ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت uygar كە 2010-12-14 10:25 PMئەۋەتىلدى 8-قەۋەت (tewelgha) نىڭ يازمىسىغا :
دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە چاقچاق يۈز پىرسەت ئىلمى ،ئەدەپلىك ياكى بىر قائىدىلەرنىڭ ئىچىدە بولمايدۇ .نەق مەيدان چاقچاق قىلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئالدىن تەييارلىۋالغان لەتىپە بولسا ئۇ باشقا گەپ .شۇڭا بەزىدە بولىنىۋاتقان سۆزلەر شۇ كىشىلەرنىڭ سۆز قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئەدەپ قائىدىلەردىن چەتنەپ كېتىشى مۇمكىن .ئەمما ھېچكىم مېنى نىمە دەپ چۈشۈرسەن دەپ بىر بىرىگە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ ،ھەممە گەپ سورۇندا قالىدۇ .
ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت قىرىندىشىم.مەنمۇ گۉزەل عۉلجا دىيارىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان.نۇرعۇن سورۇنلارعىمۇ داخىل بولعان.مېنىڭچە غۈلچا نەق مەيدان چاقچاقلىرى بارغانچە ئۆزىنىڭ ئەسلىي گۈزەل ،ئۆتكۇر ،ئىخچام تىل بىلەن سۈرەتلەپ ھەزىلە قىلىش ئالاھىدىلىگىدىن چەتنەپ ،نۆۋەتتىكى «سېرىق يۇمۇر»لارنىڭ سەلبى تەسىىرىگە ئۇچراپ كېتىۋاتىدۇ.شۇڭا نەق مەيداندا تېلىقىپ كۈلگىنىڭىز بىلەن مەيداندىن ئايرىلغاندا بۇلۇپ ئۆتكەن گەپلەرنى قايتا ئويلىغىنىڭىزدا،بولۇنغان گەپلەرنىڭ تولىمۇ تېتىقسىز ئىكەنلىەىنى ھېس قىلىسىز. بۇ ھال باشقا مىللەت ياكى باشقا يۇرتلۇقلار ئۈچۈن تېخىممۇ تېتىقسىز بىلىنىدۇ.ئۇلار غۈلقا چاقچاقلىرى شۇنچىلىكلا ئىكەنغۇ دەپ قالمىسۇن .مەن نەق مەيدان چاقچاقلىرىدا گۈزەل تىل بىلەن ھەزىلە قىلىش ئالاھىدىلىگىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشساق ،ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى تېخىممۇ چەكسىز بولاتتى دېمەكچى.