكنى كۆڭلىدە ساقلاپ، كەمەك ھەييار ئۈستىدە جىنايەت توقۇپ، ئۇنى تۇتۇپ، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈشكە پەرمان قىپتۇ. چىرىكلەر كەمەك ھەييارنى ئېتىزدا ئىش قىلىۋاتقان يېرىدىن تۇتىۋېلىپ، يولغا ئېلىپ چىقىپتۇ. ئۇچاغدا مەخسۇس دار بولمىغاچقان، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنى دەرەخكە ئېسىپ ئۆلتۈرىدىكەن. چىرىكلەر كەمەك ھەييارنى بىر دەرەخكە ئاسقان ئىكەن، دەرەخ ئېگىلىپ، كەمەك ھەييارنىڭ پۇتى يەرگە تېگىپ قاپتۇ. ئۇلار يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى يوغان ئىككى تۈپ دەرەخكە دار باغلاپ، كەمەك ھەييارنى يولنىڭ ئوتتۇرىسسىدا تۇرغۇزۇپ دارغا ئاسقان ئىكەن، بۇ دەرەخلەرمۇ ئېگىلىپ، ئىككى دەرەخنىڭ ئۇچى بىر- بىرىگە تىگىپ قاپتۇ. كەمەك ھەييارنىڭ پۇتى يەنە يەرگە تىگىپ قاپتۇ. بۇ ئىشتىن چۆچىگەن چېرىكلەر كەمەك ھەييارنى ئۆلتۈرۈشتىن يالتىيىپ، بەدەر تىكىۋېتىپتۇ. كەمەك ھەييار ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. لېكىن كەمەك ھەييارنى دار قىلىپ ئاسقەن دەرەخلەر ئېگىلگەن پېتى قېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي «ئېگىلە» دىگەن مەنىدە يەرلىك شىۋە بويىېە «ئەگىلە» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «ئەگلە» بولۇپ قالغان ئىكەن.

يەتتە قىزلىرىم


بۇرۇنقى زاماندا ئارال يېزىسىنىڭ بەش توغراق كەنتىدە بىر يۇرت كاتتىسىنىڭ 7 قىزى بار ئىكەن. ئۇلار ئىلىم- بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن، لاتاپەتلىك ۋە دىيانەتلىك چوڭ بولغان ئىكەن. ئۇلار يەنە ئاتىسىدىن جەڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگۈنۈپ، ياراملىق، قەيسەر يىتىشكەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ برىدە كېرىيەگە يات بىر تائىپە باستۇرۇپ كېلىپ، بۇلاڭ- تالاڭ ۋە قىرغىن قىلىپ، ئاۋام پۇقراغا زور بالايى ئاپەت ئېلىپ كەپتۇ. ھۆكۈمەت چېرىكلىرى يۇرتنى تاشلاپ جېنىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. ئاۋام پۇقرانىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ بالايى- ئاپەتكە چىدىمىغان 7 قىز كەنتتىكى جەڭگە يارايدىغانلارنى قۇراللاندۇرۇپ، ئۆزلىرىمۇ قوللىرىغا قورال ئېلىپ، ئارغىماقلىرىغا مىنىپ، كاپىرلار بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىپتۇ. 7 كېچە- كۈندۈزلۈك جەڭدە كاپىرلار زور لاتاپەت تارتىپتۇ. ئاخىرى كاپىرلار پۈتۈن ئەسكىرى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بەشتوغراق كەنتىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، بۇ 7 قىزنى تۇتىۋاپتۇ ۋە ھەممىسىنى شېھىت قىپتۇ. كىشىلەر 7 قىز قۇربان بولغان جاينى مازار قىلىپ، 7 قىزنىڭ جەسىتىنى دەپىن قىپتۇ ۋە ئۇلارغا ئاتاپ گۈمبەز بىنا قىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ مازار «يەتتە قىزلىرىم مازىرى» دەپ ئاتىلىپتۇ (بۇ مازار ھازىرمۇ شۇنداق ئاتىلىدۇ). بۇ مازار جايلاشقان يەردە كېيىنچە كىشىلەر ئولتۇراقلىشىپ، يۇرت بەرپا قىپتۇ. بۇ مەھەللىمۇ بۇ مازارنىڭ نامى بىلەن «يەتتە قىزلىرىم» دەپ ئاتىلىپتۇ (بۇ كەنت 90 - يىللاردىن كېيىن «يەتتە قىزىل» دەپ ئاتىلىپ قالدى).

قىز ئۆلدى تېرەك (1)


بۇرۇنقى زاماندا سىيەك يېزىسىدا سېلىمەم ئىسىملىك بىر قىز بولۇپ، تولىمۇ لاتاپەتلىك ھۆسنى- جامالى تەڭداشسىز گۈزەل ئىكەن. بۇ يۇرتنىڭ ئوغۇللىرى بۇ قىزنىڭ ئىشقى- پىراقىدا كۆيۈك ئىكەن. بايلارنىڭ ئوغۇللىرى بۇ قىز نى تالىشىپ، بىر- بىرىگە پىچاق سېلىشىپ، ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىققاچقا، يامۇل ئۇلارنىڭ ؟كلۈمىنى سەلىمەم كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قاراپ، سەلىمەمنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇ چاغلاردا مەخسۇس دار بولمىغاچقا، .ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار دەرەخكە ئېسىپ ئۆلتۈرۈلىدىكەن. بۇ قىزنىمۇ بىر تۈپ دەرەخكە ئېسىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. سەلىمەمنىڭ ئانىسى قىزىنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا نۇرغۇن ھازا قوشاقلىرى توقۇپ ئوقۇپتۇ. بۇ قوشاقلارنىڭ بىر قىسمى ھازىرمۇ خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. سەلىمەم ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، دار قىلىپ ئېسىلغان تېرەك «قىز ئۆلدى تېرەك» دەپ ئاتىلىپتۇ ۋە بۇ تېرەك جايلاششقان كەنتمۇ شۇ تېرەكنىڭ نامى بىلەن «قىز ئۆلدى تېرەك» دەپ ئاتىلىپتۇ.

قىز ئۆلدى تېرەك (2)


بۇرۇنقى زاماندا سىيەك يېزىسى تەۋەسىدە بىر قىز بولۇپ، ئۇ تولىمۇ ئۇياتچان، يۈزى تۆۋەن قىز ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانىسى ئۇنى بىر يەرگە ئىشقا بۇيرۇپتۇ. قارىسا يولدا ھېچكىم يوق، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى قويىۋېتىپ، غىڭشىپ ناخشا ئوقۇپ مېڭىپتۇ. يېرىم يولغا كەلگەندە، بىر ئەركىشى چىقىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. لېكىن قىز بۇ ئەركىشىنى سەزمەپتۇ. شۇڭا كېتىۋېتىپ «جەرت» قىلىپ بىرنى ئوسۇرۇۋېتىپتۇ- دە، «چوڭ راھەت» دەپ قويۇپتۇ. يەنە بىردەمدىن كېيىن «جەرت» قىلىپ بىرنى ئوسۇرۇۋېتىپ، «كىچىك راھەت» دەپتۇ. بىر دەم مېڭىپ كەينىگە قارىغۇدەك بولسا، كەينىدىن بىر ئەركىشى كېلىۋاتقۇدەك. قىز ھودۇقۇپ كېتىپ: «قاچان يولغا چىققانتىلە؟» دەپ سوراپتۇ. بۇ ئەركىشىمۇ قىلچە يۈز خاتىرە قىلماي: «چوڭ راھەت كۆرگەندە» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. بۇ ئىزاغا چىدىمىغان قىز بىر تۈپ دەرەخكە ئېسىلىپ ئۆلۈۋاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ تېرەك «قىز ئۆلدى تېرەك» دەپ ئاتىلىپتۇ ۋە بۇ تېرەك جايلاششقان كەنتمۇ شۇ تېرەكنىڭ نامى بىلەن «قىز ئۆلدى تېرەك» دەپ ئاتىلىپتۇ.

قاراتۇغان (1)


شاھ مەشرەپ ئەۋلىيا كېرىيەدە 4 يىل تۇرۇپ، كېرىيەدىن خۇتەنگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. شاھ مەشرەپنىڭ كېرىيەدىن كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان يۇرت ئەھلى ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ، چىرايلىق يولغا سېلىپ قويۇش ئۈچۈن، شاھ مەشرەپ تۇرغا ئۆيگە كەلسە، ئۇ سەپەرگە ئاتلىنىپ بولغان ئىكەن. يۇرت ئەھلى دەرھال ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، جاي دىگەن يەرگە كەلگەندە بىر ئايال بىلەن ئۇچرۇشۇپتۇ. ئۇلار بۇ ئايالدىن شاھ مەشرەپنى كۆرگەن كۆرمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىكەن، بۇ ئايال قولىغا بىر تاشنى ئېلىپ، «ئىشۇ قارا تۇغان يەدە كىتىپبارىتۇ» (ئاۋۇ قارا كۆرۈنگەن يەردە كېتىۋاتىدۇ) دەپ، قولىدىكى تاشنى ئاتقان ئىكەن، تاش ئۇچۇپ شاھ مەشرەپ كېتىۋاتقان يەرگە كېلىپ، يول بويىدىكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ چوقاتمىقى (ئاچىمىقى)غا قەيلىنىپ قاپتۇ. يۇرت ئەھلى دىگەندەك ئەشۇ يەردە شاھ مەشرەپنى قوغلاپ يىتىپ، دۇئاسىنى ئېلىپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن بۇ جاي «قارا تۇرغان يەر» دىگەن مەنىدە «قاراتۇغان» دەپ ئاتالغان ئىكەن.

قاراتۇغان (2)


كېرىيە دەرياسىنىڭ بۇرۇنقى ئېقىنى ئەڭ بۇرۇن قارقى، شىۋول تەرەپلەردە ئىكەن. كېيىن ئېقىن ئۆزگەرتىپ، كۆكچىنىڭ سېيى بىلەن شەنبە بازارنىڭ سېسىغ ئىلەك ئارقىلىق بوستان شاللىقتىن ئۆتۈپ، تۇقىچاقلىقتا ھازىرقى ئېقىنىغا قۇيىلىدىكەن. كېيىن بۇ ئېقىنمۇ ئۆزگۈرۈپ، سايۋاغ يا ئارقىلىق ئاققان ئىكەن. كېيىن يەنە ئويچىغ يا (سېرىغ ئوي يا) ئارقىلىق ئاققان ئىكەن. بۇ مەزگىلدە كىشىلەر دەرياغا ناھايىتى يوغان توغان سېلىپ، سۇنى توسۇپ، سوغۇرىشقا ئىشلەتكەن ئىكەن. بۇ جاي "يوغان توغان" دىگەن مەنىدە "قارا تۇغان" دەپ ئاتالغان ئىكەن. كېرىيە دەرياسى كېيىن يەنە ئېقىن ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى ئورنىغا كۆچكەن ئىكەن.


تاش ھەققىدە ئەفسانە


بىر يولۇچى ئايال سورىغانلارغا شاھ مەشرەپنىڭ كېتىۋاتقان يېرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر تاشنى ئېلىپ «ئىشۇ قارا تۇغان يەدە كىتىپ بارىتۇ» (ئاۋۇ قارا كۆرۈنگەن يەردە كېتىۋاتىدۇ) دەپ، قولىدىكى تاشنى ئاتقان ئىكەن، تاش شاھ مەشرەپ كېتىۋاتقان يەرگىچە ئۇچۇپ بېرىپتۇ. شاھ مەشرەپنىڭ ئېشىگى بۇ تاشنىڭ شاھ مەشراپكە تېگىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇچۇپ كەلگەن تاشنى بىر تەپكەن ئىكەن، تاش يول بويىدىكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ چوقاتمىقىغا قەيلىنىپ قاپتۇ. شاھ مەشرەپ تاشقا قاراپ «جايىڭدا جىم تۇر» دەپ خىتاپ قىپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، دەرەخكە قېيلىنىپ قالغان تاش دەرەخ بىلەن تەڭ يوغۇناپ، ئىككى ئادەم ئاران كۆتۈرگۈدەك ھالەتكە يىتىپتۇ. «پولات تاۋلاش» ۋاختىدا كىشىلەر بۇ دەرەخنى كېسىپ، پولات تاۋلاشقا ئىشلىتىۋېتىپتۇ. تاش دەرەخنىڭ ئورنىدا قاپتۇ. بۇ تاشنىڭ يۈزىدە شاھ مەشرەپنىڭ ئېشىكى تاشنى تەپكاندە چۈشۈپ قالغان ئىزى بار. كوپىراتسىيە ۋاختىدا بۇ تاشنى كىشىلەر ئازما- توساقلارغا نەچچە رەت ئىشلىتىپ، ئازما- توساق تېگىگە كۆمۈۋەتكەن بولسىمۇ، ئەتىسى يەنە ئۆز جايىدا پەيدا بولۇپ قالغان ئىكەن. شاھ مەشرەپ بۇ تاشنى «جايىڭدا جىم تۇر» دەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، تاشنى ھەرقانچە يىراق جايلارغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتسىمۇ، ئەرتىسى يەنە ئۆز جايىدا پەيدا بولۇپ قالىدىكەن.

ئايدىڭ كۆل


شەنبە بازارنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئايدىڭ كۆل ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، كۆل تىگىدە سۇ ئاتلىرى ياشايدىكەن. كېچىسى ئايدىڭ كۆل ئەتراپىدا قونماقچى بولسا، ئادەم بېشىنى يەرگە قويسىلا ئاتلارنىڭ كىشنىگەن، دۈپۈرلەپ چاپقان ئاۋازىنى ئاڭلايدىكەن. بېشىنى كۆتۈرسە بۇ ئاۋاز يوقايدىكەن. شۇڭا كۆل ئەتراپىدا بىركىم ئۇخلىيالمايدىكەن. تازا ئايدىڭ بولغان كېچىلىرى سۇ ئاتلىرى قىرغاققا چىقىپ ئوتلاپ، يەنە كۆلگە كىرىپ كېتىدىكەن. شۇڭا بۇ كۆل «ئايدىڭ كۆل» دەپ ئاتالغان ئىكەن.

مۇغاللا (1)


بۇرۇنقى زاماندا كېرىيە بازىرىغا يېقىن جايدا بىر باي ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. ئۇ تولىمۇ ئاچكۆز، تويۇمسىز، زومىگەر ئادەم بولۇپ، پۇقرالارنى بۇزەك قىلىپ، يەرلىرىنى ئىگەللىۋالىدىكەن. ئۇ ھازىرقى مۇغاللا تەۋەسىدىكى مۇنبەت بىر پارچە يەرنى ئىگەللىۋاپتۇ. بۇ يەرنى ئېچىپ بىنام قىلغان دىھقانلار يامۇلغا ئەرىز قىپتۇ. يامۇلدىن بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، ھېچكىمنىڭ قولىدا يەر خېتى بولمىغاچقان، يەر ئىگىسىنىڭ زادى كىملىكىنى بېكىتەلمەپتۇ. باي كۆڭلىگە بىر شۇملۇقنى پۈكۈپ، ئامبالغا يەر ئۈستىگە بېرىپ، يەرنىڭ ئۆزىدىن سوراپ بېقىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئامبال ماقۇل بولۇپ، ئەتىسى يەر ئۈستىگە چىقماقچى بولۇپتۇ. باي كېچىدە بۇ يەرگە بىر ئورەك كولىتىپ، بالاغەتكە يەتكەن ئارزۇلۇق قىزىنى بۇ ئورەككە سولاپ، ئۈستىنى يېپىپ، قىزىغا بىرسى كېلىپ، «بۇيەر كىمنىڭ؟» دەپ ۋارقىرىسا «باي غوجامنىڭ» دەپ جاۋاپ بىرىشنى جىكىلەپتۇ. ئەرتىسى چاشكا مەلدا ئامبال دوغىلىرىنى ئېلىپ، بۇ يەرگە يېتىپ كەپتۇ. ئامبالنىڭ دەۋا سورايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئەل- جامائەتمۇ بۇ يەرگە يىغىلىپتۇ. ئامبال «بۇ يەر كىمنىڭ؟» دەپ ۋارقىرىغان ئىكەن، يەت تىگىدىن «باي غوجامنىڭ» دىگەن سادا ئاڭلىنىپتۇ. بۇ سوئال جاۋاپ 3 قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، ئامبال يەرنى بايغا بۇيرۇپ بېرىپ كېتىپتۇ. كىشىلەر بۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىن، باي مالايلىرىغا ئورەكنى ئاچقۇزۇپ قارىسا، ئارزۇلۇق قىزى مۇغىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. قىز يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن سۆرىتى ۋۇبەددەل بولۇپ، مۇغا بولۇپ قالغان ئىكەن. شۇ ئىشتىن كېيىن باي ۋە ئۇنڭ جەددى- جەمەتى ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغا «مۇغا» سۆزى لەقەم بولۇپ، ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي «مۇغا جەمەتىدىكىلەر» دىگەن مەنىدە «مۇغىلا» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «مۇغاللا» بولۇپ قالغان ئىكەن.

مۇغاللا (2)


بۇرۇنقى زاماندا مۇڭغۇللار بۇ يۇرتنى ئىستىلاھ قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىكەن. مۇڭغۇل چىرىكلىرى كېرىيە بازىرىنىڭ شەرقى شىمالىدا ئولتۇراقلىشىپ، دىھقانچىلىق قىلغان ئىكەن. مۇڭغۇل ھاكىيىتى يىمىرىلگەندە، كېرىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلشقان مۇڭغۇللار ئاللىقاچان يەرلىكلىشىپ كەتكەن ئىكەن. شۇڭا بۇ كەنت «موڭغۇللا» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «مۇغاللا» بولۇپ قالغان ئىكەن.

توقىچاقلىق


بۇرۇنقى زاماندا ھازىرقى يىڭىباغ يېزىسىنىڭ باش قىسمى، كېرىيە دەرياسىنىڭ بويى ياخشى يايلاق بولۇپ، كىشىلەر مال- چارۋا باقىدىكەن. بۇ يەر بۈك- باراقسان توغراقلىق بولۇپ، توغراقلىقتا توقىچاق (تۆمۈر تۇمشۇق) ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. شۇڭا بۇ يەر «توقىچاق كۆپ جاي» دىگەن مەنىدە «توقىچاقلىق» دەپ ئاتالغان ئىكەن. كېيىن چارۋىچىلار بۇيەردىن يەر ئېچىپ دىھقانچىلىق قىپتۇ. 1958- يىلى بۇ يەردە كەڭ كۆلەمدە بوزيەر ئېچىلىپ، ئاھالە كۆچۈرۈلۈپ، يېزا بەرپا قىنلىنغاندىن كېيىن «يىڭى باغ» دەپ نام بىرىلگەن.

ئات كۆيدى


يىڭىباغ يېزىسى ئېچىلىپ، ئاھالە كۆچۈرۈلۈپ، كوپىراتسىيە قۇرۇلغان دەۋىرلەردە، ئات، كالا، ئېشەك قاتارلىقلار كوپىراتسىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، كوللىكتىپ بېقىلاتتى. كېچىسى كوپىراتسىيەنىڭ ئېغىلىغا سولىنىپ، مەخسۇس ئادەم خەۋەر ئالاتتى. ئات كۆيدى كەنتىدە كوپىراتسىيەنىڭ ئات ئېغىلىغا ئوت كېتىپ، بىر ئات كۆيۈپ كەتكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كەنت «ئات كۆيۈپ كەتكەن يەر» دىگەن مەنىدە «ئات كۆيدى» دەپ ئاتالغان ئىكەن.


مەشھۇر شەخسىلەر توغرىسىدا
ئاخۇنلۇقۇم


ئاخۇنلۇقۇم كېرىيەدە ئۆتكەن ئىلىم- بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئۆلىما كىشى ئىكەن. شاھ مەشرەپ ئەۋلىيا كېرىيەدە تۇرغان مەزگىلىدە ئاخۇنلۇقۇم بىلەن يېقىن دوستلۇشۇپ ئۆتكەن ئىكەن. ئاخۇنلۇقۇمنىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن ئىكەن. شاھ مەشرەپ كېرىيەدىن كېتىدىغان چاغدا ئاخۇنلۇقۇمغا «سىلىدە ئەرلىك بولغىنى بىلەن پەرزەنت كۆرۈشتە ۋۇجۇت يوق ئىكەن. مەندە پەرزەنت كۆرۈش ۋۇجۇت بار، لېكىن ئەرلىك يوق. شۇڭا مەندىكى بۇ ۋۇجۇتنى سىلىگە ئۆتۈنۈپ بىرەي، كەينىلىرىنى قىلسىلا» دەپ، ئاخۇنلۇقۇمنىڭ دۈمبىسىگە دۈمبىسىنى يېقىپ تۇرۇپتۇ. ئاخۇنلۇقۇمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاجايىپ بىر سېزىم بولۇپ، بۇ سېزىم چوققىسىدىن كىرىپ، تاپىنىدىن چىقىپ كىتىپتۇ.
شاھ مەشرەپ كېرىيەدىن كەتكەندىن كېيىن، بىر كۈنى ئاخۇنلۇقۇم تاھارەت ئېلىپ ئولتۇرغا، تاھارەت سۈيى ئاققان كاتەكتىن بىر تۈپ بۇغداي بىلەن بىرتۈپ زاغۇن ئۈنۈپ چىقىپتۇ. ئاخۇنلۇقۇم ئۈنۈپ چىققان بۇغدايدىن ئۆزىدە پەرزەنت كۆرۈش ۋۇجۇدىنىڭ ھاسىل بولغانلىقىنى، زاغۇندىن شاھ مەشرەپتىكى ۋۇجۇت بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ ساراڭلىقىمۇ ئۆتۈپ قالغانلىقىنى بىلىپتۇ.
شۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئاخۇنلۇقۇم كەينى كەينىدىن بىرقانچە پەرزەنت كۆرۈپتۇ. لېكىن پەرزەنتلىرىنىڭ بەزىسى كاتتا ئۆلۈما، بەزىسى غىژمال (ساراڭ قېتىش) بولۇپ قاپتۇ. كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمۇ شۇنداق بولۇپ قاپتۇ.

ئاخۇنلۇقۇمنىڭ پەرزەنتلىرى


دەريا بۇيى يېزىسىغا جايلاشقان چوڭ مازار ئىسلام غازاتچىرىنىڭ كېرىيەنى پەتئى قىلىش ئۇرۇشىدا شەھىد بولغان ئىماملىرىمىزنىڭ بېشى بولۇپ، تارىختىن بىرى داڭلىق تاۋاپگاھ ئىدى. كېرىيەدە ئىلىم- بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئۆلىما ئاخۇنلۇقۇمنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ دادىسىنىڭ تەلىمىدىن ئەۋلىيا دەرىجىسىگە يەتكەن ئىكەن. بۇ ئاكا- ئۇكىلارنىڭ ئىنىسى ئىساق ئاخۇنلۇقۇم بۇ مازارغا كېلىپ ماكانلىشىپ، مازارنىڭ شەيىخى بولۇپ، خانىقا سېلىپ بالا ئوقۇتۇپ ئۆتكەن ئىكەن. ئاكىسى ئەيسا ئاخۇنلۇقۇم جاي يېزىسىدا ئولتۇراقلىشىپ، تىجارەت بىلەن مەشخۇل بولغان ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاكىسى ئەيسا ئاخۇنلۇقۇم ئىنىسىگە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن، دەريا بويىغا بارىدىغان ئېشەكچىلەردىن بىر خالتا ئىبەرتىپتۇ. ئېشەكچىلەر چوڭ مازاغا 4 كۈندە يىتىپ بېرىپ، ئامانەتنى تاپشۇرۇپتۇ. ئىساق ئاخۇنلۇقۇم خالتىنى ئېچىپ قارىسا، خالتىدا پاختا ئارىسىغا ئېلىنغان بىر پارچە چوغ يالقۇنجاپ تۇرغۇدەك. لېكىن پاختا كۆيۈش تۈگۈل سارغىيىپمۇ قالماپتۇ. ئىساق ئاخۇنلۇقۇم ئاكىسىنىڭ ئۆزىگە كارامەت كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ ۋە ھېلىقى ئېشەكچىلەر قايتار ۋاختىدا ئۇلاردىن ئاكىسىغا بىر خالتا چىقارتىپتۇ. ئەيسا ئاخۇنلۇقۇم خالتىنى ئېچىپ قارىسا، ماتادا تىكىلگەن بۇ خالتىنىڭ ئىچىدە لىق سۇ تۇرارمىش. خالتىدىكى سۇ ئېقىپ كېتىش تۈگۈل، نەم خالتا سىرتىغىمۇ تەپچىرەپ چىقماپتۇ. بۇ ئىككى ئاكا- ئۇكا كۆڭلىدە بىر بىرىنىڭ كارامىتىگە قول قويۇشۇپتۇ.

ئەۋلىيالار يۇرتى


كېرىيە ئەزەلدىن ئەۋلىيالار ماكانى بولۇپ، تارىختا نۇرغۇن ئۆلىما- ئالىملار چىققان ئىكەن. تارىختىن بىرى كېرىيەدە يەتتە ئەۋلىيا كەم بولماي كەلگەن ئىكەن. ئەۋلىيالار ئۆزىنى ئاشكارە قىلمايدىكەن. ئاشكارىلىنىپ قالسا، ئۆلۈپ كېتىدىكەن. شۇڭا كىملەرنىڭ ئەۋلىيا ئىكەنلىكىنى كۆپ ئادەم بىلمەيدىكەن. بۇ يەتتە ئەۋلىيانىڭ ھەر بىرى بىر ھادىسىنى كانتىرول قىلىپ تۇرىدىكەن. ئەۋلىيالاردىن بىرسى ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، ئورنىغا يەنە بىر ئەۋلىيا يىتىشىپ چىققۇچە شۇ ئەۋلىيا كانتىرول قىلىپ تۇرغان ھادىسە يۈز بېرىپ، ئاپەت كېلىپ چىقىدىكەن. بۇلار ئاساسلىقى ئاغرىق- سىلاق (يۇقۇملۇق كېسەللىك)، كەلكۈن، قۇم- بوران، يەر تەۋرەش، ئوت، يامغۇر- يېشىن (قۇرغاقچىلىق)، ئاچارچىلىق قاتارلىقلار ئىكەن. شۇڭا تارىختا بۇ خىل ئاپەتلەر پات- پات يۈزبىرىپ تۇرغان ئىكەن. ئەۋلىيالارغا ئەۋلىيالىق دەرىجىسى يىتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئەۋلىيالىق ئۆمرى 75 يىل ئىكەن. شۇڭا ئاغرىق- سىلاقنى كانتۇرول قىلىپ تۇرىدىغان ئەۋلىيا ئۆلۈپ كېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر ئەۋلىيا چىقىپ بولغۇچە ئاغرىق- سىلاق كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا كېرىيەدە ھەر 75 يىلدا بىر قېتىم ئاغرىق- سىلاق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: 1837- يىلى كەڭ كۆلەمدە چېچەك كېسىلى تاراپ، نۇرغۇن قازاۋى قەدەرلەرنى كەلتۈرگەن ئىكەن. 1912- يىلى ۋابا تاراپ، كېرىيەدە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. 1987- يىلى جىگەر كېسىلى تاراپ، زور بالايى ئاپەت- ئېلىپ كەلدى.
ئازاتلىقتىن كېيىن، كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالغان ئەۋلىيا ئىككى بولۇپ، بىرى مەتسەيدى ئاخۇنۇم. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەتسەيدى ئاخۇنۇمنىڭ دادىسىمۇ ئەۋلىيالارنىڭ بىرى بولۇپ، مەتسەيدى ئاخۇنۇم 7 ياش ۋاختىدا قۇرئاننى تۈگۈتۈپ بولغان ئىكەن. بىر كۈنى دادىسى ھويلىدا تاھارەت ئېلىپ ئولتۇرۇپ قارىسا، 7 ياشلىق مەتسەيدى ئاخۇن كالتە تامنى ئات قىلىپ مىنىپ ئويناۋاتقان ئىكەن. ئۇ تامنى «چو! چو!» دەپ ساۋىسا، تام مېڭىۋاتقۇدەك. دادىسى بۇنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەۋلىياقى ئوغلىغا قالىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. لېكىن كىچىك تۇرۇپلا بۇ ئالامەت كۆرۈلسە چوقۇم ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، دەپ بىر كېچە يەك تاپان تۇرۇپ ئاللادىن تىلىگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن مەتسەيدى ئاخۇنۇم ساراڭ بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ بىر ئېغىز گەپنى تەكرارلاپ كوچا ئايلىنىپلا يۈرۈيدۇ. ئۇ دىگەن گەپ يېقىن كەلگۈسىدىن بىشارەت بولۇپ، دىگەن ئىش ھامان يۈز بىرىدۇ. مەسىلەن: 1956- يىللاردا ئۇ «ئوڭنىمۇ تۈز، ساراڭنىمۇ تۈز، ھەممىسى كۇلا كىسۇن» دەپ يۈرگەن 1957- يىلى ئىستىل تۈزۈتىش باشلىنىپ، نۇرغۇن ئادەمگە قالپاق كەيگۈزۈلدى. مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە، مەتسەيدى ئاخۇنۇم «سىكىرتارىم تارىمسىز، تار- تار …» دەپ يۈرۈپ، ئۇزۇنغا بارمايلا سېكرىتارلارنى تارتىپ چىقىرىپ كۆرەش قىلىش باشلانغان. «قان دورا بولدى، قان ئىچ» دەپ يۈرۈپ ئۇزۇنغا بارمايلا ئەلەم كۆرۈشى باشلىنىپ، نۇرغۇن قان تۆكۈلدى.
يەنە بىرى مىراپ بولۇپ، ئەسلى ئىسمى ئىنىق ئەمەس. بۇرۇن مىراپ بولۇپ سۇ باشقۇرغاچقا كىشىلەر ئۇنى «مىراپ» دەپ ئاتايتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر يىلى كەلكۈن ئاپىتى يۈزبىرىپ، مىراپلارنىڭ ھەممىسىنى بىردىن زاكوغا مەسئۇل قىلىپ، كېچىسى زاكو ساقلاشقا قويغان ئىكەن. مىراپ شۇقېتىملىق زاكو ساقلاشتا بىر كېچىدىلا ساراڭ بولۇپ قالغان ئىكەن. قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن يىللاردا ئۇنىڭ دەرياغا بېرىپ، تاغ تەرەپكە قاراپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئادەملەر كۆپ. بىر كۈنى سۇ ئىدارىسىدىكى خادىملار توغراق زاكوغا بېرىش ئۈچۈن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، سۇ ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا چىقسا، مىراپ ئىدارە ئالدىدا كىچىك بالىلارغا تاماشا قىلىپ بىرىۋاتقان ئىكەن. ئۇلار شەنبازارغا بېرىپ، شەنبازار يولى بىلەن توغراققا قاراپ مېڭىپ، توغراققا يېقىنلاشقاندا دەريا بويىدىكى يولدا كېتىۋاتسا، مىراپ دەريانى بويلاپ تاغ تەرەپكە يۈگرەپ كېتىۋاتقۇدەك. سۇ ئىدارىسى بىلەن ئۇلار مىراپنى ئۇچراتقان جاي تۈز سىزىق بويىچە 60 كېلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، يول لېنيەسى بويىچە ماشىنا بىلەن بىر يېرىم سائەتلىك يول، پىيادە ئىككى كۈنلۈك يول ھىساپلىناتتى.


جانلىقلار توغرىسىدا
بېلىق


مىسىر پادىشاھلىقىدىكى پىرئون (پىر ئەۋىن) خۇدالىق داۋاسى قىلىپ، كىشىلەرگە «مەن سىلەرنى ياراتقان خۇدا» دىسىمۇ كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەپتۇ. ئۇ ئاخىرى «مەن ئاسمان خۇداسىنى ئۆلتۈرۈپ، بۇدۇنيغا يالغۇز ئۆزەم خۇدا بولىمەن» دەپ، نىل دەرياسى بويىغا چىقىپ، ئاسمانغا قارىتىپ يا بىلەن ئوق ئېتىشقا باشلاپتۇ. خۇدا ئۇنى نائۈمۈت قويماسلىق ئۈچۈن، پەرىشتىلەرگە بېلىقتىن بىرنى بوغۇزلاپ، يەرگە تاشلاشقا بۇيرۇپتۇ. پەرىشتىلەر بېلىقتىن بىرنى كەلتۈرۈپ، گېلىنىڭ ئىككى يېنىنى بوغۇزلاپ، يەر يۈزىگە تاشلاپتۇ. بېلىق ئاسماندىن ئۇدۇل دېڭىزغا چۈشۈپتۇ. پىرئون «مانا، مەن ئاسمان خۇداسىنى ئۆلتۈردۈم خۇشال بولۇپ كۆرەڭلەپتۇ. بېلىق ئاسماندىن سۇغا چۈشكەچكە، سۇدا ياشايدىغان بولغان ئىكەن. بېلىقنى پەرىشتىلەر بوغۇزلاپ تاشلىغاچقا، قايتا بوغۇزلاش بىھاجەتكەن. شۇڭا بېلىقنى بوغۇزلىمىسىمۇ ھالال ئىكەن.

چىۋىن


مىسىر پادىشاھلىقىدىكى پىرئون (پىر ئەۋىن) خۇدالىق داۋاسى قىلىپ، كىشىلەرگە «مەن سىلەرنى ياراتقان خۇدا» دىسىمۇ كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەپتۇ. ئۇ «مەن ئاسمان خۇداسىنى يوقاتتىم، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار، ئەمدى ماڭا ئېتىقات قىلىشىڭلار كېرەك» دىسە، كىشىلەر: «ئەمىسە سەن خۇدا بولساڭ، كارامەت كۆرسىتىپ بىزنى ئىشەندۈرگىن» دەپ تۇرىۋاپتۇ. پىرئون كۈندۈزى خۇدالىق داۋاسى قىلغىنى بىلەن، كېچىسى بوينىغا ئاغامچا سېلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، «مىنىڭ مۇشۇ دۇنيالىقىمنى بەر، ئۇدۇنيادا نىمە قىلساڭ مەيلى» دەپ يىغلاپ تىلەيدىكەن. كىشىلەر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىنمۇ، كېچىچە ئىبادەت قىلىپ، بوينىغا قارا ئاغامچا سېلىپ، يەكپاي تۇرۇپ، ئاللادىن تىلەپتۇ. ئاللاھى تائالا پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا تۆمۈرنى ئىكەكدەشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇ ئەرتىسى جىمى پۇقرالارنى يىغىپ، ئۆزىنىڭ كارامەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە تۆمۈرنى ئىكەكدىگەن ئىكەن، تۆمۈر ئۇۋۇندىلىرى چىۋىن بولۇپ ئۇچۇپ چىقىپتۇ. چىۋىن شۇ چاغدا تۆمۈر ئۇۋۇندىلىرىدىن پەيدا بولغان ئىكەن. شۇڭا چىۋىننىڭ پۇتلىرى قاتتىق ۋە يىرىك بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە قونسا قىچىشتۇرۇپ، كىشىنى بىئارام قىلىدىكەن.

چوچقا


نوھ ئەلەيھىسسالام تۇپان بالاسى يۈز بەرگەندە چوڭ بىر كېمىگە جىمى جانلىقلاردىن بىرجۈپتىن ۋە جىمى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇغىنى ئېلىۋالغان ئىكەن. كېمىدە نەچچە ئون كۈن لەيلەپ يۈرۈش جەريانىدا جانلىقلار كېمىگە چىچىپ، سىيىپ، كېمىنى بۇلغىۋېتىپتۇ. سېسىقچىلىقتا كېمىدە تۇرغىلى بولماي قاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن نوھ ئەلەيھەسسالام ئاللاغا ختاپ قىلىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى سوراپتۇ. ئاللادىن: «پىلنىڭ چېكىسىنى سىلا» دەپ ۋەھى كەپتۇ. نوھ ئەلەيھەسسالام بېرىپ پىلنىڭ چىكىسىنى سىلىغان ئىكەن، پىلنىڭ بۇرنىدىن بىر چوچقا چۈشۈپ، كېمىدىكى پوق- پىشەپلەرنى خارتىلدىتىپ، كېمىنى تازىلاپتۇ. چوچقىنىڭ تۇمشۇقى كېمىگە سۈرۈلۈپ يۈرۈپ، ئەشۇنداق ياپىلاق بولۇپ قالغان ئىكەن. چوچقا شۇ چاغدا پەيدا بولغان ئىكەن. شۇڭا چوچقا ھازىرمى گىزەندە يەيدىكەن.

چاچقان


نوھ ئەلەيھەسسالام پىلنىڭ چىكىسىنى سىلاپ، چوچقىنى ئاپىرىدە قىلىپ، كېمىنى تازىلىغىلى سالغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا چىدىمىغان مەلئۇن بېرىپ، چوچقىنىڭ چىكىسىنى سىلاپتۇ. چوچقىنىڭ بۇرنىدىن چاچقان چۈشۈپتۇ كېمىدىكى نەرسىلەرگە ئاپەت سېلىشقا باشلاپتۇ. چاچقان شۇ چاغدا پەيدا بولغان ئىكەن. چاچقان مەلئۇن ئاپىرىدە قىلغان جانلىق ھەم ئاپەتخور بولغاچقا، ئۆلتۈرسە گۇناھ بولمايدىكەن.

مۈشۈك


چاچقان كېمىدىكى نەرسىلەرگە ئاپەت سالغاننى ئازدەپ، كېمىنىمۇ غاچىلاپ تېشىۋېتىپتۇ. بۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن نوھ ئەلەيھەسسالام ئاللاغا خىتاپ قىلىپ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى سورىغان ئىكەن، ئاللادىن: «يولۋاسنىڭ چېكىسىنى سىلا» دەپ ۋەھى كەپتۇ. نوھ ئەلەيھەسسالام يولۋاسنىڭ چېكىسىنى سىلىغان ئىكەن، يولۋاسنىڭ بۇرنىدىن مۈشۈك چۈشۈپتۇ ۋە چاچقانلارنى تۇتۇپ يەپ، ئاپەتنى ئازلىتىپتۇ. مۈشۈك شۇ چاغدا پەيدا بولۇپ، ئىنسانلارنى ئاپەتتىن قوغداپ قالغاچقا، ئۇ ئىنسانلار بىلەن ئائىلىدە بىرگە ياشاپ، ئىنسانلار نىمە يىسە شۇنى يەپ ئۆتىدىكەن ۋە داۋاملىق تۈردە چاچقان يوقۇتۇپ، ئىنسانلارنىڭ مۈلكىنى ئاپەتتىن ساقلايدىكەن.
قارلىغاچنىڭ قۇيرۇقى نىمىشقا ئاچا؟
نوھ ئەلەيھەسسالامنىڭ كېمىسىدە چاچقانلار كېمىنى غاجىلاپ تېشىۋەتكەندىن كېيىن، سۇنى توختىتالماي، جانلىقلاردىن قايسىسىنىڭ ئامال قىلالايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. يىلان: «مىنىڭ ئامالىم بار، لېكىن بىر شەرتىم بار. سۇنى توختاتسام، بىز قۇرۇغلۇققا چىققاندىن كېيىن، نىمىنىڭ قېنى ئەڭ تاتلىق بولسا، شۇنى چېقىپ، قېنىنى شوراپ جان ساقلايمەن» دەپتۇ. قېيىقنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىشىدەك جىددى خەۋىپ ئالدىدا، نوھ ئەلەيھەسسالام يىلاننىڭ شەرتىگە كۆنۈپتۇ. يىلان بېرىپ قۇيرۇقىنى تۆشۈككە تىقىپ، تۈگۈلۈپ ياتقان ئىكەن، سۇ توختاپتۇ. قۇرۇغلۇققا چىققاندىن كېيىن، يىلان پاشىنى ھەممە جانلىقلارنى چېقىپ، قايسىسىنىڭ قېنىنىڭ تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. پاشا ھەممە جانلىقنى چېقىپ، قېنىنى تېتىپ بولۇپ، يىلانغا خەۋەر يەتكۈزگىلى كېتىپ بارسا، قارلىغاچ ئۇچراپتۇ. قارلىغاچنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بولغاچقان، پاشىدىن نىمىنىڭ قېنى تاتلىق ئىكەنلەكىنى سوراپتۇ. پاشا: «ھەممە جانلىقنىڭ قېنىنى تېتىپ كۆردۈم. تاتلىقلىقتا ئادەمنىڭ قېنىغا يەتنەيدىكەن» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. يىلاننىڭ ئادەملەرگە ئاپەت سېلىشىدىن ئەنسىرىگەن قارلىغاچ بىر ھىلە ئويلاپ: «ئىشەنمەيمەن. راستمۇ- يالغانمۇ؟ تىلىڭنى چىقار، كۆرۈپ باقاي» دەپتۇ. ئالدانغان پاشا تىلىنى چىقىرىشىغا قارلىغاچ پاشىنىڭ تىلىنى چوقۇپلا ئۈزۈۋاپتۇ. بۇ يەرگە يىلان يىتىپ كېلىپ، پاشىدىن نىمىنىڭ قېنى تاتلىق ئىكەنلىكىنى سورىغان ئىكەن، پاشىنىڭ تىلى بولمىغاچقا گەپ قىلالماي غىڭشىپلا تۇرۇپتۇ. يىلان: «نىمە دىدىڭ؟» دەپ سورىغاندا، قارلىغاچ: «ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ئۇ ھەممىدىن ساسلىقلاردا ياشايدىغان قۇرۇت- قوڭغۇز، پاقىلارنىڭ قېنى تاتلىقكەن، دەيدۇ» دەپتۇ. بۇ گەپتىن ئاچچىقلانغان يىلان: «مەن سەندىن سورۇمۇدۇم، نىمە ئاتىكاچىلىق قىلىسەن؟» دەپ قارلىغاچنى يەۋېتىش ئۈچۈن ئېتىلغان ئىكەن، قارلىغاچ «پۇر» قىلىپ ئۇچۇپتۇ. يىلاننىڭ ئاغزىغا قارلىغاچنىڭ قۇيرۇقى چىقىپ، پەيلىرى يولۇنۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قارلىغاچنىڭ قۇيرۇقى ئاچا بولۇپ قاپتۇ. قارلىغاچ ئادەملەرنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ئۆيىگە ئۇۋا ياساپ ياشايدىغان بولۇپتۇ. لېكىن شۇ ئىشتىن كېيىن قارلىغاچ بىلەن يىلان دۈشمەنلىشىپ قالغاچقا، بىر بىرى بىلەن چىقىشالمايدىكەن. يىلان يىللىق ئادەم بار ئۆيدە قارلىغاچ ئۇۋىلىمايدىكەن.

قاغا


قىرىق كېچە كۈندۈزلۈك تۇپان بالاسىدىن كېيىن، يامغۇر توختاپ، كۈن ئېچىلىپتۇ. نوھ ئەلەيھەسسالام قۇرۇغلۇق تېپىپ، قۇرۇغلۇققا چىقىش ئۈچۈن، ئۇچار قۇشلاردىن قايسىسىنىڭ قۇرۇغلۇق تېپىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى سوراپتۇ. قاغا: «مەن بېرىپ تېپىپ كېلەي» دەپتۇ. نوھ ئەلەيھەسسالام ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىپتۇ. لېكىن قاغا شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەپتۇ. بۇنىڭدىن كېمىدىكىلەر قاتتىق ۋەھىمىدە قاپتۇ. كېيىن بىلسە، قاغا توپان بالاسىدا ئۆلگەن جانلىقلارنىڭ تاپلىرىنى يەپ قورساق تويغۇزۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، خەۋەر يەتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىكەن. شۇنىڭدىن بىرى ئۇ شۇملۇقنىڭ ئەلچىسى بولۇپ قاپتۇ.

قاغىنىڭ مېڭىشى نىمىشقا سەت؟


ئەسلى قاغا خېلى چىرايلىق ماڭىدىكەن. ئاۋازىمۇ خېلى ساز ئىكەن. لېكىن تۇپان بالاسى دەۋرىدە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، قارغىشقا كەتكەچكە، قۇشلارنىڭ ئارىسىدا ئىناۋىتى يوق ئىكەن. بۇ ئىش قاغىغا ئەلەم قىلىپ، يوقۇرى ماھارەت ئىگەللەپ، قۇشلارنىڭ سەرخىلى بولۇپ، باش كۆتۈرۈشكە بەل باغلاپتۇ ۋە بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىنى سۇندۇكىنىڭ مېڭىشىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن مەشىق قىلىشنى باشلاپتۇ. لېكىن بۇلبۇلنى دوراپ سايرايمەن دەپ، ئاۋازىنى ئوخشىتالماي، چىڭقىلىپ توۋلاپ يۈرۈپ، كارنىيىى يىرتىلىپ كېتىپ، ئەشۇنداق سەت ۋارقىرايدىغان بولۇپ قاپتۇ. سۇندۇكنىڭ مېڭىشىنى ئۈگۈنىمەن دەپ، ئۈگۈنەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مېڭىشىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىپ، ئەشۇنداق سەت ماڭىدىغان بولۇپ قاپتۇ.

كەپتەر


قاغا نوھ ئەلەيھەسسالامنىڭ كېمىسىدىن قۇرۇغلۇق تېپىشقا كېتىپ، قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن، نوھ ئەلەيھەسسالام يەنە ئۇچار قۇشلاردىن قايسىسىنىڭ قۇرۇغلۇق تېپىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئاق كەپتەر :«مەن باراي» دەپتۇ. نوھ ئەلەيھەسسالام ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىپتۇ. كەپتەر كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا زەيتۇن دەرىخىنىڭ بىر تال شېخىنى چىشلەپ قايتىپ كەپتۇ. بۇنىڭدىن نوھ ئەلەيھەسسالام يېقىن ئەتراپتا قۇرۇغلۇق بارلىقىنى بىلىپ، كەپتەر كەلگەن يۆلۈنۈشتە مېڭىپ قۇرۇغلۇقنى تېپىپتۇ. كەپتەر قۇرۇغلۇق تېپىشتا زور تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن، ئائىلىلەردە ئىنسانلار تەرىپىدىن بېقكىلىدىغان بولۇپتۇ. قۇرۇغلۇقنى تېپىپ، زەيتۇن شېخى چىشلەپ قايتىپ كەلگەن كەپتەر ئاق كەپتەر بولغاچقا، ئاق كەپتەرنى ئۆلتۈرۈش ۋە گۆشىنى يىيىش چەكلەنگەن ئىكەن.

ھۆپۆپ نىمىشقا سېسىق؟


ھۆپۆپ ئەسلى ناھاتيىتى بىلىملىك بىر ئالىم بولۇپ، بىلىدىغىنى ئىنتايىن مول ئىكەن. ئۇچار قۇشلارنىڭ پادىشاسى ئۇنىڭ مول بىلىمىگە قايىل بولۇپ، چىرايلىق تاج ۋە ئېسىل شاھانە تون تەقدىم قىلغان ئىكەن. ئۇ بۇ شەرەپتىن بەكلا سۆيۈنۈپ كېتىپتۇ ۋە باشقىلارنىڭ بۇ شەرەپكە ئېرىشىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىلىمىنى زادى چىقارغىلى ئۇنىماپتۇ ۋە باشقىلارغا زادى ئۆگۈتۈپ قويماپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بىلىملەر ئىشلىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن سېسىپ كىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۆپۆپ گەرچە بېشىغا تاج، ئۇچىسىغا شاھانە تون كىيىپ يۈرسىمۇ، تىنى سېسىق پۇرايدىغان بولۇپ قاپتۇ.

سۇندۇك نىمىشقا ئوڭدا ياتىدۇ؟


سۇندۇك تولىمۇ چاققان، چىۋەر قۇش بولسىمۇ، تولىمۇ ئېھتىياتچان ئىكەن. ئۇ ھەمىشە كېچىسى ئاسماننىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ، زىمىننى بېسىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇڭا كېچىسى «ئاسمان يىقىلىپ چۈشۈپ، بېسىۋالغۇدەك بولسا، پۇتۇم بىلەن تىرىۋالىمەن» دەپ، پۇتىنى ئاسمانغا تەڭلەپ، ئوڭدىسىغا ياتىدىكەن.

توز


توز ئەسلى جەننەتتە ياشاشقا يارىتىلغان قۇش ئىكەن. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتە يىيىش چەكلەنگەن بۇغداي دەرىخىنىڭ مىۋىسىنى يەپ قويغاندىن كېيىن، تاھارەت قىستاپ قىينىلىپ كېتىپتۇ. لېكىن جەننەتكە تاھارەت قىلىش چەكلەنگەن بولغاچقا، زادى ئامال قىلالماپتۇ. ئۇلارنىڭ قىينىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن توز ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قانىتىنى كېرىپ دالدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ تاھارەت سۇندۇرۇۋېلىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىپتۇ. توز بۇ گۇناھى ئۈچۈن جەننەتتىن قوغلانغان ئىكەن.

قۇمچاق


ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا بىر بىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، يەر يۈزىدە بىرگە ياشاپتۇ ۋە 40 پەرزەنتلىك بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ پەرزەنتى بەك كۆپ بولغاچقا، بېقىپ بولالماي بەك جەۋرى جاپا تارتىپتۇ. بىر كۈنى ھاۋا ئانا قۇچىقىدىكى بوۋاقنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالماپتۇ. بالا بەك يىغ:پ خاپا قىلغاچقا، ھاۋا ئانا بالىنى تامغا يۆلەپ سېىنغان بورىنىڭ كەينىگە ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە بورىنى يېپىپ قويۇپ ئوزۇقلۇق ئىزلەپ چىقىپ كېتىپيۇ. ئۇ بىرئاز ئوزۇقلۇق تېپىپ قايتىپ كىرىپ، بورىنى ئۆرۈپ قارقسا، بوۋاق قۇمچاق (پاقا)غا ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇڭا قۇمچاقنىڭ پۇت- قوللىرى، كۆزى ئادەمنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. شۇڭا قۇمچاق ئۆلتۈرسە ئادەم ئۆلتۈرگەن بىلەن ئوخشاش گۇناھ بولىدۇ.


مەۋجۇدات، مۆجىزاتلار توغرىسىدا
قاشتېشى


ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتە يىيىش چەكلەنگەن بۇغداي دەرىخىنىڭ مىۋىسى يەپ قويغانلىقى ئۈچۈن جەننەتتىن قوغلۇنۇپ، يەر يۈزىگە تاشلىنىپتۇ. بىرى مەغرىپكە، بىر مەشرىقكە تاشلانغاندىن كېيىن، بىرسى بىرسىنى ئىزدەپ، بىرسى- بىرسىنى چاقىرىپ، مىڭ بىر جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، قارا قۇرۇم تاغلىرىدىكى مۇزلۇقتا ئۇچرۇشۇپتۇ ۋە ۋىسال تەشنالىقىنى قاندۇرۇپتۇ. بۇ جەرياندا يەرگە ئېقىپ كەتكەن مەنىدىن قاشتېشى ھاسىل بولۇپتۇ.

ھاراقنىڭ پەيدا بولۇشى


نوھ ئەلەيھەسسالام تۇپان بالاسىدىن كېيىن قۇرۇغلۇقنى تېپىپ، كېمىدىكى نەرسىلەرنى قۇرۇغلۇققا چۈشۈرۈش جەريانىدا، مەلئۇن ئۈزۈمنىڭ ئۇرۇغىنى ئوغۇرلىۋاپتۇ. ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىش جەريانىدا، ئۈزۈم ئۇرۇغىنىڭ يۇقالغانلىقى بايقىلىپتۇ. نوھ ئەلەيھەسسالام ئۈزۈم ئۇرۇغىنى كىمنىڭ ئوغۇرلىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىكەن مەلئۇن: «ئۈزۈمنىڭ ئۇرۇغى مەندە، بىر شەرتىمگە كۆنسەڭ ئۇرۇغنى بىرىمەن» دەپ تۇرىۋاپتۇ. نوھ ئەلەيھەسسالام: «قانداق شەرت؟» دەپ سورىغان ئىكەن، مەلئۇن: «ئۈزۈمنى تېرىغاندىن كېيىن، ئۈزۈم تېلىنىڭ ئۈچ قېتىملىق سۈيىنى مەن سوغۇرىمەن» دەپتۇ. نوھ ئەلەيھەسسالام مەلئۇننىڭ شەرتىگە كۆنۈپتۇ. مەلئۇن ئۈزۈم تېلىنى بىرىنچى قېتىم تۈلكىنىڭ قېنىدا، ئىككىنچى قېتىم يولۋاسنىڭ قېنىدا، ئۈچۈنچى قېتىم چوچقىنىڭ قېنىدا سوغۇرۇپتۇ. ئۈزۈم تېلى ئۇدا ئۈچ قېتىم قاندا سوغۇرۇلغاچقا، مىۋىسى قاننىڭ رەڭگىدە قىزىل پىشىدىغان، شەربىتىمۇ قاننىڭ رەڭگىدە قىزىل چىقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۈزۈم تېلىغا مەلئۇن پەرۋىش قىلغاچقا، كېيىن ئۈزۈمدىن ھاراق ئىشلەش پەيدا بولۇپتۇ. شۇڭا ھاراق ئىچكەنلەرنىڭ كەيپى قېنىدا سوغۇرۇلغان ھايۋانلارنىڭ مىجەزىگە تارتىدىكەن. ئۈزۈم تېلى دەسلاپ تۈلكىنىڭ قېنىدا سوغۇرۇلغاچقا، كەيىپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىچكەنلەر تۈلكىدەك ھىلىگەرلىشىپ، باشقىلارغا كۆڭلىنى ئىزھارقىلىپ، دوست بولۇپ كېتىدىكەن. ئىككىنچى قېتىم يولۋاسنىڭ قېنىدا سوغۇرۇلغاچقا، كەيىپ ئىككىنچى باسقۇچقا يەتكەندە ئىچكەنلەر يولۋاستەك مەرتلىشىپ، چاپىنى گۆرەي قويۇپ ھاراق ئالىدىغان بولۇپ كېتىدىكەن. ئۈچۈنچى قېتىم چوچقىنىڭ قېنىدا سوغۇرۇلغاچقا، كەيىپ ئۈچۈنچى باسقۇچقا يەتكەندە، ئىچكەنلەر چوچقىدەك مەينەتلىشىپ، قۇسۇپ، قۇسۇقىغا مىلىنىپ رەسۋا بولىدىكەن.

ساز قانداق پەيدا بولغان؟


خۇدا ئادەمنى لايدىن ياساپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا جان ئاتا قىلىپتۇ. لېكىن جان: «ئادەمنىڭ ئىچى بەك قاراڭغۇ ئىكەن، مەن قورقىمەن» دەپ، ئادەم تىنىگە كىرگىلى ئۇنىماپتۇ. بۇ چاغدا شەيتان قۇناق پاسىرىدىن غىجەك ياساپ، ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىپ چالغان ئىكەن، ساز ئاۋازى سىرتقا ئاڭلىنىپتۇ. پەرىشتە- مالائىكىلەر: «ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئادەمنىڭ تىنى ئىچىدىمۇ يەنە باشقا جانلىقلارمۇ بار، ھەرگىز قورقمىغىن» ،دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن جان ئادەم تىنىگە كىرىپتۇ. ساز شەيتاننىڭ ئىجادىيىتى بولغاچقا، ئۇنى چېلىش يامان ئىش ئىكەن. لېكىن جان ساز ئاۋازىغا ئالدىنىپ، ئادەم تىنىگە كىرگەچكە، ئادەم سازغا ئامراق ئىكەن. ساز ئاڭلىسا ئادەمنىڭ جېنى يايراپ كېتىشىدىكى سەۋەپ شۇ ئىكەن.

داپ


سۇلايمان ئەلەيھىسسالام دۇنيادىكى جىمى جانلىقلارنىڭ پادىشاھى ئىكەن. لېكىن دىۋىلەر ھەمىشە يىراقلارغا كېتىۋېلىپ، لازىم بولغاندا چاقىرىپ كەلگىلى بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئەلەيھىسسالام دىۋىلەرنى باشقۇرۇش ۋە چاقىرىش ئۈچۈن داپنى ئىجات قىلىپ ئىشلەتكەن ئىكەن. داپ شۇ چاغدا پەيدا بولغان ئىكەن.


ئادەم توغرىسىدا
دۇنيادا ئەر كۆپمۇ ئايالمۇ؟


بىر كۈنى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى دەريا بويىغا كىر يۇيۇشقا بارماقچى بولۇپ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا دەپتۇ: «مەن كىر يۇغىلى بارىمەن. لېكىن سىرتتا ئاپتاپ بەك كۈچلۈك ئىكەن. ئاپتاپتا كۆيۈپ كىتىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. سىز جىمى جانلىقلارنىڭ ئۇلۇغ پادىشاھى بولغاندىكىن، جىمى قۇشلارغا پەرمان قىلسىڭىز، مەن كىر يۇيۇپ بولغۇچە قۇشلار ھاۋادا تۇرۇپ، ماڭا سايىۋەن بولۇپ، ئاپتاپنى توساپ بەرسە». سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئايالىنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلۇپ، جىمى قۇشلارغا ئاپتاپنى توسۇش توغرىسىدا پەرمان قىپتۇ. ھەممە قۇشلار تولۇق كەپتۇ، لېكىن بىر سۇندۇكلا كەلمەپتۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام سۇندۇكنىڭ ئۆز پەرمانىغا قۇلاق سالمىغانلىقىدىن قاتتىق خاپا بولۇپتۇ. كىر يۇيۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام باشقا قۇشلارنى بۇيرۇپ، سۇندۇكنى چاقىرتىپ كەپتۇ ۋە سوراق قىپتۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام: «سەن نىمىشقا پەرمانىمغا خىلاپلىق قىلىپ، سايا چۈشۈرۈشكە كەلمەيسەن؟» دەپ سوراپتۇ. سۇندۇك: «مەن پەرماننى ئاڭلاپلا يولغا چىققان، لېكىن يول بويى دۇنيادا ئەرلەر كۆپمۇ، ئاياللارمۇ؟ دىگەننى ئايرىيمەن دەپ، ئادەم ساناپ يۈرۈپ، كېچىكىپ قاپتىمەن» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام سۇندۇكنىڭ گېپىگە قىزىقىپ: «ئېيتە، ئاياللار كۆپمىكەن، ئەرلەرمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. سۇندۇك قىلچە ئىككىلەنمەي: «سان جەھەتتە تەڭلىشىپ قالىدىكەن، لېكىن ئەمەلدە ئاياللار كۆپ ئىكەن» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ھەيران بولۇپ: «نىمىشقا» دەپ سوراپتۇ. سۇندۇك: «چۈنكى ئاياللارمۇ ئايال، ئايالىنىڭ كەينىگە كىرگەن ئەرلەرمۇ ئايال» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام سۇندۇكنىڭ مەقسىدىنى چۈشۈنۈپ: «سەن نىمە دەپ ماڭا ھاقارەت قىلىسەن؟» دەپ سوراپتۇ. سۇندۇك: «ئويلاپ كۆرسىلە شاھىم، سىلىنىڭ پەرمانلىرى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئۈستىگە سايا چۈشۈرگىلى كەلگەن قۇشلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۇۋىسىدا تۇخۇملىرى بار. تۇخۇملار قۇشلارنىڭ بېسىشىغا، باشقا ھايۋانلرنىڭ يەپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا مۇھتاج. نۇرغۇن قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىدا ئۇچۇم بولمىغان بالىلىرى بار. ئۇلار ئاتا- ئانىسىنىڭ دان تېپىپ بىرىشىگە، باشقا ھايۋانلارنىڭ يەپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا مۇھتاج. شۇنداق تۇرۇپ، سىلى ئاياللىرىنىڭ كىر يۇيۇشىدەك كىچىك ئىشى ئۈچۈن ئۇۋىلاردىكى چۆجىلەرنى ئاچ قويۇشقا، تۇخۇملارنى خەۋىپتە قويۇشقا ماقۇل بولسىلا، ئېيتسىلا، سىلى ئەرمىكەن ئايالمۇ؟» دەپتۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ، جىمى قۇشلاردىن ئەپۇ سوراپتۇ.

بۇغدىيەك


ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتە سەيلە- ساياھەت قىلىۋاتقاندا، شەيتان ئۇلارنى بۇغداي دەرىخىنىڭ مىۋىسىدىن يەپ بېقىشقا ۋەسۋەسىگە سېلىپ، ئازدۇرۇپتۇ. ئۇلار بۇغداي دەرىخىنىڭ مىۋىسىدىن ئۈزۈپ ئاغزىغا ساپتۇ. بۇ چاغدا ئالا تائالا جىبرىئىلنى ئۇلارنى مىۋە يىيىشتىن توساپ قېلىشقا ئىبەرتىپتۇ. جىبرىئىل كېلىپلا ھەر ئىككىسىنىڭ گېلىدىن سىقىۋاپتۇ. مىۋە ئادەم ئاتىنىڭ گېلىغىلا تۇرۇپ قاپتۇ. لېكىن ھاۋا ئانا ئاللىقاچان يۇتۇۋەتكەن ئىكەن. شۇڭا ئەرلەرنىڭ گېلىدا بۇغدىيەك (خېخىرتەك) پەيدا بولۇپتۇ. ئاياللارنىڭ نەپسىنىڭ يامانلىقى شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.

سۆيگۈ مۇھەببەت


ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتە يىيىش چەكلەنگەن بۇغداي دەرىخىنىڭ مىۋىسىنى يەپ قويغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىپ يەر يۈزىگە تاشلىنىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى مەغرىپكە، بىر مەشرىقكە تاشلانغاندىن كېيىن، بىرسى بىرسىنى سېغىنىپ، ۋىسال تەشناقىدا بىر بىرىنى ئىزدەپ، بىر بىرىنى چاقىرىپ، جۇدالىق ئوتىدا كۆيۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەر ئاياللار ئوتتۇرۇسىدىكى سۆيگۈ مۇھەببەت پەيدا بولغان ئىكەن.

تىل


ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا بىر بىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، يەر يۈزىدە بىرگە ياشاپتۇ ۋە 40 پەرزەنتلىك بولۇپتۇ. بالىلىرى چوڭ بولغاندىن كېيىن بىرسى بىرسى بىلەن چىقىشالماي، كۈندە جەڭگى جىدەل قىلىپ، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىغا زادىلا ئاراملىق بەرمەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئاتا ئاللاتائالادىن ئۇلارنى بىرىنىڭ گېپىنى بىرى ئۇقالمايدىغان قىلىپ بىرىشنى تىلەپتۇ. ئاللاتائالا ئادەم ئاتىنىڭ تىلىكىنى ئىجاۋەت قىلىپ، 40 بالىنى 40 خىل تىلدا سۆزلەيدىغان قىلىۋېتىپتۇ. دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ بىر بىرىگە ئوخشىماسلىقى شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.

تىزنىڭ ئىسسىماسلىقى


ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا بىرى مەغرىپكە، بىر مەشرىقكە تاشلانغاندىن كېيىن، ۋىسال تەشناقىدا بىر بىرىنى ئىزدەپ، مىڭ بىر جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئاخىر قارا قۇرۇم تاغلىرىدا ئۇچرۇشۇپ، ئۆزلىرىنى تۇتالماي مۇز ئۈستىدىلا ۋىسال تەشنالىقىنى قاندۇرۇپتۇ. ئاياللارنىڭ قاسىسى، ئەرلەرنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن تىزى ئىسسىماسلىق شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.

ئاتا- ئانا مىھرى


ئاللاتائالا ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنى يارىتىپ، كېيىن ئۇلارنى پەرزەنتلىك قىلىپتۇ. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىگە بەكمۇ ئامراق ئىكەن. ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان مىھرى مۇھەببىتى شۇنىڭدىن پەيدا بولۇپ، ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ. لېكىن ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ئاتا- ئانىسى بولمىغاچقا، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىغا بولغان مىھرى مۇھەببىتى ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان مىھرى
مۇھەببىتىدەك كۈچلۈك بولماسلىقى شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن. شۇڭا كونىلار «مەن كۈيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر
بالىسىغا» دەپتىكەن.




مەنبە : http://keriye.com/kurux.asp?id=752


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئىدىرىسجان + 100 نادىر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئـــەي ئــــەزىز كـېـرىـيـە! قـۇمـغـا يـەم بـولـۇش سـېنـىڭ قـىسـمـىتـىڭـمـىدى؟

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 05:55:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنى يۇرتقا تېزراق قايتسۇن دەيسەنغۇ ھە سەن  [s:163]

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 06:01:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئېسىل تېمىغا كىرىدىغان ئادەمنىڭ سانى چەكلىك............
خەلق ئەپسانە رىۋايەتلىرى بولسا شۇ خەلقنىڭ نەچچە يۈز يىللىق مەدەنىيىتىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.......

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 06:08:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز تۇلۇق يوللاپسىز ...ياخشى قىپسىز...ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18458
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10678 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 06:29:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە     بىلىۋالدىم ..

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م
ئىدىرىس بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 09:31:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71016
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3795
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 518 سائەت
تىزىم: 2011-12-19
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 06:18:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي،كېيىلىقمۇ نېمە بۇ تېمىنىڭ ئىگىسى؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش