مىنىڭچە رەڭ تەڭشىشىڭىز يامان ئەمەس بوپتۇ لىكىن كۈرۈنۈش ئېلىشىڭىز ، كىرىشتۈرىشىڭىزنى تازا ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ .
چۈنكى ئالغان كۈرۈنىشىڭىز پەقەت جىم تۇرماپتۇ . ناخشا ئوقۇغان كۈرۈنۈشنى پەقەت بىرلا ئورۇندا ئاپسىز . تەپسىلى كۆرگەن ئادەمگە بىزارلىق تۇيغۇسى بىرىپ قويغۇدەك . كىرىشتۈرۈشكە كەلسەك منىڭچە بېشىدىكى كۈرۈنۈشلەرنى ئۇنچىلا مۇزىكىغا ماسلاشتۇرىۋەتمىسىڭىزمۇ بۇلاتتى . ھەم ئاۋاز بىلەن ئېغىز ھەركىتىنى ماسلاشتۇرالماپسىز .
بۇ ناخشىنىڭ كۈرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ باقسىڭىز ئۈزىڭىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ئازىراق بولسىمۇ بىلىۋالالايسىز .
ئوخشاش ئۇرۇن لىكىن ئوخشىمىغان ھالەت . ئەگەر شارائىتىڭىز بىرلا ئورۇندا كۈرۈنۈش ئالالىغۇدەك بولسىمۇ ، ناخشا ئوقۇغۇچىنىڭ بىرنەچچە خىل ھالىتىنى كۈرۈنۈشكە ئالغان بولسىڭىز خېلى ياخشى چىققان بۇلاتتى .
سىزگە بىرىدىغان تەكلىپىم : تېخنىكىڭىز يامان ئەمەسكەن . تېخنىكا بولغان بىلەنلا ياخشى فىلىملەرنى ئىشلىگىلى بولمايدۇ . مۇھىمى تەسەۋۋۇر دائىرىڭىزنى كىڭەيتسىڭىز بولغۇدەك .
تېخىمۇ تىرىشىپ ئىنتايىن ياخشى mtv لەرنى ئىشلىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .