|
|
|
|
خوراز سوقۇشتۇرۇش ــــ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا ، ئىلى دەريا ۋادىلىرىدا ۋە تۇرپان ، قۇمۇل ئويمانلىقلىرىدا ناھايىتى ئەۋج ئالغان . قىش پەسلىدە ،كوچا - كويلارنىڭ ھەممىسىدە ئەل ئىچىدە ئۇيۇشتۇرغان خوراز سوقۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى بولۇپ تۇرىدۇ . سوقۇشقا سالىدىغان خورازلار چۈجە ۋاقتىدا تاللىنىدۇ ۋە شۇ چاغدىن باشلاپ تەربىيىلىنىدۇ . بۇنىڭغا جۇغى چوڭراق ، تىرناقلىرى ئىتتىك ، ھەرىكىتى چاققان خورازلار تاللاپ ئېلىنىپ ئالاھىدە تەربىيىلىنىدۇ . بەزى خوراز سوقۇشتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى كۆڭۈلدىكىدەك خوراز تاللاش ئۈچۈن، يۇرتمۇ يۇرت كېزىپ يۈرۈپ ، تەرەپ - تەرەپتىن خوراز تاللايدۇ ، ھەتتا ئۇزۇن يوللارنى بېسىشتىن ئايانماي باشقا جايلارغا بېرىپ خوراز سېتىۋالىدۇ . تۇرپان ۋە پىچاندىن شىنجاڭ بويىچە داڭلىق سوقۇشقاق خورازلار چىقىدۇ . بۇ يەردە چوڭ سۆڭەكلىك توخۇ دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل توخۇ بار ، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ سۈپەتلىك يەرلىك توخۇ سورتى بولۇپ ، بېشى يىلاننىڭ بېشىغا ئوخشايدۇ . تاجىسى بەك كىچىك ، تۇمشۇقى بۈركۈتنىڭكىدەك يوغان ھەم ئۆتكۈر ، سۆڭىكى توم ، پوكىنى كەڭ ھەم كۈچلۇك ، ئېگىزلىكى 70-60 سانتىمېتىر ، پەيلىرى قارامتۇل يېشىل رەڭدە ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى تۆت كىلوگرامدىن ئاشىدۇ ، مېڭىشلىرى بەكمۇ ھەيۋەتلىك . بۇنداق خورازلار تۇغما ئۇرۇشقاق بولۇپ ، ئۆيگە قارىيالايدۇ ۋە ناتونۇش ئادەملەرنى كۆرسە چوقىلايدۇ . شۇڭا ، قەشقەر ، خوتەنلەردىكى خوراز سوقۇشتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى ئالايىتەن مۇشۇنداق توخۇنى ئالغىلى كېلىدۇ . خوراز سوقۇشتۇرۇشتىن ئىلگىرى ، ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقايسىسى خورازلىرىنى خەققە كۆرسەتمەيدۇ . ئۇلار ئالدى بىلەن شەرتلەر ئۈستىدە ئوبدان سۆزلىشىۋېلىپ ، مۇسابىقە قائىدىلىرىنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن خورازلارنى ئېلىپ چىقىدۇ . بۇ خورازلار ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن بولغاچقا ، ناھايىتى قەيسەر ، باتۇر بولىدۇ .
خوراز سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئادەتتە يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقراق داۋاملىشىدۇ . ئىككى خوراز بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ، بىر-بىرىگە بىردەم قاراپ تۇرۇشىدۇ - دە ، ئارقىدىنلا تۇتۇشۇپ كېتىدۇ . كۆپىنچە ھاللاردا باش- كۆزى قانغا بويۇلۇپ ، پەيلىرى يۇڭۇزلىنىپ ، تاجىلىرى تىتىلىپ كەتسىمۇ زادىلا توختىماي ئېلىشىدۇ ، بەزىلىرى ھەتتا سوقۇشۇۋېرىپ ئۆلۈپمۇ كېتىدۇ . سوقۇشۇشتا تازا كۈچىمىگەن ياكى يېرىم يولدا يېڭىلىپ قاچقان ، ياكى بوينىنى ئىچىگە تىقىپ ، تۈگۈلۈپ جىم تۇرۇۋالغان خوراز يېڭىلگەن بولىدۇ . خوراز سوقۇشتۇرۇشتا ئىككى تەرەپ ئۇرۇشماي توختاپ قالىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئاز بولىدۇ . خورازلار تېنىدە نەپىسى بار بولسىلا ، مەيلى ھەممە يېرىدىن قان تۆكۈلۈپ تۇرغان ، كۆزلىرى قارىغۇ بولۇپ قالغان ئەھۋالدىمۇ ئۆلۈپ قالغۇچە باتۇرلۇق بىلەن سوقۇشىدۇ ، ھەرگىز يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدۇ . يېڭىپ چىققان خورازمۇ كۆپىنچە ھاللاردا يېڭىلىپ قاچقان خورازنى توختىماي قوغلايدۇ .
[align=justify]مەنبە: http://www.izbasar.biz/madaniyat/orup_adat/2010-04-22/59.html
|
|
|
|
|
|