مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1085|ئىنكاس: 8

ئىرانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 02:22:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

 ﺋﯩﺮان __ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻜﻰ 4000 -5000 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ دۆﻟﻪت. ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﺑﯜﻳﯜك ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﺗﺎرﯨﺨﺘﺎ «ﭘﺎرس»لار دەپ ﺋﺎﺗﯩلاﺗﺘﻰ. ﭘﺎرﺳلارﻧﯩﯔ ﻣﯩلادﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ 2700 -ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﭘلا ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪن ﺗﺎرﯨﺨﻰ ۋە ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎر. ﺋﯩﺮان ﻛﯚپ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ دۆﻟﻪت ﺑﻮﻟﯘپ، ﭘﺎرﺳلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن، ﺋﻪرەب، ﻛﻮرد، ﺗﯜرﻛﻤﻪن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺑﺎر، ﭘﺎرﺳلار ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﭘﺎرﺳلارﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯩﺮاﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪرﺑﯩﻲ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرﯨﺪۇ. 2006 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪڭ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺪا ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﺮاﻧﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 70 ﻣﯩﻠﻴﻮن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭘﺎرﺳلار% 66ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪۇ. ﭘﺎرس ﺗﯩﻠﻰ ۋە ﭘﺎرس ﻳﯩﺰﯨﻘﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﻰ دۆﻟﻪت دﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. ﭘﯘل ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ رﯨﻴﺎل.

  ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻳﯜرۈش- ﺗﯘرۇﺷﯩﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪە - ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮى

  ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭙلا ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪە - ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘق ﻣﯩﻠﻠﻪت. ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎلاﻗﯩﺪە ﺋﻪڭ ﻧﺎزۇك ﻧﯘﻗﺘﯩلارﻏﯩﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪش ﻳﯜزﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﯚزﯨﻨﻰ «ﭘﯧﻘﯩﺮ، ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻠﯩﺮى» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺳﯚزﻟﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﺎﻳﺪۇ. « ﭘﻪرﻣﺎن ﺑﻪردارﻣﻪن»، « ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﯩﻢ»، « ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻢ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘپ ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ. ﻛﯚرۈﺷﻜﻪﻧﺪە ﺋﻪدەﭘﻠﯩﻚ ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚز - ﺋﺎرا ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاﻗﻰ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺴﯘن ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﻧﯘﺷﻤﯩﺴﯘن، ﺋﯚز ﺋﺎرا ﺳﺎلام ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﻳﺪۇ. ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎﻧﺪا ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ دﯦﻤﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪى ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯜﻧﯟاﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘپ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﮕﻪن. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: «دوﻛﺘﻮر ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك. . . ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜپ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﺎلام ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ دەرﯨﺠﻪ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى، دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺗﻪڭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻟﻪۋﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺗﻪﮔﻜﯜزۈﺷﯜپ ﻛﯚرۈﺷﯩﺪۇ، دەرﯨﺠﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪل ﭘﻪرق ﺑﺎر ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﺷﯩﺪۇ، دەرﯨﺠﻪ ﭘﻪرﻗﻰ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﻪرﻟﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﯜﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

  ﺋﯩﺮاﻧﺪا ﺋﺎﻳﺎﻟلار ۋە ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧلار ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ - ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎۋۋال ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ ﻳﻮل ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ، داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎۋۋال ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﻗﻮل ﺋﯘزﯨﺘﯩﺪۇ. ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳلاردا ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ ﺋﻮرۇن ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە، ﺑﺎلا ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﺪۇ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ، ﻗﯩﺰلارﻏﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﻳﯜﻧﯩﺪۇ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﯘرﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘلار ﺑﺎر ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺋﯚز ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەر ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪۇ.

  ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯚزﻗﺎرﯨﺸﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎلاﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧلاق ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﺳﺎﻧﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﺮەر ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘدۇﻟﻤﯘﺋﯘدۇل ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﭘﺎراڭ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪا، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮔﯩﺮەﻟﻪﺷﺘﯜرﯨﯟاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮەك، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەﭘﻨﻰ ﻛﯚزﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ.

  ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻰ __ ﻧﻮرۇز ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ۋە «ﺋﻮت ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮەش»

  2000 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻧﻮرۇز ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﻪﻣﺴﯩﻴﻪ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﺪا 1 -ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 -ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻰ __ ﻧﻮرۇز ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 3 -ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 -ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﻧﻮرۇز ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪا ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﺎﻳﺮام ﺷﺎدﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﯜش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ «ﺋﻮﺗﺘﯩﻦ ﺳﻪﻛﺮەش» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﺎرﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ. ﺋﯧﻴﺘﯩﺸلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺋﻮﺗﺘﯩﻦ ﺳﻪﻛﺮەش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﻗﻪدﯨﻤﺪە ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺋﺎﺗﻪش دﯨﻨﻰ»دﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯩﻜﻪن. ﺑﯘ ﻛﯜن ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ - ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﻪردﯨﻦ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮت دۆۋﯨﺴﻰ ﮬﺎزﯨﺮلاپ، ﻗﺎﻳﻨﺎق ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮت دۆۋﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮەپ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﺪۇ، ﺋﻮﺗﺘﯩﻦ ﺳﻪﻛﺮﯨﮕﻪﻧﺪە « ﻳﯜزۈﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯧﺮﯨﻘﻠﯩﻘﻨﻰ (ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر، ﺑﺎلا-ﻗﺎزالار ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪۇ) ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻪردﯨﻢ، ﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻠﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ (ﺳﺎﻏلاﻣﻠﯩﻖ، ﺑﻪﺧﺖ - ﺳﺎﺋﺎدەت ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪۇ) ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪر!» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺗﻪﻛﺮارﻟﯩﺸﯩﺪۇ. ﻗﯩﺰلار ﻳﯜزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯜﻣﺒﻪﻟﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻛﯜﻣﯜش ﻗﻮﺷﯘﻗلارﻧﻰ ﺟﺎراﯕﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯚﻳﻤﯘﺋﯚي ﻳﯜرۈپ ﻛﻪﻣﭙﯜت ﻳﯩﻐﯩﺪۇ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ دوﻗﻤﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯚﻛﯜﻧﯜۋﯦﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯩﯖﺸﺎﻳﺪۇ، ﮬﻪم ﺋﺎﯕﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺗﯘﻧﺠﻰ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﭘﺎل ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎﺧﺸﻰ - ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘلاردﯨﻦ ﺑﯧﺸﺎرەت ﺗﺎﭘﯩﺪۇ. ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﺟﻪم ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﻴﯩﺸﯩﺪۇ، ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﺪە ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﺎﺋﺎﻣلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، «ﻗﯘرﺋﺎن ﻛﻪرﯨﻢ» ﻗﻮﻳﯘﻟﯘپ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻧﯘﺳﺮەت ﺗﯩﻠﯩﺸﯩﺪۇ. داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪا ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯘرﭼﺎق، ﺑﯘﻏﺪاي ﺋﯜﻧﺪۈرﻣﯩﺴﻰ، ﺋﺎﻟﻤﺎ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘ، ﺳﺎﻣﺴﺎق، ﺗﯧﺘﯩﺘﻘﯘ، ﻣﺎﻟﺘﯘزا، ﺗﯩﻠلا ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺗﯜرﻟﯜك ﻧﻪرﺳﻪ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻗﯩﺰزﯨﻖ ﻳﯧﺮى، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﺗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺗﯜرﻟﯜك ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﭘﺎرس ﺗﯩﻠﯩﺪا ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا «س» ﮬﻪرﯨﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷلاﻧﻐﺎن. ﺑﯘ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ- ﺳﺎﺋﺎدەﺗﻜﻪ، ﺗﯩﻨﭻ - ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ، ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ. ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯜچ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﻏﻘﺎﻧلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﭘﻪﺗﯩﻠﯩﺸﯩﺪۇ. «13» رەﻗﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺳﺎن ﺋﻪﻣﻪس دەپ ﺑﯩﻠﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺷﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺳﻪﻳﻠﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ.

  ﺗﻮي - ﺗﯚﻛﯜن ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى

  ﺋﯩﺮاﻧﺪا ﺋﻮﻏﯘﻟلار 12 ﻳﺎﺷﻘﺎ، ﻗﯩﺰلار 9 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨلا ﺗﻮي ﺋﯜﭼﯜن ﭼﺎي ﺋﯩﭽﯩﺮۈﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪڭ ﺑﺎﻟﺪۇر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا 15 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻗﯩﺰ - ﺋﻮﻏﯘﻟلار ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎۋۋال ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ رازﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﻮي ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎ، ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﺧﻪت ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ رۇﺧﺴﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﺋﻪﮔﻪر ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەپ ﻣﺎﻗﯘل ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

  ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺗﻮي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨﻦ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗلاﻧﻐﺎن ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺋﺎدەﺗﻠﻪر ﺑﺎر. ﺑﻪزى راﻳﻮﻧلاردا ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەپ ﺋﻮﻏﯘل ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ «ﺳﯜت ﮬﻪﻗﻘﻰ» ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺳﯜت ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﯘل ﺗﻪرەپ ﺋﯚز ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺗﯘرۇپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺳﯜت ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەپ ﺋﻮﻏﯘل ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ «ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﻰ» ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ « ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﻰ»ﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﺎۋادا ﺋﻪر ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﻮي ﺧﯧﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘن ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﻪر ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ رەت ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺟﺎزاﻏﺎ ﺗﺎرﺗﯩﻠﯩﺪۇ.

  ﺋﯩﺮاﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزى راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺗﻮﻳﯩﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻧﺪا ﺋﯚزﺋﺎرا ﺑﺎﻏﺎق ﻳﯧﺰﯨﺸﻤﺎي، ﭘﻪﻗﻪت ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻛﻪﻣﭙﯜت، ﻟﯚﯕﮕﻪ، ﭘﺎﻳﭙﺎق، ﻛﯚﯕﻠﻪك، ﮔﯩﻠﻪم ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎددﯨﻲ ﺳﻮۋﻏﯩلارﻧﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ. ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻨﻐﯘﭼﯩﻤﯘ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ، ﺗﻮﻳﻰ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ - ﺗﯘرۇم، ﺋﯘن- ﻳﺎغ، ﻗﻮي- ﻛﺎلا ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻮۋﻏﯩلارﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ.

  ﺗﻮي ﻣﯘراﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﻮپ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘپ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﯩﺰ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪۇ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﺮدەﺳﺘﻪ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪۇ. ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﻮي ﺳﻮﻳﯘپ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﺸﯩﺪۇ، ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺳﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗلاپ ﺋﯚﺗﯜدۇ.ﺑﻪزى راﻳﻮﻧلارﻧﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺗﻮﻳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ۋە ﻗﯘدﯨلارﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻠﯜك ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﻗﯩﺰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺗﯘرۇپ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪۇ. ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ، ﻗﯘدﯨلارﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻠﯜك ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ ﻳﻪر، ﻗﻮي - ﻛﺎلا ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

  ﺋﯩﺮاﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺗﺎ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺗﻮي ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﺗﻮي ﻣﯘراﺳﯩﻤﯩﺪا ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﻪﻳﻨﻪك ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪۇ، ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯜﭘﯜرﮔﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﺪۇ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﺑﯩﺮدﯨﻦ ﺷﺎم ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮى ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺳﯩﻤﯟۇل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺑﻪﻟﯟاﻏﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﺎن، ﻗﺎﻳﻤﺎق، ﻛﺎلا- ﻗﻮي ﻳﯧﻐﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺋﻮراپ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﻪردﯨﻦ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏلاﻳﺪۇ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە ﻳﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزى راﻳﻮﻧلاردا ﻗﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﯘل ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە ﺋﻮﻏﯘل ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘش ﺋﺎرزۇﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ.

  ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺗﻮي - ﺗﯚﻛﯜن ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﯧﻜﺎﮬﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪددەس ﺑﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪردە ﺋﻮﺧﺸﺎش. ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﻪك ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚز دﯨﻴﺎﻧﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﺋﯜﭼﯜن ﺟﯧﻨﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻳﺪۇ. ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪردە ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻤﯘ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪۇ.

  ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎدﯨﺘﻰ

  ﺋﯩﺮان ﺋﻪرﻟﯩﺮى ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪك ﻛﯩﻴﯩﺸﺘﻪ ﺋﺎددى - ﺳﺎددﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘس ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧلاردا ﻳﯜزى ۋە ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻗﻮﻳﯘپ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﺸﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺗﯜزۈم ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺗﯜزۈم ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﻤﯩﮕﻪن ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﺮان ﺋﺎۋﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮى ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزﻣﻪﻳﺪۇ. ﻣﻪن ﺋﯚزۈم ﺋﯩﺮاﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮرى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﭗ ﻛﯚردۈم ﮬﻪم ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ رەﺳﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلارﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ. ﺋﯩﺮان ﺋﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪە ﺑﺎﺷﻘﯩلاردﯨﻦ ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن زور ﭘﻪرق ﻳﻮق ﺋﯩﻜﻪن. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﺎﻳﺎل ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯜزﯨﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻗﻮﻳﻐﺎن ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮرﯨﯟاﻟﯩﺪﯨﻜﻪن، ﻳﻮﭘﻜﺎ ﻛﻪﻳﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪن، ﺋﯩﺸﺘﺎن ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻪن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘزۇن ﻛﻪﻟﮕﻪن ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﻰ ﺗﯩﺰﯨﻐﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻜﻪن. ﺋﯩﺮان ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯘلارﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺟﻪزﺑﺪارﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﮔﯜزەل ﭼﯩﺮاﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻧﺪاق ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺎل ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺧﺎس لاﺗﺎﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮﯕﺮاﻗﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﯘن ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا - ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﯘن ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪن.

  ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار

  ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﺳﯘﻧﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ، ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ دەپ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﻳﺪۇ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﯘﻧﻰ ﺑﯘﻟﻐﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺳﻮرۇﻧﺪا ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ رەﺗﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺧﯘﺷﭙﯘراق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺑﻪزى ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلاردا، ﺋﯩﺮاﻧﺪا ﺋﻪڭ ﺑﯘرۇن ﺳﻮﭘﯘن ﺋﯩﺠﺎد ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﮬﻪم ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﯩلادﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇﻧلا ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺳﻮﭘﯘن ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلار ﺳﺎﻗلاﻧﻐﺎن. ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﮬﺎرﭘﯩﺴﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﭼﻮڭ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﮬﻮﻳلا- ﺋﺎرام، ﺋﯚي ﺋﯩﭽﻰ ۋە ﺗﯘرﻣﯘش ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮى ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺪۇ.

  ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﭘﻪرﮬﯩﺰﻟﯩﺮى

  ﺋﯩﺮاﻧﺪا ﮬﺎراق ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ، ﮬﺎراق ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﮬﺎراق ﺳﯧﺘﯩﺸﻘﺎ، ﻗﯩﻤﺎر ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮل ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﻳﺎت دﯨﻨلارﻏﺎ ﮬﯚرﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﭼﻮﻗﯘم ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﺎرﺗﯩﺪۇ، ﻳﯜزى ۋە ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﺋﯩﺮاﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪزى ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﻮل ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮاپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘدۇل ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪۇ، ﺋﻪرﻟﻪرﻣﯘ ﮬﻪم ﺷﯘﻧﺪاق. ﺋﯘلار ﺋﯩﺴﻘﯩﺮﺗﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﻛﯚرﯨﺪۇ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ دۈﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻨﻰ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﺎرﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪرزى ﺑﺎرلار ﻗﻪرزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇﺷﻰ ﺷﻪرت، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﻪرز ﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪا ﺋﺎﭘﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﺪۇ. ﺑﺎﺷﻤﺎﻟﺘﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﻮزۇپ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺋﯩﺸﺎرەت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﻗﺎرەﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ. ﻛﯜن ﭘﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺗﯘز ﺳﻮراپ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺗﯘز ﺳﻮراپ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺗﯘز ﺳﻮرﯨﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺗﯜﮔﻪپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎلا - ﻗﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺳﻮل ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﯘزاﺗﻤﺎﻳﺪۇ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﺳﻮل ﻗﻮﻟﻨﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪت دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﻗﺎﺳﺮﯨﻘﻰ ﻳﻮق، ﭘﺎلاﻗﭽﯩﺴﻰ ﻳﻮق ﺳﯘ ﮬﺎﻳﯟاﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻤﻪﻳﺪۇ.

  ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺗﻪرﺑﯩﻴەﺴﻰ

  ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪە ﺋﺎت ﻣﯩﻨﯩﺶ، ﻗﺎرﯨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪۇ. ﺋﺎدەﻣﺪە ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧلارﭼﻪ ﺟﺎﺳﺎرەت، ﺋﯩﺮادە ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ، ﺋﻮﭼﯘق- ﺋﺎﺷﻜﺎرا، ﭘﺎك - دﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘس ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻘلار ﻳﺎﻟﻐﺎن ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﻛﯚرﯨﺪۇ، ﻳﺎﻟﻐﺎن ﺳﯚزﻟﻪﺷﻨﻰ ﺑﺎرﭼﻪ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ راﺳﺘﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪۇ.

  ﺋﯩﺮان ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻨﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ زور ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﻪرﮔﻪن، ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلاردا ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﺮان ﺳﺎۋاﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪپ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﯩﺮان ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ 85%ﺗﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯩﺮان ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ دوﻛلاﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯩﺮان ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻪش ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ% 94ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈﺷﻨﻰ ﭘﯩلاﻧﻠﯩﻐﺎن. ﺋﯩﺮان ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻮﻧﯘﺷﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﻛﯚﺗﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن دەرﺳﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ۋە ( ITﺋﯘﭼﯘر ﭘﻪن- ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ)، ( ITCﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ) دەرﺳﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ زور ﻛﯜچ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺷﯘرۇﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪن.

ﭘﺎﻳﺪﯨلاﻧﻤﯩلار:
1 .«دۇﻧﻴﺎ ﺋﯚرپ - ﺋﺎدەت ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ»
2 .« دۇﻧﻴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ»
3 .«دۇﻧﻴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚرپ - ﺋﺎدﯨﺘﻰ ۋە ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ»

مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 04:24:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇرەتلىك بۇلۇپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ پەيزى بۇلاركەن ئەمەسمۇ. ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13600
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 05:06:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەملىرى چىرايلىق پاكىز .... ئەخلاقلىق ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك  بىر دۆلەت .............. يەنە بىر نۇقتا نۇرغۇن كىشلەر ئىراندا ئاياللارنىڭ ھۇقۇقى يوق دىيىلدۇ  ئەمما بۇ خىل قاراش خاتا ئىراندا ئاياللارنىڭ ئورنى ھەرقانداق غەرىب دۇنياسىدىن يۇقرى .ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئارىسدا ئەرلەردىن ئاياللار كۆپرەك  ،... پارلامىنتا ئاياللار خىېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ ...  ئاددىسى ئىراندا ئاياللارغەرىب ئايالىىردەك جان بېقىش ئۈچۈن پاھىشە بولمايدۇ ................

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 07:37:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ، ئىجتىمائى تۈزۈلمە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت بىزنىڭ جەميىتىمىزدىن ياخشىمىكىن، دەيمەن................

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19780
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7179
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 4046 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 07:52:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىراندا ئەزەر  تۇركى 20مىليوندىن  ئاشىدۇ،،2000-يىلىغۇ دەيمەن ھاتەمى ئۇرۇمچىگە كىلىپ  ناماز ئوقۇغان ،،،،،،يەنى ھاتەمى  ئەزەر تۇركى كەن ،،يەنە ئۆكتىچى پارتىيە مۇسا  مۇ  ئەزەر كەن دوسلار،،،تۇركى مىللەتلەر  گەمۇ  بىر  كىشلىك  ئۇرۇن  بەرگەن............تۇركى  مىللىتى  ياشىسۇن.

غۇرۇر

ئۆزلۈكى يوق مىلل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6284
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9218
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2011-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 07:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىران، مېنىڭ بۇ دۆلەت بىلەن خوشۇم يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29930
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6232
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 184 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-22 02:21:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىرانلىقلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بەك ئىناق دەپ ئالىغان بىرسىدىن

كۆڭۇل كۆڭىلدىن سۇ ئىچەر

Ceddin deden neslin baban Hep

باش رەسىمى نىقابلانغان

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1686
يازما سانى: 3218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58608
تۆھپە نۇمۇرى: 432
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-22 02:36:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27307
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5469
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-22 03:25:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىرانغا خېلى قىزىقىمەن. رەخمەت سىزگە.

ھاياتنى قەدىرلەش كېرەك ، چۇنكى ھاياتىمىز بەك قىسقا باللا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش