 |
 |
 |
 |
ئامېرىكا ئېلىكتىروماگىنىتلىق زەمبىرەكنى سىناق قىلدى
ئېتىش مۇساپىسى 321 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى قوراللارنىڭكىدىن 10 ھەسسە يۇقىرى
ئامېرىكا تەتقىق قىلىپ چىققان كۈچلۈك قورال ئېلىكتىروماگىنىتلىق زەمبىرەك مۇۋاپىقىيەتلىك پۈتۈپ چىقىشقا ئاز قالغان. دېڭىز ئارمىيىسى يېقىندا سىناق قىلىپ ئاتقاندا، ئېلىكتروماگىنىتلىق زەمبىرەك ئارقىلىق ئاۋاز سۈرئىتىنىڭ 5 ھەسسە تېزلىكىدە 200 كىلومېتىر ئارىلىقنىڭ سىرتىدىكى نىشانغا زەربە بەرگەن، ئېتىش مۇساپىسى دېڭىز ئارمىيىسى ئەنئەنىۋى قوراللىرىنىڭكىدىن 10 ھەسسە يۇقىرى ھەمدە بۇزغۇنچىلىق كۈچى ھەيران قالارلىق بولغان. ھازىرغا قەدەر بولغان سىناق قىلىپ ئېتىشتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئىكەن. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ نىشانى 8 يىل ئىچىدە دېڭىزدا ئەمەلىي سىناق قىلىش ئىكەن ھەمدە 2025-يىلدىن ئىلگىرى ھەربىي پاراخوتلارغا رەسىمىي سەپلەيدىكەن.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى يېقىندا ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ دالگرېن سۇ يۈزىدە ئۇرۇش قىلىش مەركىزىدە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېلىكتروماگىنىتلىق زەمبىرەكنى ئىككى قېتىم سىناق قىلغان.ئىككى قېتىملىق سىناقتا پەيدا بولغان ئېنىرگىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 33 مېگا جوئول ۋە 32 مېگا جوئول بولغان، 2008-يىلى ياراتقان 10 مېگا جوئۇل رېكوتنى بۇزغان. بىر مېگا جوئول ئېنىرگىيە بىر توننا ئېغىرلىقتىكى ماشىنا سائىتىگە 160 كىلومېتىر ماڭغانغا باراۋەر بولۇپ، ئېلىكتروماگىنىتنىڭ قۇدرىتىنى بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
33 مېگا جوئول ئېنىرگىيە بىلەن ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى ھازىرقى ئەنئەنىۋى قوراللارنىڭ ئېتىش مۇساپىسى يىراقلىقىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، ئېلىكتروماگىنىتلىق زەمبىرەكنىڭ زور ئەۋزەللىكى ئىكەن، ئەمما ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى 64 مېگا جوئول ئېنىرگىيە پەيدا قىلالايدىغان ئېلىكتروماگىنىتلىق زەمبىرەك ئىكەن، بۇ قېتىمقى سىناق ئېتىش مۇساپىسى 321 كىلومېتىر بولغان، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى دۈشمەن پاراخوتىنىڭ كۆۈزۈتۈش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ھۇجۇم قوزغىيالايدىكەن.
ئېلىكتروماگىنىتلىق زەمبىرەك ئامېرىكىنىڭ سوغاق ئۇرۇش دەۋرىدىكى « پىلانىتلار ئۇرۇشى » ھەربىي ھازىرلىقلار پىلانىنىڭ مۇھىم تۈرى بولۇپ، يادرو بومبىسىغا قارشى تۇرىدىغان مەخپىي قورال دەپ قارالغان. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى 2005-يىلى ئېلىكتروماگىنىتلىق زەمبىرەك تەتقىقاتىنى قايتىدىن باشلىغان، ھازىرغا قەدەر 211 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان.
مەنبە:ئوكيان تورى
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=739
|
 |
 |
 |
 |
|