|
|
|
|
* ئالدىغا قارىغان باتۇر ، ئارقىغا قارىغا قورقۇنچاق ، ئىككى يېنىغا قارىغان ئېھتىياتچان
* كۆز ئالدىدىكى نەپ ھەممە ئادەمنىڭ نىيىتىنى ئىسپاتلايدۇ
* رەقىبىڭ ئاجىز بولسا ، باتۇرلىقىڭمۇ چاغلىق
*كۈلۈپ تۇرۇپ ئاچچىقلانساڭ بوشاڭسەن ، ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ كۈلسەڭ زەھەر خەندىسەن
*ھالقىلىق پەيىتتە بىر قارارغا كىلەلمىسەڭ ، ئۇنىڭ دەردىنى بىر ئۆمۈر تارتىسەن
* تەرەققىي قىلمىغان ئەللەردە خام ئەشيا كۆپ ، تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ھۈنەر - تېخنىكا
* مەڭگۈ ياش تۇرۇش مۈمكىن ئەمەس ، لىكىن چىرايلىق قېرىش مۈمكىن
* ئەل جامائەت ئالدىدا ئوسال بولماي دىسەڭ ، بىرى خۇشامەتنى ئازقىل ، يەنە بىرى غەيۋەتنى !
* شائىر --- يۈرىكىگە ئوت كەتكەن كىشىلەر
* ھايۋان يەپ سەمرىيدۇ ، گەپ ئايلىنىپ
* ئىشىكىڭنى ئەتسەڭ ئۆيۈڭ ، ئېغىزىڭنى ئەتسەڭ ئۆزۈڭ خاتىرجەم ياشايسەن !
* دۇنيانىڭ سىرى شۇكى ، بىكار ياتساڭ كۈن ئۆتمەيدۇ ، مىدىرلىساڭ ئىش مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ
* ئۇششۇق ئادەمگە گەپ قىلغانلىق ___ ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنى كوچىلغانلىق !
* ئاۋالقى ئايالىڭغا بەگ بولساڭ ، كېيىنكى ئايالىڭغا قۇل بولىسەن !
* كۆز كۆرگۈچى ، دىل تونۇغۇچىدۇر !
مەنبە__ شىنجاڭ مەدىنىيىتى |
|
|
|
|
|
|