|
|
|
|
ئىمان ۋە ئۇنىڭ خىسلەتلىرى توغىرىسىدا
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىر كۇنى كىشىلەر ئالدىدا تۇراتتى،بىر ئادەم كىلىپ ئۇنىڭدىن: ئىمان دىگەن نىمە؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:<ئىمان دىگەن،ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە،ئاللاھقا مۇلاقەت بولۇشقا،ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلدىغانلىققا ئىمان كەلتۇرۇش(ئىشىنىش)،دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇ ئادەم: ئىسلام دىگەن نىمە؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:<ئىسلام دىگەن، ئاللاھقا شېرىك كەلتۇرمەي ئىبادەت قىلىش،ناماز ئوقۇش،پەرز زاكاتىنى بېرىش،رامىزان روزىسىنى تۇتۇش،> دەپ جاۋاپ بەردى.
ئۇ ئادەم: ئېھسان دىگەن نىمە؟ دەپ سورىدى،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:<ئېھسان دىگەن، ئاللاھقا خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىش،گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ>،دەپ جاۋاپ بەردى.
ئۇ ئادەم: قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:<جاۋاپ بەرگۈچى سورىغۇچىدىن ئارتۇق ئەمەس. قىيامەتنىڭ ئالدىن بولىدىغان ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بېرەي، دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇغقان چاغدا،<< پەرزەنىتلەر ۋاپاسىز بولۇپ كىتىپ، ئانىلىرىغا دېدەككە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ،ئۇلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ-تىللايدۇ،دېگەن مەنىدە بولىشى مومكىن،>>پادىچىلار چوڭ ئمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنگەن چاغدا قىيامەت يىقىنلاشقان بولىدۇ.قىيامەتنىڭ ۋاختىنى بىلىش مەسىلىسى ئاللاھدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدىغان بەش تۇرلۇك غايىپ نەرسىنىڭ ئىچىدە بار>،دىدى، ئاندىن:(( قىيامەتىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ)) دىگەن ئايەتنى ئوقىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئادەم ئارقىغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ساھابىلىرىگە:< ئۇنى قايتۇرۇپ كىلىڭلار>دېدى. ساھابىلەر قارىۋىدى، ھېچ نەرسە كۆرۇنمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:< ئۇ جىبرئىىل بولىدۇ، كىشىلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىنى تەلىم بەرگىلى كەلگەن> دېدى ______ ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان
جەننەتكە كىرگىلى بولىدىغان ئىماننىڭ بايانى توغىرىسدا ئەبۇ ئەييۇب ئەنسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبىرىمىزگە مۇنداق دىدى: ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ماڭا مېنى جەننەتكە كىرگۈزىۋىتىدىغان ئىشتىن بىرنى ئېيىتىپ بەرسىلە!،
كىشىلەر ئۆز-ئارا ئۇنىڭغا نىمە بولغاندۇ؟ ئۇنىڭغا نىمە بوپتۇ؟ دېيىشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:<<ئۇنىڭ بىر ھاجىتى بار ئىكەن>> دېدى ۋە ئۇلاپ:<< ئاللاھقا ھىچ نەرسىنى شېرىك كەلتۇرمەي ئىبادەت قىل، ناماز ئوقو،زاكات بەر،سىلە-رەھىم قىل، ئەمدى تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى قويىۋەت!>> دېدى.ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئۇلىغىنىڭ چۇلۋۇرنى تۇتۇۋالغانىدى.
______ ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بىر ئەئرابى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ: مەن ئۇنى قىلىش ئارقىلىق جەننەتكە كىرەلەيدىغان ئىشتىن بىرنى ئېيتىپ بەرسىلە! دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:<< ئاللاھقا ھىچ نەرسىنى شېرىك كەلتۇرمەي ئىبادەت قىل، پەرىز ناماز نى ئوقو،پەرىز زاكاتنى بەر،رامىزان روزىسىنى تۇت،>>دېدى، ئۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇنىڭدىن ئاشۇرىۋەتمەيمەن، دېدى. ئۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى:<< ئەگەر بىراۋنى جەننەت ئەھلىدىن بىرەيلەنگە قاراش خۇشال قىلسا مۇشۇ ئادەمگە قارىسۇن>>
______ ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:<< ئىسلام بەش ئاساس ئۇستىگە قۇرۇلغان:ھەقىقىي مەئبۇد بىرلا ئاللاھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى،دەپ گۇۋاھلىق بېرىش،ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش،ھەج قىلىش ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتۇش>
______ ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان
مەنبە: ھەدىس شەرىفتىن ئۇنچە-مارجانلار دىن |
|
|
|
|
|
|