مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1450|ئىنكاس: 19

پىچاننىڭ تارىخى ۋە  قۇم مەنزىرىلىرىدىن ھو [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9004
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8397
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 12:54:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]پىچاننىڭ قىسقىچە تارىخى

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]پىچان ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكى، بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ
شەرقىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قۇمۇل شەھىرىگە، غەربىيى تۇرپان شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسىگە، لوپنۇر ناھىيىسىگە، شىمالىي تەرىپى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن گۇچۇڭ ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 190 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 250 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 38 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا 5 بازار، 5 يېزا، 81 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىنى قېردىرىپ تەكشۈرۈش - ئېچىش قوماندانلىق شىتابى، گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى 1 - گېئولوگىيە ئەترىتى، شىنجاڭ قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە تەتقىقات ئورنى بار، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 277 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىنىڭ 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 187 مىڭ 100، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 67.63% نى، خەنزۇلار 27.24% نى، باشقا مىللەتلەر 5.13% نى تەشكىل قىلىدۇ. پىچان خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى قانقىل قەبىلىسى زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاستانە ئايمىقىنىڭ لۈكچۈن ۋە پىچان ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر ؟خانلىقىغا قاراشلىق بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە رۇقچاققا قاراپ، يۈز بېشى مەمۇرىي ئەمەلدارى دارۇغاچنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى لۈكچۈن دەپ ئۆزگەرتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭ جىڭ 5 - يىلى (1727 - يىلى) پىچان بازىرى قۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) پىچان خان ئامبىلى قويۇلغان. چىچەنلۇڭ 36 - يىلى (1771 - يىلى) پىچان تەپتىش بېگى قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلكى (1902 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، پىچاننىڭ خەنزۇچە نامى شەنشەنگە ئۆزگەتىلگەن ۋە تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر دوتەي مەھكىمىسىگە، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە، ئاپتونوم رايون ھاۋالە قىلغان تۇرپان مەركىزىي ناھىيىسىگە ۋە قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1975 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىگە قارىغان. يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شەرق،جەنۇب، شىمال تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بۇغدا تېغى ناھىيە تەۋەسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. تاغ يېرى 7.8% نى، تۈزلەڭلىك 8.1% نى، قۇم - چۆل 84.1% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە تەڭرى تېغى ۋە يالقۇنتاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسىدا 6 دەريا بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 238 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 480 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا تۆگە، سايگاڭ بۆكۈنى، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قانتېپەر، سوغىگۈل، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، ماگنىي، بېنتونىت، ناترىيىلىق سېلىترا، گىلائۇبېر تۇزى، مەرمەر تاش، كرىستال قاتارلىقلار بار. پىچان ناھىيىسى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 44.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 126.5 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 3112.4 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 4518.1℃، قىروسىز مەزگىلى 263 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 25.2 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2727.0 مىللىمېتىر كېلىدۇ. بۇ ناھىيە ئىقتىسادىي زىرائەتنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 14 مىڭ 300 گېكتار (215 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 5300 گېكتار (79 مىڭ 500 مو) ئورمان، 312 مىڭ گېكتار (4 مىليون 680 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 30 مىڭ گېكتار (450 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 3300 گېكتار (50 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. ئىقتىسادىي زىرائەتتىن كېۋەز، ئۈزۈم، قوغۇننى ئاساس قىلىدۇ. قوغۇن ماكانى ھېسابلىنىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قۇناق قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ. چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قېزىلماي بايلىق قېزىش، مېتال تاۋلاش، ئانئورگانىك تۇز - خىمىيە سانائىتى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، يېمەكلىك سانائىتى قاتارلىقلار بار. پىچان ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى ، لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ تۇتىشىپ كەتكەن. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىك كابىلى تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. 3600 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكىتىمىز بىلەن تورلاشتۇرۇلغان. كۆچمە تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىمەكتە. بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يەتتە قىز مازىرى، تويۇق مىڭ ئۆيى، پىچان دۆڭ بازىرى چوڭ مەسچىتى قاتارلىقلار بار.

[align=justify]

 پىچاننىڭ ئاجاياپ سىرلىق ھەم كىسەل داۋالاش خۇسوسىيىتى بىلەن دۇنيدغا تۇنۇلغان قۇم مەنزىرلىرىدىن تاللاپ ھۇزورىڭىزلارغا سۇندۇم ھۇزورلانغايسىزلە!


مانا بۇ پىچان قۇم باغ ساياھەت ئورنىنىڭ كىرىش ئىغىزى.


قۇملۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پىچانغا قارىغاندىكى كۆرۈنۈش



قۇملۇقنىڭ سەھەر كۈن يىڭى چىققاندىكى مەنزىرسى

قۇمدا ساياھەت قىلۋاتقان كىشلەر

[align=justify]

[align=justify] 

[align=justify] 


قۇم باغنىڭ ئىچىدىكى كىچىك كۆل 



 
قۇملۇقتىكى قىزغىن كەيپىياتلىق يىغىلىش

[align=justify]مەنبە: بىرقىسىم ماتىرياللاردىن ئۆزۈم تەييارلىدىم




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4749
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7450
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 02:01:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرنى ئىمانسىز لار قاپلاپ كىتىپ تۇ

ئالىمجان

تەدبىرىڭ قانداق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18574
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9248
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2091 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2011-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 02:14:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىچاننىڭ قىسقىچە تارىخى ناھايتى تەپسىلى يىزىپسىز،سزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت‹‹‹‹›››

ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق، كەتتىمۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق. شۇئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل، ۋەياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9004
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8397
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 02:32:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت ahsajan كە 2010-12-23 02:01 AMئەۋەتىلدى :
مۇنبەرنى ئىمانسىز لار قاپلاپ كىتىپ تۇ

كىمنى دەيسىز ئېمانسىز دەپ ؟ تىمامغا ئەڭ باشتا سىز ئىنكاس يازغاندىكىن ياخشى گەپ قىلماي نىمانچە كەيپىمنى ئۇچۇرىسىز؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23175
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6083
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2011-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 02:37:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدە تۇرۇپلا پىچانغا بارغاندەك بولدۇم،،،،رەخمەت سىز گە..!بولسا باشقا جايلارنىڭمۇ تارىخىنى ۋە رەسىملىرنى يوللاپ تۇرۇرسىز...ئۆيدە تۇرۇپلا ھەممە جايغا بېرىپ كىرا پۇلۇم تىجىلىپ قالغۇدەك.. [s:179]  [s:166]

狼虽然通常独自行动,但狼却是最团结的动物,你不会发觉有哪只狼在同伴受伤时独自逃走。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23069
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7683
تۆھپە نۇمۇرى: 868
توردا: 1495 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 07:13:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت ahsajan كە 2010-12-23 02:01 AMئەۋەتىلدى :
مۇنبەرنى ئىمانسىز لار قاپلاپ كىتىپ تۇ

تېما بىلەن مۇناسىۋىتى بارما ؟؟؟؟
پىچان قۇم ساناتورىيەسى شۇمۇ ؟؟مەن بىر قانچە يىل ئىلەىرى ئۇ يەرگە بارغان ..ئەگەر شۇ ساناتورىيە بولسا ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن زوركەن

مۇھەببەت ئۇ ئۆزى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19053
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6139
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2011-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 07:20:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈم   تۇرپانلىق   تۇرۇپ        مۇشۇ   تەرەپلەرگە   ئۆتۈپ  باقمىدىم  دىسە..........ئاللا  خالىسا   چوقۇم  بارىمەن........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 909
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12178
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 12920 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 12:17:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  kibar كە 2010-12-23 07:13 AMئەۋەتىلدى  :

تېما بىلەن مۇناسىۋىتى بارما ؟؟؟؟
پىچان قۇم ساناتورىيەسى شۇمۇ ؟؟مەن بىر قانچە يىل ئىلەىرى ئۇ يەرگە بارغان ..ئەگەر شۇ ساناتورىيە بولسا ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن زوركەن
پىچان قۇم ساناتورىيىسى ئەمەس قۇمباغ.

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 12:22:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىچاندا بوران چىقماسلىقنى ئۇمىد قىلىمەن. قۇم بەك خاسىيەتلىك نەرسە جۇمۇ، پۇرسەت تاپسام بېرىپ كەلمىسىم.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

بىلىم-كۈچ!!!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7521
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10932
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 4544 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 12:23:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇم باغنىڭ مەنزىرلىرى بەكمۇ چىرايلىق جۇمۇ! تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمىزدا
ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن دائىم شۇ تەرەپلەرگە بېرىپ دەرس تەييارلايدىغان.شۇ چاغلار
تولىمۇ گۈزەل ۋاقىتتلار ئىكەندۇق.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى بۇ يىل بەش يىل
بوپتۇ.مەكتىپىمنى ،ساۋاقداشلىرىمنى بەكمۇ سېغىندىم.
يۇرتۇمىزنى تونۇشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر!  [s:173]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش