دۆلەت بايرىقى
ئاساسلىق بايراملىرى: يېڭى يىل؛ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بالىلار بايرىمى؛ 23-ئاپرېل؛ ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى 19-ماي؛ غەلىبە بايرىمى: 30-ئاۋغۇست؛ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان كۈن: 29-ئۆكتەبىر (1923-يىلى)
دۆلەتنىڭ ئاساسلىق سىياسىتى
دۆلەت رەھبىرى: زۇڭتۇڭ ئابدۇللا گۈل، 2007-يىلى 8-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان؛ زۇڭلى رەجەپ تېيىپ ئەردوغان، 2003-يىلى 3-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، 2007-يىلى 7-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ھەققانىيەتچىلەر پارتىيىسى 7-ئايدا پارلامېنت سايلىمىدا يېڭىپ چىققان، 8-ئايدا زۇڭتۇڭ ئۇنىڭغا 16-نۆۋەتلىك يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىنى بەرگەن؛ بۈيۈك مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئېلى سايىن 2009-يىلى 8-ئايدا ۋەزىپىگە سايلانغان.
تەبىئىي جۇغراپىيىلىك شارائىتى
تۈركىيە زېمىنى ئاسىيا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قارا دېڭىز ئارىلىقىغا جايلاشقان. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 780 مىڭ 360 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ %98ى ئاسىيا قىتئەسىدىكى كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا ، %3ى ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان، شەرقتە ئىران، شەرقىي شىمالدا گرۇزىيە، ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي جەنۇبتا سۈرىيە، ئىراق بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربىي شىمالدا بۇلغارىيە، گرېتسىيە بىلەن، شىمالىدا قارا دېڭىز بار، غەرب ۋە غەربىي جەنۇبتا ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق سىپرۇس بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. بوسفور بوغۇزى ۋە داردانىل بوغۇزى، شۇنداقلا بۇ ئىككى بوغۇز ئوتتۇرىسىدىكى مارمارا دېڭىزى قارا دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىردىنبىر سۇ يولى بولۇپ، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7200 كىلومېتىر، قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2648 كىلومېتىر كېلىدۇ.
دۆلەت گىربى
يەر شەكلى: زېمىنىنىڭ شەرقى ئېگىز، غەربى پەس بولۇپ، كۆپ قىسمى ئېگىزلىك ۋە تاغلىق، پەقەت دېڭىزنى بويلىرىدىلا تار تۈزلەڭلىك بار. دېڭىز بويى رايونلىرى سۇبتروپىك بەلۋاغ ئوتتۇرا دېڭىز ھاۋا كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېگىزلىكلىرىدە تروپىك بەلۋاغ يايلاق كىلىماتى ۋە قۇملۇق كىلىماتىغا ئۆزگىرىدۇ. تېمپېراتۇرا پەرقى خېلى چوڭ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئايرىم ئايرىم ℃14 − ℃20 ۋە ℃4 − ℃18. يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى قارا دېڭىز قىرغاقلىرىدا 700—2500 مىللىمېتىر، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا 500—700 مىللىمېتىر، ئىچكى قۇرۇقلۇقتا 250—400 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ.
نوپۇسى: 72 مىليون 560 مىڭ ، تۈرك مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 80%تىن ئوشۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۇردلار، ئەرمەنلەر، ئەرەبلەر، گرېكلەر بار، كۇردلار تۈركىيىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، تۈركىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %15ىنى ئىگىلەيدۇ، %99 ئاھالە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى تۈرك تىلىمەمۇرىي رايونلىرى:
تۈركىيە مەمۇرىي رايونلىرى ئۆلكە، ناھىيە، يېزا، كەنتكە بۆلۈنىدۇ. مەملىكەت بويىچە 81 ئۆلكە، 600 ناھىيە، 36 مىڭدىن كۆپرەك يېزا بار.پايتەخت: تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە بولۇپ، ئاناتولىيە ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 900 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قەدىمكى شەھەر بولۇپ، 4 مىليون 470 مىڭ نوپۇسى بار. بىر يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 31℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى℃4-.
مەنبە؛خەلق تورى