مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1375|ئىنكاس: 13

يۇغۇر مىللىتى-سارىغ ئۇيغۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 01:17:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
黄头回纥  ،  撒里畏兀  ،  黄黄番تارىخ كىتابلىرىدا سارىخ ئۇيغۇر دېگەن ناملار يولۇقىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئۆزلىرىنى سارىغۇيغۇر -شارا يۇغۇر دەپ ئاتايدىغان يۇغۇر=裕固 مىللىتى بار.
       يۇغۇرلار بۈگۈنكى كۈندىكى جۇڭگۇنىڭ  گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ چڭخەي ئۆلكىسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئوتتۇرا قىسمىدىكى خېجۇ كارىدورىنىڭ سۇنەن يۇغۇر ئاپتونۇم ناھىيىسىگە ۋە مۇشۇ ناھىيىگە چېگرىداش ناھىيە يېزىلارغا چوڭ جەھەتتىن تارقاق، كىچىك جەھەتتىن  توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەت بولۇپ، 2009-يىلىدىكى نوپۇسى 14مىڭ620 كىشى، ئاھالىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بۇددا دىنىنىڭ لاما مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ. ئاھالىنىڭ شەرقى قىسىمدىكى 6مىڭ ئادەم موڭغۇل تىلىدا، سۇنەن ناھىيىسىنىڭ مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربى قىسىمدىكىلىرى تۈركى تىللار ئائىلىسىگە تەۋە بولغان يۇغۇر تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ناھىيە بازىرىدىكى يۇغۇرلارنىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلى بىلەن زور ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ ئاستا سۆزلەنسە  دىققەت بىلەن ئاڭلاپ چۈشەنگىلى بولىدۇ. يۇغۇرلار تاكى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغا قەدەر قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن، ئەمما نوپۇسنىڭ ئازلىقى تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى يۇغۇرلارنىڭ ئۆز يېزىقى يوق، مەتبۇئات-مائارىپتا خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.
    بۇ ماقالىدە مۇشۇ  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئانا ماكانى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىنىپ، بۇلارنىڭ ئەسلىدە ھازىرقى چاقىلىق، چەرچەن ناھىيىلىرىنىڭ قەدىمكى ئاھالىلىرىدىن ئىكەنلىكى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈلىدۇ. چاقىلىق، چەرچەن ناھىيىلىرىنىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرىدىغان بولساق، مۇشۇ دائىرىدە  سېرىق ئۇيغۇر  لارنىڭ ياشايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بار، مانا بۇنىڭغا ئالدى بىلەن ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ جامائەت ۋە دۆلەت ئەربابى، ئاتاقلىق تارىخچى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگاننىڭ  تارىخى رەشىدىي  ناملىق كىتابىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلارنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.    
  ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇللىرىنىڭ تارىخى   تارىخى رەشىدىي  نىڭ بىرىنچى قىسمىدا ماڭلاي سۈيەنىڭ دائىرىسىنى كۆرسەتكەندە:  ئۇنىڭ شەرقىي چېگرىسى كۈسەن بىلەن تاربۈگۈر، غەربىي چېگرىسى غاز بىلەن جېكشىمان (بۇ جايلار پەرغانە چېگرىسىدا) ، شىمال تەرىپى ئىسسىق كۆل، جەنۇبىي تەرىپى چەرچەن بىلەن سارىخ ئۇيغۇر  دېيىلگەن.  تارىخىي رەشىدىي  نىڭ ئىككىنچى قىسىم 89 - بابىدا  تۈبۈتلەرنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي تەرەپلىرىدە ياركەند، خوتەن، چەرچەن، لوپ، كىتىك، سارىغ ئۇيغۇرلاردۇر، باشقا جايلار قۇملۇقتۇر (مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگان:  تارىخى رەشىدىي   ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇللىرىنىڭ تارىخى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى. (   
  تارىخچى چيەن بوچۇەن  سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىكىسى، ئولتۇراقلاشقان جايلىرى ۋە نامى ھەققىدە تەتقىقات  ناملىق ماقالىسىدە  تارىخى رەشىدىي  نىڭ 1898 - يىلى لوندوندا نەشر قىلىنغان ئىنگلىزچە نۇسخىسىدا:   خوتەن تاغلىرىغا قاچتى، يەنە پاش بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ بۇ يەردىن چەرچەن  jurjan    ۋە لوپ كاتاك   Lop katak    قاتارلىق سېرىغ ئۇيغۇرلار رايونىغا قېچىپ باردى ( غەربىي دىيار تارىخىغا ئائىت ماقالىلەردىن توپلام ، 2 - كىتاب، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى.) دېگەن جۈملىلەر بارلىقىنى يازىدۇ. موللا مۇھەممەد ئىبىن ئەبدۇلغەفۇر تەرجىمە قىلغان  تارىخى رەشىدىي  نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا بۇ جۈملە  «خىزىر خوجە خاننى مەزكۇر 12 كىشى ئۇ تاغلاردىن ئېلىپ قېچىپ، خوتەن تاغلىرىغا باردى. ئۇ يەردىن سېرىق ئۇيغۇر، چەرچەن، لوپ، كىتىك تەرەپلەرگە باردى» ( بۇلاق  ژۇرنىلى، 1999 - يىللىق 4 - سان، 271 - بەت.) دېيىلگەن. بۇ جۈملە يەنە موللا مىرسالىھ قەشقەرىنىڭ  چىڭگىزنامە  ناملىق كىتابىدا:  «قەمەرىددىن خەبەر ئالىپ كىشى بۇيرۇدى، خىزىر خوجە خاننى خوتەن تاغىغا ئالىپ قاچتىلەر، قەمرىددىندىن قورقۇپ چۇرچەن، سارىخ ئۇيغۇر، لوپ ۋە كىتىك سارى ئالىپ قاچتى» (موللا مىرسالىھ قەشقەرى:  چىڭگىزنامە ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1992 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى) دەپ يېزىلغان.
    يۇقىرىدا بىز كۆرگەن مىسالدىكى لوپ ۋە كىتىك قاتارلىق ئوتتۇرا ئەسىرلەردە مەشھۇر بولغان شەھەرلەر ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان.  تارىخى رەشىدىي  دىكى ئۇچۇرلار بىزگە ھازىرقى چاقىلىق، چەرچەن ناھىيىلىرى تەۋەسىدىكى ئاھالىنىڭ  سارىغ ئۇيغۇر  ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ رايوننىڭ ئاھالىلىرى ئىكەنلىكىنى خەنزۇچە ماتېرىياللارمۇ تەھقىقلەيدۇ.  سۇڭ سۇلالىسى تارىخى  490 - جىلد  يات ئەللەر تەزكىرىسى. ئۇدۇن ئېلى ،  سۇڭ سۇلالىسى ھەققىدە مۇھىم بايانلار. يات تائىپىلەر  قاتارلىق كىتابلاردا ئۇدۇن خاندانىلىقى ئەلچىسى يول يۈرگەندە باسقان مۇساپە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەلچىلەرنىڭ سېرىق ئۇيغۇر ) 黄头回纥   ، سېرىق تاتار ) 草头鞑靼   ، دوڭجەن قاتارلىق ئەللەردىن ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.  سۇڭ تارىخىدىن مۇھىم بايانلار  يات تائىپىلەر 4  تە يېزىلىشىچە، چەرچەن ئۇدۇن ئېلىگە تەۋە بولۇپ ئۇدۇن ئېلىنىڭ چېگرىسى ئىدى، ئۇنىڭ شەرقىدە سېرىق ئۇيغۇر، ئۇنىڭ شەرقىدە چۇمۇللار، ئۇنىڭدىن كېيىن دوڭجەنلەرنىڭ بارلىقى يېزىلغان.ياڭ فۇشۆ، نيۇ رۇجى:  شاجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يادىكارلىقلىرى ، گەنسۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، 1995 - يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 22 -، 23 - بەتلەردىكى نەقىلگە قاراڭ.مانا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ رايوندىن 11 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆتكەنلەر قالدۇرغان ئىزلار بولۇپ، تامامەن ئىشەنچلىك، بۇ ئۇچۇر بىلەن  تارىخى رەشىدىي  ۋە ئۇنى مەنبە قىلغان ماتېرىياللار بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. بىز خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسلىنىدىغان بولساق، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت - ماكانى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز.  سۇڭ سۇلالىسى تارىخىدىن مۇھىم بايانلار  نىڭ  رۇم ئېلى  قىسمىدا مىلادىيە 1091 - يىلى رۇم ئەلچىسىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى خاتىرىلەنگەن، ئۇنىڭدا  يەنە شەرققە يۈرسە، تاجىك بىلەن ئۇدۇن ئوردىسى جايلاشقان شىنفۇجۇ، يەنە يۈرسە كونا ئۇدۇن، ئاندىن چەرچەن شەھىرى بولۇپ ئۇدۇن ئېلىنىڭ چېگرىسىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن سېرىق ئۇيغۇر، يەنە شەرققە يۈرسە تاتار، ئۇنىڭدىن كېيىن چۇمۇل، يەنە شەرققە يۈرسە دوڭجەن، ئۇنىڭدىن كېيىن لىنچىن، يەنە شەرققە يۈرسە چىڭتاڭغا بارغىلى بولىدۇ، بۇ جۇڭگو چېگرىسىدۇر  دېيىلگەن. بۇ بايانلار بىلەن ئۇدۇن ئەلچىسىنىڭ بايانلىرى ئوخشاش، ماڭغان مۇساپىسىمۇ ئوخشاش بولۇپ، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ چەرچەننىڭ شەرقىي قىسمىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تاتارلار بىلەنمۇ قوشنا ياشايدىغانلىقى يېزىلغان. ئۇدۇن ئەلچىسىنىڭ مۇساپىسى ھەققىدىكى بايانلىرى  ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەرنىڭ داۋامى  نىڭ 335 - جىلدىدا سوئال - جاۋاب تەرىقىسىدە مۇنداق بايان قىلىنغان:   ئېلىڭىزدىن ئايرىلغىلى نەچچە يىل بولدى؟ ،  تۆت يىل ،  قانچىلىك ۋاقىت يول يۈردىڭىز؟ ،  ئىككى يىل. ،  قايسى ئەللەردىن ئۆتتىڭىز؟ ،  سېرىق ئۇيغۇر، سېرىق تاتار، دوڭجەن قاتارلىق ئەللەردىن ئۆتتۈم. ، دوڭجەندە قانچە ئۇزۇن تۇردىڭىز؟ ، بىر يىل.  . لى يۈەن يازغان  چىڭ تاڭ لۇ  青唐录     ناملىق كىتابتا:  تېخۇشى قۇملۇقتىن ئۆتۈپ ئادىمىزاتسىز يەرلەردە ئىككى ئاي يۈرۈپ ئۇيغۇرلار دائىرىسىگە كىردى، ئۇدۇن چېگرىسى  دېيىلگەن. بۇ جۈملىدىمۇ ئۇدۇننىڭ شەرقىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونى ئىكەنلىكى، بۇ ئاتالغۇنىڭ سېرىق ئۇيغۇر نامى بىلەن ئالمىشىشى بۇ ئىككى ئاتالغۇدىكى تەڭداشلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  مىڭ سۇلالىسى تارىخى  330 - جىلد  غەربىي يۇرت  قىسمىدا مۇنداق خاتىرە بار:  ئەندىڭ قورۇلى قامچىئۇنىڭ 1500 چاقىرىم غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ، خەن دەۋرىدە لوپ ) 若羌    دەپ ئاتالغان. تاڭ دەۋرىدە تۈبۈتلەرگە قارىغان، يۈەن سۇلالىسى خان جەمەتىدىن بۇيان تەمۈرنى غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى خان )شىنىڭ  نامى بىلەن ھۆكۈمدارلىققا قويغان. بۇ يەرنىڭ ئەسلىي نامى سېرىق ئۇيغۇردۇردېيىلگەن.  مىڭ شۇەنزۇڭنىڭ ئەمەلىي خاتىرىلىرى  نىڭ 7 - جىلدىدا:  ئەندىڭ قورۇلى ئەسلىدە ئۇيغۇر ) 畏兀儿    لارنىڭ يېرى ئىدى  دەپ مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. خۇددى يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ئوتتۇرا ئەسىر يازمىلىرىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردە ھازىرقى چاقىلىق، چەرچەن ناھىيىلىرى تەۋەسىدىكىلەرنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتىنى ئىزاھلاش زۆرۈركى بۇنى خامىلتۇن ئەپەندى چۇڭۇل دەپ ئوقۇيدۇ ھەمدە خەنزۇچە مەنبەلەردە كۆرۈلىدىغان  仲云  بىلەن بىر دەپ قارايدۇ  كۆپىنچە ھاللاردا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۈملىدىن ئۇلار كىچىك تۇخرىلار بولۇپ چاقىلىق رايونىنىڭ ئاھالىسى دېيىلدى، ئەمما بىز كۆرگەن يۇقىرىقى خەنزۇچە مەنبەلەردە چاقىلىق رايونىنىڭ ئەسلىي ئاھالىسىنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە تېخىمۇ شەرقتە ئىكەنلىكى، جۈملىدىن ئىككى ئارىدا يەنە سېرىق تاتارلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان، بىز مانا بۇلارغا ئاساسەن چاقىلىقنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاھالىسى چۇمۇللار ئەمەس، سېرىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىمىز. گەرچە تۇخرىلارنىڭ مۇشۇ رايوندا قالغان ئەۋلادلىرى دېسەكمۇ، بۇ نامنىڭ يەنە تۈركىي قەبىلە چۇمۇللارنىڭ نامى بىلەن يېقىن كېلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەنسەپ ناملىرىدا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى خامىلتۇن ئەپەندىمۇ ئىنكار قىلىپ ئولتۇرمايدۇ، بۇ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلىدۇر.    
    خەنزۇچە مەنبەلەردە موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن باشلاپ  撒里畏兀儿  دەپ خاتىرىلەنگەن، جۈملىدىن 1226 - يىلى موڭغۇل سەركەردىسى سۇبۇتاينىڭ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېگىنى چىمەننىڭ قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرغانلىقى يېزىلغان. پولان كاربىن چىڭگىزخان دەۋرىدە  sarihuihur  دەپ ئاتىلىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بولغانلىقى، ئۇلارنى چىڭگىزخاننىڭ ئىستېلا قىلغانلىقىنى يازغان. مانا بۇلارغا ئاساسلانغاندا، سېرىق ئۇيغۇر نامىنىڭ موڭغۇللار ئىستىلاسېدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ. 1374 - يىلىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە  مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلىي خاتىرىلىرى  دىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بار. مەسىلەن،  غەربىي دىياردىكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ) 撒里畏兀儿    تىنچلاندۇرغۇچى خانى ) 安定王    بۇيان تەمۈر سېرىق ئۇيغۇرلار تاتارلارنىڭ باشقا قەبىلىسىدىن. يېرى كەڭرى بولۇپ مىڭ چاقىرىمدىن ئاشىدۇ، گەنسۇغا 1500 چاقىرىم، شەرقتە خەندۇڭ، غەربتە تەڭرى ) 天可里   ، شىمالى گۇاجۇ، شاجۇلارغا يېقىن، جەنۇبى تۈبۈت بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەھەر - بازارلىرى يوق، چېدىرلاردا تۇرىدۇ، تۆگە، ئات، كالا، قويى كۆپ  دەپ خاتىرىلەنگەن. مانا بۇ ئۇچۇرلار شەھىرى كىتىك، لوپ قاتارلىق شەھەرلەر ۋەيران بولغاندىن كېيىن  شەھەر - بازارلىرى يوق ، ئەمما تۆگە، ئات، كالا، قويلىرى كۆپ چارۋىچى مىللەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مانا مۇشۇ دەۋردە سېرىق ئۇيغۇرلارغا بۇيان تەمۈر قاتارلىق كىشىلەر رەھبەرلىك قىلغان، مىڭ سۇلالىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان، جۈملىدىن 1375 -، 1376 - يىللىرى بۇيان تەمۈر قاتارلىقلار مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا سوۋغا - سالام يوللىغان، مىڭ سۇلالىسى 1374 - يىلى ئۇلارنى تۆت قەبىلە قىلىپ   阿端,阿真,苦先,帖里    لەرنىڭ باشلىقلىرىغا مىس مۆھۈر بەرگەن. 1375 - يىلى بۇيان تەمۈر قاتارلىقلار سوۋغا - سالام ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئالتۇن مۆھۈر بەرگەن. 1376 - يىلى بۇيان تەمۈر نىڭۋاڭ ) 宁王    دەپ يېزىلغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ يۇقىرىقى خاتىرىلەر سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىي يۇرت - ماكانلىرى ۋەيران بولغان، ئەمما تېخى جيايۈگۇەندىن كىرمىگەن ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىدۇ.
   ياپونىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس ساگۇچى تورۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ 14 -، 15 - ئەسىرلەردە گەنسۇ دائىرىسىدە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى يازىدۇ. مىڭ سۇلالىسى ئەينى ۋاقىتتا گەنسۇنىڭ غەربىدە ئەندىڭ، خەندۇڭ، ئۇدۇن، كۈشەن قاتارلىق تۆت قورۇل تەسىس قىلغان بولۇپ، شۇلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدا تەسىس قىلىنغانىدى.  تارىخىي رەشىدىي  نى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغۇچىلار 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق جايلىرى تەخمىنەن شاجۇ )دۇخان  نىڭ جەنۇبى، غەربتە لوپ كۆلى ئەتراپلىرىدىن چايدام ئويمانلىقىنىڭ شىمالىغىچە بولغان رايونلارغىچە جايلاشقان بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جايلاشقان ئورۇنلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، دەيدۇ. مانا بۇ ئەھۋاللار چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى كىتىك، لوپ، مەردەك قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ 14 -، 15 - ئەسىرلەردە ۋەيران بولغاندىن كېيىن تەدرىجىي شەرققە سۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 1696 - يىلى، يەنى كاڭشى خان زامانىدا 6000 دىن ئارتۇق ئاھالىگە ئىگە سېرىق ئۇيغۇرلار چىڭ سۇلالىسىگە تەۋەلىك بىلدۈرگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، دۇخان ئەتراپلىرىدىكى يۇرتلاردا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغانلىقتىن، سېرىق ئۇيغۇرلار ھازىرقى سۇنەن دائىرىسىگە كۆچۈپ كەتكەن ۋە چىڭ سۇلالىسىگە تەۋەلىك بىلدۈرگەن. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت - ماكانىدىن كۆچكەنلىكى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ئۇلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ساقلانغان.
   بوران چاپقۇنلۇق تارىخلارنى باشتى كەچۈرگەن يۇغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگۇدىكى 56مىللەتنىڭ بىرى. ئەنئەنىۋى كەسپى چارۋىچى بولغان يۇغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە ئاساسەن مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ بولدى، ئارىسىدا دوكتۇرلار، ماگىستىر زىيالىلار بار. 
  

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇس تورى
http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=8160

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

سالام ئانا ۋەتەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8827
يازما سانى: 1261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12285
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 1032 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 01:52:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇغۇر مىللىىتى ساپ سېرىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى شۇ.. مەن بۇ ھەقتە خېلى كۆپ تارىخى ماتىريال كۆرگەن...

بىر-ئىككى -ئۈچ! ئىتتىپاقلىق كۈچ! سالام ئۇيغۇر ئوغلانلىرى

سالۇن: Uyenene

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7972
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 713 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 02:25:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ مۇشۇ توغرىلىق خېلى كۆپ ماتىريىال كورگەن. بىز ئالدىنقى يىلى سېرىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىغا بارماقچى بولغان، لىكىن مەكتەپتىن قۇشۇلمىغاچ بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمىدى.!  سېرىق ئۇيغۇرلاردىن ھازىرمۇ بىز تەرەپكە كىلىپ قېرىنداشلىرىنى كۈرۈپ كىتىۋاقانلار خېلى بار!

30يۈەنگە 30 كۈن پۈتۈن جوڭگۇغا چەكسىز تېلفۇن قىلىڭ! چ چ 250054423  سالۇن: Uyenene

شاھزادە ئارتورن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2389
يازما سانى: 1778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13495
تۆھپە نۇمۇرى: 505
توردا: 4431 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 03:37:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت بەك چوڭ ئىكەن،كېلەر قېتىم سەل كىچىكرەك تەڭشەپ يازارسىز تورداش .. ھى ھى ھى چاقچاق
.
ئۇلار ئۆزىنىڭ كىمنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىنى بىلەمدىكەن ؟زادى

تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ...

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22059
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10073 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 03:39:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر پۇرسەت يار بەرسە شۇ يەرلەرگە (سۇنەن يۇغۇر ئاپتونۇم ناھىيىسىگە) بېرىپ كورۇپ كەلگۇم بار.

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16659
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6595 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 03:57:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە بىر قۇرئان قويغۇچ بار ئىدى ئۇنىڭدا 26 خىل تەرجىمە قۇرئان بار ئۇيغۇرچىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئەمما ئەرەبچە تەرجىمىسىدە ئۇيغۇرچە دەپ يازماي يوغۇرچە دەپ قۇيۇپتىكەن . مەن تىخى ئىملا خاتامىكى دەپ ئويلىغان بەلكىم بىرەر تۇڭگان بىلمەي شۇ يوغۇرلارنى ئۇيغۇرلار دەپ بىلىۋىلىپ شۇ پىتى تەرجىمە قىلىپ قويغان بۇلۇشىمۇ مۇمكىن .
تىما مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس بولۇپ قالدى كەچۈرۈڭلار .

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21047
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6024
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2010-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 05:12:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت بىلىۋالدۇق [s:154]  [s:166]

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1169
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16252
تۆھپە نۇمۇرى: 964
توردا: 4389 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 05:36:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە پايدىسى بارمۇ ...بولسا قانداق پايدىسى بار ..شۇ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن قۇربان بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادىكەن ..ئەمدى بىزگە قانداق نەپ ئېلىپ كىلىدۇ بۇ تەتقىقات ؟؟؟؟

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 2976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76348
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 6789 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 06:16:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختا ئانداق ئۇيغۇر، بۇنداق ئۇيغۇر دىگەن بىلەن،ئۆزلىرى مەن ئۇيغۇر دەپ ئىتراپ قىلىشسا ئاندىن ھىساب.....

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13215
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8082 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 11:26:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ياخشى تارىخى بىلىمكەن،مېنىڭچە ،ئۇلارمۇ بىر كۈنلىرى كەلگەندە ئۆز ئەجدادىنى ئىزدەيدۇ ۋە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى ئۆگىنىدۇ.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش