مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1435|ئىنكاس: 15

كېرىيەدىكى ئۆرپ- ئادەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

☆☆しovのyou☆☆

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31213
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 03:52:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


1. قۇلاق تەشمە


  قۇلاق تىشىش: ئاساسەن قىزلارنىڭ 4-5 يېشىدا قۇلىقىنى تىشىدىغان ئادەت بۇلۇپ ، بۇ ئىسلام دىنى ئەقىدىچىلىگىنىڭ«سۈننەت» قىلىش كاتىگورىيىسىگە كىرمەيدۇ. قۇلاق تىشىش ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى شامان دىنى دەۋرىدە بۇددىسلارنىڭ ئادىتى ئىدى، ئۇيغۇرلار 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنمۇ بۇ ئادەت ئىسلام دىنى ئەقىدىسى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا ساقلىنىپ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن. دىمەك قۇلاق تىشىپ مونجاق سالىدىغان ئادەت ، خېلى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئادەت.ئلگىرى ئۇيغۇرلار قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشمەكچى بولسا ، بالىغا تۇخۇم پىشۇرۇپ تەييار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، بالىنى قۇلاق تىشىدىغان مەخسۇس ئادەم قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ناھايىتىمۇ ئۇچلۇق بولغان جىگدە شۇخىسى بىلەن ياكى مەخسۇس تەييار قىلغان ئالتۇن دىرەپشە قۇلاقنى بوش ئۇۋۇلاپ قېنىنى قاچۇرۇپ « پاس» قىلىپلا قۇلاقنى تىشەتتى. بالا يىغلىغان ھامان ئاغىزىغا تۇخۇم تىقىپ يىگۈزۈپ تۇرۇپ قۇلاقنىڭ تەشكەن جايىغا ئىشلىتىلمىگەن يەرلىك سۈپۈرگىنىڭ ياغىچىنى تىقىپ قۇياتتى . يېقىندىن بېرى ناھىيە مەركىزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا قۇلاقنى دۇختۇرلار تىشىدىغان ئادەت كىلىپ چىقتى . ئەمما سۈپۈرگىنىڭ ياغىچىنى تىقىپ قۇيۇش ئادىتى ئۆزگەرگىنى يوق.

  ئىلگىرى بىر ئائىلىدە بىر قىزنىڭ قۇلىقىنى تەشسە ، ئۇرۇق- تۇققان، قۇلۇم- قوشنا ، يېقىن- يۇرۇقلار كىرىپ مۇبارەكلەپ چىقاتتى. ئەمما« قۇلاق تەشمە توي» دەپ مەخسۇس باغاق يېزىپ ، مىھمان چاقىرىدىغان ئادەت يوق ئىدى. ئاتا-ئانىسى ،ئۇرۇق-تۇققان، يېقىن- يۇرۇقلار قۇشۇلۇپ ئاددى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلەتتى. شۇ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى قىزنىڭ قۇلىقىغا ئالتۇن ياكى كۈمۈش ، ئىشقىلىپ تاپقىنىغا بېقىپ مونجاق سېلىپ قۇياتتى. يېقىندىن بېرى «قۇلاق تەشمە توي» غا باغاق يېزىپ مەرىكىسىنى قىلىش كېريىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا پەيدا بولۇپ ، ھازىرمۇ ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۇمۇملاشقان ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. قىسقىسى ئۆرۈپ ئادەت ، ئالاھىدىلىك جەھەتتە يېڭى بىر خىل شەكىل قوشۇلۇپ ، ئاياللار باراۋەرلىگى ئېڭى كىچىكىدىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى .


  2.جۇۋان توي


  جۇۋان توي قىلىش ئادىتى كېرىيلىكلەردە ئاتەشپەرەسلىك دىنى دەۋرىدىن تارتىپ يېقىنقى مەزگىلگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئادەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ، جۇۋان توينى قىلىش ئاساسەن ئاياللار 32 ياشتىن 38 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى . جۇۋان توي قىلىش ئەرنىڭ ، ئايالىغا بولغان مىھرى -مۇھەببىتىنىڭ مەڭگۈ چىڭىپ بېرىشىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى جانلىق پاكىتى. شۇڭا جۇۋان توي قىلىشتا ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىغا جۇۋانچە كۆڭلەك ۋە پەرەنجە تەييار قىلدۇرۇپ ، پۈتۈن تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم-قوشنىلارنى چىللاپ چوڭ قازان ئېسىپ، ئايالنىڭ جۇۋان تويىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ.

  جۇۋان توي بولغان كۈنى ،جۇۋان توينى قىلغان ئايال ماڭلاي چېچىنى كەينىگە تاراپ ، چېچىنى ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە ئايرىپ، ئىرى تىكتۈرۈپ بەرگەن جۇۋانچە كۆڭلەك ئۈستىگە پەرەنجە كىيىپ ، ئاق ياغلىق چىگىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەلپەكنى قاداپ مىھمانلارنى خوشخۇيلۇق بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقان، قۇلۇم-قوشنىلارمۇ قۇرۇق كەلمەيدۇ.شوكۇم ئېلىپ كىلىدۇ. جۇۋان تۇيى بولغان ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېينىئانا-قېينىئاتىسى بالىسىنىڭ جۇۋان تويىغا ئاتاپ پەرەنجە، جۇۋانچە كۆڭلەك قۇيۇپ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆزىنىڭ ئاتىغانلىرىنى جۇۋان تويدا بىرىۋالىدۇ. جۇۋانچە كۆڭلەك ئاياللارنى جەزبىدارلىققا ۋە كۆركەملىككە ئىگە قىلىپ ، ئاياللارنى ئاجايىپ جەڭگىۋار ۋە لاتاپەتلىك تۈسكە ئىگە قىلىدۇ.

  جۇۋان توي كېرىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئۇرۇننى تۇتۇپ كەلگەن ئادەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇ ئاياللارنىڭ چوڭ بۇلۇپ قۇدىلىشىش باسقۇچىغا يەتكەنلىگىنى شەكىل جەھەتتىن يۇرۇتۇپ بىرىدىغان ۋە مىھرىبانلىقىنى ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى ئىدى . ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە جۇۋان توي تەدرىجى ئىستىمالدىن قېلىپ ، ھازىرغا كەلگەندە پەقەت قىلىنمايدىغان بۇلۇپ قالدى
.


مەنبە :
http://www.bilim-kuq.com/Mazmun.asp?id=5918


ئـــەي ئــــەزىز كـېـرىـيـە! قـۇمـغـا يـەم بـولـۇش سـېنـىڭ قـىسـمـىتـىڭـمـىدى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 04:43:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك شىۋىسى ئوخشىمىغان بىلەن، ئۆرىپ ئادىتىنىڭ ھەممىسى ئوخشايدۇ دىسەم، ئوخشىمايدىكەندە.

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 06:00:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېرىيەنىڭ ئۆزگىچىرەك كېلىدۇ ئادەتتە.

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

قۇرۇق گەپتىن ئاز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23747
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6950
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2012-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 06:55:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرى ئۆزگىچىدە....

ئۆز مىللىتىڭ ئۇيغۇردىن تانىدىغان بوپقالما، ئاتا-ئاناڭنى ھەم قاقشىتىدىغان بوپ قالما. دوسىت-يارىڭنىڭ كۆڭلىنى ئايا ساتما ۋىژداننى، ئەل ئاۋام ئارىسىدا پۇچۇق يارماق بوپ قالما.....دەمدەر

ﯪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﻘﯩﻠﺴﺎﯓ ﭘﺎﺧﺘﯩﻐﺎ، ﺋﯩﺸﻪﻛﺘ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24224
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6731
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 912 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 08:41:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arkayxemelatlarnegurupadatleryohxaxamc。

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 09:19:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭغا كەلگەنلەر خۇتەنگە كەلمىسە ، شىنجاڭنىڭ قەدىمى سىرىنى بىلەلمەيدۇ ،دىيىلگىنىدەك خۇتەنگە كەلگەنلەر كېرىيەگە كەلمىسە  ،خۇتەننىڭ قەدىمى سىرىنى بىلەلمەيدۇ . كىلىپ كۇرۇپ كىتىڭلار .ھازىر يېڭىلىق ھىساپلىنىپ كىشىلەرنى بىزار قىلىۋاتقان ئادەتلەرنىڭ ئىچىدە    كېرىيەرلىكلەرنىڭ  نۇرغۇن ئوزگىچە ئۆرۇپ ئادەتلىرى سىلەرنى سۇيۇندۇرگۇسى

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

دوستۇم ئالدىڭغا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19947
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7020
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 10:22:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىريەنىڭ بۇ ئۆرۇپ ئادىتىنى مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقىماپتىكەنمەن دىسە، لىكىن ئۇلارنىڭ جۇۋان تويىنى  كۇرگۇم بار . مىسرانىمدا كىرىيەلىك جۇۋانلار بولسا مىنىمۇ چاقىرىپ قويارسىلەر [s:138]  [s:138]  [s:138]

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 10:24:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت kmran كە 2010-12-29 10:22 PMئەۋەتىلدى :
كىريەنىڭ بۇ ئۆرۇپ ئادىتىنى مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقىماپتىكەنمەن دىسە، لىكىن ئۇلارنىڭ جۇۋان تويىنى  كۇرگۇم بار . مىسرانىمدا كىرىيەلىك جۇۋانلار بولسا مىنىمۇ چاقىرىپ قويارسىلەر [s:138]   [s:138]   [s:138]

  ئەمىسە چۇقۇم كىلىسىز جۇمۇ ،چاقىرسام .... مىنىڭمۇ جۇۋان تۇيۇم بولمىغان تېخى ....

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

دوستۇم ئالدىڭغا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19947
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7020
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 10:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدۇ ئەمسە كىلىشتۇق ، بايام مىسرانىمدا يەنە بىر يەرنى كۇردۇم "كىرىيە دەرياسى" ئۇ يەرنىمۇ بىر يوللار كۇرۇپ كىلەي دەيمەن ، ھامىنى بارغاندىن كىين  كىرىيەنىڭ ھەممە يەرنى كۆرۇپ كىلەي، ھاھاھاھاھا

ئۆزۈڭنى بىل .

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6568
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9444
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 10:35:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7-قەۋەت (kuzum) نىڭ يازمىسىغا

مېنىڭمۇ جۇۋان تويىنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ .

قىيىنچىلىق ئەينەك بولسا سەن ئۇنى يەڭگۈچى ئالماس بول .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش