مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6103|ئىنكاس: 133

قۇياشنىڭ يېقىندا ئىگىسى چىقىپ قالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580117
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 07:05:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



[align=justify]مىليارد يىللاردىن بۇيان ئاسماندا تۇرۇپ، يەرشارىنى پۈتمەس-تۈگۈمەس يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بىلەن ھەققىسىز تەمىنلەپ كېلىۋاتقان قۇياشنىڭ يېقىندا ئىگىسى چىقىپ قالدى. يېقىندا ئىسپانىيەلىك بىر ئايال ئۆزىنىڭ قۇياشنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىگىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلاردىن «قۇياش ئىشلىتىش ھەققى» ئالىدىغانلىغىنى ئېيتتى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، چوڭ گەپ قىلغان بۇ ئايال 49 ياشلىق ئەنجىلىس. دۇلەن بولۇپ، ئۇ ئىسپانىيە «دۇنيا گېزىتى» مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇياشنى ئۆز مۈلكىگە ئايلاندۇرغانلىغىنى ئېيتقان ھەمدە شۇ يەردىكى جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگىنى بەرگەن ھۆججەتنى ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭ ئيېتىشىچە، قۇياشقا ئىگە بولۇش ـ ھەرگىز خام خىيال ئەمەسكەن. ئۇ بىر ئامېرىكىلىقتىن ئىلھام ئالغان. ئۇ ئامىرىكىلىق ئاي ۋە قۇياش سىستېمىسىدىكى زور كۆپ قىسىم پىلانىتانى رويخەتكە ئالدۇرىۋالغان. گەرچە ئالاقىدار خەلقئارالىق كىلىشىملەردە، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ سەييارە ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى جاكالاشقا بولمايدىغانلىغى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن شەخىسلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، مۇناسىپ چەكلىمە قويۇلمىغان. شۇڭا دۇلەن بۇ يىل 9-ئايدا، شۇ يەردىكى جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگىنىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، قۇياشنىڭ ئىگىسى بولىۋالغان.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەرگىزمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلمايمەن، مەن بۇ جەھەتتىكى قانۇنلارنى ئاللا-قاچان تەپسىلى كۆرۈپ چىققان. ئەمەلىيەتتە باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش قىلسا بولىۋېرەتتى، پەقەت مەن ئۇلاردىن بىر قەدەم چاققان چىققتىم خالاس.

دۇلەننىڭ بۇ «قۇياشنىڭ ئىگىسى» گۇۋاھلىق ھۆججىتىگە: ” دۇلەن قۇياشنىڭ ئىگىسى، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ سپېكتىر تۈرى G2، قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 149 مىليون 600 مىڭ كىلومېتىر “ دەپ يېزىلغان.

دۇلەن ھازىردىن باشلاپ، قۇياش نۇرى ئىشلىتىدىغان بارلىق كىشىدىن ھەق ئالىدىغانلىغىنى، بۇنىڭدىن قىلغان كىرىمنىڭ يېرىمىنى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىدىغانلىغىنى، %20نى قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىسپانىيە ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندىغا بېرىدىغانلىقىنى، %10نى تەتقىقات راسخوتى قىلىدىغانلىغىنى، %10نى چىقىرىپ يەر شارىدىكى ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىغىنى، ئەڭ ئاخىرىقى%10نى ئۆزى خىراجەت قىلىدىغانلىغىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ ھازىرچە تېخى كونكرىت ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ۋە بۇ ھەقنى قانداق يىغىۋېلىشنى بېكىتمىگەن.

ۋاھالەنكى، قۇياشنى ئىشلىتىش ھەققى يىغىش ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغان ئوخشايدۇ. ھازىر دۇلەن تېخى كىرىم قىلماي تۇرۇپلا، بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى گور بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا، دەرھال دۇلەننى سوتقا ئەرز قىلغان، گور دۇلەندىن قۇياشنىڭ يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. گور 27-نويابىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دىگەن: مەن ھازىر ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ جاۋاپكار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى جىددىي ئويلىشىۋاتىمەن. دۇلەن قۇياش نۇرى ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەق ئالىمەن ھەمدە كىرىمنىڭ يېرىمىنى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىمەن، دەپتۇ، ئۇنىڭ بۇ پۇللارنى ئۇنداق ئاسانلا يانچۇقىغا سالالىشى مۇمكىن ئەمەس.
بىر قىسىم تورداشلارمۇ سۆز قالدۇرۇپ، تېرىمىزنى ئاپتاپ زەخمىلەندۈرگەن، ھەتتا تېرە راكى بولۇپ قالغان، بۇنى كىمگە تۆلىتىشنى ئەمدى بىلىۋالدۇق، دېيىشتى.



---------تەرجىمان: بەختىيار تۇردى


مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18978
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6423
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2010-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 07:21:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدى پۈتۈن جۇڭگۇ خەلقى ئىشلىتىدىغان قۇياشقا ئالاقىدار چىقىملارنى ئۆزۈم تۆلەيمەن. [s:180]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3429
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27308
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8379 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 07:23:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىكارچىلىقتىن قىلىدىغان قىلىقى قالمىغان ئايال ئوخشايدۇ بۇ...قۇياشنى كىمدىن ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋاپتۇ؟؟؟
قايسى كۈنى كەچلىك گىزىتتە كۆرۈپ بەك كۈلىۋىتىپتىكەنمەن...بىمەنىلىك...

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟
Tair بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 07:24:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

http://www.deathclock.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13692
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 6727 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 07:25:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن كۇلكىلىك! [s:123] مىڭىسىنى چاشقان پىتىغدىۋەتكەن ناسارا..

سۇ بۇيىدا سۇغا مەن تەشنا، لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا.

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22101
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10089 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 07:25:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا...ھا....ھا....... دۇنيادا ھەجەپ قىزىق ئشلار بۇلىۋاتىدۇ  [s:180]

سەن ئەڭ بەخىتلىك

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3940
يازما سانى: 5037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80159
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 1411 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 07:26:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا قىلدىم،ئادەم ھايات بولسا ئاجايىپ خەۋەرلەرنى ئاڭلايدىكەن،ئەمدى قۇياشنىڭمۇ ئىگىسى چىقىپتۇ،يازدا دۈمبەم قىززىقتىن كۆيۈپ قالغان،مۇشۇ دۇلەننىڭ ئۈستىدىن ئەر قىلايمىكى،
بولمىغاندا مارىسنى ئۆزەمنىڭ دەپلا ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېلىۋالاي، [s:137]  [s:137]  [s:137]  [s:182]  [s:182]

ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك بىز ئەڭ ئەقىللىق مىللەت!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12508
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32532
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4544 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 07:26:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ كاللىسى ئەجەب بەك ئىشلەيدىكنا...زامان -زامانلاردىن بۇيان قۇياش دېگەن پۈتۈن يەر شارىغا ئىسسىقلىق بېرىپ كېلىۋاتقان تۇرسا، ئەمدى قوپاپ بىر ئايال پۈتۈن دۇنياغا تەۋە بولغان قۇياشنى ‹‹مېنىڭ ››دەپلا ئوتتۇرىغا چىقىپتا......
مېنىڭچە ئۇ ئايالنىڭ قۇياشقا ئىگىدارچىلىق قىلىشى  ئاسان ئەمەس...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10599
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 07:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئەسلى ئاپئاق ئىدىم،قوياش نۇرىدا قارىداپ كەتتىم مانا،بۇ خوتۇندىن تۆلەم تەلەپ قىلسام بولغۇدەك جۇما. [s:123]
بىر چاغدا بىر چەتئەللىك ئۇلارنىڭ "تەڭرى"سىنى سوتقا ئەرىز قىلسا ،سوتتىكىلەر تەڭرىنىڭ ئادرىسى ئېنىق بولمىغاچقا سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ئەۋەتىشكە ئامالسىز قالدۇق دەپ تۇرىۋاپتىكەن.ئامىرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئۇ خوتۇننى ئەرىز قىلىشىمۇ ساراڭنىڭ ئىشىنى ساراڭنىڭ يولى بىلەن ھەل قىلىدىغان ياخشى چارىكەن.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4598
يازما سانى: 1703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2332
تۆھپە نۇمۇرى: 855
توردا: 3148 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 07:28:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ خەۋەرلەرنى ئاڭلايدىكەن ئادەم. [s:179]  [s:138]  [s:127]  [s:177]

مەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش