ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ھايات يولىنى ئىجتىھات بىلەن بېسىپ كېلىۋاتقان جەلىپكار خانىم -قىزلار ، جەزبىدار ئوغلانلار .
خىلمۇخىل كەسكىن رىقابەتلەر بىلەن تولغان بۇ دەۋىردە بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئۇنېۋىرسال بىلىم- ساپارىمىزنى ئۆستۈرمىسەك بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن مۇنبىرىمىز « تەلەي يۇلتۇزى » دىن ئېبارەت بىزنىڭ ئەقلىمىزنى ، بىلىمىمىزنى سىنايدىغان بىر مەيدان مۇنبەر پائالىيتىنى توختىماستىن قانات يايدۇرۋاتىدۇ. تورداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ناھايتتى ياخشى بولۇپ كەلدى ھەم كېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن مەنمۇ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا « تەلەي يۇلتۇزى » نىڭ 12-سانىنى چىقىرىپ ئولتۇرۇپتىمەن. دوستلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ ، پائالىيتىمىزگە ئاكتىپ ماسلىشىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەقىل
[align=justify]1- سۇئال : ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى تۇنجى يىزىق قاچان ، قەيەردە بارلىققا كەلگەن؟
2- سۇئال : دۇنيادىكى تۇنجى مەكتەپ قاچان ، قەيەردە ئىچىلغان؟
3- سۇئال : « ئوقۇتقۇچى » ئەڭ بۇرۇن قايسى ئاتالغۇلاردا ئاتالغان؟
4- سۇئال : مەشھۇر ئىمپىراتور ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان ، ئوقۇتقۇچىسى كىم؟
5- بوياق (رەڭ ) قاچان ، كىم تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان؟
6- سۇئال : 12- ئاينىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئىيتىپ بىرىڭ .
7- سۇئال : دۇنيادىكى تۇنجى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قاچان ، كىم تەرىپىدىن قايسى دۆلەتتە قۇرۇلغان؟
8- سۇئال : تۇركى تىل ئائىلىسىگە تەۋە مىللەتلەر جەمئىي قانچە ، ئۇلار قايسىلار؟
9- سۇئال : ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەپتە كۈنلىرىنىڭ ئاتىلىشى قايسى تىلدىن كىرگەن ، مەنىسى نىمە؟
تەلەي
[align=justify]1- سۇئال : « بۈركۈت سايىسى » ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتورى كىم؟ كىتاپنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نىمە؟
2- سۇئال « ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى » ناملىق روماننىڭ ئاپتورى كىم؟ بۇ رومان ، روماننىڭ قايسى تۈرىگە كىرىدۇ؟ بۇ روماننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋاتقان كىشى كىم؟
3- سۇئال : بىلىقچىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى نىمە؟
4- سۇئال : دۇنيادىكى يانار تاغلار قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ ئۇلار قايسىلار؟
5- سۇئال : بىردىن تارتىپ يۈزگىچە بولغان سانلارنىڭ يىغىندىسىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ھىساپلاپ چىقىشنىڭ قانچە خىل ئۇسۇلى بار ، ئۇلار قايسىلار؟
6- سۇئال : ھەرقانداق ساننى 5 كە كۆپەيىتىشنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى قايسى؟
7- سۇئال : قاتتىق تاملارنى تىشەلەيدىغان ئەمما ياغاچ تىشەلمەيدىغان بىر خىل توكلۇق سايمان بار ، ئۇ قايسى سايمان؟
8- سۇئال : ئۆسۈملۈكلەر« نىمە يەپ » يوغىنايدۇ؟
9- سۇئال : يەرشارىنىڭ شەكلى قانداق ، دىئامىتىرى قانچىلىك؟
مۇكاپات بۇيۇمى تۆۋەندىكىچە
مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنى ئۆتكۈزگۈچى
5000مۇنبەر پۇلى
چىقارغان سۇئاللار ياخشى ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى بولسا، شۇ قېتىملىق تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ نادىرلاش ئېلىپ بېرلىدۇ.
(ھىلىمۇ ۋاقىتنى بەك سوزىۋەتتىم ، ئۆزۈمگە تىگىشلىك مۇكاپاتنى قوبۇل قىلمايمەن )
ئالاھىدە مۇكاپات
ئۇدا ئۈچ قېتىم بىرىنجىلىكنى ساقلاپ قالغانلار،
بىر قېتىملىق سۇئالنىڭ ھەممىسىگە توغرا ۋە تۇلۇق جاۋاب بەرگەنلەر
10000مۇنبەر پۇلى ۋە تەلەي يۇلتۇزى مىدالىدىن بىر دانە.
1. دەرىجىلىك مۇكاپات
(بىر نەپەر)
ئەڭ تىز،ھەم كۆپ سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەنلەر.
مۇكاپات سوممىسى 3000مۇنبەر پۇلى
2-دەرىجىلىك مۇكاپات
(ئىككى نەپەر)
2000 مۇنبەر پۇلى
3-دەرىجىلىك مۇكاپات
(ئىككى نەپەر)
1000 مۇنبەر پۇلى
رىغبەتلەندۈرۈش
(بەش نەپەر)
جاۋاپنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ 100 مۇنبەر پۇلىدىن 500مۇنبەر پۇلىغىچە.
كىلەر قېتىملىق سانىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىغانلار باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ سۇئاللارنى سىناق شەكىلدە ئارقا بەتكە تىما قىلىپ ئەۋەتسە، كۆرۈپ مۇقۇمداپ بولغاندىن كېيىن يوللىسا بۇلىدۇ.