15-دېكابىر (تارىختا بۈگۈن)
1711-يىلى كوپىنھاگىندا چۇما تارقالغان .
1791-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ 1-ماددىسىدىن 10-ماددىسىغىچە بولغان لايىھە ماقۇللانغان،كېيىن «ھوقۇق قانۇنى»دەپ ئاتالغان.
1891-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ماسسا چۇسىت شىتاتىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى جامىس نايسىمىس ئۆزى ئېجاد قىلغان ۋاسكىتبول تەنھەركىتىنىڭ تۈنجى چۈشەندۈرىشىنى ئېلان قىلغان.
1944-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدا بەش يۇلتۇزلۇق گېنىرال ھەربىي ئۇنۋانى تەسىس قىلىنغان .
1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ناتىسىت گېرمانىيىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ئادولىف ئەيشىمان( Adolf Eichmann)يېروسالىمدا ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.
1974-يىلى ۋېيتمان ئۇرشىدا بۇرۇلۇش بولۇپ ،شىمالىي ۋېيتىنام قوشۇنى فۇپىڭ ئۆلكىسىنى ئېگەللىگەن .
1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شىياڭگاڭدا 1884-يىلىدىن كېيىن خاتىرىلەنگەن ھاۋارايى خاتىرىسىدە ئەڭ تۆۋە ن رېكورتنى يارىتىپ شەھەر تېمپىراتۇرسى 4.3گرادۇسقا چۈشكەن.
1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە «تىيەنئەنمېن شېئىر خاتىرىلىرى» نەشىر قىلىنغان .
1980-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تەيۋەن شىنجۇ سانائەت باغچىسى قۇرۇلغان .
1982-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تۈنجى نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلغان .
1989-يىلى شىياڭگاڭ جىيۇلوڭدا كېمە قىرغاققا سوقۇلۇپ بىر ئادەم ئۆلۈپ سەككىز ئادەم يارىلانغان .
1991-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۈنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى -چىنشەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى توك چىقىرىشنى باشلىغان .
1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا توركۆرگۈ شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان Netscape Navigator1.0 ئېلان قىلىنغان .
2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يېغىنى يېپىلىپ ،15دۆلەت باشلىق بىردەك «لاركىن خىتاپنامىسى»نى ماقۇللىغان .
2008-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئوتتۇرسىدا ئۈچ خىل قاتناش ئېچىلغان .
مەنبە:ۋىكى قامۇسىدىن تەرجىمە قىلىندى
http://www.yultuzlar.com/ يۇلتۇزلار مۇنبىرىدىن يۆتكەلدى