مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 479|ئىنكاس: 4

كەلگۈسىدىكى ئىنىرگىيە ۋە بايلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8283
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 10:24:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىزگە مەلۇم . يەر شارى قۇياش سېستىمىسىدىكى شۇنداقلا ئىنسانلار بىلىپ يەتكەن ئاسمان جىسىملىرى ئىچىدىكى ھاياتلىق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان بىردىن -بىر ئاسمان جىسمى .
يەر شارىنىڭ ئۇمۇمى مەيدانى 510مىليۇن كۋادرات كىلومىتىر بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز -ئوكيان كۆلىمى 360مىليۇن كۋادرات كىلومىتىر كىلىدۇ . ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ماكان تۇتۇپ ياشاۋاتقان قۇرۇقلۇقنىڭ كۆلىمى بولسا 150مىليۇن كۋادرات كىلومىتىرغىمۇ يەتمەيدۇ . ئەلمىساقتىن بىرى ئىنسانلار مۇشۇ كىچىككىنە قۇرۇقلۇقنىڭ كىچىككىنە يەرلىرىدىن پايدىلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن . ئۇچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئىنسانلار ئالقانچىلىك يەرنىڭ نىپىز پەردىسىدىنلا پايدىلىنىپ كەلدى . ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، نۇپۇس 6مىليارتقا يىتىپ ، ئىجتىمائى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئېھتىياجغا ئۈلگۈرمىگەندە ، نۇرغۇن كىشىلەر بايلىق ۋە ئىنىرگىيەلەرنىڭ تۈگەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن قۇياش نۇرى ئىنىرگىيەسى ، شامال ئىنىرگىيەسى ، دۇلقۇن ئىنىرگىيەسى ئۈستىدە چۇڭقۇر ئىزلىنىپ مەلۇم ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى . ھەتتا ئاي شارى ئالاھىدە ماددىسىدىن بىر كىلوگىرام ئېلىپ كىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئىنىرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇمىز دەپ ، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەپمۇ يۈردى .
ئۇزۇقلۇق مەسلىسىدە ئاساسلىقى قۇرۇقلۇق تېرىلغۇ يەرلىرىگە تايانغاچقا ، نۇپۇسنىڭ كۆپۈيۈشى يۈككە ئايلىنىشقا باشلىدى . بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر يەر شارى زادى قانچىلىك ئادەمنى باقالايدۇ دىگەنلەرنىمۇ ستاستىكا قىلىپ كۆردى.
ئۇلار ستاستىكا قىلىپ يەرشارى 10مىليارتتىن ئارتۇق ئادەمنى باقالمايدۇ دىگەن يەكۈننى چىقىرىپ ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كەلگۈسىنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويدى .  يەر شارىدا ساقلىنىۋاتقان نېفىت 2050-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە تەل-تۈكۈس تۈگەيدۇ دىگەن ماتىرىيالنى ئاشكارىلاپ خەق-ئاممىسىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالدى .
ئۇنداقتا نۇپۇس 10مىليارتقا يەتكەندە ئىنسانلار راستىنلا نامراتلىشىپ ، ئاچارچىلىقتا قالامدۇ ؟
ئىزدىنىشچان ، ئۈمۈدۋار ئالىملار بۇنىڭغا كەسكىن رەدىيە بىرىدۇ .
ئىسانلار كەلگۈسىدە دېڭىز-ئوكياندىن پايدىلىنىدۇ . دېڭىز ئوكيان دۇنيانىڭ ھازىرقى ئونۋېرسال ئىستىمال سەۋيەسىنى مىليۇن يىللار تەمىنلىگۈدەك بايلىق ۋە ئىنىرگىيە ئامبىرىدۇر . پۈتۈن يەر شارىدا ، دېڭىز ئوكيانلار  كۆلەمنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگنلەيدۇ . ئۇنىڭدىكى سۇ مىقدارى 1مىليارت 370مىليۇن كۇب كىلومىتىر كىلىدۇ . مۇشۇ سۇ تەركىۋىدە زور ئۇزۇقلۇق ۋە قېزىلما بايلىق ئىنتايىن كۆپ .
مەسىلەن ؛ جەنۇبى قۇتۇپتىكى فوسفۇرلۇق راك دېڭىز مەھسۇلاتىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىرقىسمى بۇلۇپ ، مۇشۇنىڭ يىللىق مىقدارىلا 5مىليارت توننىدىن ئاشىدۇ . مۇشۇ مەھسۇلاتنىڭ 30دىن بىر قىسمى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئوۋلانسىمۇ ، ھازىرقى ئولىنىۋاتقان بارلىق بېلىقلارنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كىتىدۇ . ھىسابلاپ كۈرۈلىشىچە ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن ئونۋېرسال پايدىلانغاندا ، ئېكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا تەسىر يەتكۈزمەي تۇرۇپ 30مىليارت ئادەمنى ئۇزۇقلۇق بىلەن بىمالال تەمىنلىگىلى بۇلىدىكەن .
يەر شارىنىڭ %71 نى ئىگنلەيدىغان دېڭىز -ئوكياندا 80خىلدىن ئارتۇق خېمىيەلىك ئېلمىنت ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ .
ئەگەر بىر كۇپ كىلومىتىر ( بىر مىليارت كۇپ مىتىر ) دېڭىز سۈيىدە ئىرىگەن ماددىلارنى ئايرىۋېلىشقا توغرا كەلسە ، تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلارغا ئىرىشكىلى بۇلىدۇ .
تاتلىق سۇ------- 994مىليۇن توننا
ئاش تۇزى -----30مىليۇن 520مىڭ توننا
ماگنى --------2مىليۇن 369مىڭ توننا
گەج ---------2مىليۇن 442مىڭ توننا
كالى ---------825مىڭ توننا
بىروم---------67مىڭ توننا
يود --------- 9.300توننا
ئۇران --------4.5توننا
ئالتۇن -----------50كىلوگىرام
، كۈمۈش--------0.5توننا
ناترى---------190توننا
لىتىي---------200توننا
بۇنىڭدىن باشقا يەنە دېڭىزدا 200تىرلىيۇن توننا ئېغىر سۇ بار . بۇ ئىسسىقلىق يادرو يىغىلىشىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس مەنبەسى ھىسابلىنىدۇ .
ئۇراننىڭ قۇرۇقلۇقتىكى زاپىسى 1مىليۇن توننا ، دېڭىزدىكى زاپىسى 4مىليارت 500مىليۇن توننا . بۇنچىلىك ئۇراننىڭ رىئاكسىيە داۋامىدا چىقارغان ئىسسىقلىقى ، يەرشارىدا زاپاس ساقلىنىۋاتقان بارلىق كۈمۈر ئىسسىقلىقىنىق 1000ھەسسىسىگە تەڭ كىلىدۇ .
ئاي ۋە قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە يۈز بىرىدىغان دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش ھادىسىسىمۇ غايەت-زور دۇلقۇن ئىنىرگىيەسىگە ئىگە . بۇ ئىنىرگىيە 100سەنشىيا سۇ ئىلىكتىر ئىستانسىنىڭ ئىنىرگىيەسىگە باراۋەر كىلىدۇ .
دىمەك ئىنسانلار خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە يەر شارىدىكى بايلىق ۋە ئىنىرگىيەلەردىن خاتىرجەم پايدىلىنالايدۇ .
مەنبەسى ؛ يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن ، بىلىم كۈچ ، ئۆسمۈرلەر قامۇسىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى .  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئۇيغۇرۇم007 + 200 پايدىلىق تىما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

ھەمبەھىرىمنى كۈرۈڭ

قۇرۇق گەپتىن ئاز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23747
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6950
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2012-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 11:38:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلاردىن خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر... [s:166]

ئۆز مىللىتىڭ ئۇيغۇردىن تانىدىغان بوپقالما، ئاتا-ئاناڭنى ھەم قاقشىتىدىغان بوپ قالما. دوسىت-يارىڭنىڭ كۆڭلىنى ئايا ساتما ۋىژداننى، ئەل ئاۋام ئارىسىدا پۇچۇق يارماق بوپ قالما.....دەمدەر

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 12:27:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك ئىنسانلار خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە يەر شارىدىكى بايلىق ۋە ئىنىرگىيەلەردىن خاتىرجەم پايدىلىنالايدۇ .
خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!رەھمەت سىزگە.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئارزۇيۇم ئاددي ھەم بۈيۈك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14234
يازما سانى: 1706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12358
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 01:30:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايلىقلارنىڭمۇ چىكى بار  !     
دىمەك ئامرىكىنىڭ قىلغىنى ھەقىقەتەن توغرا  !    بايلىقلاردا ئەۋلاتلارنىڭمۇ ھەققى بار !

قولۇمداقەلەم   ،  يۈرەكتە ئەلەم !يۈتمىسۇن غورور،تەۋرىسۇن ئالەم !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16433
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7089
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2011-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 01:49:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايلىقلاردا ئەۋلاتلارنىڭمۇ ھەققى بار  [s:166]  [s:166]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش