ياشاش بوشلىغى
تۇردى توختى
ياشاش-ئادەم ۋە جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشىدىكى بىر تۇرلۇك پائالىيىتىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئادەم ۋە جانلىقلار ئۈزىنىڭ ئاشۇ تىنىمسىز پائالىيەتلىرى بىلەن توختىماستىن ھەركەت قىلىپ،ئۈزىنىڭ ھاياتىغا ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ياشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدىغان بىر پۈتۈن ھاياتلىق گەۋدىسى.
مەيلى ئىنسانلار بولسۇن مەيلى جانلىقلار بولسۇن ئۇ ياشاش جەريانىدا تەرەققى قىلىدۇ ياكى يوقىلىدۇ.بۇ ياشاشتىكى بىر قانۇنىيەتلىك مەسىلە بۇلۇپ،بۇنداق قانۇنىيەتنى بۇزۇش ئىنسانلارنىڭ ۋە ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
مەيلى قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر ياشاش مۇئەييەن ماكان ۋە زامان چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
ئىنسانلارياشاۋاتقان ماكان بىلەن زامان ئىنسانلارنىڭ قانداق ياشىشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ مۇھىم ئامىل بۇلۇپ،ئىنسانلار مۇشۇ زامان ۋە ماكاندا قانداق ياشاشنى ئۈزىنىڭ تەدبىرى ئارقىلىق بەلگىلەيدۇ.ئىنسانلار ئەقىللىق،تەدبىرلىك،بىلىملىك بولسا زامان بىلەن ماكان ئامىلى ئىچىدىن ئۆزى ياشاشقا تىگىشلىك بوشلۇققا ئىرىشەلەيدۇ.ئۇنداق بولمايدىكەن زامان ۋە ماكان بوشلىغى قانچە كەڭرى بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ياشىشى تەسكەتوختايدۇ.
سۈرىيەلىك مۇھەممەت ئەھمەت زەئىد‹‹قۇرئانىدىكى قىسسەلەر›› دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدە‹‹ئاللا پەرىشتەلىرىگە شۇنداق دىدى‹مەن شۇنداق بىر خىل ئىنسان يارىتايكى،ئۇلار كەڭ زىمىندا تۇرۇپ،ئەمگەك بىلەن تىرىكچىلىك قىلسۇن،زىرائەت-ئۆسۈملۈكلەردىن نېمەتلەر تېپىپ ئوزۇقلانسۇن،زىمىن ئاستىدىكى بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلانسۇن ۋە ئۆز ئەۋلاتلىرىنى يىتىشتۈرۈپ ئاۋۇتسۇن››{يۇقارقى كىتاپ1-بەت}
يۇقۇرقىلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى كىشىلەر ئۈزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ،ئەمگەك قىلىش ئاساسىدا ئۆزىنى ۋە نەسلىنى ئاۋۇندۇرۇدۇ.بۇنداق ئەمگەك قىلىشقا مۇۋاپىق ماكان ۋە زامان ماسلاشقان بولۇشى كېرەك.ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكى تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى(ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى)ئىنسانلار ھاياتنى داۋاملاشتۇرىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئەمگەكتىن ئايرىلماسلىغى كېرەك.ئەمگەكتىن ئايرىلىپلا قالسا ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ.
ئادەملەرنىڭ قانداق يۇسۇندا ياشىشى ئۇنىڭ ياشاش بوشلىغىنىڭ كەڭ ياكى تار بولىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.ياشاش بوشلىغىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر كىشىلەرئۈزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ،يېڭى-يېڭى بوشلۇقلارنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىشى ھەم تېپىپ چىقىشى كېرەك.
ئۇنداقتا ياشاش بوشلىغى دىگەن نىمە؟
ياشاش بوشلىغى دىگىنىمىز ئىنسانلار ياشاۋاتقان زامان ۋە ماكان ئىچىدە ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۈزىنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ،نەسلىنى ئۈزۈپ قويماي مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان بوشلۇقتىن ئىبارەت.
بۇ كېرەكلىك بوشلۇق ئۆزلىگىدىن مەيدانغا كېلەمدۇ؟بۇ كېرەكلىك بوشلۇق ئىنسانلار ھەركىتىنىڭ،پائالىيەت قىلغان قېتىم سانىنىڭ،بوشلۇقنى بوي سۇندۇرۇش ئېقتىدارىنىڭ چوڭ –كىچىكلىگى ۋە يۇقىرى تۈۋەنلىك تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ياشاش بوشلىغى ئادەم ئۆزى يارتىدىغان ھەم ئۆزى پائالىيەت قىلىدىغان بوشلۇق بۇلۇپ،ئۇ كىشىلەرنىڭ دەۋرىگە(زامانغا)ۋە ماكانغا ماسلىشىش ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ياشاش بوشلىغىنىڭ قانداق بولىشى كىشىلەرنىڭ زامانغا لايىقلىشىپ،ماكاندىن پايدىلىنىش سەۋىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ،ئىنسانلارنىڭ زامان ۋە ماكانغا لايىقلىشىپ،پۇت دەسسەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىغى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى يارىتىش-يارىتالماسلىغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ياشاش بوشلىغىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە تەسىر كورسىتىدىغان ئامىللار كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىكى ئامىللار،ۋە ئۆزى ياراتقان ئامىللاردىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئۆزىدىكى ئامىل دىگەندە ماسلىشىش ،ياشاش ئىقتىدارى يەنى ئۆزىدىكى قەيسەر روھ.
ئۆزى ياراتقان ئامىللار دىگەندە ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
بۇنداق دىيىشىمىزدە ئىنسانلاردا ياشاشتىن ئىبارەت قەتئى،تەۋرەنمەس روھ بولسا ھەرقانچە جاپالىق شارائىتتىمۇ ياشاشتىن ئىبارەت بۇ ئۈمۈدتىن ۋاز كەچمەيدۇ
ئۆزى ياراتقان ئامىللار- ئىنسانلارنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى چۈشىنىش، بىلىش ئاساسىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىردىن ئىبارەت بۇلۇپ،تەرەققىيات قانچە يۇقىرى بولسا زامان رېتىم جەھەتتىن ئىنتايىن تېزلىشىپ،كىشىلەر ماكاننىڭ رايىغا باقمايدۇ.بۇنداق رېتىم جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق ماكان نېمەتلىرىنى خورۇتۇپ،كىشىلەرنىڭ ياشاش بوشلىغىنى كىچىكلىتىپ،كىشىلەرنىڭ قانداق ياشىشىغا ئېغىر خىرىسلارنى ۋە يېڭى تەلەپلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
1.ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ياشاش بوشلىغى
ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ياشاش بوشلىغى ئىنتايىن تار بۇلۇپ،كەڭ كائىناتنى بويسۇندۇرۇش ۋەئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش دەرىجىسى بەك تۆۋەن بولغان.بۇنداق تۆۋەن بۇلۇشتەك ئەمىلىيەت ئۇلارنىڭ ياشىشىغا زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ،ئۇلاردا ياشاشقا نىسبەتەن تۈرلۈك-تۈمەن توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپ ،ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ۋە ئەۋلادلىرىنىىڭ كۆپىيىشىگە تەھدىت بۇلۇپ،بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى بىزنىڭ مۆلچىرىمىزدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان.
نىمەئۈچۈن بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەت ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ بېشىغا بالا بولۇپ چۈشىدۇ؟ئۇچاغلاردا يەر شارىدا ياشاش شارائىتى يوقمىدى؟
بۇ قىسمەتلەرنىڭ ئۇلارغا چۈشىشىدىكى سەۋەب،ئۇلارنىڭ تەپەككۈر ئېقتىدارىنىڭ ،بىلىش دەرىجىسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولغانلىغىدىن بولغان.ئەينى چاغلاردىمۇ يەر شارىدا ياشاش بوشلىغى ئىنتايىن كەڭرى بۇلۇپ،بۇ كەڭرىلىكنى بايقاش بولمىغانلىغى ئۈچۈن ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارائىتى ئىنتايىن قىيىنچىلىق ئىچىدە بولغان.شارائىت مەسىلىسى ماھىيەتتە ئادەم ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان مەسىلە بولۇپ،ئادەملەرنىڭ ئەقلى بىلىش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا شارائىت شۇنچە ياخشى بۇلۇدۇ.ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ‹‹قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا››دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغان.‹‹ئىنساننىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشقا ئۆتۈشتىكى ئاساسى نامايەندە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن ئىبارەت››{يۇقارقى كىتاپ19-بەت}.
ئالىمنىڭ بۇ ھۆكمىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشقا ئۆتۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنى ياسىشى،ئىشلىتىشى ۋە مەسىلىلەرنى تەپەككۈر قىلىپ يەكۈنلەپ،ئۇنى سېستىمىلاشتۇرىشى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس.ئىپتىدائى ئادەملەردە بۇ شەرتلەرنىڭ ھازىرلىنىشىغا نەچچە زامانلارنىڭ كەتكەنلىگىنى پەرەز قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.شۇ ئۇزاق زامانلار بولمىسۇن،ياكى ئىنسانلارنىڭ تاش قۇراللار دەۋرىگە كىرگەن چاغلىرىدا بولمىسۇن ئىپتىدائى ئادەملەرنىڭ ياشاش بوشلىغى ئىنتايىن تار بۇلۇپ شۇنچە چوڭ يەر شارىدا ئۇلارنىڭ ئىگىلەپ ھاياتلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ماكانى بەك كىچىك دائىرىدە بۇلۇپ كەلدى.بۇنداق كىچىك بوشلۇق ئۇلارنىڭ بىلىش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىدى.
بۇنداق تەبىئى شارائىتتا ئىپتىدائى ئادەملەرنىڭ تەرەققى قىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ،بىرمەدىنىيەت قاتلىمىدىن يەنە بىر بايقاشقا ئېرىشىپ مەدىنىيەت ياراتقۇچە ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللەر كېتەتتى.مەيلى قانداقلا بولسۇن ئىپتىدائى ئادەملەردىكى ياشاش تۇيغۇسى ئۇلارنى ئىزچىل ئالدىغا مېڭىشقا ئۈندەيتتى،بۇنداق قەيسەرلىك ئۇلارنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يېتىشىپ مېڭىشتەك ئىنسانلارنىڭ ياشاش مىلودىيەسىنى يارىتىپ،ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىغا ئاساس سالدى.
ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن يۇقارقى ئەسىرىدە‹‹ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش قۇرالى-تاش سايماندىن ئىبارەت›› {يۇقارقى كىتاپ19-بەت}دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغاقويغان.ئىنسانلارنىڭ تاش سايمانلاردىن پايدىلىنىشنى بىلىشى،تەبىئى تاشلارنى ئىشلەپچىقىرىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى بولسا ،ئىنسانلارنىڭ ئىجدىمائى تۇرمۇشقا قەدەم قويغانلىغىنىڭ بەلگىسى ئىدى.تاش سايمسنلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنسانلارنىڭ ياشاش بوشلىغىنى كېڭەيتىشتىكى بىر قېتىملىق سەكرەش ئىدى.
تاش سايمانلاردىن پايدىلىنىشنى بىلىش ئىپتىدائي ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئىجتىمائىلىشىشتىكى بىر بوسۇش بولسىمۇ يانىلا ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ياشاش بوشلىغى بۇنىڭ بىلەنلا كېڭىيىپ،ئۇلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېتەلمىدى.بۇنىڭدىكى سەۋەپ تاش قۇراللارمۇ ئىپتىدائى قۇرال بۇلۇپ،ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجىىنى قاندۇرۇشتىن خېلىلا يىراق ئىدى.بۇنى ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن ‹‹قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا››دىگەن كىتاۋىدىكى مۇنۇ قۇرلاردىن كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس.‹‹ئىپتىدائى ئىنسان دەسلەپتە تەييار ھالەتتىكى تاش قۇراللارنى ئىشلەتكەن.ئۇنىڭ مۇھىم شەكلى يارما(چاقما)قۇرال ھالىتىدىكى تاشتىن(ئەلۋەتتەياغاچ،سۈڭەكلەرنى مۇستەسنا قىلمىغان ھالدا)ئىبارەت ئىدى››{يۇقىرقى كىتاپ19-بەت}بۇ قۇراللارغا تايىنىپ ئىنسانلارنىڭ ياشاش بوشلىغىنى كېڭەيتىشى ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى.بۇ ھال ئىپتىدائى ئادەملەرنىڭ تەبىئەت بىلەن جاپالىق كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ياشىشىنى بەلگىلەپ،ئۇلاردا قەيسەر ئىرادىنى،تەۋرەنمەس ياشاشقا بولغان مۇھاببەتنى يىتىلدۈرگەن.ئىرادە قانچە مۇستەككەم بولسىمۇ ياشاش بوشلىغى يەنىلا تاربولغان.چۈنكى ئىپدىدائى ئىنسانلارنىڭ بىلىش دەرجىسىنىڭ ئېشىشى ئىنتايىن ئاستا بۇلۇپ،يېڭى مۆجىزىلەرنىڭ بايقىلىشىمۇ بەك قىيىن ئىدى.
مۇشۇنداق جاپالىق ئېلىشىش،ھاياتقا بولغان تىۋىنىش نەتىچىسىدە دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش يەنىلا داۋاملىشىپ كەلدى(دەۋرى تەرەقىيادى قانچە ئاستا بولسىمۇ)بۇنداق ئىلگىرلەش ئاخىرى ئىنسانلارنى يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىگە ئېلىپ كىردى.
ئابدىشۈككۈر مەھەممەت ئىمىن يۇقارقى كىتاۋىدا‹‹كىيىنچە ئىپتىدائى ئادەملەر بىر قەدەر سىلىقلانغان،سىپتىلانغان،ئىسلاھ قىلىنغان تاش قۇراللارنى ئىشلەتتى››دەپ يازغان.بۇيەردىكى ئىسلاھ قىلىش دىگەن ئۇقۇمدىن ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئەقىل –[ئىدىرىكىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنى ئۆزگەرتىپ ياساغانلىغىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى چۈشىنىش مۇمكىن.تەپەكۈر قىلىشنى بىلىش ۋە ئۇنى ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىپتىدا ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارايىتىنىڭ ياخشىلىنىشىقا قاراپ تەرەققى قىلۋاتقانلىغىدىن شۇنىڭ بىلەن ياشاش بوشلىغىنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشگە ئۆتكەنلىگىدىن سۇرئەتنىڭ تىزلىشىدىغانلىغىدىن بىشارەت بېرەتتى.
ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ ،تەجىربىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ،ئىنسانلارنىڭ بىلىش دەرىجىسىدىمۇ مۇئەييەن يۇقۇرىلاش بولدى.ئىنسانلارنىڭ ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلىشى ئىنسانلارنىڭ رەسمى يۇسۇندا ئىجدىمائى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇلىنىش دەرجىسىنىڭ كەڭەيگنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەتتى.ئابدىشۈككۈر مەھەممەتئىمىن ئۈزىنىڭ‹‹قەدىمقى مەرگىزى ئاسيا›› دىگەن كىتاۋىدا بۇ نوقتىنى مۇنداق ئىسپاتلىغان.‹‹ئىپدىدائىئىنسانلار تاش قۇراللارغا(دەسلەپ تەييار تاش قۇراللارغا)يۆلۈنۈپ توپلىشىپ ياشاپ،كىيىنچە ئوتتىن پايدىلىنىپ،دەششەتلىك يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن بىرقانچە يۈز يىلغا سۇزۇلغان مۇز دەۋرى زىمىستانلىغىنى يەڭدى.غار تۇرمۇشىدىكى ئوت-مۇقەددەس قۇدرەت ۋە قۇتلۇق ئۈمۈت چىچىكى ئىدى.ئوت ئىنسانىيەتنى قوغدىدى،تاكاممۇللاشتۇردى،ئۇلۇغ مەدىنىيەت سەھىپىسىنى يۇرۇتتى››{يۇقارقى كىتاپ 20-بەت}
ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ياشاش جەريانى قانچە مۇشەققەتلىك بولىشىدىن ،ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنىڭ قانچە مۇستەكەم بۇلىشى،ھاياتقا بولغان چۇڭقۇر مۇھاببىتى قانچە چۇڭقۇر بۇلۇشىدىن قەتتى نەزەر بۇ يەردە شۇنى ئىتىراپ قىلىش كېرەككى ياشاش بوشلىغىنىڭ كەڭ ياكى تاربولىشى شۇ دەۋرى كىشىلىرنىڭ بىلىش دەرجىسىنىڭ يۇقىرى يۈۋەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن قەيسەر ئىپتىدائى ئادەملەرنىڭ ياشاش بوشلىغى شۇنچە جاپالىق كۈرەشلەر نەتىچىسىدىمۇ يەنىلا تار بۇلۇپ،ماددى نىممەتلەردىن پايدىلىنىش دەرجىسى بەكلا تۇۋەن ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن.
ئىنسانىيەت تەرەقىيادىنىڭ قانۇنىيىتى بۇيۇچە مەيلى قانچە ئاستا بۇلۇشتىن قەتتى نەزەر ئىپدىدائى ئادەملەرنىڭ بىلىش دەرجىسى دەۋرىمۇ-دەۋرى يۇقىرى كۈتۈرۈلۈش يۈلىنىشىدە بولغان بۇلۇپ،بۇ ھال ئاخىرقى ھىساپتا تۇمۇر قۇراللاردىن پايدىلىنىش ۋە كالا بىلەن يەر ھايداشتەك تارخىى بۆلگۈچ تەرەققىيات دەۋرىنى ياراتتى.بۇ ئىككى‹‹كەشپىيات››ئىپدىدائى ئادەملەر ئىرىشلمىگەن ياشاش بوشلىغىغا كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنى ئىرىشتۈردى.
مانەبۇ جەمىيەت تەرەقىيادىدا بىر يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىغىدىن دەرەك بەردى.
2.ياشاش بوشلىغىنىڭ كەڭ ئەمما تەگىشسىز بولىشى
ئىنسانىيەت جەمىيىتى سىنىپى جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بۇلۇپ،ئىنسانلار ئېقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ،ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللىيەلەيدىغان ھالەتكە يەتتى.بۇلۇپمۇ يېزىقنىڭ مەيدانغا كىلىشى ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ مەدىنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقتىن دېرەك بېرەتتى.يېزىق مەيدانغا كىلىش بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھەرلىرى خۇلاسىلىنىپ،تەجىربە ساۋاقلار كۈپۈيۈپ،بىلىش دەرجىسى كۈنسىر يۇقىرىكۈتۈرۈلدى.بۇ ھال ئىپدىدائى ئىنسانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا قۇللۇق تۈزۈمدىكى ۋە فىيۇۋداللىق تۈزىمدىكى كىشىلەرنىڭ زور بەختى ھىساپلىناتتى.بۇ بەخىت فىيۇۋداللىق جەمىيەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك نامايەندە بولدى.بۇ ئىككى جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ياشاش بوشلىغىمۇ مۇناسىپ كەڭەيدى.
بۇ دەۋرىلەرگە كەلگەندە ياشاش بوشلىغىغا تەرەققىيات بىلەن نۇپۇس،بايلىق بىلەن كەمبىغەللىك قاتارلىق سەۋەپلەر بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى.بۇ بەزىلەرنىڭ ياشاش بوشلىغى كەڭرى،بەزىلەرنىڭ تار بولۇشىدەك رڭياللىقنى شەكىللەندۈردى.
تەرەققىيات بىلەن نۇپۇش قول ئەمگىگىنى ئاساس قىلغان بۇ جەمىيەتتە بىرى-بىرنى ئىلگىرىسۈردى،يەنى ئەمگەك كۈچى قانچە كۆپ بولسا جەمىيەت تەرەقىيادى شۇنچە تىز بولدى.بايلىق بىلەن كەمبىغەللىك بولسا بىرى-بىرىگە تەتەر تاناسىپ بۇلۇپ باي بولغانسىر بېيىيدىغان،كەمبىغەل بولغانسىرى نامراتلىشىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ،كىشىلەرنىڭ ياشاش بوشلىغىدىكى تەگىشسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈزىدە بار ياشاش ھۇقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىدى،بەزى كىشىلەرنىڭ ياشاش بوشلىغى بولسا كۈندىن كۈنگە كەڭەيدى.قانداقلا بولمىسۇن ئىنسانلارنىڭ ھايات كۈچۈرىشى ئىپدىدا ئىنسانلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئاسانغا چۈشتى.بۇ ھال بۇ دەۋرىدە ياشاش ھۇقۇقىنىڭ خېلى كەڭ بوشلۇق ھازىرلىغانلىغىنى كۈرسۈتۈپ بېرىدۇ.
بۇ دەۋرىگە كەلگەندە ئىنسانلارنىڭ ياشاش بوشلىغى خېلى كەڭرىگەن بولسىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ سىياسى جەھەتتىن ئەركىن بولالماسلىغى ياشاش بوشلىغىنىڭ تەگىشسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.كىشىلەرنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى ئەركىنلىگى كاپالەتكە ئىگەبولمىدى.ئەمىليەتتە كىشىلەرنىڭ روھى ۋە جىسمانى ھۇقۇقى ئۈزىگە تەئەلۇق بولىشى كېرەك ئىدى.بۇ ھەقتە ياپۇنىيەلىك مەشھۇر ئەدىپ فۇزېيۈجى ئۈزىنىڭ ‹‹ئىلىمگە دالالەت››دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق بايانلارنى ئوترىغا قويغان‹‹بىر ئادەمنىڭ تىنى باشقا ئادەملەردىن ئايرىلىپ،مۇستىقىل تۇردىغان يەككە تەندۇر،ھەر بىر ئادەم ئۈزىنىڭ تىنىنى ئىلكىدە تۇتۇپ،كاللىسى بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ،ئۈزىنى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق،ئۈزىنىڭ قۇربى يەتىدىغان ئىشنى قىلىشى كېرەك››{ئىلىمگە دالالەت 83-بەت}بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بولىدىكى ئادەم ئەركىن ئادەم بولغاندىلا ئاندىن ئۈزىگە ئۈزى ئىگە بۇلۇپ،ئۈزىنىڭ ئىشىنى ئۈزى قىلىپ،ئۈزىگە زۈرۈر بولغان ياشاش بوشلىغىنى ھازىرلىيالايدۇ.ئۇنداق بولمايدىكەن كىشىلەر ئۈزىنىڭ تەقدىرىگە ئىگە بولالمايدۇ(ياشاش جەريانىدىكى).قۇللۇق جەمىيەتتە قۇلدارلاردىن باشقا كىشىلەر بۇنداق شارايىتىنى ھازىرلىيالماي‹‹سۆزلىيەلەيدىغان ھايۋان›› دەپ قارىلىپ كىلىپ،سىياسى جەھەتتە قىلچىلىكمۇ ئەركىنلىككە ئىگە بولالمىغانلىغى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ياشاش بوشلىغى قۇلدارلارنىڭ ياشاش بوشلىغىنىڭ ئىچىدە بۇلۇپ،ياشاش ھۇقۇقىنىڭ تەگىشسىزلىكى ھەقىقى رەۋىشتە تەگىشسىزلىكىنى نامايەندە قىلدى.ئەمىليەتتە قۇللار ياراتقان ياشاش بوشلىغى قۇلدارلارنىڭ ياراتقان ياشاش بوشلىغىدىن چوڭ ئىدى.بىراق ئەركىن بولالمىغان قۇللار ئۈزىنىڭ ياراتقان ياشاش بوشلىغىغا ئۈزى ئىگىدارچىلىق قىلىشتەك سىياسى ھۇقۇقتىن مۇستەسنا ئىدى.
ئىنسانىيەت جەمىيىتى تەرەققى قىلىپ فىيۇۋداللىق جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن قۇللارغا قارىغاندا دىخانلارنىڭ ياشاش بوشلىغى زور دەرجىدە كەڭيدى.دىخانلار سىياسى جەھەتتىن ھۆر بۇلۇپ،ئۈزىنىڭ جىسمانى ھۇقۇقىنى ئۈزى كونتۇرۇل قىلدى.بىراق ئىقدىسادى جەھەتتىكى ھۇقۇقى ھۈكىمىران سىنىپنىڭكىگە قارىغاندا يەنىلا ھىچ نىمىگە ئەرزىمەيتتى.بۇ ھال يېنىلا دىخانلارنىڭ ياشاش ھۇقۇقىنىڭ كېڭىيىشىگە ئېغىر توسالغۇلارنى ئېلىپ كەلدى.بۇ دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ ئاساسى ھۇقۇقىدا بارەۋەرسىزلىك ئېغىر ئىدى(سىياسى ھۇقۇق)،ئىقدىسادى ھۇقۇقنىڭ باراۋەرسىزلىكى تېخىمۇ چوڭ ئىدى(رىيال ھۇقۇق) بۇنداق ھەم سىياسى جەھەتتىن ھەم ئىقدىسادى جەھەتتىن باراۋەرسىز بولغان جەمىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھۇقۇقىنىڭ باراۋەر بۇلۇشىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ قىيىن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن فىيۇۋداللىق جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ياراتقان ياشاش بوشلىغى شۇنچە كۆڭ بۇلۇپ ياشاش ئاسانلاشقان بولسىمۇ لىكىن ياشاش ھۇقۇقى بوشلىغى يەنىلا تەگىشسىز بۇلۇپ،نۇرغۇنلىغان دىېقانلار يەنىلا ئاچ -زارلىقتا قالدى.ئۇلار تەربىلىنىش جەھەتتە ھىچقانداق ھۇقۇققا ئىرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىلىش دەرجىسىنىڭ تەرەقىيادىمۇ ئىنتايىن تۈۋەن بولدى.بۇنداق بىلىش دەرجىسىنىڭ ياشاش بوشلىغىنى كەڭەيتىپ،ئىنسانلارنى بەخىتكە ئىرىشتۈرەلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
قانداقلا بولمىسۇن ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ياشاش بوشلىغىغا سېلىشتۇرغاندا فىيۇداللىق جەمىيەتتىكى ياشاش بوشلىغىنىڭ كەڭلىگى ئادەمنى سۈيۇندۈررەتتى.بۇ دەۋرىدە(زامان)ئىنسانلارنىڭ تەرەقىيادى جەمىيەت تەرەقىيادى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ،فىيۇۋداللىق جەمىيەتنىڭ مەدىنىيەتىنى ياراتالىدى.بىراق بايقاش(بىلىش)جەھەتتىكى زامانغا يىتىشەلمەسلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىيەتلىرنىڭ تەرەقىيادىغا يىتىشەلمەسلىكتەك رىياللىقنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ،يېڭى بىر خىل ئىجدىمائى تۈزۈمگە ھامىلدار بولدى.بۇ ماھىيەتتە كىشىلەرنىڭ زامانغالايىقلىشالماسلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.ھۈكىمىران سىنىپلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ياشاش بوشلىغىنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىشى،كىشىلەرنى يېڭى ياشاش بوشلىغىنى ئىزدەشكە(ياشاش بوشلىغىنى كەڭرىتىشكە) مەجبۇر قىلدى.
ئەمىليەتتەبۇ دەۋرىلەردە دەۋرىنىڭ تەلىۋى بەك يۇقىرى ئەمەس بۇلۇپ،ئۇمۇمىلىقتىن ئېيتقانداياشاش بىر قەدەر ئاسان،رىقابەت تۈۋەن،ئىجدىمائىلىش دەرجىسى قالاق بولۇپ،كىشىلەردەۋرىنىڭ شۇ چاغدىكى تەلىۋىگە ئۇيغۇنلىشالايتتى،بىراق بۇ خىل سىياسى تۈزۈم،كىشلەرئارىسىدىكى پەرىقنى چوڭايتىپ،ياشاش بوشلىغىنىڭ تەگىشسىز بولىشنى ئىنسانىيەتكە سوۋغا قىلدى.شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تەپەككۈر يۇلىنى بوغۇپ،تەرەقىياتنىڭ تىزراق بولىشىغا توسقۇنلىق قىلدى.
3.تەرەقىيات تىز،لىكىن ياشاش بوشلىغى جىددىي بولۇش
ھور ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ ئىككى بىلىگىگە تايىنىپ(ئاددى ئەمگەك قىلىپ)ياشاش ئىقدىدارىنى كىچىكلىتىۋەتتى.بۇ ھال كىشىلەر ئارىسىدىكى رىقابەتنى كۈچەيتىپ،ئەقىل بىلەن ئەمگەك قىلىپ،ياشاش بوشلىغىنى يارتىشقا تۈرۈتكە بولدى.بۇ خىل رىقابەت كىشىلەرنىڭ ئەقىل سىنىشىش ئىنقىلاۋىنى قوزغاپ،كىم بىلىملىك بولسا شۇنىڭ ياشاش ھۇقۇقىنىڭ چوڭ بولىشىدەك رىياللىقنى كىشىلەرگە تۇنۇتتى.ئەقىل سىنىشىش ئىنقىلاۋىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىككىنچى قېتىملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلاۋى پارتىلىدى.ئىلىكتىرنى بەلگە قىلغان بۇ ئىنقىلاپ جەمىيەت تەرەقىيادىنى تىزلىتىپ،دەۋرى(زامان)رىتىمىنى تېخىمۇ ئىتتىكلەشتۈرىۋەتتى.بۇنداق ئەھۋالدا سەللا بىخەستە تۇرغان كىشىلەرنىڭ ياشاش بوشلىغىنى يارىتىشى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالاتتى.ئېنگىلىس ئىككىنچى قېتىملىق پەن تېخنىكا ئىنقىلاۋىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەسۋىرلىگەندە مۇنداق دىگەن ئىدى.‹‹بۇ قېتىمقى پەن- تېخنىكا ئىنقىلاۋىنىڭ نەتىچىسىدە بارلىققا كەلگەن تەرەقىيات ۋە ماددى نىممەتلەرنىڭ يىغىندىسى،ئىنسانىيەت پەيدا بۇلۇپ بۇگۇنكى كۈنگە كەلگۇچە ئىنسانىيەت ياراتقان بايلىقلارنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى››
يۇقىرىدىكى ھۈكۈمدىن بىلىش دەرجىسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش بوشلىغىنىڭ كەڭىيىشىدە تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدىغانلىغىنى كۈرىۋالالايمىز.ياشاش بوشلىغىنىڭ كەڭىيىشى ماھىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ماكاندىن پايدىلىنىش ئېتىياجىنىڭ كۈن سىرى ئېشىۋاتقانلىغىدىن دەرەك بېرىدۇ.پايدىلىنىش ئېتىياجى بىلىش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى تۈۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ،بىلىم قۇرۇلمىسى يۇقىرى كىشىلەردە زاماندىن پايدىلىنىش ئېتىياجىمۇ كۆپ بۇلۇدۇ.
ئۇچۇر تېخنىكىسىنى مەرگەز قىلىپ بارلىققا كەلگەن ئۈچۈنچى قېتىملىق پەن- تېخنىكا ئىنقىلاۋى ئەقىلىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەرەقىيات نىشانى قىلىپ،ئادەمنىڭ ئىلمىي ئەمگىگىنى ماشانا ئارقىلىق قىلىشنى ئاساسى جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ،كىشىلەرگە قۇيۇدىغان تەلەپنى تېخىمۇ يۇقىرىلىتىۋەتتى.بۇنىڭ بىلەن ماشىنا بىلەن ئادەم ئوترىسىدىكى بوشلۇق تالىشىش كۈرىشى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كەتتى.بۇنى ئامرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىلىنتون خۇلاسىلاپ‹‹دۇنيا بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىگە كىردى››دەپ ئىنسانىيەتكە خىتاپ قىلدى.
ئاۋىستىرىىيەلىك يۈسۈف كىرشىنىر ئۈزىنىڭ پەلىسىپىۋى ئەسىرى‹‹ئۆزەڭدىن ھېيىقىدىغان بول››دا مۇنداق قاراشلارنى ئوترىغا قويغان‹‹ئادەملەر،دۆت،ھىلىگەر،ئاقىل دەپ ئۈچكە بۆلىنىدۇ،دۆتلەر ھىلىگەرلەر ئۈچۈن ئىشلەيدۇ،دۆتلەر بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ يول كورسۈتۈشىگە مۇھتاچ بولىدۇ.ھىلىگەرلەر دۆتلەر ئارقىلىق پايدا ياراتقۇچىلار،ئاقىللار بولسا ئۈزىگە نىمە لازىملىغىنى بىلىدۇ.21-ئەسىر يەنىلا ئۈزىنىڭ 3 قېدىمىلىقنى ساقلايدۇ.ھاماقەتلەر يەنىلا كۆپ بۇلۇدۇ.دۇنيا يەنىلا ھىلىگەرلەرنىڭ ئۇيۇن سەھنىسى بولىدۇ.ئاز بىر قىسىم دانىشمەنلەرمۇ چىقىپ تۇرۇدۇ››{ئۆزەڭدىن ھېيىقىدىغان بول،ئاپتۇرھەقىدە1-،2-بەتلەردىكى ئۆزلەشتۈرمىدىن ئېلىنىدى}
يۇقىردىكى ھۈكۈمنى تەھلىل قىلدىغان بولساق بۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ ئۈزىنى بىلىش ،ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالالايمىز.كىتاپتا دىيىلگەن دۆت كىشىلەر ماھىيەتتە ئۈزىنى تۈنىمىغان،بىلىم قۇرۇلمىسى تۈۋەن كىشىلەر بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ ھالدا ياشاۋاتقان بۇنداق كىشىلەر تەبىئى ھالدا باشقىلارنىڭ قۇلىغا قاراپ قالغۇچىلاردۇر.ھىلىگەر كىشىلەر بولسا بۈلۈم قۇرۇلمىسى كەڭرى ھەم سىياسى كاللىغا ھەم ئىقدىسادى كاللىغا ئىگە كىشىلەر بۇلۇپ،ئۇلار بىلىم قۇرۇلمىسى تۈۋەن كىشىلەرنى باشقۇرغۇچىلاردۇر.دانىشمەنلەر بولسا ئۈزىنىڭ نىمە قىلىشىنى،ئۈزىگە نىمە لازىملىغىنى بىلىپ ياشىغۇچى ئاقىللار بۇلۇپ،بۇلار دۇنيا تەرەقىيادىدىكى تايانچىكۈچلەردۇر(ئالىم،پەيلاسۇپ،ئەدىپ...قاتارلىقلار.
21-ئەسىردە بۇ ئۈچ قاتلامنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق،بىراق بىز دۆتلەردىن بۇلۇپ قالساق بىزنىڭ ياشاش بوشلىغىمىز ھىلىگەرلەر تەرىپىندىن ئىگەنلىۋېلىنىپ،بىز ياشاش جەھەتتە باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان بۇلۇپ قالىمىز.ھازىرقى دەۋرى تىزلىگى بىزدىن ئۇيقىمىزنى ئېچىشنى تەلەپ قىلۋاتقان دەۋرى بۇلۇپ،كىم دەۋرىنىڭ ئارقىسىدا قالسا شۇ زاماننىڭ دۆتلىرىگە ئايلىنىدۇ.
بۇ ھەقتە بۇغدا دوختۇرىانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەركىن ھاشىم مۇنداق دىگەن‹‹ھازىر بىر جىڭ گۆشنى بىر بۆرە تالىشىدىغان دەۋرى ئەمەس،بۇ دەۋرىدە بىر جىڭ گۆشنى ئون بۆرە تالىشىدۇ››بۇنىڭدىن زامان تەرەققىيادىنىڭ ئىنتايىن تىز بۇلۇپ،بىر بوشلۇقىنى نەچچەئون،نەچچە يۈز كىشىنىڭ تالىشىدىغانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز.بۇ رەھمىسىز تاللاشتا كىمنىڭ ئەقلى زىيادە بولسا شۇ تالاشقان ياشاش بوشلىغىغا ئىگە بولالايدۇ.
بۇھال بىزگە تەرەقىياتنىڭ قانچە تىز بولۇشى ياشاش بوشلىغىنى شۇنچە كەڭيتسىمۇ لىكىن يانىلا ياشاش بوشلىغىنىڭ جىددى بولدىغانلىغىنى كۈرسۈتۈپ بېرىدۇ.بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ياشاش بوشلىغى ئەلۋەتتە بۇ دۇنيانىڭ خۇۋلۇغىنى(ھالاۋىتىنى)كۈرۈپ ئادەمدەك ياشاش پۇرسىتىگە قارىتىلغان.
ئامرىكىلىق ئاربوت خۇببارت ئۈزىنىڭ ‹‹گارسىياغا يېزىلغان خەت››دىگەن ئەسىرىدە‹‹ئۈزۈڭدىن باشقا ھىچ كىم سىزنى غەم-قايغۇغا سالالمايدۇ.سىز ئۆزىڭىزنىئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ قارايالامسىز››{يۇقارقى كىتاپ 235-بەت}دىگەن مەشھۇر ھۈكۈملەرنى ئوترىغا قويغان.بۇ بىزگە نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟بۇنىڭدىن شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشىنەلەيمىزكى ئۈزىنى دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلىتەلمىگەن كىشىلەرئاخىرقى ھىساپتا ئۈزىگە زۈلۈم قىلغۇچى بولۇپ قالىدۇ.سىزنىڭ بۇ نوقتىنى چۈشەنگەن چېغىڭىز ياشاش بوشلىغىغا ئىرشىش پۇرسىتىڭىزنى باشقىلارغا بىرىپ بولغان چېغىڭىزدۇر.
زاماننىڭ رىتىمىنىڭ تىزلىشىش ماكاننىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ نامايەندە قىلىدۇ،زامان ئۇقۇمىنىڭ تىزلىگى ماكاننىڭ چەكسىزلىگىگە خىرىس كەلتۈرۈدۇ.بۇنىڭ بىلەن ماكانىڭ ئاڭدىكى(ئۇچۇردىكى) مەنىسى كىچىكلەپ،ماكان سىرلىرى ھەممىگە چۈشۈنىشلىك،ئاشكار بولىدۇ.دەل مۇشۇ چاغ ھازىرقى كىشىلەرنىڭ پۇرسەتنى تۇتىدىغان ياكى كەتكۈزۈپ قويدىغان ۋاقتى بۇلۇپ،مۇشۇ ۋاقىتىنى توغرا قىياس قىلالىغانلار چۇقۇمكى غالىپلاردۇر.بۇنداق توغرا قىياس قىلىش يېنىلا بىلىم سەۋىيەنىڭ يۇقىرى-تۈۋەنلىكى،زاماننىڭ شاللىشىغا بەرداشلىق بىرىش كۈچى تەرىپىندىن بەلگىلىنىدۇ.پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغانلار بولسا تەرەققىيات بىزگە ئاتا قىلغان ياشاش بوشلىغى ئىچىدىكى قاينامدا تەمتىرەپ يۈرگۈچىلەردۇر.
بىزدە‹‹كاللا ئىشلىمىسە،پۇتقا جاپا››دەيدىغان مەشھۇر ھىكمەت بار،بۇنىڭ مەنىسى ئېقىل بىلەن ئىش قىلىساڭ زامانغا لايىقلىشالايسەن دىگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
4.ياشاش بوشلىغى يارتىشتا،ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرتلەر
ھازىرقى كىشىلىرىمىز دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ يېڭى-يېڭى ياشاش بوشلىغىغا ئىرشىپ،باشقىلارنىڭ قۇلىغا تەلمۇرۈپ قالماسلىغى ئۈچۈن تۈۋەندىكىدەك سالاھيەتنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك.
1.دۇنيا بىلەن بولغان چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،زاماننىڭ بىزدىن نىمىلەرنى كۈتىۋاتقانلىغىنى چۈشىنىپ،شەيئىلەرگە بولغان بىلىش دەرجىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۈتۈرىشىمىز لازىم.
2.كىشىلەر نىشانغا يىتىش ئۈچۈن شەيئىلەرنى ئۈزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن شەھرىلەشكە ماھىر بۇلۇپ،شەيئىلەرنىڭ ھەركەت قانۇنىيەتىنى ياخشى ئىگەنلىۋېلىشى كېرەك.
3.كىشىلەردە بەلگۈلۈك ئارزۇ-تەلەپ بۇلىشى،ئۈزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماستىن ئۈگىنىدىغان ئۆمۈرۋايەت ئۈگىنىش ئىرادىسى ۋە ئەمىليىتى بولۇش كېرەك.
4.يۈكسەك ئەدەپ-ئەخلاق يارتىش يۇلىدا ئىزدىنىپ،ئۈزىدىكى پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى تۈگىتىپ،توغرايولدا مېڭىش لازىم.
5.كىشىلەردە بەلگۈلۈك دۇنيا قاراش،بەلگۈلۈك ئىدىيە-ئېتىقات بۇلۇشى لازىم.
6.كىشىلەردە ئىجات قىلىش روھى،يېڭىلىق يارتىش روھى بولۇشى كېرەك.
7.ئۇلار بەلگۈلۈك سەۋىيەدىكى قانۇنى ئاڭنى يىتىلدۈرۈپ،قانۇن بۇيۇچە ئىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.
8.ئادىمىلىكنى ئاساسى ئورۇنغا قويدىغان رىقابەت ئېڭى،خىرىسقا تاقابۇل تۇرىدىغان،پۇرسەتنى تۇتۇش ئېڭى،جاپادىن قورقىمايدىغان قول سېلىپ ئىشلەش جاسارىتى،ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇستەككەم ئىرادىدسى بولۇشى كېرەك.
يۇقىرقى تەرەپلەردىن مۇستەككەم بىلىمگە ئىگە بولالىساق بىزنى يېڭى-يېڭى ياشاش بوشلىغى كۈتۈپ تۇرۇدۇ.ئۇنداق بولمىسا بىزنىڭ ئۆمرۇمىز مۇھتاچلىق ئىچىدە،سارغىيىپ ئۆتۈشى مۇمكىن.
بىز ياشاش بوشلىغى يارتىش ئۈچۈن بىردەك تىرشايلى!
پايدىلانغان كىتاپلار:
1.مۇھەممەت ئەھمەت زەئىد موللىنىڭ‹‹قۇرئانىدىكى قەسسەلەر››
2.ئابدىشۈككۈر مەھەممەتئىمىننىڭ‹‹قەدىمقى مەرگىزى ئاسيا››
3.فۇزېيۈيجىنىڭ‹‹ئىلىمگە دالالەت››
4.يۈسۈف كىرىشنىرنىڭ‹‹ئۈزەڭدىن ھېيىقىدىغان بول››
5.ئاربوت خۇببارتنىڭ‹‹گارىسياغا يېزىلغان خەت››
(ئىجادىيەت)