|
|
|
|
شەيتان يالىغان قاچا
مۇنەۋۋەر ئۇبۇلھەسەن ( ئاياللار ئاڭلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ھىكايە )
دادام ھايات ۋاختىدا :<<ئاياللار دىگەن سەھەر تۇرۇپ ،ئۆينى يىغىشتۇرۇپ ،سىرىپ سۈپۈرۈشنى، قاچا قۇچىلارنى يۇيۇقسىز قالدۇرماسلىق كىرەك . رەتسىز ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ .يۇيۇقسىز قاچىلارنى شەيتان يالاپ قۇيىدۇ>>دەيدىغان .دادام بار ۋاقىتتا بىرلا بالام بولغاچقا يۇقۇرقى سۆزلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ باقماپتىمەن .بىراق ھازىر ئىككى بالىلىق بولغاندىن كىيىن ھەرخىل ئۇيۇنچۇق
ۋە قونچاقلار ھەممە ياردە چېچىلىپ ياتقان رەتسىز ئۆيۈمگە، جايىدا قالغان قاچا- قۇچىلارغا قاراپ رەھمەتلىك دادامنىڭ مەنىلىك سۆزلىرىنى ئازاپ ئىچىدە ئەسكە ئالدىم،<<ھەي ئىسىت،بىزنىڭ ئۆيگە ئەمدى پەرىشتە كىرمەيدىغان بولدى، قاچىلارنىمۇ شەيتان يالاپ بوپتۇ>> دىدىم ئىچىمدە.
بارغانسىرى ئانا بولماقنىڭ تەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. دادامنىڭ سۆزلىرى گەرچە كونىلىق تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ .بىراق ئۇنىڭدا قىز - ئاياللاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئەڭ ئەقەللى ئىبادەت تەكىتلەنگەن. بۇ سۆز مىنى قاتتىق سەگەتتى ۋە خىجىل قىلدى.<<ئالدىراش بولغاندىكىن>>دىگەن باھانىگە تولغان ئىدىيەمنى قامچىلىدى.ئەمدى ئويلىسام ئەينى يىللىرى ئاتا-ئانىمىز نورمال ئىشلەپ يۈرۈپمۇ تۆت بەش بالىنى ئوتتا كۆيدۇرمەي ،سۇدا ئېقىتماي ساغلام چوڭ قىلغان ئىكەن.
مەن ھۇرۇنلىق كەشىمنى چورۇپ تاشلاپ ،قول تېلېفونىمنى سەھەرگە ئۇدۇللاپ ئۆز ئىشلىرىمنى قايتىدىن رەتلىك قىلىشقا باشلىدىم. باللىرىم ئويغانغۇچە بولغان ۋاقىت مەن ئۈچۈن تۇلىمۇ قىممەتلىك ،ئالتۇنغا بەرگۈسىز ۋاقىت ئىدى. كونىلاردىگەندەك <<ئادەم دىگەن ھەممە نەرسىگە كۈنىدىكەن >>.ئىلگىرى قالايمىقانچىلىققا كۆنۈپ كەتكەن كوزلىرىم ھازىر بىرەر ئارتۇق نەرسىنىمۇ سىغدۇرالمايدىغان بولدى.ئۇيۇمدىكى پاكىزلىك ،رەتلىكلىك،چىنە قاچىلارنىڭ يالتىراپ ،گىلەم،ئىشكاپلارنىڭ پاقىراپ تۇرۇشلىرىغا قاراپ ھاردۇقۇم چىققاندەك بۇلۇپ قالدى.ئۆيۈمگە قاراپ دادام خۇددى مىنى <<ئىشچان قىزىم>> دەپ ماختاۋاتقاندەك بولدۇم.ئەمدى بىلسەم <<شەيتان، پەرىشتە>> ئەسلىدە ئۆزۈم ئىكەنمەن .ئۆي پاكىزلانغاندىن كىيىن ،كۆڭلۈممۇ ئازادىلىشىپ كەيپىياتىم ياخشىلاندى.ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىممۇ ئېشىپ تۇرمۇشۇم رىتىمغا چۈشتى.
<<ئۇھ.>> دىدىم ئىچىمدە شەيتانلار ئەمدى قاچىلىرىمنى يالىمىغاي!.......
مەنبە شىنجاڭ ژورنىلىدىن ئېلىندى ئاپتۇرى : مۇنەۋۋەر ئۇبۇلھەسەن
|
|
|
|
|
|