مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2634|ئىنكاس: 38

ياتاقتىكى پاراڭلار _ «قۇشقاچ ئوۋلاش» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1319
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11079
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2010-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 12:54:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خۇداغا شۈكرى.ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم مېنى پاختىنىڭ ئارىسىدا چوغنى ساقلىغاندەك ساقلىدى. ئەتەراپىمدىكى كىشىلەر شۇنداق ناچار ئەخلاق قارىشى بىلەن ياشىسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ناچار خۇيى ماڭا يۇقمىدى. ئەكىسچە مېنىۇ ئۆز قىممەت قارىشىمنىڭ توغرىلىقىنى، ئۇلار ماڭغان يولنىڭ زەررىچىسى ئايىغىمغا يۇقسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر شەرمەندە كۈنگە قالىدىغانلىقىمنى. مىللىتىم ئارىسىدا بىر ئوغلان سۈپىتىدە مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ بەردى.



بىزنىڭ تۇرىۋاتقان بىنانىڭ 2-قەۋىتى قىزلار ياتىقى،3-قەۋەتتە بولسا بىز ئوغۇللار تۇراتتۇق. ئەمما كارىدورنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا 2ئېغىز قىزلار ياتىقى بارتى. شۇ ياتاقتىكى قىزلار ئۆز ياتىقغا قايتىش ئۈچۈن ھەممە ئوغۇللارنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى. شۇنداقلا كارىدوردا ئېىگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئاۋازى ئاڭلانسىلا ھەممە ياتاقتىن دىگۈدەك ئىسقىرتقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. بەزىدە ئىككىنجى قەۋەتتىكى قىزلار ئۆزى-بىلەن ئۆزى ئۈستىگە چىقىپ ئۇيان-بۇيان مىڭىپ قويۇپ چۈشۈپ كېتەتتى. ياتاقتىكى بالىلار بولسا ئۇلارنى ئۆزىنى بازارغا سالىدۇ دەپ پاراڭ سالاتتى. ئىشقىلىپ بۇ يەردىكى تۇرمۇش راستلا جىنىمغا تەككەن ئىدى. ھىچقايسىسىدا مىللىي ئەخلاق، غورۇر، ئىنسانىي غايە دىگەنلەر يوق ئىدى. تېخى بەزىدە ھاجەتخانىغا چىققۇچە ئىچكىيىم بىلەن يۈرگەن قىزلارنىمۇ ئۇچرىتاتتىم. ئۆزۈم ئوڭايسىزلىنىپ بىرقىسما بولۇپ كىتەتتىم.
شۇنداقلا ئوشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە خالمۇرات بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان، ھەم شۇ بىنادا تۇرىدىغان بىر قىزنى دوستلىرىنى ئېلىپ چىقىشقا كۆندۈرۈپتۇ. شۇ كۈنى ياتاقداشلىرىم ئۆزىنى ياساش بىلەن ئاۋارە. مەن بولسام بىپەرۋا، يەنە شۇ ئايىغى چىقماس كىتاپ قوينىدا.
-سەن چىقمامسەن؟ -پىچانلىق مەندىن سورىدى.
-ئۇنىڭغا لايىق قىز يوق-خالمۇرات ئورنۇمدا جاۋاب بەردى.-شۇنداققۇ ئاداش، ساڭا لايىق قىز ئۈرۈمچىدىن ئەمەس، يەر شارىدىنمۇ تېپىلمايدۇ. -ئۇ مەن بىلەن ئۇزۇن مەزگىل باردى-كەلدى قىلغاچ  مېنىڭ پىسخىكامنى چۈشىنەتتى.
مەن مىيىقىدا كۈلۈپ قويدۇم. ھايات ئىسراپچىلىقى!.
-قاندىغىنى قانداق قىلىمىز؟-شايارلىق ئاداش سورىدى.
ئاۋۋال تاماق يەيمىز. شۇ جەرياندا ھەرقايسىڭ ئۆزۈڭ نىشانلىغاننى گەپكە سىلىپ كەلتۈرىشىسەن. ئاندىن كەچتە ھەرقايسىمىز جۈپ بولۇپ. يولىمىزغا ماڭىمىز.-دېدى خالمۇرات.
ئۇلار چىقىپ كېتىشتى. ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز قالدىم. ھېلىقى ئۈچتۇرپانلىق بالا شۇ كۈنكى جىدەلدىن كىيىنلا باشقا ياتاققا چىقىپ كەتكەن ئىدى. دادام بەرگەن سىلاۋىيان يېزىقىدىكى <<تىياتىر ۋە ۋاقىت>> ناملىق كىتاپنى تەرجىمە قىلىشقا ۋاقىت چىقمىغان ئىدى. ئۇلار بۈگۈن يوق. بۇ پۇرسەت يەنە بار، يا يوق. شۇڭا قەدىرلەش كېرەك.
قاچاندا ئۇخلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ۋاراڭ-چۇرۇڭدا ئويغىنىپ كەتتىم. تېلفونىمنىڭ سائىتى 10:30نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇلار نېمىشقا قايتىپ كەلدى ھە؟
-نېمە؟ قۇشقاچلار دان يىمەمدىكىن؟-تەنە قىلىپ سورىدىم.
-قويغىنا ئاداش، دېكىسقا بارىمىز دەپ ۋەسلىمىزنى قۇرىتىۋەتتى. تامىقى بەك قىممەتكەن ئۇ يەرنىڭ. شۇنىڭ بىلەن ياتاق ئاچىدىغان پۇل يوق قايتىپ كەلدۇق.
كۈلكەم قىستاپ كەتتى.<<نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك!>>
-ئەتە قانداق قىلىشارمىز؟
-باشقا ساۋاقداشلاردىن پۇل سورايلى ئەمدى. ھەپتىگىچە بىر ۋاختىن تەييار چۆپ يىمىسەك بولمىدى. ھىلىمۇ ئۆيدىكىلەردىن ئالغان ئايلىق خىراجەتنى ئاينىڭ بىشىدىلا تۈگىتىپ، ئىككى قىتىم پۇل دېدىم.
-ئابدۇشۈكۈر، ئاداش ماڭا 10سوم بېرىپ تۇرۇڭلار، ئىككى كۈن جاھاندارچىلىق قىلىۋالاي-دېدى شىڭخالىق قۇربان.
ئۇنىڭغا پۇل بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئوۋ پائالىيىتى نەتىجىسى مەغلۇبىيەت بولدى.
ئىككى كۈندىن كىيىن مۇنداق بىر خەۋەر ئاڭلاندى. بىنانىڭ يىنىغا يېڭىدىن بىر تورخانا ئېچىلىپتىكەن، 3كۈنگىچە ھەقسىز ئوينىساق بولىدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ خالمۇراتنىڭ چىچىكى چاي بولدى.
-شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ قۇچقىچىنى ياتاققا ئېلىپ چىقىپ نۆۋەت بىلەن......
-ئاداش مەن كۈنبويى ئالدىراشچىلىقتا ھېرىپ كەتتىم. شۇڭا ئىككى كۈن ياتاقتا ئۇخلايمەن.
خالمۇرات داڭقىتىپ قالدى. بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ:
-بولدى، شۇ كۈنى مەن سرتتىن ياتاق ئېچىپ ئۆزۈم بىلگەننى قىلىمەن. ھەرقايسىڭ بىلەن كارىم يوق.-دېدى.
-ئابدۇشۈكۈر ئاداش، باشقا ياتاقتا ئۇخلىساڭلا بولمامدا؟
-2-قەۋەتكە چۈشەيما؟-ئۇنىڭدىن تەنە تەلەپپۇزدا سورىدىم. ئۇمۇ جىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى قېتىملىق ئوۋمۇ ئاخىرلاشتى. كىيىن ئۇلار قۇچقاچلىرىنى يۇڭداپ يىدىمۇ، ياكى مايىقىنى ئېلىپ ئوغۇت قىلدىمۇ بىلمىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ گەپمۇ ياتاقتا تىلغا ئېلىنمىدى.

شاھمەن،شاھزادىمەن غېمىم تۈگىمەس نەدىندۇر بۇ؟ چۈنكى غەم تۇرابىدىن بىنا بولغان بەندەدۇر بۇ.

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10122
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1745 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:08:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنى ھەممىسىنى ئوقۇدۇم .
ھەممىسى ئۆيدىن ئايرىلىپ يىراق يەرلەردە ياتاقتا يىتىپ ئوقىۋاتقان سىتۇدىنتلاردا ساقلىنىۋاتقان ناچار ئىللەت . ( دىمەكچى بولغۇنۇم پەقەت بىرقىسمى ) .

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !

ئۆستەڭ &nbs

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2353
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17017
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7444 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2014-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:11:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق قىلىقلار ھازىرقى ياشلار ئارىسىدا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا خالاغا ماڭغاندەك ،ئادەتكە ئايلاندى ،ئۇلار ئاشۇ قىلىقلىرى بىلەن باشقىلار ئالدىدا ماختىنىدۇ،باشقىلارغا كۆز-كۆزقىلىشىدۇ،خۇددى جەڭدىن غەلبە قۇچۇپ قايىتقان چەۋەندازلاردەك،،،،،،،،،،،،،،
ھەي بىچارە بايقۇشلار

تارىخ ھەممىگە گۇۋاھچى بولۇپ  بىرەلەيدۇ

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت مەھمۇد كە 2010-06-20 01:08 PMئەۋەتىلدى :
تىمىڭىزنى ھەممىسىنى ئوقۇدۇم .
ھەممىسى ئۆيدىن ئايرىلىپ يىراق يەرلەردە ياتاقتا يىتىپ ئوقىۋاتقان سىتۇدىنتلاردا ساقلىنىۋاتقان ناچار ئىللەت . ( دىمەكچى بولغۇنۇم پەقەت بىرقىسمى ) .

غورا-غورىنى كۆرسە ئالىيىپتۇ ، دېگەن بىر ئېغىز گەپ بولىدىغان .

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18466
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10680 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:21:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئاشۇلارنىڭ ئاتا -ئانىلىرىغا ئىچى ئاغرىمامدىغاندۇ  ...............

ھەي سۆزلىسەم گەپ جىق بولدى قىلاي ...........

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3429
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27290
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8356 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:32:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىزمىتىم بۈگۈن بەك ئالدىراش بولسىمۇ ياتاقتىكى پاراڭلار،دىگەن چاتما تىمىڭىزنى ۋاقىت چىقىپ تۇرۇپ كۆرىۋاتىمەن.توۋا...مىنىڭچە سىزگە ئۇ يەر ھەرگىز ماس كەلمەيدىكەن،ئەڭ ياخشىسى ئۇلاردىن ئايرىلىپ باشقا يەردە تۇرۇڭ،بۇ مىنىڭ سىزگە بىرىدىغان تەكلىۋىم! [s:24]
ئەمەلىيەتتىكى كارتىنىنىڭ نەق ئۆزىلا بار ئىكەن ئۇ يەردە!!!

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ھەرقانداق ئىش نى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 906
يازما سانى: 846
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10914
تۆھپە نۇمۇرى: 383
توردا: 4549 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2011-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:34:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خام سۈت ئەمگەن بەندىدە ،

مۇشۇنداق كىتىۋەرسە نىمە بۇلۇپ قالارمىز ھە كىيىن .
ھەي ...................................................

سۇغۇق شامال كەلدى ھايالسىز ،  ئۈمۈدلەرنى  ئەيلىدى خازان.             تۇزۇپ كەتتى ئىنساپ ئادەلەت ، مۇزدەك قۇچاق ئاچتى زىمىستان .

كىشى ئاخىر ئۆلۈپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22
يازما سانى: 1127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15549
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 3128 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:36:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئابدۇشۈكۈر دىگەن باش قەھرىمان تازا نورمال ئەر ئەمەستەك قىلىدۇ ....
كېيىن پۇشايمان قىلىدىغۇ كاساپەت !

دائىم بىر ھەرپ چۈشۈپ قالىدۇ ھە....

سەن سۆيگەننىڭ قۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2635
يازما سانى: 1673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12171
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1484 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:45:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەرنىڭ ياتاقتا ھەرخىل پاراڭلار بولىدىكەن ھە؟ سۈرىخان .
         ئەمىلىيەتتە بولاتقان ئىشلار دە بولمىسا ھەرگىزمۇ ئۇنداق ھەرخىل خىياللار كاللىغا كەلمەيتى .
      ھەممىسى مۇشۇ جەمىيەتتكى ئىشلار جەميەتىنى ئانداق مانداق دەپ نېمە دېگۈلۈك يەنىلا توۋا ئىنساپ بەرسۇن دەپ ياشاي جۇما   .

ئىدىرىس بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 02:10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش