موزدۇز مەسە تىككەن چاقىتتا رەختنى ئەندىزنىڭ تۆپىسىدە قويۇپ تىكىدۇ،يىڭنىنى ساقدوز دەپ ئاتىلىدىغان بىگىزچىنىڭ ياردىمىدە سانچىپ تۇرۇپ، يىپنى تارتىدۇ.ئاندىن گۈلچىڭ دەپ ئاتىلىدىغان رەڭلىك خۇرۇمنى تىكىدۇ، ئاندىن بىشو دەپ ئاتىلىدىغان ر ەخت بىلەن ئىچى تەرىپىگە ئەستەر قىلىپ، بەلچىدە ئەستەرنىڭ ئىگىز پەس يەرلىرىنى تۈزلەيدۇ.ئاندىن قېلىپكە تارتىپ،چەم كېسىپ مىخلاپ، چەمدوز دەپ ئاتىلىدىغان دەرەش(بىگىز)بىلەن تىلىپ پاشنىسىغا يەتكەندە، پاشنىدوز دەپ ئەتىلىدىغان يەنە بىر خىل بىگىز بىلەن تىكىدۇ.رەختنى تىكىدىغان ۋاقىتتا دەزگىر دەپ ئاتىلىدىغان تاسما بىلەن تارتىپ قويىدۇ،ئاندىن ئاياقنىڭ قونچىغا ساڭ (بىر خىل ياغاچ)چېچىپ، مۇادېردون دەيدىغان ياغاچ ئەسۋاپ بىلەن سىلىقلاپ ،ئۇنى يەنە پالپۇشتەك بىلەن پەدازلاپ تەييار قىلىدۇ.
ئاياق كىيىملەر توغرىسىدا تارىخىي ماتىرىياللاردىمۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسەتلىك ئىكەنلىكى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، يەنە شۇ قۇم دەريا ۋادىسىدىن تېپىلغان قەۋرىلەر توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارغا مۇراجەت قىلىدىغان بولساق، قەۋرىدىكى ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئاياقلىرى كالا تېرىسىدىن چەم قويۇلۇپ ، مېتال يىڭنە ئىشلىتىپ ئۇستىلىق تىكىلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.ئەرەنچە ئاياق كىيىمىنىڭ ئوڭ ۋە سول پايلىرى ئوخشاش قىلىپ تىكىلگەن ، ئايالچىسىنىڭ ئوڭ ۋە سول پايلىرى پەرقلىق ئىدى.ئاياقلارنىڭ ئىچىگە قوي تېرىسىدىن ئەستەر سېلىنغان.[sup]6[/sup]
[sup][/sup]
رەختلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ھەققىدە
ئەجداتلىرىمىز تۈرلۈك نەپىس، جۇلالىق، سىپتا رەختلەرنى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ،باپكارلىق،سەرگەزچىلىك ۋە بوياقچىلىق تېخنىكىسى يۈكسەك راۋاجلانغان.ئايرىم ئايرىم ھالدا “باپكارچى،سەرگەزچى ۋە بوياقچىىنىڭ بايانى“غا قارايدىغان بولساق، بىر قىسىم ھازىر ئۆزىمىز يوقۇتۇپ قويغان شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆلگە ئېلىشىغا ئىلھام بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم تېخنىكىلارنى بايقايمىز.
رەخت توقۇش ماشىنىسى تەگۋا دەپ ئاتىلىدۇ.قومۇشتىلى يىپلارنى قاتار تىزىپ، ھەر قومۇشنىڭ يىپىنىڭ ئۇچىنى بىر تالدىن ئېلىپ كانارە دىگەن ئۇششاق قوزۇقلارنى قاتار سانچىپ يىپلارنىڭ ئۇچىنى تاجلاپ(ئوڭشاپ)،قوزۇقلارغا ئىلىپ بولغاندا يوغان بىر كاللەك يىپ قىلىپ ئۇنى پاتلاپ تارتىدۇ ۋە ئۇن بىلەن پاتلايدۇ.مۈڭگۈزدىن ياسالۈان بۇ نەرسە موكا دەپ ئاتىلىدۇ. يىپنى قويىدىغان بىر نەيچە بار، بۇ دەفتىن دەپ ئاتىلىدۇ.يەنە بىر يىپ رەختنى باسىدىغان نەيچە پىكا دەپ ئاتىلدۇ.تەييار بولغان خامنى يۆگيدىغان ياغاچ تۈرگە دەپ ئاتىلىدۇ.يىپنى كېرىپ بېرىدىغان يەنە بىر خىل ئەسۋاپ تىي دەپ ئاتىلىدۇ، دەفتىنى كۆتىرىپ تۇرىدىغان جايى گۆلە دەپ
ئاتىلىدۇ.يىپنىڭ قېتىنى ئاجرىتىپ بېرىدىغان ئۈچ پارچە ياغاچ ئويناغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاندىن رەختلەر سەرگزچىگە ئاپىرىپ بېرىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغان ئەسۋابى كۇپ ۋە جامدۇر.خامنى يەنە رەختنى زەمچىگە چىلاپ ئالغاندىن كېىين كالتەكتە خامنى يۆگەپ چىقىپ خامنىڭ سۈيىنى چىقىرىش ئۈچۈن لازىم قىلىدۇ.ئۇلار تامغا بېسىپ ئاق بىلەن قىزىل رەڭنى، كۆك بىلەن ئاق تاكى يېشىل بىلەن ئاق رەڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.ئۇلاربۇ خىل تېخنىكا بىلەن شاھتاۋا، چەكمەن لەرنى بېسىپ چىقىرىدۇ.ئۇلار سەرگەزچىلىككە زەمچە،بۇزغۇن(پىستە ياغىچى)، ئۇرېدان(روبىيە بويىقى) ، بەقەم(برازىلىيە ياغىچى)،ساپ كىسلاتا ۋە سۇرمە قاتارلىق خمىيىۋىي، مېنىرال ۋە تەبىئىي ئەشيالارنى قوللانغان.
ئاخىرىدا بوياقچىلار ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپلار سەرگەزچىلەر ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپلارغا ئاساسەن ئوخشايدىغان بولۇپ كۇپ، جام، لېكچاپ ۋە شىكەچاپ قاتارلىقلار بار.لېكىن بوياقىچلار بىر خىل ئالاھىدە تۇم سۆسۈن رەڭنى ئىشلىتىدۇ، سەرگەزچىلەر بولسا يېشىل، قىزىل، زەمبەقىي(گۈل سامساق رەڭىگى)، كۆك ، سېرىق، قارا، شاپتۇل رەڭ ، قوڭۇر رەپ قاتارلىق كۆ پ خىل رەڭلەرنى ئىشلىتىدۇ.
ۋىۋى سىلۋان كىروران خارابىلرىدىكى توقۇلما بۇيۇملار توغرىسىدا يازغان كىتابىدا يەنە كىروران توقۇمىچىلىق ئۇسۇلىنىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ،بۇ خىل تېخنىكا ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو ئىچكى ئۆلكىلىرىدىمۇ تېخى تاڭ دەۋرىدىن بۇرۇن بۇ خىل تېخنىكىنىڭ قوللىنىلمىغانلىقى، بىر دىن بىر مۈمكىنچىلىك ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى دۆلەتلەردە شۇ زاماندا قوللانغان تېخنىكىلار بىلەن ئورتاقلىق بارلىقىنى ، شۇڭا بۇ خىل تېخنىكىنىڭ مەلۇم خىل ۋاستىلەر بىلەن ئوتتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە يېتپ كەلگەنلىكىنى قىياس قىلغان.بوياقچىلىق تېخنىكىسىدىمۇ تۇز، كىسلاتا ۋە ئۆسۈملۈكلەر ، تۇپراقتىن ئېلىنغان بەزى ماددىلارنى قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.[sup]7[/sup]
دېمەك ئالاھىدە تارىخىي شارائىت، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە مىللىي تەركىپ قاتارلىق شەرتلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلەك بولۇشىنى بەلگىلىگەن.بۇ خىل كۆپ مەنبەلەك خاراكتېر دىنىي ئېتىقاد ، ئەخلاقىي چۈشەنچە ، تىل يېزىق، ئەدەبىيات سەنئەت، ئۆرپ ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە روشەن ئىپادىلەنگەن.جۈملىدىن كىيىم كېچەك مەدەنىيىتىمىزمۇ ئىچكى تاشقى جەھەتتە كەڭ قوبۇل قىلىش، ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.
ئاخىرىدا، مەن شىۋېتسىيىدە ساقلانغان يۇرتىمىز توغرىلىق تارىخىي ، مەدەنىي مىراسلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى ، ئىزدەنگۈچى ۋە قىزىققۇچىلارغا بۇ خىل ماتېرىياللارنى ئۇلارغا يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھىس قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
سىتاتا مەنبەلىرى:
1.’’Garments From Top To Toe
’’Gunnar Jarring ,1992
2.[sup]2[/sup][sup] 5[/sup]’’The Mummies of Urumchi’’Elizabeth Wayland Barber,1999
3.[sup]1[/sup][sup]3[/sup] ’’På Obanade Stigar’’ , 1917
4.[sup]4[/sup]’’Archeological Researches in Sinkiang’’, Folke Bergman, 1939
5.[sup]7[/sup]’’Woolen Textile of the Loulan People’’, Vivi Sylwan, 1941
6.’’Der Archäelogischen Untersuchungen in Ost Turkistan’’,Carl Herman Hjortsjö, Anders Walander 1942
7.’’Svenska Mission Förbundets Årsbok’’
2009-يىل
فېۋرال،ستوكھولم
مەنبە: تېۋىش بىلوگى
http://tiwish.hostzi.com/?p=1005