ئانا _ دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەن تولىمۇ يېقىملىق ھەم مۇبارەك سۆزدۇر، شۇنداقلا يەنە سېھرىي كۈچكە ئىگە سۆزدۇر.
ئانا، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ جاپاكەش ، ئەڭ ۋاپادار ۋە ئەڭ قابىلىيەتلىك ئۇستاز ھەم بىر ئۇستا ئىجادكار، پۈتكۈل كائىناتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغۇچى ئۇستا ھۈنەرۋەن.
ئانا، قارىغىنە!؟ تۈن كېچە بولدى، ھەممە تاتلىق ئۇيقۇدا، ئەمما سەنچۇ؟ ئەمما سەن يەنىلا تولىمۇ- تولىمۇ يالغۇز ھالدا مېنى پەپىلاۋاتىسەن، ماڭا يېگانە ھەمراھ بولىۋاتىسەن، مانا مەن چوڭ بولدۇم، مېنىڭ ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولغۇنۇمغا قاراپ ئىچ- ئىچىڭدىن خۇشال بولدۇڭ، بەلكى كەلگۈسىدە مەن توي قىلىپ، ئۆي ئوچاقلىق بولغاندا سېنىڭدىن ئايرىلىشىم، ھەتتا ھەپتىدە، ئايدا ، يىلدا بېرەر قېتىممۇ يوقلىيالماسلىقىم ، ياد ئېتەلمەسلىكىم مۇمكىن. ئەمما، سەن مېنى ھەربىر تېنىقىڭىدا، ھەربىر قەدىمىڭدە، يۈرىكىڭنىڭ ھەربىر سوقۇشلىرىدا ياد ئېتىپ تۇرىسەن، بەختىمنى تىلەيسەن...!
ئانا قۇچىقى _ ئىنسان بالىسىنىڭ ئەڭ بىخەتەر قوغدىنىش ئورنى ، ئانا قۇچىقى جىمى يامانلىقلاردىن، ساختا مۇھەببەتتىن ، خىيانەتتىن، ئۇنتۇلۇشلاردىن، تەرك ئېتىشلەردىن يىراق. < ئانا يىغلىسا راست يىغلار، قالغىنى يالغان > دېگەن مىسرالار سېنىڭ پاكلىقىڭ، مۇھەببىتىڭنىڭ چىنلىقىغا بېرىلگەن ھەقىقىي باھا.
ئانا ئېسىڭدىمۇ؟ مەن يىراق جايغا ئوقۇشقا ماڭغىنىمدا:< جان بالام، ئامان بول، سەپىرىڭ قۇتلۇق بولسۇن، تامىقىڭنى ۋاختىدا يە ...!> دەپ مېنىڭ ئۇزاتقىنىڭ، كۆزلىرىڭدە جۇدالىق ياشلىرىنى تۆكۈپ، كۆزۈڭ قېيىمىغان ھالدا مەن بىلەن خوشلاشقىنىڭ. قاچان كېلەرسەن، سالامەتمۇسەن ؟ ... دەپ سانسىزلىغان كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگۈنۈڭ، سانسىزلىغان كۈنلەرنى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ غەمكىن، مىسكىن كۆزلۈرۈڭ بىلەن مېنى كۈتۈش، تەلمۈرۈش بىلەن كەچ قىلغىنىڭ.
ئانا ، ئۇ تۇمۇرىمىزدا ئاققان ھەربىر تامچە قاننى، ھەربىر تىنىقىمىزنى ئاتا قىلغان ھالال ئىنسان. ئەمما ئۇ ھەمىشە غەمكىن، دەرتلىك يۈرۈيدۇ. ئانا ، بەلكىم خورلانغان، بەلكىم خىيانەتكە ئۇچرىغان، بەلكىم ئۇنتۇپ كېتىلگەن ۋە بەلكىم تاشلىۋېتىلگەن. ئەمما ، ئانا بىزنى ئەبەدىي تاشلىمايدۇ، ئۇنتۇمايدۇ. ئۇنىڭ بارلىق مۇھەببىتى پەقەت پەرزەنت ئۈچۈنلا، ئۇ ھەرۋاقىت بىزنىڭ ئامانلىقىمىز، بەختىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرغان، ياش ئاققۇزغان مېھرىبان ئىنسان، لېكىن ئۇ يەنىلا يالغۇز، مەيۈس، دەرتلىك، غېرىپ، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ ئازار يېگۈچى.
دۇنيادا ئەڭ كۆپ، ئەڭ سەرخىل ، ئەبەدىي ئۇنتۇلماس نەرسە مۇھەببەت بولسا كېرەك، ئەمما بۇ مۇھەببەتنى ھەقىقىي ئاتا قىلالايدىغان، كىشىگە ئالەمچە سۆيگۈ ۋە بەخت بېرەلەيدىغان، ئىللىق، مىننەتسىز سۆيگۈنى بېغىشلىيالايدىغان پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئىنسان بار، ئۇ بولسمۇ- ئانا .
ئانا، مەن يېقىلسام يۈرىكىڭ ئاغرىيدۇ، كۆزۈمدىن ياش تامچىلىغاندا يۈرۈكىڭدىن قان تامچىلايدۇ. مېنىڭ كۈلكەم _ سېنىڭ بەختىڭ، مېنىڭ ئازابىم_ سېنىڭ كۆز يېشىڭ. ئانا، بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە خوراپ تۈگەيدۇ، پەقەت ۋە پەقەت سېنىڭ مۇھەببىتىڭلا ئەبەدىي خورىمايدۇ، مەڭگۈ پاك ، غۇبارسىز، مىننەتسىز !....
زىيالىي ( ئۆز قەلىمىم )
ئاپتورى : غۇجىئابدۇللا ئوبۇلقاسىم ( ئىلى پېداگوگىكا ئېنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتىتى، 2007- يىللىق ئۇيغۇرتىل- ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى.)