مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 6

BIOS بىلەن CMOS نىڭ پەرىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر كۈنى بىكار ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21225
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8897
تۆھپە نۇمۇرى: 781
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 05:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

BIOS بىلەن CMOS نىڭ پەرىقى

بىز كۈندىلىك كومپيۇتېر مەشغۇلاتى جەريانىدا BIOS بەلگىلىنىشى ۋە CMOS بەلگىلىنىشى دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايمىز ۋە ئۇچىرتىمىز . 
كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا
BIOS ۋە CMOS
قد قارتا ئېنىق چۈشەنچە يوق ، داۋاملىق ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەۋېرىدۇ . 
بۇ ماقالىمىزدە
BIOS  بىلەن CMOS
  نىڭ ئاساسلىق پەرىقى ۋە مۇناسىۋېتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز .
BIOS
دېگەن نىمە ؟ 
BIOS
  بولسا كومپيۇتېردىكى ئاساسلىق كىرگۈزۈش-چىقىرىش سېستىمىسى
(
Basic InputOutput System) . ئۇنىڭ مەزمۇنى ئاساسى تاختىدىكى بىر ROM
ئۆزىكىگە يېزىۋېتىلگەن بولۇپ ، كومپيۇتېرنىڭ ئاساسلىق كىرگۈزۈش-چىقىرىش سېستىمىسى ئۇچۇرلىرىنى ساقلىغان بولىدۇ .
 
BIOS
نىڭ ئىقتىدارى : 
1.
BIOS  ئۈزۈلۈش مۇلازىمىتى پروگراممسى (中断服务程序
)
BIOS  ئۈزۈلۈش مۇلازىمىتى ئەمەلىيەتتە يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتال ئارىسىدا باغلاش ئېلىپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ . مەسلەن ،DOS ۋە windows مەشخۇلات سېستىمىسىدىكى يۇمشاق دېسكا ، قاتتىق دېسكا ، سىنتەخسە قوزغاتقۇچ ، كونۇپكا تاختىسى ، ئېكران قاتارلىق سىرىتقى ئۈسكىنىلەرنىڭ باشقۇرۇلىشى . ھەممىسى BIOS  نىڭ ئۈزۈلۈش پروگراممىسىنىڭ رولىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . 

2. BIOS   سېستىما تەڭشەش پروگراممىسى
 كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرى ئوقۇش يېزىشقا بولىدىغان بىر تال
CMOS RAM ئۆزىكىگەجايلاشقان بولۇپ ، سېستىمىنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى ساقلىنىدۇ  ، CPU ئالاھىدىلىكى ، يۇمشاق قاتتىق دېسكا قوزغاتقۇچ ، ئېكران ، كونۇپكا تاختىسى قاتارلىق زاپچاسلارنىڭ ئۇچۇرلىرى مۇشۇ يەردە . BIOS ROM ئۆزىكىگە سېستىما بەلگىلەش پروگراممىسى قاچىلانغان بولۇپ  CMOS RAM دىكى ھەر خىل پارامىتىرلارنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ ، بۇ پروگرامما كومپيۇتېرنى قوزغاتقان ۋاقىتتا مەلۇم بىر خىل ئالاھىدە كونۇپكىنىڭ بېسىىلىشى بىلەن تەڭشەش ھالىتىگە كىرىدۇ ۋە ئىشلەتكۈچىنى ئەڭ ياخشى بولغان مەشخۇلات كۆرۈنۈش يۈزى بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل CMOS  پارامىتىرىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ئادەتلىنىپ كېتىش سەۋەبىدىن BIOS  بەلگىلەش دەپ ئاتىلىدۇ .  

ناۋادا CMOS RAM ئۆزىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلەش ئۇچۇرلىرى توغرا بولماي قالسا ناھايتى ئاسانلا سېستىما پۈتۈن گەۋدىسى بويىچە ئىقتىدار تۆۋەنلەش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ . 
يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچ قاتارلىق ئۈسكىنىلەر ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن ، ئېغىز بولغاندا بىر قىسىم يۇمشاق ، قاتتىق دېتاللارنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىرىدۇ .  

3 . POST ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى
كومپيۇتېر توكقا ئۇلانغاندىن كىيىن ، سېستىما ئاۋال
POST (Power On Self Test
توكقا ئۇلانغاندا ئۆزىنى تەكشۈرۈش ) پروگراممىسى ھەر قايسى ئچكى قىسىم تەڭشەكلىرىگە قارتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ . 
ئادەتتە مۇكەممەل بولغان
POST  پروگراممىسى 64K ،CPU  ئاساسى ئىچكى ساقلىغۇچ ، 1M دىن يۇقىرى كىڭەيتىلگەن ئىچكى ساقلىغۇچ ، ROM ، ئاساسى تاختا ، CMOS ساقىلغۇچى ، كۆرسىتىش كارتىسى ، كونۇپكا تاختىسى ۋە يۇمشاق قاتتىق دېسكا پروگراممىلىرىغا  قارتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ، ناۋادا ئۆزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا مەسىلە بايقالسا سېستىما ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بېرىدۇ ياكى ئاۋاز چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرىدۇ . 

4 . BIOS ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى
سېستىما
POST ئۆزىنى تەكسۈرۈشىنى تاماملىغاندىن كىيىن ، ROM BIOS ئاۋال سېستىمىنىڭ CMOS بەلگىلىمىلىمىلىرىدىكى قوزغىلىش تەرتىپىگە ئاساسەن يۇمشاق قاتتىق دېسكا قوزغاتقۇچ ۋە CD-ROM نى ئىزدەيدۇ ، تور مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىناۋاتلىك قوزغىلىش قوزغاتقۇچلىرى ، مەشخۇلات سېستىمىسى يىتەكلىگۈچى خاتىرىسىنى ئوقۇپ ئاندىن سېستىما كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يىتەكلىگۈچى خاتىرىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ، يىتەكلىگۈچى خاتىرىسى ئارقىلىق سېستىمىنىڭ تەرتىپ بويىچە نورمال قوزغىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . 

CMOS دېگەن نىمە ؟ 
CMOS بولسا كوميۇتېر ئاساسى تاختىسىدىكى يېزىش ئوقۇشقا بولىدىغان بىرتال RAM
ئۆزىكى ، ئاساسلىق قىلىپ نۆۋەتتىكى 
سېستىمىنىڭ قاتتىق دېتال بەلگىلىمىلىرى ، ۋە بىر قىسىم پارامىتىرلارغا قارتا تەڭشەشلەرنى ساقلاش رولى بار .
CMOS RAM ئۆزىكى بىر زاپاس باتارىيە ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلىنىدۇ ، شۇڭلاشقا مەيلى سېستىما تاقاق ھالەتتە بولسۇن ۋە ياكى توكتىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئەھۋالغا دۇچ كەلسۇن CMOS
  ئۇچۇرلىرى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ .
CMOS RAM ئۆزىكى ئەسلىدىنلا بىر ساقلىغۇچ بولغانلىقتىن ئاساسلىقى ئۇچۇر ساقلاش ئىقتىدارى بولغان بولىدۇ . شۇڭا CMOS دىكى پارامىتىرلار مەخسۇس بىر پروگراممىنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ . بۇرۇنقى CMOS تەڭشەش پروگراممىلىرى يۇشاق سېسكىدا ساقلىنىدىغان بولۇپ ( مەسلەن  IBM نىڭ PC/AT كومپيۇتېرلىرى ) ئىشلىتىش ناھايتى قولايسىز بولغان . ھازىر كۆپ قىسىم زاۋۇتلار CMOS بەلگىلەش پروگراممىسىنى BIOS ئۆزكىگە ئورۇنلاشتۇرۋەتتى ، سېستىما قوزغالغاندىن كىيىن مەلۇم بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كونۇپكا ئارقىلىق CMOS  بەلگىلەم پروگراممىسىنى قوزغىتىپ ناھايتى قولايلىق ھالەتتە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ . شۇ سەۋەپتىن CMOS ئۇچۇرلىرىنى تەڭشەش ئادەتتە BIOS بەلگىلەش دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ . 

BIOS بەلگىلىنىشى ۋە CMOS بەلگىلىنىشىنىڭ پەرىقى ۋە مۇناسىۋېتى 
BIOS  بولسا ئاساسى تاختىدىكى بىر تال EPROM ياكى EEPROM ئۆزىكى بولۇپ سېستىمىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى ، سېستىما پارامىتىرلىرىنى بەلگىلەش پروگراممىسى ( BIOS Setup پروگراممىسى ) قاتارلىقلار ساقلىنىدۇ ؛ CMOS بولسا ئاساسى تاختىدىكى ئوقۇش يېزىشقا بولىدىغان RAM ئۆزىكىدىن ئىبارەت بولۇپ سېستىما بەلگىلەشلىرىنىڭ ئاساسلىق پارامىتىرلىرى ساقلانغان . ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بەلگىلەش پروگراممىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ . CMOS RAM
ئۆزىكى زاپاس باتارىيە ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلىنىدۇ ، سېستىمىنى تاقىغاندىن كىيىنمۇ ئۇچۇرلار ئۆچۈپ كەتمەيدۇ .  
  
BIOS  بىلەن CMOS ھەم مۇناسىۋەتلىك ھەم پەرىقلىق : BIOS  تىكى سېستىما پارامىتىرلىرىنى بەلگىلەش پروگراممىسى CMOS پارامىتىرلىرى تەڭشىشىنى تاماملايدىغان ۋاستە ؛  CMOS RAM ئۆزىكى بولسا BIOS  ئارقىلىق بەلگىلەنگەن پارامىتىرلارنى ساقلايدىغان ئورۇن ، شۇنداقلا BIOS
  بەلگىلەشلىرىنىڭ نەتىجىسى . 
شۇنىڭ ئۈچۈن تولۇق بولغان كۆز قاراش ئەمەلىيەتتە «
BIOS  پارامىتىر بەلگىلەش پروگىراممىسى ئارقالىق CMOS پارامىتىرلىرى بەلگىلىنىدۇ » بولىشى كېرەك . BIOS  بىلەن CMOS نىڭ ھەر ئىككىسى سېستىما بەلگىلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك  ، لىكىن ئىككىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇقۇم ، بۇ ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك . 


قانداق ۋاقىتتا CMOS ياكى BIOS  قا قارتا تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز ؟ 
  كۆپچىلىك ھەممىمىز بىلىمىز  ،
CMOS ياكى BIOS قا قارتا تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىش ئىشلەتكۈچىلەر كومپىيۇتېر ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قارتا خالىغانچە بەلگىلەش ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم مەشخۇلاتلارنىڭ بىرى ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە CMOS ياكى BIOS قا قارتا تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىش كېرەك . 

1 . كومپيۇتېرنى يېڭىدىن سېتىۋالغاندا 
PnP ئىقتىدارى سەپلەنگەن سېستىمىلارمۇ پەقەت بىر قىسىم سىرىتقى ئۈسكىنىلەرنى پەرىق ئىتەلەيدۇ ، لىكىن يۇمشاق قاتتىق دېسكا پارامىتىرلىرى ، نۆۋەتتىكى ۋاقىت قاتارلىق ئاساسى ماتىريال ئۇچۇرلىرىنى ئىشلەتكۈچى CMOS
ئارقىلىق تەڭشىشى كېرەك .
 
2 . سېستىما ھەر قانداق يېڭى ئۈسكىنىنى ئاپتوماتىك تونۇپ كىتەلىشى مۇمىكىن ئەمەس ، شۇڭا بىر قىسىم يېڭى سەپلەنگەن ئۈسكىنىلەرنى
CMOS ئارقىلىق تونىتىمىز .  ئۇندىن باشقا يېڭى ئۈسكىنىلەر بىلەن ئەسلىدە بار بولغان ئۈسكىنىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش كىلىپ چىققاندىمۇ كۆپىنچە CMOS  ئارقىلىق تۈزىتىمىز . 

3 . كۈتۈلمىگەندە CMOS ئۇچۇرلىرى يوقاپ كەتسە 
زاپاس باتارىيىنىڭ توكى تۈگەپ كېتىش ، ۋىرۇس ھۇجۇمى ، ئىتىياتسىزلىقتىن
CMOS ئۇچۇرلىرىنى يۇيىۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا CMOS ئۇچۇرلىرى يوقاپ كېتىدۇ . بۇ ۋاقىتتا BIOS قا كىرىپ CMOS پارامىتىرلىرىنى باشقىدىن تەڭشەپ چىقىمىز . 

4 . سېستىمىنى ئەلالاشتۇرغاندا
ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ كۈتۈش ۋاقتى ، قاتتىق دېسكىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش ھالىتى ، ئىچكى \ سىرىتقى
Cache نىڭ ئىشلىتىلىشى ، ئىنىرگىيە تىجەش ،  توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش ، كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش تەرتىپى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن  BIOS
تا ئالدىن بەلگىلەنگەنلىرى ئەڭ ياخشى بولىشى ناتايىن ، بۇ ۋاقىتتا كۆپ قېتىملاپ تەجىرىبە قىلىپ بەلگىلەش ئارقىلىق سېستىمىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ .

[align=justify]مەنبە: كومىيۋتېر ۋە تۇرمۇش ژورنىلى

يۇللىغۇچى : چوغلان












بىلىم بۇلغاندىلا چىقىش يۇلى كۆپ تېپلىدۇ، بىلىم بۇلمىسا جاپا مۇشەققەت كۆپ ئوچرايدۇ .

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13101
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 06:42:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى بىىلىمدىن بىرنى بىلىۋالدىم، مەنمۇ ئىلگىرى بۇ ئىككى ئۇقۇمنى كۆپ ھاللاردا ئارىلاشتۇرۇپ قوياتتىم.......

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئارزۇيۇم ئاددي ھەم بۈيۈك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14234
يازما سانى: 1706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12358
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 06:58:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:166]  [s:166] .................... [s:166]

قولۇمداقەلەم   ،  يۈرەكتە ئەلەم !يۈتمىسۇن غورور،تەۋرىسۇن ئالەم !

روناق تاپ، پاكىز ياشا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5025
يازما سانى: 1835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15783
تۆھپە نۇمۇرى: 423
توردا: 1103 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 07:02:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت تىما ئېگىسگە  بىزنى زۈرۈر بىلىم بىلەن تەمىن ئېتىپسىز،

ئۇغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان،
ۋاختى كەلسە جەڭگە يارالغان.
ئۈتۈك بىلەن سۇ كېچەر شوڭا،
ئۇغۇل نامى ئەلگە تارالغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1311
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17589
تۆھپە نۇمۇرى: 1167
توردا: 14790 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 07:04:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BIOS  نىڭ بەزى پارامېتىرلىرىنى  تەڭشىيدىغان ئىش باركەن، مەسىلەن زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە ئەكىلىش ،  قاتتىق دېتاللارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ ياخشى دەرىجىگە ئەكىلىش. ئوخشىمىغان ئانا تاختىلارنىڭ  تەڭشەيدىغان كۆزنەكلىرمۇ جايلاشقان ئورنى ئوخشىمايدىكەن. مۇشۇ جەھەتتە ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان بولسىڭىز.

سەن بەخىت بىلەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10373
يازما سانى: 1929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14186
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 7478 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 09:51:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇقۇم بىزگە خاتا كىرگەن، BIOSئەمەسROM،
CMOSئەمەس RAMدەپ ئىشلىتىلسە توغرا بۇلىدۇ.
RAMبولسا ئۇچۇر يېزىش ھەم ئوقۇشنى تاماملىيالايدىغان ساقلىغۇچ،SRAMھەمDRAMدىن تەشكىل تاپىدۇ، ROMمۇ بىر خىل ئۇچۇر ساقلىغۇچ،خىلى بىر قەدەر كۆپ، كومپيوتۇردا ئاساسەن EPROMۋەEPROM دىن تۈزۈلىدۇ. (EEPROM كۆپ ئىلغار)
RAMۋە ROMنىڭ بازاردا 45nm لىقلىرى بار،ئاساسەن INTEL, IBM,TSMC ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، تەجىربىخانىدا32nm لىقلىرى تەتقىق قىلنىۋاتىدۇ.

سىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭ ،مەنمۇ سىزگە كۈلۈپ قاراي شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز!!!

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43924
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 8144 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 11:58:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BIOS نىڭ تۈرى ئىككى خىل . بىرى AMI BIOS ، يەنە بىرى بولسا  AWARD BIOS  دىن ئىبارەت.

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش