مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 718|ئىنكاس: 5

تارىختىكى غەلىتە ئاياغلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12414
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7782 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 06:07:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلارنىڭ ئاياغ كىيىشنى باشلىغىنىغا 8000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى.تارىختىن بۇيان ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەر خىل ئاياغلار  مەيدانغا كەلدى.تۆۋەندە بىر قىسىم غەلىتە ئاياغلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

1.نېلۇپەر ئايىقى



10-ئەسىردىن2009-يىلغىچە،جۇڭگو

خەنزۇ مىللىتى ئاياللىرىنىڭ پۇتىنى بوغۇپ نېلۇپەر بىخىدەك كىچىك قىلىپ كۆرسىتىش ئادىتىنىڭ داۋاملاشقىنىغا 1000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى.شىمالدا بولۇپمۇ بېيجىڭدا تىكىلگەن ئاياغلارنىڭ تېگى ھەددىدىن زىيادە ئەگمە ھالەتتە بولسا جەنۇپتىكى گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئاساسى جەھەتتىن قارا رەختىنلا تىكىلگەن.
تويى بولغان قىز مېلى سۈپىتىدە قىز چوقۇم يىڭنە ئىش قىلىشقا پىششىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئۈچۈن بىر قانچە جۈپ ئاياغ تىكىپ ئۆزى بىلەن ئېلىۋالىدۇ. تويدىن كېيىن ئېرى تەرەپتىكى ئاساسلىق ئايال تۇققانلىرىغا بۇ «ئاياغ تارقىتىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈپ ئاياغلارنى سوۋغات قىلىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان ئەڭ ئاخىرقى نېلۇپەر ئايىغى ياساش زاۋۇتى بولسا جېچاڭ ئاياق زاۋۇتى.بۇ زاۋۇت 1991-يىلدىن باشلاپ بوغما پۇتلۇق قېرى مومايلار ئۈچۈن نېلۇپەر ئايىغى ياساشنى باشلىغان بولۇپ،يىلىغا 2000 دىن ئارتۇقنى سېتىپ چىقارغان.2009-يىلدىكى پەقەت ئالاھىدە ئەھۋاللاردا زاكاس قىلىنىپ ياسىلىشتىن باشقا ئەھۋاللاردا ياساشقا بولمايدۇ دېگەن بەلگىلىمىدىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان.

  



1980-يىلدىن ھازىرغىچە

بۇ ئاياغ دەسلىپىدە ئانچە كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان بولسىمۇ كېينىچە ياپونىيەدە ياشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.بۇ خىل ئاياغنىڭ پاشنىسى ھەددىدىن زىيادە ئېگىز بولۇپ،يول يۈرگەندە خۇددى بالىت ئارتىسلىرىدەك پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ئاياغنى كىيىپ ئۇزۇن ماڭغىلى بولمايدۇ.بۇ خىل ئاياغ 1980-يىلدىن باشلاپ مودا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن ۋە توردىن زاكاس قىلىپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

3.ياغاچتىن ياسالغان كېلىنچەكلەر ئايىغى



فىرانسىيە،19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى

بۇ خىل ئاياغىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن. يەرلىك ئەرلەر يۇرتىغا بېسىپ كىرىپ يەرلىك ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىۋالغان دۈشمەنلەرنىڭ چېدىرىغا بېسىپ كىرىپ ئۇلار بىلەن جەڭ قىلغان ۋە  ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ ياغاچ ئاياغلىرىنىڭ ئۇچىنى يۈرەكلىرىگە سانجىپ جېنىنى ئالغان.كېين بۇ غەلبىنى تەبىركلەش يۈزىسىدىن يەرلىك ئەرلەر ئارىسىدا ئۆزى كەلگۈسىدە ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز ئۈچۈن ياغاچتىن ئاياغ ياساپ توي كۈنى كىيگۈزۈپ قويىدىغان ئادەت بارلىققا كەلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ خىل ئاياغ ئۇچىنىڭ قانچە ئېگىز بولۇشى يىگىتنىڭ قىزغا بولغان مۇھابىتىنىڭ شۇنچە ئوتلۇق ئىكەنلىكىنىڭ

ئىپادىسى ئىكەن.

4.پادۇكاس ئايىغى




1700-يىللىرى ،ھىندىستان

بۇ ھىندىستاننىڭ ئەڭ قەدىمكى پاسوندىكى ئاياغلىرىدىن بىرسى بولۇپ، ياغاچ،كۈمۈش،تۆمۈر ھەتتا پىل چىشىدىنمۇ ياسىلىدۇ. بۇ خىل ئاياغنىڭ مەخسۇس سادىزىم(بىر خىل جىنسى تەلۋىلىك)ئاسارىتى بار كىشىلەرنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان يەنە بىر خىل پاسونى بار بولۇپ ، ساتۇ(ھىندى دىنىنىڭ ئىخلاسمەن مۇرىتى) ۋە دىننى باشلامچىلار تەرىپىدىن ئاشۇ خىل ھاجىتى ئۈچۈن ئالاھىدە كىيىلگەن. ( ئارلىقىدىكى مەزمۇن قىسقارتىلدى.)

5.پاشنىسىز ئاياغلار



پاشنىسىز ئاياغلار تۇنجى قېتىم ئانتىنىئو بېرادىنىڭ كيىم كۆرگەزمىسىدە كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ۋە 2008 –يىلى ۋېكتورىيە بېكخام ياقتۇرۇپ كىيىشى سەۋەبىدىن مودا ئېقىمىغا ئايلانغان.بۇ خىل پاشنىسىز ئاياقلار گەرچە كۆرۈنۈشتە غەلىتە ۋە قوپال كۆرۈنسىمۇ،ئەمما لاھىلىگۈچىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بۇ خىل ئاياغنى كىيگەندە خانىم-قىزلار ھېچقانداق يېقىمسىزلىق ھېس قىلمايدىكەن. سېتىۋالغىلى كەلگەن قىزلار دەسلىۋىدە بۇ خىل ئاياغنى كىيىشتىن سەل قورقسىمۇ.لېكىن كىيىپ بولغاندىن كېيىن ئادەتتىكى ئاياغنى كىيگەندەك ھېچقانداق ئاغرىق سېزىمى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتىدىكەن.بىراق تىببى مۇتەخىسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر بۇ خىل ئاياغنى ئۇزۇن كىيگەندە ئوشۇق ۋە تىزغا ئەجەللىك زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن.

6.چوپىن ئايىغى



ھازىر دۇنيادىكى ناھايىتىمۇ ئاز بىر قىسىم مۇزىخانىدا ئەسلى پاسوندىكى چوپىن ئايىغى ساقلاقلىق. بۇ خىل ئاياغ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى مەزگىلىدە بارلىقققا كەلگەن بولۇپ،17-ئەسىردىكى ئىتالىيە ئاياللىرىنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولغان. 18 سانتىمىتىر ئېگىزلىكتە پاشنىسى بار بۇ ئاياغ كىيگۈچىنى كىشىلەر توپى ئارىسىدا گەۋدىلەندۈرۈش مەقسىتىدە ياسالغان بولۇپ باھاسى ناھايىتىمۇ قىممەت بولغان.

7. دەرەخ قوۋزىقىدىن تىكىلگەن ئاياغلار



فىنلاندىيە،20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى

بۇ 20 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ فىنلاندىيەئاياللىرنىڭ كۈندىلىك ئاياغ كىيمى بولغان. يەنە بەزىدە قىممەترەك خۇرۇمدىن تىكىلگەن ئاياغلارنى يامغۇر،لاي-پاتقاقلاردىن ئاياش مەقسىتىدە سىرتىدىن كىيىۋالدىغان ئاياغ سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلگەن. نوۋىرگىيە،شىۋىتسىيە ۋە روسىيەلەردە باشقا خىل نۇسخىلىرى بار بولۇپ،بۇ ئاياغىنىڭ بىر كەمچىللىكى ئاران بىر ھەپتىگىلا چىدايدۇ.

8.كابكاب ئايىغى



لىۋان،14~17 ئەسىرگىچە

مىستىن ياسالغان بۇ خىل كابكاب ئاياغلىرى ئوتتۇرا شەرىق ئاياللىرىنىڭ لاي-پاتقاق كوچىلاردا ۋە ھورداقخانىلاردا ماڭغاندا پۇتىنى ئارامسىزلىقتىن قوغداش مەقسىتىدە ياسالغان. كابكاب دېگەن بۇ ئىسىم بۇ خىل ئاياغنى كىيىپ ماڭغاندا چىققان ئاۋازغا تەقلىد قىلىپ قويۇلغان .بۇ خىل ئاياغنىڭ ئۈستى تەرپىگە ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن نەقىشلەر ئويۇلغان بولۇپ،ئۆز ۋاقتىدا پەقەت يۇقۇرى تەبىقىدىكى باي ئاياللارلا بۇ خىل ئاياغلارغا چىقىش قىلالىغان.

9.ئەرلەرنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئايىغى



1700- يىللىرى،ياۋروپادا پىچىپ تىكىلگەن كاستىيۇم-چاپانلار مودا بولغاندا  ئەرلەر ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بېزەكلەردىن بولۇپ ھېساپلانغان.ئۇ چاغدا مودىنىڭ ئېقىمى ئۆزگىرىپ ئەرلەرمۇ يۇمشاق پاشنىلىق ياكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارغا يۈرۈش قىلىپ ئۆزلىرىنى باشقىچە يوسۇندا ئىپادىلەشكە تىرىشقان.پادىشاھ  لۇيىسنىڭ

ئاياغقا ئالاھىدە ئىشقى بار بولۇپ، بىر

مەزگىل قىزىل پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيىپ يۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدە قىزىل پاشنىلىق ئاياغ كىيىش قىزغىنلىقى قوزغالغان.

10.ئوكوبو



18-ئەسىردىن ھازىرغىچە،ياپونىيە

1970-يىلدىن بۇرۇنلا ياپونىيە چايخانىلىرىدىكى ناخشىچى ۋە ئۇسسۇلچى خوتۇنلار بۇ خىل ساپما كەشنى كىيىشپ يۈرىدىغان بولۇپ ، بۇ خىل ساپما كەشنى كىيىۋالغاندا لاي-پاتقاقلاردا ماڭغاندا پۇت مەينەت بولمايدۇ دەپ قارىغان. بۇ خىل ساپما كەشنىڭ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى 14 سانتىمىتر ئەتراپىدا بولۇپ، بەزمىخانىلاردىكى يېڭىدىن ناخشىچىلىق ۋە ئۇسۇلچىلىقنى ئۆگىنىۋاتقان خوتۇنلار قىزىل شوينىلىقنى،ئۆگىنىپ بولغانلىرى سېرىق شوينىلىقىنى كىيەتتى.بۇ ئاياق ھېلىھەممۇ بىر قىسىم كونىچە چايخانىلاردا ھەزىلكەش خوتۇنلارنىڭ پۇتىدا ئۇچرايدۇ.  

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!
sirlirim36 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 07:31:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16659
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6595 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 07:39:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىم قىستۇرغانمۇ يا؟؟؟ [s:148]   [s:148]   [s:148]

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 08:45:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكن .جاپا چىكىپسىز

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 09:02:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشەندۈرىشىدىن بۇ ئاياغلارنىڭ گۈزەل سەنئەت بۇيىمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ئەمما رەسىمىنى كۈرەلمىدىم ، ئەسلى رەسىم بار بولسا قۇشۇمچە يوللاپ قويغان بولسىڭىز .،.. رەھمەت .

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

شەرم-ھايا-ئىمان

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20337
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6002
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2011-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 04:32:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياقلارنىڭ تۈرىمۇ كۆپكەن  سۆرىتى بولغان بولسا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش