دۆلەت بايرىقى
مۇستەقىللىق كۈنى: 23-سېنتەبىر (1932يىل)
دۆلەت بايرىمى: 23-سېنتەبىر (1932-يىلى)
روزا ھېيت: ھىجرىيە 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
قۇربان ھېيت: ھىجرىيە 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
دۆلەت باشلىقى: پادىشاھ ئابدۇللا بىن ئابدۇلئەزىز، 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى تەختكە ئولتۇرغان.
جۇغراپىيىلىك شارائىتى
زېمىنى 2 مىليون 225 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان، شەرقىدە پارس قولتۇقى، غەربىدە قىزىل دېڭىز بار، ئىيوردانىيە، ئىراق، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، يەمەنلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. «سەئۇدى ئەرەبىستان» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەب تىلىدا «بەختلىك قۇملۇق» دېگەن مەنىدە. زېمىنىنىڭ غەربى ئېگىز، شەرقى پەس. قۇملۇق پۈتۈن يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، يىلبويى ئېقىپ تۇرىدىغان دەريا، كۆللەر يوق. غەربىي قىسمىدىكى ئېگىزلىكلەر ئوتتۇرا دېڭىز كىلىماتىغا تەۋە؛ باشقا رايونلار سۇبتروپىك بەلۋاغ قۇملۇق كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، ئوتتەك ئىسسىق ھەم قۇرغاقنوپۇسى: 24 مىليون 600 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە باشقا دۆلەت نوپۇسىدىكىلەر %30نى ئىگىلەيدۇ، كۆپ قىسمى ئەرەبلەر. ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئورتاق قوللىنىدۇ، ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر %85نى، شىئە مەزھىپىدىكىلەر %15نى ئىگىلەيدۇ

دۆلەت گىربى
مەككىدىكى ھەرام مەسچىتى

پايتەختى ۋە مەمۇرىي رايونلىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد بولۇپ، تەخمىنەن 4 مىليون نوپۇسى بار. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گرادۇس. پۈتۈن مەملىكەت 13 رايونغا بۆلۈنىدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر دۇنياغا كەلگەن جاي − مەككە ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جايى بولۇپ، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە ھەج تاۋاپ قىلغىلى كېلىدىغانلار 2 مىليوندىن ئاشىدۇ.
قىسقىچە تارىخى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ، مىلادى 7-ئەسىردە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى ئەرەب ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، مىلادى 8-ئەسىردە يۈكسەك گۈللىنىپ، تېررىتورىيىسى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق 3 قىتئەدىن ھالقىغان. مىلادى 16-ئەسىردە، ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئوسمان تۈركلەر ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان. مىلادى 19-ئەسىردە، ئەنگلىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بۇ زېمىننى ھىجاز ۋە نەجىدتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلۈۋەتكەن. 1924-يىلى نەجىدنىڭ خەلىپىسى ئابدۇلئەزىز سەئۇد ھىجازنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەم 1932-يىلى 9-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەنبە؛خەلق تورى