بالىلارغا تور توغرىسىدىكى ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتەيلى
مۇختەر غوپۇر
[align=justify]مەكتەپلەردە تور ئەخلاقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، جەمئىيەتتە يېشىل تورخانىلار كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا يەنىلا تور مەدەنىيىتىگە يات خاھىشلار كۆرۈلمەكتە. يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردا تىللىشىپ، ئاخىرىدا ئادەم چاقىرىپ جېدەل چىقىرىپ، بىر – بىرىنى يارىلاندۇرغانلىقىدەك ئەھۋال كۆرۈلۈپ، شۇ بالىلارنىڭ ساۋاقداشلىرى، مۇئەللىملىرىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار ھاۋاسى ناچار تورخانىلارغا كۆپ بېرىپ، توردا ساغلام بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ، قارشى تەرەپ بىلەن ئەپسانە سۆزلەشسە، مېڭىسىگە شۇنداق تۇيغۇ ۋە ئۇچۇرلار كۆپ ئورناپ كېتىدىكەن – دە، ئۇ بارا – بارا بالىلارنى يامان يولغا باشلايدىكەن، ئەكسىچە بۇنداق تۇيغۇ ۋە بۇنداق ئۇچۇرنى بالىلارنىڭ مېڭىسىدىن يۇيۇپ چىقىرىشقىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، ئۇزاق ۋاقىت تورغا چىقىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، رېئال دۇنيادىن چەتنىتىۋېتىدىكەن ھەم ئۇلارنىڭ مىجەزىنى غەيرىلەشتۈرۈپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىكەن. شۇڭا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ساغلام مۇھىت بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا، ئۇلارغا ئىلغار نەرسىلەرنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، مەيلى ئائىلە، مەكتەپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بولسۇن، تور ئەخلاقىغا ئائىت تەشۋىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىشىمىز زۆرۈر.
ئىنتېرنېتنى كەشىپ قىلغۇچىلار: ئىنتېرنېت ئەركىن ھەم باراۋەر دۇنيا، ئۇ ھەر قانداق كەمسىتىشتىن خالىي خىيالىي جەننەت، دېگەنىدى. ھالبۇكى، رەڭگارەڭ ئىنتېرنېت دۇنياسى ھازىر دۇنيا قارىشى تېخى تولۇق شەكىللەنمىگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، شۇنداقلا مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيە قۇرۇلۇشىغا خىرىس قىلماقتا ۋە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلمەكتە. تەجرىبىسىز، پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تۆۋەن، دۇنيا قارىشى تېخى يېتىلمىگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ھەر خىل ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش بىلەن بىللە، ئىنتېرنېت تورىنىڭ كەسكىن سىنىقىغا، شۇنداقلا پاسسىپ تەسىرىگە دۇچ كەلمەكتە.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورغا چىقىشىنى، تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشىنى چەكلەش ئاقىلانە ئىش ئەمەس. ئاچقۇچ ئۇلارغا بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىش، يەنى ئۇلارنى ئىلمىي تورغا چىقىشقا يېتەكلەشتە. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنى ھەق – ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە، سىياسىي ساپاسىنى، ۋەتەننى سۆيۈش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، توغرا دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلاردا غەربنىڭ ناتوغرا قىممەت قارىشىغا، چىرىك تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ۋە شەھۋانىي ئۇچۇرلىرىغا ئاڭلىق قارشى تۇرالايدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم. ئىنتېرنېت تورىنىڭ پاسسىپ تەسىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، بالىلارغا ئۇنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى بىلدۈرۈشىمىز، ئۇلارغا قانداق قىلغاندا ئىنتېرنېت تورىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ، پايدىلىق تەرىپىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم.
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان تور ئەخلاقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بۇ ئىشقا ھەممىمىز بىردەك ئەھمىيەت بېرەيلى.
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى