ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى ئەڭ گۈزەل دەقىقە
مالايسىيە ياچىۋىكى ئۆزىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىدا ‹‹ئۇسسۇل ئويناۋاتقان غەلىتە مەخلۇق››قا ئايلىنىۋېلىپ ، ھۇجۇم قىلغۇچىنى قورقۇتىدىكەن ۋە ئالدايدىكەن . بۇ خىلدىكى ياچىۋەكلەر ئەسلىدە مالايسىيەدە پەيدا بولغان بولۇپ ، يېتىلگەن ياچىۋەكنىڭ ئېگىزلىكى 10سانتىمېتىر كېلىدىكەن. ياچىۋەكنىڭ ‹‹دۇئا قىلىۋاتقان قىياپەت››نى چىقارغان ۋاقتى ئەمەلىيەتتە ئولجىسىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ھالىتى ئىكەن .
تالا ئاقسىل پەردىسى بەدەندە ھاسىل بولىدىغان ئاقسىل بولۇپ ، ئۇ قاندىكى قان پلاستىنكىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ يارا ئېغىزىنىڭ قېتىشىشىغا مەسئۇل بولىدىكەن. تالا ئاقسىل پەردىسى يارا ئېغىزىغا كەلگەندە تالا توقۇلمىسىغا چاپلىشىپ ، تور ھاسىل قىلىدىكەن. تالا ئاقسىل پەردىسى بىلەن قان پلاستىنكىلىرى ھەمكارلىشىپ يارا ئېغىزى ئەسلىگە كەلگۈچە يارا ئېغىزىنى قوغدايدىكەن. بۇ جەرياننى بىز كۆز بىلەن كۆرەلمەيمىز، ئەمما، مىكروسكوپ بىلەن ئۇنىڭ تور ھالىتىنى كۆرەلەيمىز.
ئالابالداق بېلىق بولسا بىر خىل تاتلىق سۇ بېلىقى بولۇپ ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سۇ جانلىقلىرى سارىيىدا قارشى ئېلىنىپلا قالماستىن بەلكى تەجرىبىخانىدىكى سۇ كۆلچەكلىرىدىمۇ دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ . ئالابالداق بېلىق تەدرىجىي تەرەققىيات ئىلىمىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ . سۈرەتتىكى بۇ ئىككى كىچىك بېلىق تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى كۈن بولغان بولۇپ، ئۈچ ئايدىن كىيىن رەسمىي يېتىلىدۇ . تەتقىقاتچىلار شۇنى بايقىدىكى ، بالا بېلىق باسقۇچىدىكى ئالابالداق بېلىقنىڭ تېرىسى ، پالاقچىسى ، يۈرىكى ۋە مېڭىسى قايتا ھاسىل بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
ھەر بىر تۈپ ئاپتاپپەرەسنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ناتايىن. پارازىت قۇرت ۋە كېسەللىك بىر پارچە ئاپتاپپەرەسلىكنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويالايدۇ. دوكتور دەمارىس ئودنىي ئاپتاپپەرەسنىڭ پارازىت قۇرتلارغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى كېن يان بۇ ھەقتە توختالغاندا قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹دۆلىتىمىزدە ئاچارچىلىق يەنىلا چوڭ بىر مەسىلە، دەمارىس ئودنىينىڭ تەتقىقاتى بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ››.
‹‹پرو›› ئىسىملىك بۇ دېڭىز يىلپىزىنى ئەمەلىيەتتە ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى ياساپ چىققان بولۇپ، ‹‹پرۇ›› بىخەتەر بولۇپلا قالماستىن يەنە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا ناھايىتى ياخشى ھەمراھ بولالايدۇ ھەم ئۇلارغا تەسەللىي بىرەلەيدۇ. بۇ ماشىنا يىلپىز بېشىنى لىڭشىتىش، كۆزىنى قىسىش ، ئىگىسىگە يۆلىنىپ ئۇخلاش قاتارلىق بىر قاتار تەقلىدىي ھەرىكەتلەرنى قىلالايدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ياپونىيىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك كۈتۈش ئورۇنلىرىدا بۇ خىل ماشىنا يىلپىزدىن مىڭ دانىسى شەرەپ بىلەن ‹‹خىزمەت ئورنى››غا چىققان.
چوڭلارنىڭ مېڭىسىدە 100 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسى بار بولۇپ، ھەر بىر ھۈجەيرە ئايرىم – ئايرىم ھالدا بەدەندىكى باشقا 1000 نېرۋا بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ دەل بەدەندىكى ئەڭ مۇرەككەپ سىستېما بولۇپ، بۇنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئالىملار تەسۋىر كۆچۈرگەندە بىر خىل ماددا ئارقىلىق نېرۋىنى نۇرلاندۇرۇپ ، نېرۋىنىڭ ھەرىكىتىنى سۈرەتكە تارتقان.
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى