مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1669|ئىنكاس: 16

يۇمۇردىن ئىككى تال (قۇملۇق ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 252
يازما سانى: 1436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 6737 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 06:33:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبە : ئۇيەردىن-بۇيەردىن

يۆتەل



ــ دوختۇر ، مەن ئىنتايىن قاتتىق يۆتىلدىغان بۇلۇپ قالدىم .
ــ قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟
ــ 75 كە .
ــ 20 ياش ۋاقتىڭىزدا يۆتىلەمتىڭىز ؟
ــ ياق .
40 ياشتىچۇ ؟
ــ ياق ؟
ــ ئۇنداقتا ،ھازىر يۆتەلمەي قاچان يۆتەلمەكچىدىڭىز ؟

مەسلىھەت


ھېنرى ئىشىك ئالدىدىكى بوش يەرگە نىمە تېرىش توغۇرسىدا قوشنىسىدىن مەسىلىھەت سوراپتۇ :
ــ كۈدە تېرايمۇ ، تۇرۇپمۇ ؟
ــ تۇرۇپ تېرىسىڭىز بولارمىكىن ، توشقانلىرىم كۈدە يىيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ .
قۇش ۋە قارغا
بىر مۇزىكانىت داڭلىق بىر ئوبزورچى بىلەن باغ سەيلىسى قىپتۇ . بۇ چاغدا دەرەختە نۇرغۇن قۇشلا سايرىشىۋاتقانىكەن . ئوبزورچى قۇشلارنى كۆرسىتىپ :
ــ ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ يېقىملىق مۇزىكانىتلاردۇر ،ــ دەپتۇ .
بۇ چاغدا بىر قاغا قاقىلىدىغان پېتى ئۇچۇپ كەپتۇ . مۇزىكانىت قاغىنى كۆرسىتىپ :
ــ ئۇ ئەڭ مۇنەۋەر ئوبزورچىدۇر ، ــ دەپتۇ .

تازلىقى ياخشى ئاشخانا


تاماقتىن كېيىن بىر خېرىدار ئاشخانا خۇجايىننى چاقىرتىپ دەپتۇ :
ــ ئەپەندىم سىزنى تەبرىكلەيمەن ، ئاشخاناڭلارنىڭ تازلىقى ئىنتايىن ياخشىكەن .
ــ كۆپ رەھمەت ئەپەندىم ، بۇنى قانداق بىلدىڭىز ؟
ــ بايا يىگەن تاماقتا سۇپۇننىڭ پۇرىقى بار ئىكەن ، شۇنىڭدىن بىلدىم .

كىنو ئىشلەش


رېژسور ۋاقىتلىق ئارتېسقا ئېگىز بىر پەشتاقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەپتۇ :
ــ مەن سىزگە «سەكرەڭ !» دەپ بۇيرۇق بەرگەندە ، مۇشۇ يەردىن سەكرەيسىز .
ــ يارلانسام ياكى ئۆلۈپ كەتسەم قانداق قىلىمەن ؟
ــ ھېچقىسى يوق ، بۇ ئەڭ ئاخرىقى كۆرنۈش .

كەپتەر ۋە خەرىتە


دادىسى : بالام كەپتىرىڭ ئۇچۇپ كېتىپتۇ .
بالىسى : مەن ئۇنىڭ ئۈچۈپ كېتىدىغانلىقى تۆنۈگۈنلا بىلگەن .
دادىسى : قانداق بىلگەن ؟
بالىسى : تۆنۈگۈن مەن جۇغراپىيە دەرىسىنى تەكرارلاۋاتقىنىمدا ، ئۇ مېنىڭ دولامغا قۇنىۋېلىپ خەرىتىنى كۆرىۋاتاتتى .

سوغوق يىمەكلىكەر دۇكىنى


ــ سىلەرنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەڭلار بەك سوغۇقكەن ، بىر ئازمۇ قىزغىنلىق يوقكەن .
ــ كۆرمىدىڭىزمۇ ؟ بۇ دىگەن سوغۇق يىمەكلىكەر دوكىنى .

