 |
 |
 |
 |
مىسرانىمغا كىرىپ تۇرامسىز ،
مىسرانىمغا كىرىپ تۇرامسىز ،
تىمىلارنى يوللاپ تۇرامسىز ؟
تەستىقلانماي قالسا تىمىڭىز،
كۈتكەچ رەسىم كۆرۈپ تۇرامسىز؟
مىسرانىمغا كىرىپ تۇرامسىز ،
تېمىلارنى كۆرۈپ تۇرامسىز ؟
ئۇچىراتسىڭىز ياخشى بىر تىما ،
ئاڭا ئىنكاس يوللاپ قويامسىز ؟
مىسرانىمغا كىرىپ تۇرامسىز ،
خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇرامسىز ؟
تېپىۋالسىڭىز ئالتۇندەك تىما ،
ئىگىسىگە رەھمەت ئېيتامسىز ؟
مىسرانىمغا كىرىپ تۇرامسىز ،
باشقىلاردىن ياردەن سورامسىز ؟
كۆرۈپ ئاسقان مېداللىقلارنى ،
ئاڭا ھەۋەس قىلىپ قويامسىز ؟
مىسرانىمغا كىرىپ تۇرامسىز ،
قىسقا ئۇچۇر كۆرۈپ تۇرامسىز؟
ئەۋەتىلمەي قالسا ئۇچۇرىڭىز ،
مەندەك بويۇن قىسىپ قالامسىز ؟
مىسرانىمغا كىرىپ تۇرامسىز ،
شېئىر _ قوشاق ئوقۇپ قويامسىز ؟
ئېيتىپ قالساق مۇشائىرە بىز،
قۇرۇق كەلمەي قوشاق قاتامسىز ؟
مەنبە:ئالماچېچىكى
|
 |
 |
 |
 |
|