(1)- سەيپىدىن ئەزىزى،شىنجاڭ ئاتۇشتىن،ئۇيغۇر ،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئۈچ ۋىلايەت ھەربى سوتنىڭ كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن،ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى،ئۈچ ۋىلايەت بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ خەلىق دېموراتىيە ئىتتىپاقى <ئالغا گېزىتى> نىڭ باش مۇھەرىرى،خەلىق دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى،1955-يىلى لېتنانت گېنرال (جوڭجىياڭ)ھەربى ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن.
(2) - مارگوف ئىسھاقوف، ئۇيغۇر ،شىنجاڭ ھەربى رايۇننىڭ مۇئاۋىىن(سەنمۇجاڭ) شىتاب باشلىقى بولغان،1955-يىلى مايور گېنرال(شاۋجىياڭ) ھەربى ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن،جۇڭگۇ - سوۋېت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە،1962-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن(كىيىن تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەن).
(3) - مەمەتئىمىن ئىمىنوف ، ئۇيغۇر ، شىنجاڭ غۇلجىلىق، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ۋوزۋود كۇماندىرى(پەيجاڭ)،مىللى ئارمىيە قۇماندانلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى،مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى،ئاتلىق پولىكنىڭ باشلىقى بولغان.دۆلەت قۇرۇلغاندىن كىيىن ئازادلىق ئارمىيىدە دېۋىزىيە كۇماندىرى قۇشۇمچە جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى بولغان.1955-يىلى مايور گېنرال ھەربى ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن.
(4)- زۇنۇن تېيىپ ،ئۇيغۇر ،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مىللى ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن با ش قۇماندانى بولغان ،شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى بولغان،1955-يىلى مايور گېنرال ھەربى ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن،،جۇڭگۇ - سوۋېت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە،1962-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن(كىيىن تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەن).
(5)- ساۋدانوف زاھىر ،ئۇيغۇر، شىنجاڭ غۇلجىدىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاتلىق (يىڭ) باتالىيوننىڭ شىتاب باشلىقى ،پىيادە 4-پولىكنىڭ شىتاب باشلىقى،مىللى ئارمىيە سىياسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان.دۆلەت قۇرۇلغاندىن كىيىن ئازاتلىق ئار مىيە 5-كۇرپۇس (مىللى ئارمىيە ئازادلىقتىن كىيىن جۇڭگۇ خەلىق ئازادلىق ئامىيىسىنىڭ 5-كۇرپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ مۇئاۋىن سىياسى كومىسسارى،شىنجاڭ ھەربى رايۇنى سىياسى بۆلۈمىنىڭ ئىككىنجى مۇئاۋىن مۇدىرى ،شىنجاڭ ھەربى رايۇننىڭ مۇئاۋىن سىياسى كومىسسارى،ئۈرۈمچى ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن سىياسى كومىسسارى،1955-يىلى مايور گېنرال(شاۋجىياڭ) ھەربى ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن.
مەنبە:
http://erkem.biz/show.asp?id=1435
ئەسكەرتىش: تېمىگە رەسىم قىستۇرۇپ تەھرىرلەش جەريانىدا مەرگوف ئىسھاقۇفنىڭ مىللەت تەۋەلىكى تاجىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى- بۇ يەرگە قاراڭ: |
http://wjbdjstd1955.blog.163.com/blog/static/120622404200952712046736/