ئۇنتۇپ قاپسىز


بىر ئادەم قوشنىسىغا دەپتۇ :
ــ سىز مۈشۈكىڭىزنى يۇغاندا مىياڭلامدۇ ؟
ــ مىياڭلايدۇ ، ــ دەپتۇ قوشنىسى .
ــ نېمىشقىكىن ، مېنىڭ مۈشۈكۈم قەتئى مىياڭلىمايدۇ .
ــ سىز ئۇنى يۇيۇپ بۇلۇپ ، سىقىشنى ئۇنتۇپ قالغان گەپ ، ــ دەپتۇ قوشنىسى ئۇنىڭغا .


رويال چېلىش


ئاپىسى : ئوغلۇم تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن رويال چېلىشنى مەشىق قىلغىن ، گىپىمنى ئاڭلىساڭ بىر فىرانىك بېرىمەن .
ئوغلى: ياق چالمايمەن .
ئاپىسى : نېمىشقا ؟
ئوغلى : قوشنىمىز ماڭا رويال چالمىسام ئىككى فىرانىك بېرىدىغان بولغان .

جازا


ئا : سىز ئاياللارنى جازالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز ؟
ب : بىلمەيدىكەنمەن .
ئا : ئۇلارغا ئەڭ چىرايلىق كىيىمنى كىيگۈزۈپ ، ئاندىن ئۇلارنى ئەينەك يوق بىر ئۆيگە سولاپ قۇيۇش .

ماۋزۇسىز



بىر ئادەم ياقا يۇرىتقا بىر ئىش بىلەن بارغانىكەن ، بىر ئىت ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىپ كەپتۇ ، ئۇ دەرھال ئېڭىشىپ ، يەردىن بىر تال تاش ئېلىپ ئىتنى ئۇرماقچى بوپتۇ ، لېكىن بۇ ئادەم ئىتتىن بەك قورقۇپ كەتكەچكە ، لاغىلداپ تىتىرەپ ھەر قانچە قىلسىمۇ تاشنى قوغا ئالالماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاچچىقىغا پايلىماي ۋارقىراپ كېتىپتۇ :
ــ قانداق نىجىس جاي بۇ . ئىتنى قۇيۇۋېتىپ تاشنى باغلاپ قويىدىغان !


كىيىمگە قاراپ بېرىۋاتىمەن



بىر ئوغرى بىر توغۇنى ئوغىرلاپ دەريا بويلىرىدا ئۇنىڭ پەيلىرىنى يۇڭداۋاتسا ، بىر ساقچى ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ .
ئوغرى دەرھال توغۇنى دەرياغا تاشلىۋىتىپتۇ .
ــ نېمە قىلۋاتىسەن ، دەريادىكى نىمە ئۇ ؟ ــ دەپ سوراپتۇ ساقچى .
ــ ئۇ بىر توخۇ ، ــ دەپتۇ ئوغرى ،ــ ئۇ سۇغا چۈمۈلمەكچى ئىكەن ، مەن بۇ يەردە ئۇنىڭ كىيىمىگە قاراپ بېرىۋاتىمەن .

بىر جۈپ ئاياغ تىجىلىپ قالىدۇ


ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىىدىن سوراپتۇ :
ــ ئىنسانىيەت تەدىرجى تەرەقىيات تارىخىدا تۆت پۇتلاپ مېڭىشتىن ئىككى پۇتلاپ مېڭىشقا تەرەققى قىلىشنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى بار ؟
ــ بىر جۈپ ئاياغ تىجىلىپ قالىدۇ ، ــ دەپتۇ ئوقۇغۇچى .


ئەپەندىم تۇيۇقسىز مېھمان باشلاپ كەپتۇ - دە مېھمانلارنى ئىشىك ئالدىدا قويۇپ، ئۆيدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرىپتۇ.
خوتۇنى ئاچچىقلاپ: - ئۆيدە مېھمانغا قويغۇدەك ھېچنېمە بولمىسا، نېمىشقا مېھمان باشلاپ كېلىسىز؟ - دەپ كايىپتۇ.
- ئەمىسە سەن چىقىپ " ئەپەندىم ئۆيدە يوق " دەپ قويغىن، قالغىنىنى ئۆزۈم جايلايمەن، - دەپتۇ ئەپەندىم.
ئەپەندىمنىڭ خوتۇنى ھويلىغا چىقىپ: - مېھمانلار، ئەپەندىم ئۆيدە يوق ئىدى، ئۆزى بار ۋاقىتتا كېلەرسىلەر، - دەپتۇ.
- يالغان گەپ قىلماڭ، - دەپتۇ مېھمانلار،
- ئەپەندىم بىزنى باشلاپ كېلىپ ھازىرلار ئۆيگە كىرىپ كەتكەنىدىغۇ!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان ئەپەندىم خوتۇنىنى خىجالەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرماق بولۇپ:
- جاھىل مېھمان ئىكەنسىلەر، يوق دېگەندىكىن يوق - دە!
ئەپەندىم ئالدى ئىشىكتىن كىرىپ كەتكەن بولسا، خوتۇنىدىن قورقۇپ كەينى ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەندۇ، ئۇنىڭغا نېمە چارە! - دەپتۇ.

گال قايچا


ئايالى قىزىغا چاپان تىكمەكچى بۇلۇپ، رەخىتنى كېسىشكە تەمشىلىپ: «تېخى تۈنۈگۈنلا قايچىنى بىلەپ خېلى ئۆتكۈر قىلىپ قويغان، رەختنى پەقەتلا كەسكىلى بولمايدىغۇ؟!» دەپ قاقشاپ كىتىپتۇ. « ئۇنداق ئەمەستىغۇ، ئەتىگەن تۆمۈرنى كەسكەندە خېلى ئىتتىك قىلۋاتاتتىغۇ» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ يولدىشى.


ئۇدۇلدىكى ئىشەك


بىر كۈنى ئەپەندىم ئىشىكىنى مىنىپ كىتىۋاتسا ، قارشى تەرەپتىن كلۋاتقان پادىشاھقا قاراپ ئىشىكى يولنى تۇسىۋېلىپ توختىماستىن ھى ھا ، ھى ھا ، ھى ھا ،،،،،قىلىپ ھاڭراشقا باشلاپتۇ.
پادىشاھ :ھەي ئەپەندىم ،ئىشىكىڭ نىمانداق يېقىمسىز ھاڭرايدۇ .نىمانداق بىشەم ئىشەك بۇ دەپ زاڭلىق قىلىپتۇ .
ئەپەندىم : تەقسىر ئەيىپكە بۇيرۇمىغايلا ، مىنىڭ ئىشىكىم ئۇدۇلدىن كەلگەن بىشەم ئىشەكنى كۆرگەندىلا مۇشۇنداق ھارامزادىلەرچە ھاڭرايدۇ دەپتۇ .

ئادلەتنىڭ كەملىكىدىن
پادىشاھ بىر كۈنى ئەپەندىمدىن مۇنداق بىر سۇئال سۇراپتۇ.
پادىشاھ : ئەپەندىم قېنى دەپ باقە ئالدىڭدا بىر خالتا ئالتۇن بىلەن ئادالەت بولسا سەن زادى قايسىسىنى تاللايسەن ؟
ئەپەندىم : ئالتۇننى تەخسىر.پادىشاھ بىردىنلا ئادەلەتپەرۋەر قىياپەتكە كىرىۋېلىپ كۇرەڭلىگەن ھالدا سۇزلەشكە باشلاپتۇ .
پادىشاھ : مەن بولسام ئادالەتنى تاللايتىم ، مال دۇنيا بايلىق دىگەن تېپىلىدۇ. بىراق ئادالەتنى پۇل خەجلەپمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ .
ئەپەندىم : توغرا دەيلا ، چۈنكى مەندە ئادالەت ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ ، شۇڭا ئالتۇننى تاللىدىم . كىمدە نىمە كەم بولسا شۇنى تاللايدۇ ئەمەسمۇ ؟

سۈۋەرەكنىڭ جىنسى


ئوغلى:ئانا مەن بۈگۈن بەش سۈۋەرەك ئۆلتۈردۈم .ئىككىسى ئەركەك ، ئۈچى چىشى .
ئانىسى:سەن ئۇلارنىڭ جىنسىنى قانداق ئايرىدىڭ ؟
ئوغلى:ئۇلارنىڭ ئىككىسى پىۋا پوتولكىسى ئالدىغا ، ئۈچى ئەينەكنىڭ ئالدىغا بېرىپ توختاپتىكەن
.
بىر كۈنى ھىسام ئويىگە قايتىش ئۈچۈن تاكسىغا چىقىپتۇ. يول ھىسامنىڭ ئويىگە ئاز قالغاندا يۇقارىغا كوتۈرۈلگەن ئىگىز دوڭ يول بولۇپ تاكسى دەل دۆڭ يولنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە ئوتى ئوچۈپ قاپتۇ ھەم ئارقىسىغا قاراپ مىڭىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن ھىسام ئالاقزادىلىك بىلەن شوپۇردىن سوراپتۇ:
-ۋاي ئۇكاموي! بۇ ماشىنىڭىزغا نىمە بولدى؟ ئارقىسىغا كېتىپ بارىدىغۇ، چاققان توختاتسىڭىزچۇ؟
-ۋاي مانا،سىلىمۇ كۆرەۋاتىلىغۇ ئاكا-دەپتۇ شوپۇرمۇ جىددىلىك بىلەن-مەنمۇ ھەپىلىشىۋاتىمەن، نىمە بولدىكىن تاڭ، تورموزىمۇ ھىچ تۇتمايۋاتىدۇ ......

ئىككى ئىشەكنىڭ يۈكى


تۇمۇز ئىسسىق بىر كۈنى پادىشاھ ، ۋەزىر ، نەسىردىن ئەپەندى ئۈچى بىرلىكتە شىكارغا چىقىپتۇ . پادىشاھ بىلەن ۋەزىر ئىسسىققا چىدىيالماي ئارقا ئارقىدىن كىيىم كىچەكلىرىنى ئەپەندىمگە ئارتىپ قۇيۇپتۇ . ئارقىدىن مەسخىرە قىلىپ ئەپەندىمنى گەپكە سوقماقچى بۇلۇشۇپتۇ.پادىشاھ : ئەپەندىمگە بىر ئىشەكنىڭ يۈكى ئارتىلىپ قاپتۇ. ۋەزىر :شۇ ئەمەسمۇ؟ ۋاي بىچارە ئەپەندىم دەپتۇ.
ئەپەندىم : يوقسۇ تەقسىرلىرىم مىنىڭ ئارتىۋالغىنىم بىر ئىشەكنىڭ ئەمەس ، ئىككى ئىشەكنىڭ يۈكى دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 370
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10758
تۆھپە نۇمۇرى: 378
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 07:05:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇرلارنى ئەتە ئۆگۈنگىمۇ ئىلىپ قۇيۇڭلار باللا ، بىرسى يۇمۇر يوللىسا قالغاننىڭ ھەممىسىمۇ تەڭلام يوللىغان !

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29074
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 07:09:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى .. ئىككى تال دەۋاتىڭىز 20 تالكەنغۇ ... بۇگۇن بۇ يۇمۇرچىلىغا نىمە بولغاندۇ ... كۇلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 506
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8632
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2011-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 07:11:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلپەم كۈلمەيدۇ كۈلسە تىلىقىپ قالىدۇ

يۇمۇرلارغۇ يامان ئەمەسكەن

umutguli بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 07:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

شاتۇر ....ئۆزىڭىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 402
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9122
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 07:17:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇرنىدىگەن تۈكىۋىتىپتىغۇ................. [s:12]

ئوزصڭصزنص ئالدصماڭ؟تصرصشصڭ.

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239309
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12474 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 07:22:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما باللار بۈگۈن ھىسامكامنى چۈشەپ قالغانمۇ نىمە؟

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 07:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ماۋۇ ھابابام ساراڭلىرىغا نېمە بولغاندۇ دەيمەن....... ھى ھى
كەچكىچىلا يۇمۇر كۆرۈپ كۈلىلىۋەردىم دىسە.......... ئەتىگىمۇ بامۇ يا بۇ يۇمۇلاردىن ھە.................. ھا ھا ھا [s:12]

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئاتا- ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36
يازما سانى: 2207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12061
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 3080 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 07:46:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇرنى دىگەن   ئۆتتۇرۋەتدىكەنسىز جۇممۇ  ،،،،   ئەتىگىمۇ قالسۇن ،،،

سەنسىز يۈرگۈنۈمدىن سىنى كۆرگەن چۈشلىرىم ياخشىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 08:59:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇر دىگەننى تاغالاپ ئەكەپسىزغۇ..... [s:12]  [s:12]  [s:12]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش