مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1378|ئىنكاس: 6

بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 05:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۆشۈك ناھايتتى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلار ئويغۇرلارنىڭ بالا تەربىيىلىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بۆشۈكلىرى يەرلىك ياغاچ ماتېرياللىرىدىن ياسىلىپ، قۇرۇلمىسى ئاساەن شال، تىز، چېتىق، پوزا(بەل ياكى ئومۇرتقا). ناچا(ئارىلىق ئۆزەكلەر)، تەڭلە(تەڭلىك بالا ياتىدىغان قىسىمى) دىن تەشكىل تاپىدۇ. بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەشتىن ئىلگىرى ئۇۋۇدا، ياستۇق، شىلدىرشاپ، يۆگەك، زاكا، چەمبىرەك، جاك، شۈمەك، چۆرەك، تىزلىق، ئوشۇقلۇق، كاشا(قولتارتقۇ). يۈز ياپقۇ قاتارلىق جابدۇقلار ھازىرلىنىدۇ.


بوۋاقنى تۇنجى قېتىم  بۆشۈككە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن، تەقۋادار«بۆشۈك ئانىسى» ۋە ئۇنىڭ ئىز باسارلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئاياللار تەكلىپ قىلىنىدۇ.«بۆشۈك ئانا» بۆشۈكنىڭ بىخەتەرلىكى، بۆشۈك جابدۇقلىرىنىڭ تەلتۈكۈس ھازىرلانغان-ھازىرلانمىغانلىقىنى بىر-بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەش مەشغۇلاتىنى باشلايدۇ ھەم ئانىغا تەپسىلى ئۆگىتىدۇ.

   بالىنى بەخىت-تەلەيلىك بولسۇن دەپ ياستۇقى ئاستىغا«توقىچاق»(كىچىك پىرەنىك چوڭلۇقىدا پىشۇرۇلغان بۇۋاق توقىچى) قۇيۇلىدۇ. قەيسەر، باتۇر بولسۇن دەپ، ئوغۇل بالىنىڭ زاكىسىنىڭ ئوڭ يېنىغا بۆرە ئوشۇقى، قەلەمتىرەج باستۇرۇپ قۇيۇلىدۇ. قىز بالا بولسا پاك، ئىشچان، ئاق كۆڭۈل، چىرايلىق بۇلۇشىنى تىلەپ، زاكىسىنىڭ سول تەرەپ ئاستىغا ئەينەك، تارغاق، سۈزگۈچ باستۇرۇپ قۇيۇلىدۇ. بەزى جايلاردا بۆشۈككە كۆز مۇنچاق، تىلتۇمار قاتارلىقلارنىمۇ ئېسىپ قويىدۇ.

ئەجدادلىرىمىز بالىنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ ئۆلچەملىك بولوشىغا الاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيىسىدىكى رولىدىن ناھايتتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن. ئۇلار بۆشۈكنى«بالا بېقىشنىڭ قېلىپى» دەپ قاراپ كەلگەن.بۆشۈكنىڭ بالا تەربىلەشتىكى رولىنى تۆۋەىدىكى جەھەتلەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:

بىرىنچى، بۆشۈك بالىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆلچەملىك يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

ئىككىنچى، بۆشۈككە بۆلەنگەن بالىدا ئاسانلىقچە ئۆپكىسى شامالداپ قالىدىغان، زۇكام بولىدىغان، تولا چۈشكۈرۈپ، شالى ئاقىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەيدۇ.

    ئۈچىنچى، بۆشۈك جابدۇقلىرى قەرەللىك ئاپتاپقا سېلىنىپ قۇرۇق ھەم ئىسسىق ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، بوۋاقلاردا ھۆلدە يېتىپ قالىدىغان، سوغۇق ئەڭگىزى ئېشىپ، يولا جاراھەت چىقىدىغان، قەغىشلىك قىلىپ، باققۇچىسىنى ئارام ئالدۇرمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.

تۆتىنچى، بوۋاق ئۈچۈن ئارام ئېلىش، ھوزۇرلىنىشتۇر. بۇۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەپ،«ئەللەي ناخشىسى»نى لەرزان ئېيتىپ سىيلىق تەۋرىتىپ بەرسى ،ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ. قارارلىق، نورمال ئۇيقۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بەشىنچى، بۆشۈك بوۋاقنىڭ بوغۇم-ئۈگىلىرىنى، مۇسكۇللىرىنى غىدىقلاپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.

  

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلىرى

http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2010-12/09/content_180046.htm


لىككاكى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 07:20:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 08:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەن بالامنى بۆشۈككە كۆندۈرىۋەتتىم،يەردە ئۇخلىمايدۇ ،2ياشقا كىرگەندە قانداق قىلارمەن؟دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە.............
ياخشى يېرى پاكىزە ياتىدۇ،ئاسان ئۇخلايدۇ،بۆشۈككە بۈلەپ قويۇپ باشقا ئىشلىرىڭىز بولسا قىلىۋالىسىز،ئەمما يامان تەرەپلىرىمۇ بار دەپ ئويلاپ قالىمەن.1)پۇتلىرىنى يىشىۋېلىپ ،كۆرپىلىرىنى سىيىپ ھۆل قىلىۋالىدۇ،چىڭ تاڭغاندا قان ئايلىنىش ياخشى بولمايدۇ.......2)باشقا جايدا قۇنۇپ قالسىڭىز،يەردە يېتىپ ئۇخلىيالماي،يىغلاپ بىئارام بولۇپ كېتىدۇ.....3)ھەركەت قىلىش ۋاقتى چەكلىنىپ قالىدۇ،بۇنداق بولغاندا كېيىنرەك ئولتۇرىدىغان،كېيىنرەك ماڭىدىغان،جانسىز بالا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن..........
بۇلار مېنىڭ كىچىككىنە ئۇماق بالامنى بېقىش جەريانىمدىكى ھېس قىلغانلىرىم خالاس...
تېما ئىگىسىگە رەھمەت،بۈشۈك بىزنىڭ ئەنئەنىمىز،يوقۇلۇپ كەتمەسلىگى كېرەك.......... [s:166]  [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 09:19:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت،بۈشۈك بىزنىڭ ئەنئەنىمىز،يوقۇلۇپ كەتمەسلىگى كېرەك


مەنمۇ مۇشۇنى دىمەكچى

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1323 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 10:29:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بۈشۈكتە يىتىپ شۇنداق نورمال،خاپا قىلماي چىرايلىق چوڭ بوپتىكەنمىز،لىكىن ھازىرقى بالىلار نىمانچە كەپسىزدۇ،مۇشتۇمدەك تۇرۇپمۇ بۈشۈكتە ياتقىلى ئۇنىماي يىغلاپ يىشىۋەتمىگىچە توختىمايدۇ،چىڭ تاڭسا يۈرەك ئاغرىغان،بوش تاڭسا يىشىۋالغان،شۇ كىچىلەرنى ئويلىسام يىغلىغىم كىلىدۇ.

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22476
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6038
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2011-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 03:07:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مذتةخةسئسلةرنئث تةتقئق قئلئشئچة ظةللةي ناخشئسئ بالئلارغا بئؤاستة تةسئر قئلئدئكةن ، بالئلئرنئث قةلبئگة سئثئپ كئرئپ ظذلرغا تذنجئ بولذپ دذنيانئ ، تذرمذشنئ گإزةل هصس قئلدذرئدئكةن ، ظةللةي ناخشئسئ بوؤاقلارنئث پئسخئكئسا ناهايئتئ ظاكتئپ تةسرلةرنئ  كأرسئتئدئكةن

هةر ؤاقئت ظأزئثئزگة ظئشئنئث

80ياش ھايات 30مىڭ كۈن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 147
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2152
تۆھپە نۇمۇرى: 462
توردا: 1994 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-13 04:53:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆشۈكنىڭ لەززىتىنى ياتمىغانلار بىلمەيدۇ..............

نىمە ئۈچۈن بۆشۈك بىلەن قەۋرىنىڭ شەكلى ئوخشاش،ھەرئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۈچۈن ياسىلىدۇ پەرقى شۇكى بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن بىرى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈندۇر...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش