خوش دېدىم ئاخىرى قېرىنداشلارغا..
ئىجادىي ئەسەر دەپ يازدىم كۆپ ئەسەر،
گاھىدا شېئىرنى، گاھى باشقىنى.
قايسىسى ياخشىدۇ، قايسىسى ناچار،
بىلمەيمەن (نائېنىق ماڭا ھەممىسى)
تور دېگەن تۇتاشقان دۇنيا چېتىگە،
كۆرىدۇ كۆپ ئادەم ئولتۇرۇپ ئۆيدە.
(بىلسىلا ئۇيغۇرچە يىزىق تىلىنى،
كۆرىدۇ يازغاننى ھەر قايسى ئەلدە)
ئىجادىي ئەسەر دەپ يازغانلىرىمنى،
باقسام مەن قايتا بىر ۋاراقلاپ كۆرۈپ.
مىللىتىم ۋارىسى بولغانلىرى يوق،
ھېس قىلىپ مەن بۇنى كەتتىم ئۇيۇلۇپ.
ئەسلىدىم قانچە رەت ئۆتكەن ئەجدادنى،
(قولىغا قەلەمنى قورال قىلغاننى)
ئاجايىپ پاساھەت ئىجادىي بىلەن،
دۇنيانى زىلزىلگە سالغانلىرىنى.
يۈزۈمگە قىزىللىق تەپتى مۇشۇ دەم،
تۆت قۇر خەت يېزىپلا شېئىر دەپ يۈردۈم.
ئەجداتلار، ئۇستازلار ئىزىنى كۆرۈپ،
ئۆزۈمنى ئەرزىمەس بەندە دەپ كۆردۈم.
يازمامدا كىملەرگە زوق بەردىم،يەنە
كىملەرنى رەنجىتتىم بىلمەيمەن ئەسلا.
كەچۈرۈم سوراشتىن باشقا ئامال يوق،
قەلەمنى توختىتىش تاللاشكان ماڭا.
خەير خوش دېگۈم بار دوستلارغا بۈگۈن،
مۇنبەرنى قالدۇرۇپ شاش يىگىت، قىزغا.
قەلىمى كۈچلەنگەن شائىر، شائىرە،
ئىجاتچان يازغۇچى ئەزىز دوستلارغا.
مەنبە: نۇر65