مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15999|ئىنكاس: 23

مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسىنى تۈزۈتۈش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43924
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 8144 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 01:53:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى،  كەمىنە توردىشىڭلار ئىرپاندىن سالام!
       ئالدى بىلەن،   ھەر قايسى مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ مۇنبەرنى قوللاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇنبەرگە ئەسەر ئەۋەتىپ ،   مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپەڭلەرگە كۆپتىن- كۆپ رەخمەت.
        ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، مۇنبەر قۇرۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئېسىل تېمىلار ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىملا خاتالىقى مەسىلىسى ئېلان قىلىنغان تېما ۋە يېزىلغان ئىنكاسلاردا  باشتىن- ئاخىر ساقلىنىپ كەلدى.
       ئارقا سۇپىغا  ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئىملا خاتالىقى بار. بۇلاردىن بەزىلىرىگە ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىڭ دەپ ئۇچۇر يوللىساق، يەنە بەزىلىرىنى ئۆزىمىز بىرمۇ- بىر  تۈزۈتۈپ ماڭدۇق. بىز ئەۋەتكەن  ئەسكەرتىشنى كۆرگەندىن كېيىن بەزى ئەزالار تۈزەتتى، يەنە بەزىلەر پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. 
       مۇنبەردىكى  ئانا تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزغا مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان بەزى ئەزالارمۇ،  تېما ۋە ئىنكاسلاردىكى ئىملا خاتالىقىنى  ئىنكاسى ئارقىلىق  ھەرۋاقىت ھەممىمىزگە ئەسكەرتىپ تۇردى.  لېكىن ئىملا خاتالىقىدىن ئىبارەت بۇ جاھىل تەمرەتكە ، تېما ۋە ئىنكاسلىرىمىزدا داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ.
    قانداق قىلغاندا  ئىملا خاتالىقىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ ؟ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە تەدبىرى بارمۇ- يوق؟
        مەن خەلق  ئوقۇتقۇچىسى، بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان سۇئالىغا بەرگەن جاۋابى ۋە تاپشۇرۇقلىرىدىكى ، خاتالىق بار جايلارنى قىزىل سىيالىق قەلەم بىلەن بەلگە ئۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ خاتا ۋە كەتكۈزۈپ قويغان جاۋاپلىرىنىڭ ئورنىنى  كۆرسىتىپ بېرىمىز. ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرھاللا قايسى ئورۇنلاردا كەتكۈزۈپ قويغىنىنى،  بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ. بۇنى مەن دىمىسەممۇ مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار  بىلىدۇ.
        تەكلىپ:- يۇقارقى ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئەزالار ئەۋەتكەن ئەسەرلەردىكى ئىملا خاتالىقلىرى بار جايلارنى  قايتا تۈزىتىپ ئولتۇرماستىن،  بەلكى قىزىل رەڭ بىلەن ئەسكەرتىپ ، مۇنبەر يۈزىگە بىۋاستە چىقارساق ، ئۆزىنىڭ ئىملا خاتالىقىنى ھىس قىلغان ئەزالار بۇلارنى كۆرۈپ،  بۇندىن كېيىن ئەسەر ئەۋەتكەندە ئىملاغا دىققەت قىلغان ئادەت ۋە  كەيپىيات شەكىللەنسە ، شۇ ئارقىلىق مۇنبىرىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىملا خاتالىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولامدىكىن دىگەن ئۈمىدتە  بۇ تېمىنى يوللۇدۇم.
       بۇ تەكلىپ پىكرىمنىڭ يولغا قويۇلىشى، ئەلۋەتتە مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشى ۋە قوللىشىغا باغلىق، بولمىسا بەڭگىنىڭ خىيالى بولغان ھىساپلىنىدۇ.
     ھەممىمىزنىڭ مەقسىدى بىر- ئىملا  خاتالىقىدىن ساقلىنىش.
     خەلقىمىزنىڭ « كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس » دەيدىغان ئەقلىيە سوزى بار.  قېنى، مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالارنىڭ قانداق قىممەتلىق تەكلىپ- پىكىرلىرى بار، ئاڭلاپ باققان بولساق.
 ( بەلكىم مېنىڭ تېمامدىمۇ ئىملا خاتالىقى بولۇشى، كۆرسىتىپ بەرسەڭلار،  تۈزىتىۋالسام)

مەنبە: ئۆزەم.

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 01:56:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ماڭىلا دەۋاتقاندەك بىلىندى... تىز تۈزىتەييا چىقىپ

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43924
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 8144 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 02:00:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسىنى تۈزۈتۈ

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت kuzum كە 2010-12-26 01:56 AMئەۋەتىلدى :
بۇنى ماڭىلا دەۋاتقاندەك بىلىندى... تىز تۈزىتەييا چىقىپ

بۇمۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، بولسا يۇقارقى تەكلىپ توغرىمۇ ؟ خاتا بولسا قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟ مۇشۇ توغرۇسىدا تەكلىپ بەرگەن بولساڭلار

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 02:05:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە ئەسەرلەرنى، كىچىسى يىزىپ يوللاش توغرا كەلسە، ئىملا خاتالىقىدىن خالي بولغىلى بولمايدىكەن.بۇرۇن يىڭى ئەزا بۇلۇپ كىرگەن چىغىمدا ،مەندىمۇ ئىملا خاتالىقى ئېغىر ئىدى.ئەمما ھازىر تۈزىتىۋالدىم ،شۇنداقتىمۇ يەنىلا مۇشۇ ئىملادىكى خاتالىقلاردىن خالي بولغىلى بولمايدىكەن.بولسا باشقۇرغۇچىلار، ۋاقتى يار بەرسە يوللانغان تىمىلاردىكى ئىملانى تۈزۈتۈپ ماڭغان بولسا.تۇز دىگەن باشقۇرغۇچى ، داۋاملىق ئىملا جىدىلى بىلەن ئالدىراش،ئۇنىڭ مۇشۇ روھىنى باشقا باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆزىگە سىڭدۈرسە دىگەن ئۈمۈتتىمەن.باشقۇرغۇچى ھۆكۈمرانمۇ ئامال بار، ئىملادىكى خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ كىلىۋاتىدۇ.ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10159
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63981
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7999 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 02:06:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىمىز بولغاندىكىن چوقۇم ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. بەزىدە  جىئەنپەننىڭ چاتىقى چىقىپ قېلىپ بەزى خەتلەر خاتا بوپ قالىدۇ . شۇڭا تېمىنى يوللاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تەكشۈرۋېتىپ ئاندىن يوللىساق. يۆتكىگەن تېمىلارنىڭمۇ ئىملا مەسىلىسى بەكلا ئېغىر . يۆتكەپ بولۇپ بۇنىمۇ بىر قېتىم تەكشۈرۈپ يوللىساق . تېمىنىڭ قىممىتىمۇ ئاشىدۇ.
ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىساق، تۈزۈلۈپ كېتىدۇ بۇ كىچىككىنە ئىللەتلەرمۇ...شۇنداققۇ ھە...مىسرانىم ئەھلى....

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 02:08:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلبەتتە  توغرا .. چۈنكى .. ئىملا توغرا بولمىسا بەزىدە مەنىسىمۇ  ئۆزگىرىپ كىتىشى مۇمكىن .مەنمۇ كوپ دىققەت قىلىۋاتىمەن .كۆپ رەخمەت سىزگە

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23676
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6037
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2011-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 02:12:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى پىكىر بوپتۇ! مەنمۇ بۇ توغرۇلۇق ئىككى ئېغىز سۆزلەي!
____________
_ ئە...ئىم....ئەمدى مەن ، ئەمدى شۇ ئابدىرىم ئىنىمنى كۆرۈشۈم كېرەك!(خە...خە...خە...چاقچاق)
________________________________________________
يۇقارقى باشقۇرغۇچى يولداش ئۆزى ئۇقۇتقۇچى ئىكەن ، گەرچە مەن ئوقۇتقۇچى بولمىساممۇ مۇشۇ ئىملاغا بەك دىققەت قىلىمەن ، مىسالەن ، ئۆزەمنىڭ يازمىلىرى ، كوچا- كويدىكى ۋېۋىسكىلار، تور بەتتىكى چوڭ - كىچىك ئىسىملار دىگەندەك....
ئىملاسى توغرا چىققان بىر ئەسەر ئادەمگە شۇنداق راھەت بېغىشلايدۇ، ئىملاسى كۆپ خاتا بولسا ، ئوقىغان ئادەممۇ قىينىلىپ ، چارچاپ قالىدۇ!
شۇنداق تور بەتلەرگە ناخشا ئىزدەپ كىرىپ قالىمەن، ئۇقمىدىم ، قانداق ئادەملەر يازىدىكىن ، ناخشا ئسىملىرىدا نىمانچە كۆپ ئىملا خاتالىقى؟! تېلىفۇن ئۇرۇپ :
_ ئا خېتىڭنى تۈزىتە ، ئاداش _ دىگۈلىرىم كەپ كىتىدۇ!
تور بەت ئىشلىگەن ئىقتىدارىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز! ئەمما شۇنىڭغا يارىشا ئىملاسىنى تۈزۈتۈپ ئىشلىگەن بولسا ، <ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك> ئىش بولمامتى دەيمەن؟!
ئەمدى بۇ يەردىكى بەزى تېمىلارغا كىلەيلى :
ئەدەبىي ئەسەردە  دىئالوگ دەيدىغان نەرسە بار، ئۇ دىئالوگنىڭ بەزىلىرى ئورتاق تىلدا ، يەنى كىتاۋى تىلدا يىزىلىدىغانلىرى بار، يەنە بەزىلىرى يەرلىك شىۋە ئىشلىتىپ يازىدىغانلىرى ، مەسىلەن  : <ئەمىتاخۇن ، ماڭا قايلىسىلا> دىگەندەك....
بۇ يەردە ماڭا قارىسىلا دەپ ئالسا ئەسەرنىڭ چىنلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش سەل تەسكە توختايدۇ، مۇشۇ خىل دىئالوگلاردا يەرلىك شىۋە بويىچە ئىلىنغانلىرىنى بىز ئىملا خاتالىقى بار دىسەك خاتالاشقان بولىمىز! شۇڭا كۆپچىلىكنىڭمۇ مۇشۇ جەھەتتە دىققەت قىلىپ قويىشىنى ئۈمىت قىلىمەن!  

قېرىغاندا كۆپ سۆزلەپ قويدۇممۇ نىمە؟!
____________________________________

شائىر-ھەققانىيە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20781
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4591
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2011-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 02:13:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توغرۇلۇق مەن پاراڭ قىمماي،چۈنكى مەندە ئېغىر كەمچىلىك بار،ھەممىمىز بىرلىكتە تۈزىتەيلىلا دىيەلىگۈدەكمەن.

  شائىر-ھەققانىيەت ۋە ئادىمىگەرچىلىكنىڭ قوغدۇغۇچىسى

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43924
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 8144 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 02:18:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋاتتەك گەپ قىلدىلا ، سادا موللام. مەن ئويلاپ يەتمىگەن  نۇقتىلارنىمۇ  ئوتتۇرىغان قويۇپلا، رەھمەت.

ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ دىئالوگ قىسمىنى يەرلىك شىۋىدە يېزىلغان بولسا، شۇ پېتى ئېلىپ، مۇھىت تەسۋىرى ۋە بايان قىسىملىرىنى ئورتاق تىلدا تەھرىرلىسەك توغرا بولامدۇ ؟

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 428
يازما سانى: 1201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3224
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 1495 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2011-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 02:26:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇش-خەۋەر- يەنى خۇش بولماق، خۇلشلانماق مەنىدىكى سۆزنىڭ خوش-خەۋەر دەپ ئاتىلىشى.
شېئىر  نىڭ شىئېر ياكى شېئېر دەپ ئاتىلىشى.
رەھمەت نىڭ رەخمەت دەپ ئاتىلىشى.
ئۇقتۇرۇش نىڭ  ئۇختۇرۇش دەپ ئاتىلىشى.
مۇشۇ سۆزلەرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل توغرىسىنى ھىس قىلالمىدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش