مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3643|ئىنكاس: 34

چىچەن مىللىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

خوراز چىللىماقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2645
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13447
تۆھپە نۇمۇرى: 616
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 12:15:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


چېچەنلەر روسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدۇ. چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى روسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شىمالىي كاۋكاز رايونىغا جايلاشقان. چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە چېچەنلەردىن باشقا ئىنگۇش ھەم رۇسلار بار. چېچەنلەرنىڭ ئاز بىرقىسمى داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.

چېچەنلەرگە ئائىت ئەڭ بۇرۇنقى تارىخىي يازما ماتىرىياللار مىلادىيە 7 _ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قالدۇرۇلغان. چېچەنلەر شىمالىي كاۋكاز ئەتراپىدا ياشىغۇچى ئەڭ قەدىمكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان. «چېچەن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئارغۇن دەرياسى بويىدىكى «چوڭ چېچەن» دېگەن كەنتنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن، كېيىن ئاستا _ ئاستا چېچەن مىللىتىنىڭ نامى بولۇپ قالغان.
چېچەنلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ كاۋكاز تىپىغا كىرىدۇ، كاۋكاز تىللىرى سىستېمىسى داغىستان تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ ناخ تىل تارمىقىغا تەۋە چېچەن تىلىنىڭ 7خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. چېچەنلەرنىڭ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، كېيىن سىلاۋيان يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن. چېچەنلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
چېچەنلەر قارا چاچ، بۇغداي ئۆڭ كېلىدۇ، كۆپىنچىسى قويۇق ساقال قويىدۇ، بوۋايلىرى ئۇزۇن ساقال قويىدۇ. قوي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن تۇماق كىيىدۇ. چېچەنلەرنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كەڭ يەلكىلىك پىلاش كىيىدۇ؛ ئاياللىرى بېلى تار كەلگەن تىك ياقىلىق كۆڭلەك ياكى كەڭ ئېتەكلىك يوپكا كىيىدۇ، مەيدىسىگە كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشنى، ھالقا ئېسىشنى، ئۈزۈك سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چېچەنلەر ئائىلىسىگە، دىنىغا ئىنتايىن سادىق. چېچەنلەر بۈگۈنگىچە قەبىلە باشلىقى تۈزۈمى ۋە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئوخشاش بىر ئۇرۇقتىكىلەر بىر _ بىرىنى ئاكا _ ئۇكا، ئاچا _ سىڭىل دەپ قارايدۇ.



                                        چېچەنىستاننىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
چېچەنلەر ئىنتايىن مېھماندوست مىللەت. بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئۆرپ _ ئادەتلىرىنىڭ بىرى. كەلگەن مېھماننى قەبىلە باشلىقى ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ، مېھمان ئۆيگە كىرسىلا ئۇنىڭ دوست ياكى يات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ.

چېچەنلەر تارىختىن بۇيان سىرتقى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە ئۆتكەن مىللەت. بۇخىل «قارشىلىق كۈرىشى» 13 _ ئەسىردىن تا بۈگۈنگە قەدەر چېچېنىيە زېمىنىدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە… ئۇزاق مەزگىللىك قانلىق كۈرەشلەر چېچەنلەرنىڭ باتۇر، باش ئەگمەس، قىزىققان، قىساسكارلىق ئېڭى كۈچلۈك مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان. مەشھۇر يازغۇچى لىف. تولىستويمۇ چېچەنلەرنى «ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئەزىمەتلەر» دەپ تەرىپلىگەن.

13 _ ئەسىردە، چېچەنلەر موڭغۇل ئىستىلاچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 14 _ ئەسىردە بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېمور خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان. 17 - 18 ئەسىرلەردە چېچەنلەر پارس، ئوسمان، چارروسىيە قاتارلىق خاندانلىقلارنىڭ تالىشىدىغان ئوبىيېكتى بولۇپ قالغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، چېچەنلەر 200 يىلدىن كۆپرەك قانلىق كۈرەشنى باشتىن كەچۈرگەن. 19- ئەسىردە، چارروسىيە ھاكىمىيىتى كاۋكاز ئۇرۇشى ئارقىلىق چېچېنىيىنى ئۆز ئىمپېرىيە خەرىتىسىگە قوشۇۋالغان. 1922- يىلى چېچېنىيە ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغان. 1934- يىلى چېچېنىيە قوشنىدېشى ئىنگۇش بىلەن قوشۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ روسىيەگە قاراشلىق چېچېنىيە _ ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان.

1991 _ يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ھالىتىگە ئۆتكەن مەزگىلدە، سىرىتقى كۈچلەرنىڭ «قول تىقىشى» ئاستىدا چېچەنلەرنىڭ روسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان قارشىلىق كۈرىشى كۈچەيگەن. دەل مۇشۇ پەيىتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيە گېنىرالى چېچېنىيىلىك دۇدايېف، قورال كۈچى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىپ سايلام ئۆتكۈزۈپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان. لېكىن، چېچېنىيىلىكلەرنىڭ بۇ مۇستەقىللىق كۈرىشى روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، خەلقنىڭ تىنچ _ خاتىرجەم تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئىستەكلىرى رېئاللىققا ئايلىنالمىغان… بۈگۈنكى كۈندە، بۇخىل «قارشى چىقىش، باستۇرۇش» ھەرىكەتلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، «چېچىنىيە كىرىزىسى» ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئېقىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.

چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ناھايىتى «ئەۋزەل» ۋە مۇھىم. ئۇ روسىيە بىلەن جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ نېفىت تۇرۇبىسىنى، تۆمۈر يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چېچەنلەرنىڭ، ئەتراپىدىكى ئىنگۇش، داغىستان، شىمالىي ئوسسېتىيە، ئابغازىيە ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق مۇسۇلمان ئاھالىسى كۆپ جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق. بۇرۇن چېچېنىيىنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سىرتقى كاۋكازنى تۇتاشتۇرغۇچى ھاياتلىق لىنىيىسى» دەيدىغان نامى بار ئىدى.

چېچەنلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى پەلەمپەيسىمان بولۇپ، تاش، ياغاچتىن قوپۇرۇلىدۇ؛ تۈز ئۆگزىلىك، كۆپ قەۋەتلىك كېلىدۇ. چېچەنلەرنىڭ تۈزلەڭلىك رايوندا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا بۇغداي، قوناق، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ، ھەمدە مېۋە _ چېۋە يېتىشتۈرىدۇ؛ تاغلىق رايوندا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كىگىز بېسىش، خۇرۇم ئىشلەش، خۇمدانچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ھازىرقى زامان سانائىتىمۇ بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. چېچېنىيە نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرى مول رايون.

چېچەنلەر كۆممىقوناق تالقىنى ياكى قازان نېنى ۋە باشقا ئۇن غىزالىرىنى ئاساسلىق ئىستېمال قىلىدۇ؛ كاۋاپ، سۈزمە، قۇرۇت قاتارلىقلارنى، چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

چېچەنلەرنىڭ ھېيىت _ ئايەم، توي _ تۆكۈن، ئۆلۈم _ يېتىم ئادەتلىرى ۋە پەرھىزلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

چېچەنلەرنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى مول بولۇپ، ئەل ئارىسىدا داستان، قوشاق، ھېكايە، چۆچەك، رىۋايەت، مەسەل قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان، بولۇپمۇ چېچەنلەرنىڭ قەھرىمانلىق داستانى __ «نارىت» ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.

 



مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى سەلتەنەت تورى

بالام خوراز چىللىغىلى نەۋاق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10396
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9133
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 8158 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 08:12:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىكى ئەڭ باتۇر،قەيسەر مىللەت.

سۇبىھى

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 10:07:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ يەرلەردە- روسىيىدە- بىر مىللەتنىڭ بىر بايرىقى بارمۇ نىمۇ؟

ئۇلار ھازىرغىچە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى قىلىۋاتامدۇ؟

رەھمەت.

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19762
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6048
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2010-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 10:13:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارانلا بىر مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىكەندە ، ناۋادا 10 مىليون بولۇپ قالغان بولسا روسلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاۋارچىلىققا ئۇچۇرتاتتىكەن ........................... ؟!

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 10:56:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ۋە قىساس ئېلىش چېچەنلەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كېتىپتۇ، دەڭلار!!!!!!!!!  [s:148]  [s:148]

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 12:51:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1992-يىلىدىن ھازىرغىچە چىچەنلەرنىڭ 3\\2 قىسمى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كىتىپتۇ ، يەنى 2 مىليۇن چىچەن ، بۇلار تارىختىكى ئەڭ قەيسەر مىللەت دىيىشكە ئەرزىيدۇ .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9612
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 02:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىچەن مىللىتى ھەقىقىتەن باتور خەلىق ئىكەن.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.

نامراتلىق جىناي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6045
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13328
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 02:06:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئوقۇپ  نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا بىر چىچەننىڭ بىر ئۇيغۇرغا قىلغان سۆزى ئېسىمغا كەپ قالدى ... بۇلارنىڭ شۇنداق باتۇرلۇقىنى بارلىق سوۋىت رىسبوپلىكىلىرى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ . شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيەدىكى كۆپىنچە قارا جەمئىيەتلەر چېچەننى ئۆزىگە كاتىۋاش قىلىپ سايلايدۇ . بۇلارمۇ ئىندىئانلارغا ئوخشاش باتۇرلۇقتا يۇغۇرۇلغان قىساسكار مىللەت

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن

خوراز چىللىماقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2645
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13447
تۆھپە نۇمۇرى: 616
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 02:13:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈ مىللەتتە بۈزۈقچىلىق، پاھىشە دىگەنلە ئاساسەن يوقكەن ، چۈنكى بۈندا ئىشلا بايقالسا ۋاختىدىلا بۈغۈزلاپ قويىدىكەن.

بالام خوراز چىللىغىلى نەۋاق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8478
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9162
تۆھپە نۇمۇرى: 428
توردا: 1202 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 02:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەخمەت ،مەن بۇ مىللەتكە بەك قىزىقىمەن

سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا، سۆيمىسە سۆيىمەن مىسرغا سۇلتان بولسا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش