



ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن بازاردىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ زور ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي فۇنكسىيىسىنى ئىستىخىيىلىك ھالدا تونۇپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن. بازار ئېڭىنى ‹‹ئاناڭ بازار، داداڭ بازار›› دېگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغان. بۇ گەپنى ئوبدان تەھلىل قىلساق، ئۇنىڭدىن ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي قانۇنىيەت، بازار مېخانىزمى، بازار ئارقىلىق تەڭشەش، قىسقىسى بازار ئىگىلىكى دېگەن ئۇقۇملارنىڭ مەنىسى چىقىپ تۇرىدۇ. ‹‹كاجنى بازار ئوڭشايدۇ›› دىن ئىقتىسادىي رىقابەتنىڭ كۈچى ۋە رولىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بازار ئېڭى ۋە بازار مەدەنىيىتىنى كەڭ جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ‹‹بازار ئىگىلىكى ›› دېگەن ئەسلى ئۇيغۇرلارغا يېڭى نەرسە ئەمەس، پەقەت نەزەرىيەلەشمىگەن ياكى ھازىرقى زامان ئۇقۇمى ۋە فورمىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن، خالاس. شۇڭا ئۇنى ھازىرقى زامان بازار ئېڭى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش، يېڭى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملار بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش مىللىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جۈملىدىن ئۇنى ھازىرقى زامان بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈشتە، ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بازار ساياھەتچىلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ قەشقەر، تۇرپان، يەركەن، كۇچا، خوتەن قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە گۈللىنىشكە باشلىغان مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ- ئادەت ساياھەتچىلىكنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىۋاتقان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە، چەت ئەللىك ۋە ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقىنى دەل ئۆزگىچە بازار مەنزىرىسىنى كۆرۈش ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بولماقتا. مەسىلەن، قەشقەردىكى ‹‹يېڭى بازار›› (يەنى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى)نى ئالساق، ھەريىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ بازارغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭدىن ئاشىدۇ. مەخسۇس شۇنداق ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مال ساتىدىغان تىجارەتچىلەر، شۇنداقلا مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن سېتىلىدىغان ئېسىل بۇيۇملار مەزكۇر بازارنىڭ ئەڭ مەركىزىدىن، ئەڭ كۆرۈنەرلىك جايىدىن ئورۇن ئالغان. چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ناھىيە بازارلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا قىلغان ساياھىتىدىمۇ ئاساسلىق قىلىپ كۆرىدىغىنى يەنىلا ‹‹چاھار بازار››لاردىن ئىبارەت.
ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بازار مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى بازار مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە يىغقان بولۇپ، ئۇيغۇر بازارلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ۋە خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشتە بېسىلغان چوڭ بىر قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر بۇ بازار ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئاۋات، قايناق بولغان سودا نۇقتىسىلا ئەمەس، بەلكى بىردىنبىر چوڭ ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بۇ شىنجاڭدىكى بازار ساياھەتچىلىكىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن بېشارەت بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. قىسقىسى، ئۇيغۇر بازار مەدەنىيىتىنى سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ئورنىدىن ياخشى پايدىلىنىش زۆرۈر.

ئۇيغۇر بازارلىرى
(مۇخەممەس)
جاھاننى مەھلىيا ئەتكەن گۈزەل، قايناق بازارىم بار،
ھاياتنىڭ لەززىتى، كۆركى، نۇرى چاقناق بازارىم بار،
قاچان كەلسەڭ تەلەپلەر ھەل، كۈيى ياڭراق بازارىم بار،
جىمىي قوۋم-ئەلگە نەپ بەرگەن ئاۋات-قۇۋناق بازارىم بار،
چېۋەر ئۇيغۇرغا خاس، يەكتا قىززىق شۇنداق بازارىم بار.

قەدىم كارۋان بۈيۈك دەيمىز، ئاۋۋال چالغان گۈدۈك دەيمىز،
تاۋار ئىشقىدا يانغانلار دىلى ئۆچمەس كۆيۈك دەيمىز،
جاھانساز سودىگەر دوستلار ئەزەلدىنلا كۆنۈك دەيمىز،
شۇڭا ئۇيغۇر بازارىدا تىرىلگەي ھەم ئۆلۈك دەيمىز!
خېرىدار بارچە مىللەتلەر ھامان ئامراق بازارىم بار...

يېپەك، شايى، گىلەم، ئەتلەس بولۇپ داڭلىق، ئېسىل ماركا،
يەنە قاشتاش، مەدەنلەردىن تونۇلدۇق نام ئېلىپ كاتتا،
تېبابەت بىزدە بىر گۆھەر، تېپىلماس ھېچقاچان ياتتا،
تەۋەررۈك قول ھۈنەر-سەنئەت يۈرەكلەرنى قويار ئوتتا،
تەۋەللۇت مەرىپەتلەرگە ئاداش-قوشماق بازارىم بار.

شەھەر دەمسەن، يېزا دەمسەن، بۇ يۇرتلاردا بازار چەندان،
تاپالايسەن بازار-رەستە، قەيەردە بالقىساڭ ھەرئان،
ھۈنەرۋەندە ئۇدۇم سېھرى پەرىزاتنى قىلار ھەيران،
ئالارمەندەك ساتارمەن كۆپ، قىلار بۇلبۇلسىمان خەندان،
ئېچىلغان خەلقئارالىق ھەم يېزا-ئايماق بازارىم بار.

ئەجىر-تەرىدە دېھقاننىڭ، بازار توققۇزى تەل دائىم،
كېۋەز، ئاشلىق، مېۋە-چېۋە بىلەن تۇرمۇش ھەسەل دائىم،
كېلىپ توپ-توپ سېمىز چارۋا بازار باغرىدا سەل دائىم،
كېڭەش، سودا-سېتىقلاردا ئاۋام كۈتكىنى دەل دائىم،
جېنىڭغا جان، تېنىڭگە كۈچ، يېشىل يايلاق بازارىم بار.

ھۈنەرۋەن، ھۆپىگەر، كاسىپ خېرىدار چاقىرار ھەردەم،
پولۇ، لەغمەن، كۆچە، شويلا، چۆچۈرە... ئەل ئۈچۈن زەمزەم،
كاۋاپ، پەرمۇدە، گۆشگىردە، توقاچلاردا ئاجايىپ تەم،
ئېچىل داستىخېنىم، تەييار، توخۇ سۈتى ئەمەستۇر كەم،
ئوماچ تارتامدۇ دىل ياكى ھېسىپ، قورداق، بازارىم بار.

قۇرۇق يىمىش، ئىچىملىك مول قەدىمدىن بىزگە ئۇلاشقان،
پەسىللەرگە مۇناسىپ بوزا، مەيزاپ خويمۇ قاملاشقان،
زەبىب، سىركە، مۇسەللەسلەر سورۇنلاردا ئومۇملاشقان،
ھايات پەيزى سۈرۈپ دوستلار ئارامگاھلاردا مۇڭداشقان،
ياشارتار جان راخاپ، قاردا، قېتىق-قايماق، بازارىم بار.

چىمەن باغرىدا ياڭرايدۇ دۇتار، تەمبۈر، راۋاب، داپ...ساز،
مۇقام ئەۋجىدە ئادەملىك، شۇ كۈيدە قىش، باھار، كۈز، ياز...
تالاشسا ئىت، ئۈسۈشكە قوي-كالا، بەسلەشسە ئۆردەك-غاز،
چۈشەر بەيگىگە مەرگەنلەر، سامادا ئۇچىدۇ دارۋاز،
كۆڭۈللەر خائىشى مەشرەپ، ھەزىل-چاقچاق، بازارىم بار.

كىتاب-ژۇرنال تۈرى ئەلۋەك دېڭىزدۇر، تەرك ئېتەلمەيسەن،
كىرىپ قالساڭ دۇكانلارغا، كۆرۈپ، ئالماي كېتەلمەيسەن؛
ئېسىل رەختى كىيىملەر سېھرىگە دەرھال يېتەلمەيسەن،
دەرەم بولمىسا يانچۇقتا، ئۇنى سىيلاپ-چېكەلمەيسەن،
ئەقىللەر مۈلكىدە يانغان گويا چاقماق بازارىم بار.

ئەزىز خەلقىم قولى گۈلدۇر، تۆكۈپ تەر، تالمىدى ئەسلا،
بازارغا سالمىدى مالنى، ھېچ ئۆزىنى سالمىدى ئەسلا،
ھالاللىقنى قەدىرلەرپ چىڭ، ھارام يول ئالمىدى ئەسلا،
دىيانەت ئىلكىدە كۆكلەپ، مازاققا قالمىدى ئەسلا،
تىجارەتتە مىزان بولغان ئەدەب-ئەخلاق بازارىم بار.

چېچەكلەيدۇ بازار ھەركۈن يېزا-قىشلاقتا زىننەتتە،
تۈمەن مىڭ مېۋىسى مېھنەت قىيام باغلايدۇ نۇسرەتتە،
بازار ئەلنىڭ تويى گويا، قوشۇن تارتىدۇ سۆلەتتە،
بازار ئادىل باھالايدۇ كىشى ئەجرىنى ئەلۋەتتە،
سېتىق-سودا ئاقار دەريا-ئېقىن، ئويناق بازارىم بار.

ئەيا ئەھلى جاھان، بىزنىڭكىدەك ھەيۋەت بازار بارمۇ؟
كامالەت بابىنى پۈتكەن ھۈنەر-سەنئەت، بازار بارمۇ؟
ھۇرۇن -يالقاۋنى ئەمگەككە قىلار دەۋەت بازار بارمۇ؟
ھالال مېھنەت بىلەن قۇچقان بەخت-نۇسرەت، بازار بارمۇ؟
تېرەن يىلتىزلىغان توغراقسىمان ئويغاق بازارىم بار...



