مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 982|ئىنكاس: 7

كاۋكازدىكى ئوسېتىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 10:01:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوسسېتلار شىمالي كاۋكاز رايونىدىكى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەت بولۇپ ئۆزلىرىنى ئالان، ئىرون، دەپ ئاتىشىدۇ. شەرق-غەرب تارىخىدا ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئالانلار دەپ خاتىرىلەنگەن، گرۇزىيە تارىخىدا ئوساملار دىيىلگەن، روسىيە تارىخىدا ياۋروپا ساملىرى دەپ خاتىرىلەنگەن. 2010-يىلى 7-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا ئوسېتىلارنىڭ 718مىڭ ئاھالىسى بولۇپ، رۇسىيەدە 612مىڭ. ئاساسلىق رۇسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ شىمالىي ئوستىيە ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى (سانى 500مىڭدىن ئارتۇق، جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ 65%نى ئىگللەيدۇ) ۋە گىرۇزىيە جۇمھۇرىيتىىدىكى جەنۇبىي ئوسسېت ئاپتونۇم ئوبلاستى(سانى 100مىڭدىن ئارتۇق، ئوبلاست ئاھالىسىنىڭ 85%نى ئىگەللەيدۇ)غا، بىرقىسمى گرۇزىيە، روسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ باشقا ئوبلاستلىرىغا تارقالغان.
    ئوسېتىلار ياۋروپا ئىرقى كاۋكاز تىپىغا تەۋە بولۇپ، ھىندى ياۋروپا تىللىرى سېستىمىسى، ئىران تىللىرى ئائىلىسى، شەرقى شىمالى ئىران- ساك تىل تۈركۈمىگە تەۋە ئوسسېت تىلىنى قوللىنىدۇ. ئەسلى گىرىك ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقى بار ئىدى، 1923-يىلى لاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن، 1938-يىلى شىمال  ئوسسېتلىرى سلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئېلىپبەگە كۆچكەن، جەنۇب ئوسسېتلىرى گرۇزىيە يېزىقىنى قوللانغان، 1954-يىلىدىن باشلاپ ئومۇمەن سلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.
ئوسېتىلارنىڭ 80% ئاھالىسى خىرىستان دىنى پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ، كاباردى بالكار جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدىغان دىگور رايوندىكى ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىگە ئىتىقاد قىلىدۇ.
ئوسېتىلار دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر شۇنداقلا تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى گىرىك تارىخلىرىدا، مىلادىدىن كېيىنكى رىم ئىمپىرىيىسى تارىخلىرىدا ئوسېتىلارنىڭ نامى دائىم تىلغا ئېلىنىپ تۇرغان. ئوسېتىلار ئولتۇراقلاشقان كاۋكاز رايونى تارىختىكى چوڭ ئىمپىرىيەلەر مۇقەررەر ئۆتىدىغان يول بولغاچقا تارىختىن بېرى گاھ پېرسىيەنىڭ ، گاھ ئازەر-تۈركلەرنىڭ، گاھ ئارمەنلەرنىڭ ياكى گىرۇزىيەنىڭ بىر قسىمى بولۇپ كەلگەن. ئوسېتىلار مىلادى 7-ئەسىردە گىرۇزىنلارنىڭ تەسىرىدە خىرىستان دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھازىرقى شىمالى ئوسېتىيەدە كىچىك شەھەر دۆلىتىدىن بىر نەچچىنى قۇرغان. 10-ئەسىردىن كېيىن ئوسېتىلارنى زىمىنى ھازار، سالجۇق، خارەزىم، تىمۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر قۇرغان ئىمپىرىيەلەرنىڭ قولىدا بولغان، 16-ئەسىردىن باشلاپ ئىران سەفەۋى خانلىقى ۋە تۈركمەنلەر قۇرغان قاجار خانلىقىنىڭ قولىدا بولغان. 1767-يىلى شىمالى ئوسېتىيە رۇسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىغا ئايلانغان ۋە رۇسلارنىڭ بۇ رايوندىكى ئاساسلىق ئىتىپاقدىشى بولۇپ قالغان. 
1917-يىلىدىن كېيىن ئوسېتىلارغا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىلگەن. 1944-يىلى ئوسېتىلارغا خوشنا بولغان ئىنگۇشلار سوۋېت دۈشمىنى دەپ قارىلىپ سۈرگۈن بولغاندا ئەسلىدە ئىنگۇشلار ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم زىمىن ئوسېتىلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن.  1991-يىلى ئوسېتىلارنىڭ ئاپتونومىيە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ شىمالى ئوسېتى ئالان جۇمھۇرىيىتى ۋە گىرۇزىيەگە قاراشلىق جەنۇبى ئوسېتى ئاپتونۇم ئوبلاستى قۇرۇلغان. 2003-يىلى جەنۇبى ئوسېتى ۋەقەسىدىن كېيىن جەنۇبى ئوسېتىلار مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ۋە رۇسىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئىلگىرى تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى ئوسسېتلار ئاساسلىق دېھقانچىلىقنى كەسىپ قىلغان، قوناق، ئاپتاپپەرەس، كۆكتات، خەمەكلىك ئۆسۈملۈكلەر، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى تېرىغان؛ تاغلىق رايونلاردىكى ئوسسېتلار چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، قوي، كالا، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى باققان. ئۇلارنىڭ ياغاچ ئويمىچىلىق، تاش ئويمىچىلىق، مىتال پىششىقلاش قاتارلىق قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى كۆزگە كۆرۈنگەن. ئوسېتىلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆيلىرى كۆپىنچە تاش پارچىلىرى ئارقىلىق سېلىنغان، تاغلىق رايوندىكى يېزا ئۆيلىرى ئاساسەن قىيالىقلارغا سېلىنغان. ئاساسلىق بولكا ۋە ئۇماچ ئىستىمال قىلىدۇ، قوي گۆشى كاۋىپى ۋە سوغۇق سەي يىيىشكە ئامراق. خەلق ئارىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت كەڭ تارقالغان.

مەنبە- ئۇيغۇر قامۇس تورى
http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=8889

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 12:30:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 01:56:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تارىختىن تونۇشتۇرۇش بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20065
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6991
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 02:56:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تارىخنى سۆزلەپ بەرگىنىڭىز گە   ھەراسىت سوراپ باقاي گونلاندىيە ئەسلى <<ھۇنلاندىيە>>مىتى بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز بۇپتىكەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19775
يازما سانى: 362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8753
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2201 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 03:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گوللاندىيە بىلەن ھونلارنىڭ مۇناسىۋىتى يوق قىرىندىشىم

ئىتىقاتسىزلىق،ۋەتەنسىزلىك-ئىنسان ئۈچۈن ئۆلۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20065
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6991
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 10:15:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە رەخمەت سىزگە بۇنى دەپ بەرگىنىڭىزگە [s:166]

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 11:07:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت Oybek كە 2010-12-13 02:56 PMئەۋەتىلدى :
رەھمەت تارىخنى سۆزلەپ بەرگىنىڭىز گە   ھەراسىت سوراپ باقاي گونلاندىيە ئەسلى <<ھۇنلاندىيە>>مىتى بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز بۇپتىكەن؟

ۋىنگىرىيە دىگەن ھونگىرىيە ، گوللاندىيەنىڭ ھونلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 01:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس بىلەن چوققىلاپ قويدۇم.

.

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش