مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 692|ئىنكاس: 4

ئونسۇ  ناھىيىسىنىڭ مەمۇرى رايۇنلارغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 07:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئونسۇ  ناھىيىسىنىڭ مەمۇرى رايۇنلارغا بۆلىنىش تارىخى

ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىسى بىر بازار 9 يېزىغا ئايرىلغان. بىر بازار ئونسۇ بازىرى، تۇخۇلا، ئارال، جام، چاغراق، تۇمشۇق، قىزىل، گۈلئاۋات، ئىشلەمچى، بۆزدۆڭ قىرغىز مىللى يېزىسى، ئۇنىڭدىن باشقا يەرلىك دۆلەت ئىگلىكىدىكى 12 دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق فىرمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار.

تۇخۇلا يېزىسى:   تۇخۇلا يېزىسى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بۇلۇپ، 1950- يىلى 8- ئايدا ئىككىگە بۆلۈنگەن. 1958-يىل 10- ئايدا خەلىق گۇڭشى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 11- ئايدا ئونسۇ بازرىغا قۇشۇۋېتىلگەن، 1962- يىلى 5- ئايدا تۇخۇلا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىلگىرى كېيىن مەملىكەت، ئاپتونۇم رايۇن تەرپىدىن يېزا كەنىتتىكى ئىلغار كولىكتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كولىكتىپ، مول ھوسۇل ئېلىشتىكى ئىلغار كولىكىتپ بۇلۇپ كەلدى.

تۇمشۇق يېزىسى:   تۇمشۇق يېزىسى ئونسۇنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ، 1950 –يىلى 3 رايۇنغا ئايرىلغان. 1958- يىل ئاقسۇ ناھىيىسى 8 رايۇنغا ئايرىلغان. شۇ يىلى تۇمشۇق تەڭرىتاغ خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان، 1960- يىل شېىىل چوڭ ئەترىتى ساۋابچى فىرمىسىنىڭ باشقۇرىشىغا ئايرىلغان، 1962- يىلى ئونسۇ ناھىيىسىگە تەۋە تۇمشۇق يېزىسى خەلق گۇڭشىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. داخان، باغچا رايۇندىن ئىبارەت 2 ئەترەت ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ باشقۇرىشىغا ئايرىلغان، 1966- يىلى ئويتېتر چوڭ ئەترىتى يېزا ئىگىلىك 1-دېۋىزىيىنىڭ 8-مەيدانغا ئايرىلغان. (ھازىر 1- دېۋىزىيە 4- تۈەن).

1972- يىلى شېخىل چوڭ ئەترىتى ساۋابچى فىرمىغا ئايرىلغان، 1984- يىلى 5- ئايدا خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.

ئارال يېزىسى:   ئارال يېزىسى ئونسۇنىڭ غەربى جەنۇبقا جايلاشقان. ئارال يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئارال «» دېگەن مەنىسى بار. 1950- يىلى 4 رايۇنغا ئايرىلغان. 1954- يىلى چاغراق ئايرىلىپ چىققان، 8-رايۇنغا ئۆزگەرتىلگەن. 1957- يىلى 8- رايۇن 4- رايۇنغا قۇشۇۋېتىلگەن، 1958- يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ 7- رايۇنىغا ئۆزگەرتىلگەن، 1958- يىلى 10- ئايدا ئارال يېزىسى خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1962- يىلى ئونسۇ ناھىيسى ئارال يېزىسى خەلق گۇڭشىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1966- يىل جىگدە، دەپتەر، سۇ ياقىسى، دېھقانلار، قارا دۆۋە قاتارلىق بەش ئەترەت ناھىيىلىك شالچىلىق 2- مەيدانى قىلىپ تەشكىللەنگەن. 1980- يىل چاغراق، قارسا، ياقئېرىق قاتارلىق ئۈچ ئەترەن يېڭىدىن قۇرۇلغان چاغراق گۇڭشىسىگە قۇشۇلغان، 1984- يىلى 5- ئايدا ئارال يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.

چاغراق يېزىسى: چاغراق يېزىسى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. غەربى ۋە جەنۇب تەرىپى ئارال بىلەن چىگىرداش، شەرقى تۇخۇلا يېزىسى ۋە شالچىلىق مەيدان بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى جىگدە فىرما بىلەن تۇتىشىدۇ، چاغراق ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان. 1980- يىل ناھىيىلىك شالچىلىق 2- مەيدان ئاساسىدا  ئارال گۇڭشىسىنىڭ 3 ئەترىتى قۇشۇۋېتىلگەن، چاغراق گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1984- يىلى 5- ئايدا چاغراق يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.

ئىشلەمچى يېزىسى: ئىشلەمچى يېزىسى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ شەرقى قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقى تەرىپى جام يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربى تەرىپى قىزىل بايراق دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە تەجرىبە ئورمان مەيدان بىلەن چىگىرداش، جەنۇبى قىزىل يېزىسى بىلەن چىگىرداش، شىمالى تەرىپى تاغلاق فىرما بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئىشلەمچى يېزىسى ئۇيغۇر تىلىدا «تىرىشچان ئەمگەكچى» دېگەن مەندە، 1949- يىلدىن ئىلگىرى خەلققە تەۋە يېزا باشقۇرۇشىدا بولغان. 1950- يىلى جام رايۇنىغا تەۋەن تۈمەن يېزىسى باشقۇرغان، 1954- يىلى يەتتە رايۇنغا ئايرىلغان. 1957- يىلى جام يېزىسى بىلەن ئىشلەمچى رايۇنى قۇشۇۋېتىلگەن، 1958-يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ 9- رايۇنى بولغان، شۇ يىلى جام شەرقى شامىلى خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1984- يىلى جام گۇڭشىسىنىڭ 11 چوڭ ئەترىتى قۇشۇلۇپ، ئىشلەمچى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بۇلۇپ قۇرۇلغان.

جام يېزىسى: جام يېزىسىنىڭ ئورنى لىيەنخېگۈەن رايۇنى ساھىلىدا. شەرقى 1- دېۋىزىيىسىنىڭ 5- تۈەنى بىلەن قوشنا. غەربى ئىشلەمچى، جەنۇبى قىزىل يېزىسى، جام ئورمانچىلىق مەيدانى، ياشلار مەيدان بىلەن چىگىرلىنىدۇ. شىمالى تاغلاق فىرما ۋە بۆزدۆڭ مىللى قىرغىز يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

1949- يىلدىن ئىلگىرى خەلققە تەۋە يېزىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، 1950- يىلى 3- ئايدا بەش رايۇنغا بۆلۈنگەن، 1958- يىل 5- ئايدا ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ 9- رايۇنىغا ئايرىلغان، 10- ئايدا جام شەرق شامىلى خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان، 1959- يىل قارا يۇلغۇن چوڭ ئەترىتى يېزا ئىگىلىك 1- دېۋىزىيىسىنىڭ غالىبىيەت 9- مەيدانىغا ئايرىلغان، (ھازىرقى 5- تۈەن). 1962- يىلى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ جام خەلق گۇڭشىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، 1984- يىلى جام يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.

قىزىل يېزىسى:   قىزىل يېزىسى ناھىيىمىزنىڭ شەرقى جەنۇبقا جايلاشقان. شەرقى ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى، گۈلئاۋات يېزىسى بىلەن چىگرىداش. جەنۇبى 1- دېۋىزيىسىنىڭ 6- تۈەنى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تەجرىبە ئورمان مەيدانى بىلەن تۇتىشىدۇ. قىزىل يېزىسى ئۇيغۇر تىلىدا «قىزىل رەڭ» دېگەن مەنىدە. 1950- يىلدىن ئىلگىرى خەلققە تەۋە يېزا باشقۇرۇشىدا بولغان، 1950- يىلى 3- ئايدا 6 رايۇنغا ئايرىلغان. 1958- يىلى 5- ئايدا ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ 10- رايۇنىغا ئۆزگەرتىلگەن. 10- ئايدا قىزىل ئاۋانگارت خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1962- يىل ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ قىزىل خەلق گۇڭشىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1984- يىلى 5- ئايدا قىزىل يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.

گۈلئاۋات يېزىسى: ناھىيىمىزنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ يېزا ئۇيغۇر تىلىدا «گۈللەنگەن گۈل، شەرەپلىك گۈل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1971- يىلى قىزىل گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1978- يىلى گۈلئاۋات خەلق گۇڭشىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1984- يىلى گۈلئاۋات يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.

بۆزدۆڭ مىللى قىرغىز يېزىسى: بۆزدۆڭ بولسا چارۋېچىلىقنى ئاساس قىلغان مىللى قىرغىز يېزىسى بۇلۇپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. 1950- يىلى 3- ئايدا جام يېزىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، 1958- يىلى بۆزدۆڭ پولات – تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولغان. (ھازىرقى ناھىيىلىك سېمنۇت زاۋۇتى). 1962- يىلى خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان، 1984- يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى قىرغىز مىللى يېزىسى قۇرۇلغان.

مەنبە: «ئونسۇ تەزكىرىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
دىلسار + 100
yalpuz0997 + 20 ياخشىمۇ سىز ،يۇرت تارخىنى بىلىش &nb

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 120   باھا خاتىرىسى

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

غەلبە ئۈچۈن چەكك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3227
يازما سانى: 2660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15690
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 10248 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 09:29:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانلاردىكى گەپ بۇ،ھازىر تۇمشۇق يېزىسى ئەمەس تۇمشۇق بازىرى دەيمىز.بۇنىڭغىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى

مايكول سىكوفيوت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1822
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9416
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6631 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 09:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەرىتىسى بولغان بولسا ئالامەت [s:166] بولاتتىدە.

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 1422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 11:07:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<ئونسۇ تەزكەرىسى >> 1999-يىل شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىىر قىلىنىپ ھازىرغىچە 10 يىلدىن ئاشتى،بۇ جەرياندا ئونسۇنىڭ مەمۇرى رايۇنلىرى ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىش بولدى  :ھازىر ئونسۇدا 5  بازار بار .مەسلەن :
قىزىل بازىرى،جام بازىرى ،ئارال بازىرى،تۇمشۇق بازىرى ۋ ە ئونسۇ بازىرى قاتارلىقلار .

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 04:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىم قىستۇرالمىدىم، بولمىسا رەسىمنىمۇ ئىزدەپ تېپىپ يوللايتىم ئەمەسمۇ

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش