ئەزەربەيجان __ ئاسىيا قىتئەسى ۋە ياۋروپا قىتئەسىگە چېگرىداش بولغان جەنۇبىي كاۋكازنىڭ شەرقىغە جايلاشقان گۈزەل نېفىت دۆلىتى. يەر كۆلىمى 80مىڭ 660 كۋادرات كىلومېتىر. شەرق تەرىپى كاسپى دېڭىزىغا يانداش، جەنۇب تەرىپى ئىران ، تۈركىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى روسىيىگە قوشنىداش. غەرب تەرىپىدە گروزىيە ۋە ئەرمېنىيە دۆلىتى بار. يېرىنىڭ 50%ى تاغلىق يەر شەكلى، كىلوماتى ئۆزگىرىشچان. پايتەختى باكو ئەزەربەيجاننىڭ مۇھىم ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سىياسىي مەركىزى بولۇپ، داڭلىق نېفىت شەھىرى. ئەزەربەيجاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى مول بولۇپ، نېفىت يەر قاتلىمىغا بەك چوڭقۇر جايلاشمىغان، ئارىلاشما ماددىلىرى بىرقەدەر ئاز، ساپلىقى يۇقىرى. پۇل بىرلىكى مانات. ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى 1991 _ يىل 8 _ ئاينىڭ 30 _ كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
ئەزەربەيجانلار ئەزەربەيجاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. ئەزەربەيجاننىڭ نوپۇسى 8مىليون 246مىڭ ( 2003 -يىل 10ئايدىكى ستاتىستىكا) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزەربەيجانلار 77.3% نى، ئەرمەنلەر 5.6% نى، رۇسلار 5.2% نى ئىگىلەيدۇ. گىروزىيە، ئەرمېنىيە، ئۆزبېكىستان، ئىران، ئىراقتىمۇ ئەزەربەيجانلار بار. ئەزەربەيجانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ غەربىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەزەربەيجان تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى ئوغۇز تىلى تارمىقىغا تەۋە. رۇس تىلىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان، سلاۋىيان يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئىراندىكى ئەزەربەيجانلار ئەرەب يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.
ئەزەربەيجانلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى جەنۇبىي كاۋكازنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئاھالىلەر ئىدى، كېيىن بۇ جايغا كىممېرىئان، سىكىفلار، بولغار، خاسا، ھون قاتارلىق قەدىمىكى قەبىلە _ قوۋملار كۆچۈپ كەلگەن؛11__13- ئەسىرلەرگە كەلگەندە، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان تۈرك قەبىلىلىرىمۇ كۆچۈپ كېلىپ ئۆزئارا قوشۇلۇپ، پەيدىنپەي ھازىرقى ئەزەربەيجانلار قوۋمىنى ھاسىل قىلغان.
ئەزەربەيجانلار ئۆزگىچە پاسوندىكى جەلپكار كىيملەرنى كىيشكە، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشقا ئامراق. مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن گۈللۈك نەقىشلىك دوپپا كىيىدۇ، ئاياللار بىلەزۈك، كىچىك قوڭغۇراق، ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ. ئەرلەر كەڭ، ئازادە ئىشتان، بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان رەختلىك كىيىملەرنى كىيىدۇ، ئاياللىرى ئوچۇق رەڭلىك چىرايلىق كىيىملەرنى، بەلنى قىسىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيىدۇ. ئەزەربەيجانلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك _ ئىچمەكلىرىدىن بولكا، كۆمەچ نان، جۇۋاۋا، قايماق، سۈت، قېتقلار بار. ياغدا پىشۇرۇلغان گۆش قاتلىمىسىنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەزەربەيجانلار ئۆزئارا سالام قىلىشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ، يېقىن دوست _ بۇرادەرلەر بولسا، ئاۋۋال قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بېرىدۇ ھەم ياخشى تىلەكلەرنى دېيىشكەندىن كېيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆرۈشكەندە چوڭلار كىچىكلەرنىڭ پېشانىسىگە، كۆزىگە، كىچىكلەر چوڭلارنىڭ قولىغا سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ.
ئەزەربەيجانلار ئۇزاق تارىختىن بېرى تارقىلىپ جايلاشقان رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ئوخشاش بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە ئۆزئارا ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەر يۇغۇرۇلغان قاتلاملارنى شەكىللەندۈرگەن. ئەزەربەيجانلار چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، كۆپ قىسىم ئەزەربەيجانلار نېفىت سانائىتى، توقۇمىچىلىق، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سېپىگە قېتىلىپ كەتكەن. بىرقىسىم ئەزەربەيجانلار ھازىرغىچە قەدىمكى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن، يەنە بىر قىسىملىرى ھازىرغىچە يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەزەربەيجاننىڭ قول سانائەت بۇيۇملىرى ئۆزگىچە، تۈرى كۆپ. قىزلار گىلەم توقۇش بىلەن، ئوغۇللار نەقىشچىلىك، مىس، ياغاچ ئويمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ھۈنەر _ سەنئەت، كۆركەملىك، نەپىسلىك جەھەتتە يۈكسەك تەرەققىي قىلغان.
ئەزەربەيجانلار تارىخىدا، ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان ئالىم نەسىرىدىن توسى، شەرق ئەدەبىيات ژانىرلىرىدىن بىرى بولغان «خەمىسە» چىلىككە ئاساس سالغان مەشھۇر ئەدىب ئىلىياس ئىبىن يۈسۈپ نىزامىي گەنجىۋىي ۋە مۇتەپەككۇر ۋە شائىر فۇزۇلى، پەيلاسوپ مىرزا ئاخۇندوف قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەر بارلىققا كەلگەن. ئەزەربەيجانلار نەزمە _ نەسرنى ئاساس قىلغان مول خەلق ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نىزامىي تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «خېسراۋ ۋە شېرىن»، «لەيلى _ مەجنۇن»، «ھەفىت پەيكار»، «ئىسكەندەرنامە» قاتارلىق داستانلار خېلى كەڭ تارالغان، «كىتابى − دەدە قور _ قوت» مۇ ئەزەربەيجانلار ئىچىدە تارالغان ئەڭ قەدىمكى داستان ھېسابلىنىدۇ.
ئەزەربەيجان مائارىپى بىرقەدەر گۈللەنگەن بولۇپ، 1999 _ يىلى ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ئۈچۈن ئاجىراتقان راسخوتى پۈتۈن دۆلەت خام چوتىنىڭ 21%ىنى ئىگىلىگەن. ئەزەربەيجان ساۋاتسىزلىقنى ئاساسەن تۈگەتكەن.
ئەزەربەيجانلار ھەريىلى روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، نورۇز بايرىمى قاتارلىق ھېيت _ بايراملاردىن باشقا، يەنە 5 _ ئاينىڭ 28 _ كۈنى جۇمھۇرىيەت بايرىمى، 10 _ ئاينىڭ 9 _ كۈنى ئارمىيە بايرىمى، 10 _ ئاينىڭ 18 _ كۈنى دۆلەت بايرىمى، 11 _ ئاينىڭ 17 _ كۈنى مىللەت ھاياتلىق كۈنى، 12 _ ئاينىڭ 31 _ كۈنى دۇنيا ئەزەربەيجان مىللىتى ئىتتىپاقى كۈنى قاتارلىق بايراملارنىمۇ تەنتەنىلىك كۈتۈۋالىدۇ.
ئەزەربەيجانلار «7» رەقىمىنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇنى مۇقەددەس، خاسىيەتلىك سان دەپ قارايدۇ. چىنار دەرىخىنى كۈچ _ قۇدرەت ۋە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ. شۇڭا، ئەزەربەيجانلار پەرزەنتلىرىگە «چىنار»، «چىنارە» دېگەن ئىسىملارنى كۆپ قويىدۇ. توي _ تۆكۈن ئىشلىرىنىمۇ چىنار دەرىخى سايىسىدە ئۆتكۈزىدۇ.
ئەزەربەيجانلار سول قولىدا نەرسە ئۇزاتقاننى يامان كۆرىدۇ، سول قولنى پەس كۆرىدۇ. «13» رەقىمىنى ياقتۇرمايدۇ، «13» رەقىمىنى يامانلىق، بالا _ قازا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ بىلىشىدۇ.
كۆپ ھاللاردا، ھەربىر دۆلەت، شەھەر ياكى مىللەتنىڭ بىرەر ۋەكىل خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇشى بولىدۇ. ئەزەربەيجاندىكى «قىز مۇنارى» پايتەخت باكونىڭ شۇنداقلا ئەزەربەيجان مىللىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قەدىمىي قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى. بۇ مۇنار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 7 _ ئەسىردە سېلىنغان. ئۇرۇش مەزگىللىرىدە، «قىز مۇنارى» نىڭ دەرىزىسىدىن ۋولقان ھالىتىدىكى قوغۇشۇن سۇيۇقىنى ئېقىتىش، ئوت چالمىلىرىنى تاشلاش ئارقىلىق دۈشمەنلەردىن مۇداپىئە كۆرۈلگەن . 14 -ئەسىردە پادىشاھلىق ئوردا _ ساراي قۇرۇلۇشلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. «قىز مۇنارى» توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت تارالغان: ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، مۇنار ئەتراپىدا ياشايدىغان بېلىقچىلار ئىچىدە بىر گۈزەل، ئاق كۆڭۈل قىز ئۆتكەنىكەن. ئۇرۇش پارتلىغان يىللىرى ئۇ قىزنىڭ يىگىتى جەڭگە چىقىپ كېتىپتۇ ۋە شۇ كەتكەنچە ئۇزاق يىل قايتىپ كەلمەپتۇ، ئەمما ئۇ قىز كېچە _ كۈندۈز شۇ مۇنار ئۈستىگە چىقىپ يىگىتىنىڭ يولىغا قاراپ كۈتۈپتۇ... يىگىتنىڭ جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەپتۇ، قىز مۇنار ئۈستىگە چىقىپ باشقىلارنىڭ، يىگىتىنىڭ يارىلىنىپ ساق يېرى قالمىغان جەسىتىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە بۇ ئازابقا چىدىماي ئۆزىنى مۇنار ئۈستىدىن دېڭىزغا تاشلىۋاپتۇ... شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۆزىنىڭ چىن مۇھەببىتىگە سادىق بۇ قىزنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامسىز بۇ مۇنارغا «قىز مۇنارى» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ... «قىز مۇنارى» نىڭ ئېگىزلىكى 29.5 مېتىر، تېمىنىڭ قېلىنلىقى 4 مېتىردىن 5 مېتىرغىچە، ھاك تاش بىلەن قوپۇرۇلغان. «قىز مۇنارى» ھازىر باكو شەھىرىنىڭ سىمۋول خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇشى سۈپىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتماقتا.
مەنبە :
ئۇيغۇر پايچىكى تورى