خىيالىي ھىسلىرىم(مەلىكە)
[align=justify]
ھايات قايناملىرى مىنى توختاۋسىز چۆرگىلىتىپ ئاخىرى مەن ئويلاپ باقمىغان مۇشۇ مەنزىلگە ئەكىلىپ توختىتىپ قويدى، ياق، توختىتىپ قويدى ئەمەس، ھاياتىمنىڭ ئىككىنجى بىر مۇساپىسىنىڭ بۇ ئوتۇقلۇق ھەم شەرەپلىك يولغا باشلاپ قويدى، بىلەمسەن؟ مەن بۇ يولدا ھازىر يالغۇز ئەمەس، ماڭا ھەمرا بولدىغان سەپەردىشىم بار بولدى. ئەسلى بۇ مۇساپىنى گۆدەكلىكىمدە، كىچىكلىكىمدە، يىڭى مۇھەببەتنىڭ ئويغانمىغان ھىسلىرىنى ئەمدى ھىس قىلىشقا باشلىغان ۋاقتلىرىمدا (بۇنى سەن ھىس قىلدۇرغان ئىدىڭ) بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشۇمنى سىنىڭدىن ئايرىپ ئويلىيالمايتتىم، نىمىشقىدۇر ھەردائىم سىنى ئويلىساملا كەلگۈسۈم ئىسىمگە كىلەتتى، كەلگۈسۈمنى ئويلىساملا سەن ئىسىمگە كىلەتتىڭ...كەلگۈسۈم بىلەن سەن__بۇ ئىككى ئۇقۇم كاللامدا چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن ئىدى....
ئۆزگەرمەيدىغان نىمە بار، دەيسەن، بەزىبىر ئىشلارنى ئۆزۈڭ خالاپ ئۆزگەرتكۈڭ كىلىپ قالىدىكەن، يەنە بىزىبىر ئىشلارنى بولسا مەجبۇرىي...
[align=justify]
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇپ ياشايدىكەنمىز، بۇرۇن قىلغان ھەر بىر ئىشلىرىمىز بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىمىزنىڭ ئۇلى بولۇپ ماڭىدىكەن، ھايات يولىمىزنىڭ ھەر بىر خىشىنى ئۆز قولىمىز بىلەن ياسايدىكەنمىز، يەنە ئۆز قولىمىز بىلەن شۇ ھايات مۇساپىمىزىدكى يولغا ئەكىلىپ بىردىن-بىرىدىن تىزىدىكەنمىز...نىمىلا دىمىگەن بىلەن ھەرھالدا كۆڭۈللۈك دىيىشكە بولىدىكەن...
ئىسىڭدىمۇ؟ بىر چاغلاردا بەلكىم يىڭى تۇنۇشقان ۋاقىتلىرىمىز بولسا كىرەك، ئىككىمىزنىڭ تۇنجى ئايرىم كۆرۈشكەن كۈنىمىز ئىدى، ئۇ كۈنكى ئەتىيازنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى، توختىماي چىقىۋاتقان شامال يەردىكى چاڭ-توزانلارنى ئۇچۇرتۇپ ئەكىلىپ بىزگە بەدرەڭ توپىلىرىنى ئايىماي چاچاتتى..ئىككىمىز كۆرۈشتۇق، تۇنجى ئايرىم، باشقىلاردىن خالىي ھالدا ئەنە شۇ شامال چىقىۋاتقان، كوچىدا بىرىمۇ قالمىغان پىنھان كەڭ كەتكەن شۇ كوچىدا_ئەنە شۇ كوچىدا بىز كۆرۈشتۇق، ئۈستى-بىشىمىز كۆرگۈسىز توپا-چاڭ...سىنىڭ بىرىنجى بولۇپ ماڭا قىلغىنىڭ گەپ-سۆز، سالام بولماستىن كۆزلىرىمگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرۇپ جىمجىتقىنە چاپىنىڭنى سىلىپ ماڭا يىپىنچاقلاپ قويغىنىڭ ئىدى...
ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ساڭا ئادەت بولۇپ قالدى، ھاۋا سەللا سوغۇق بولسا، ياكى شامال سەللا چىقىپ تىنىمنى ھەم تىنىڭنى جىغىلداتقۇدەكلا بولسا سىنىڭ چاپىنىڭ ھامان ماڭا يىپىنچا ئىدى...
بۇ كۈنلەرمۇ مەنىلىك ئىكەن، ھازىرچۇ؟ چاپانلىرىڭ كىمگىمۇ يىپىنچا بولغۇيتتى-ھە؟
بۇرۇن مىنى<<قوزام>> دەيتتىڭ، مەنمۇ بۇ گەپكە خۇددى ماڭا ئەزان توۋلىتىپ قۇيۇپ قويغان ئىسىمدەكلا ئامراق ئىدىم. بىلىپ-بىلمەي سىنىمۇ <<قوزام>> دەيدىغان
بولدۇم، كىيىنچە بۇ ئىككىمىزنىڭ ئورتاق ئىسمىمىزغا ئۆزگىرىپ ئىككىمىزگىلا خاس بولغان ئىسمىمىزغا ئايلاندى.
بىلەمسەن؟ مەن ھازىر بۇ ئىسىمنى پەقەت ئىشلەتمەيدىغان بولدۇم، بۇ ئىسىمدا سىنىڭ ھىدىڭ بار ئىكەن، بىرەرسىنىڭ بىراۋلارنى <<قوزام>> دىگىنىنى ئاڭلاپ قالسام بىشىمنى بۇراپ قاراپ باقتتىم، بۇ ئىسىمنىڭ پاتىنت ھوقۇقىنى ئىلىپ قويمىغاندىن ھىچنىمە دىيەلمەي سۈكۈت قىلىپ كاللامدا<<قوزام>> دىگەن ئىسىم لەيلىگىنىچە مىڭىپ كىتەتتىم.
ھازىر ئۆزۈمنىڭ ھايات يولۇمنى ئۆزۈم قايتا سۆيگەن، قايتا مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرغان قەدىرلىك ئادىمىم بىلەن بىللە قول تۇتۇشقان ھالدا كىتىۋاتىمەن، مىڭىۋاتىمەن، ئەلۋەتتە سەن بىلەن بىللە ماڭغان ئۇ كونا يوللاردا ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن مىڭىپ باقمىغان پۈتۈنلەي مەن ئۈچۈن يىپيىڭى بولغا باشقا بىر يوللار بىلەن مىڭىۋاتىمىز...
مەن بەختلىك، بەخىتنىڭ قىلىپى يوق، سەن نىمىنى ئۆلچەم قىلساڭ بەخت شۇ بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟ بۇرۇن يەنىلا بۇرۇن ئىكەن. ۋاقىت ئوقۇمىغا بۇرۇن ئىشەنمەيتتىم. گۆدەكلەرچە<< مەڭگۈ>> دىگەن بۇ ئاددىي ھەم مۇرەككەپ، ئاسان ھەم قىيىن سۆزنى ناھايتتى ئىپتىخارلىق ھەم بەخت تۇيغۇسىدا ساڭا ئايىماي ئىشلىتىۋىرىپتىكەنمەن، سەنمۇ ھەم شۇنداق قىلغان ئىدىڭ...
ھازىر مىيىققىدا كۈلۈمسىرەپ قويدۇم، سەن بۇ ھالىتىمگە ئامراق ئىدىڭغۇ؟ نىمىگە كۈلگىنىمنى بىلگۈڭ بارمۇ؟ ئەمىسە دەپ بىرەي، دۇنيادا << مەڭگۈ>> ئۇقۇمىنىڭ چەكلىمىسى يوق ئىكەن. سىنىڭ،مىنىڭ،ھەم بىزلەرنىڭ <<مەڭگۈ>> دىگىنىمىزنىڭمۇ ھىچقانچە قىممتى يوق بىر ئۇقۇم ئىكەن، ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىپ سۈپۈرۈپ ئىلىپ كىتەلەيدىكەن. بىلەمسەن؟ <<مەڭگۈ>> دىگەن سۆز ۋاقىتتىن قورقىدىكەن، يەنىلا ۋاقىت يامان ئىكەن، ۋاقت ئەزەلدىن <<مەڭگۈ>> ئۇقۇمىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدىكەن. شۇڭا مەن ھازىر بۇ سۆزنى ئىشلەتمەيمەن، بۇ گەپنى دىگەن بىلەن دىمىگەننىڭ ھىچقانچە چوڭ پەرقى بولمايدىكەن....
بەك جىق سۆزلەپ كەتتىممۇ نىمە؟ سەن باشقىلارغا ھىلھەممۇ<< مەڭگۈ>> دىگەن سۆزنى ئىشلىتىۋاتامدىغانسەن؟ مىنىڭچە سەنمۇ مەندەك ئويلىدىڭ ھەقىچان، مەن چوڭ بولۇپ تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنىڭ تىگىگە يىتىۋاتقان تۇرسام سەن يەتمەي قالامتىڭ؟ مىنڭچە بۇ سۆزنى سەنمۇ ئىشلەتمەيسەن...
بولدى، ئەمدى ئەركىن كىتىۋاتقان كاللامنى تورمۇزلاي، كۆپ گەپ قىلىپ نىمىمۇ قىلاتتىم؟ ئادەم بەزىدە شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن، بەزىبىر ئەسلىمە سىنى ئازاپقا ئىرىشتۈرسە بەزىبىر ئەسلىمە سىنى شادلىققا چۆمدۈردىكەن. مەن ھازىر بەختلىك، سەچەبى مەن بەخىتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدىغان بولدۇم، ھىس قىلالىغىنىمنىڭ سەۋەبى ماڭا بەختنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويالايدىغان ئادىمىمنىڭ بولغىنىدىن ئىدى...
بۇرۇنقى ئەسلىمەمنى ھازىرقى تۇرمۇشۇمغا سىلىشتۇرسام بۇرۇنقىلارنىڭ ھەممىسى بىر پىراكتىكا ئىكەن. يىغلىغانلىرىممۇ، كۈلگەنلىرىممۇ ھازىرقى تۇرمۇشۇمنىڭ بىر تامچىسىغىمۇ توغرا كەلمەيدىكەن. مىنى رەھىمسىزكەنسەن دەۋاتامسەن؟ بەلكىم...مەن بۇرۇنقى ئەسلىمەمنى پەقەت ساۋاق سۈپىتىدە ئەسلەپ ھازىرقى تۇرمۇشۇمنىڭ بەختلىك مىنۇتلىرىنى تولۇق ھىس قىلغىنىمچە ياشاۋاتىمەن.
يۇزسىز؟؟؟ ئۇنداق دىمىگىن، ئەمدى خىياللىرىمغا، ئەسلىمەمگە، گۆدەك،سەبىي چاغلاردىكى چۈشتەك مۇھەببەتلىك تارىخلىرىمنى شۇنداق ھالەتتە تەسۋىرلىشىم كىرەك. چۈنكى ئۇلار ماڭا پەقەت چوڭ بولۇشنىڭ يولىنى ئۈگۈتۈپ قويدى خالاس...ئەڭ چوڭ ياخشىلىقى ھازىرقى تۇرمۇشۇمنى قەدىرلەشكە، بەختىيار ياشىشىمغا تۈرتكە بولدى...
بولدى، ئەمدى گەپ قىلغۇم يوق، ھىچنىمە دىگۈم يوق، ھازىرقى رىئال تۇرمۇشۇ م،ھەم كەلگۈسۈم مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم، تارىخ بەتلىرىنىڭ مەن ئۈچۈن ئەڭ كىرەكلىك بولغىنى_ بىر ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى ئالدىن پەرەز قىلدۇرالايدىغان بىر ئىقتىدارنى ماڭا ھازىرلاپ بەرگىنى خالاس.
ئۆزۈمگە-ئۆزۈم سۆزلەيدىغان بولۇپ قالمىغاندىمەن-ھە؟ مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس، بۇ خىياللىرىم ساغلام خىيال، كىتاب-ژورناللاردىمۇ كۆپرەك تاققا-تۇققا خىيال قىلىپ قويغاننىڭ چوڭ مىڭىگە پايدىسى بار،دەيدىكەن، مەنغۇ ئۇنداق خىيال قىلمىدىم، لىكىن بۇ خىياللارنىڭمۇ ماڭا زىيىنى يوق ھەقىچان...
قۇشلار ئاسماندا پەرۋاز قىلغاندەك مىنىڭ خىياللىرىممۇ خۇددى ئاق كەپتەردەك خىيال يىپلىرىمنى ئىگىز كۆكنىڭ قەرىگە ئىلىپ چىقىپ كەتتى، خىياللرىمنىڭ ئاخىرى ئايلىنىپ،پەرۋاز قىلىپ يۇرۇپ مانا ھازىر ئەسلىگە قايتىپ كەلدى...
[align=justify]