مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 0

جۇڭگو ئەگەر ئۇرۇشقا قاتناشسا يۈز يىل چېكىن  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىز بۇ دۇنياغا م

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4726
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12482
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 5607 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 07:19:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگو ئەگەر ئۇرۇشقا قاتناشسا يۈز يىل چېكىنىپ كېتىدۇ    .

جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ سابىق قوماندانى بېل 12-ئاينىڭ 3-كۈنى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئۇلدا بىلدۈرىشىچە، « شىمالىي كورىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشتا، قورال كۈچىدىن باشقا تاللاش يوق » ئىكەن ھەمدە تەكىتلەپ، ئەگەر جۇڭگو كورىيە يېرىم ئارىلى ئۇرۇشىغا يەنە قاتناشسا، جۇڭگو ئىقتىسادى 100 يىل ئىلگىركى ۋاقىتقا چېكىنىپ كېتىدۇ دېگەن.
جۇڭگو ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لويۈەن 12-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇرۇشقا تايىنىپ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى ھەرگىز ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، جۇڭگو تىنىچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئەمما ئۇرۇش تەھدىدتىدىن قورقۇپ قالمايدۇ دېگەن.
بېل يېقىندا سېئۇلدا « جەنۇبىي كورىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشى » تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.
ئۇ:« شىمالىي كورىيە قوللىنىشى مۇمكىن بولغان يېڭى ئىغۋاگەرچىلىككە قارىتا، بىز سىممىتىرىك بولمىغان ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمىنى دەرھال قوزغىشىمىز كېرەك. ئامېرىكىنىڭ تىك ئۇچار ھۇجۇمچى ئەترىتى جەنۇبىي كورىيەگە قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەك، كۈرەشچى ئايروپىلان ئەترىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئاۋىئاماتكا ئەۋەتىپ بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈش كېرەك » دېگەن.
ئۇ يەنە جەنۇبىي كورىيە كۈچلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىنى ھازىرلىشى كېرەك، كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مانىۋېرىنى دەرھال ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي كورىيەنىڭ يېڭى ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىدىن دەرھال ئۆچ ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
بېل :« سەمىمىيەت ۋە ئىناۋەتكە خىلاپلىق قىلغان شىمالىي كورىيە ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا قارىتا، قورال كۈچى بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشتىن سىرت باشقا ئامال يوق » دېگەن.
مەنبە:سۇمرۇغ تورى(نەپرەت تەرجىمىسى)
ئۇيغۇرچە توردىكى مەنبە:
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=692

پۇل قىزلىقىنى مەڭگۇ يوقاتمايدۇ . مەن يول ماڭغاندا يامغۇر ياققان بولسا كۆز يىشىمنى ھىچكىم كۆرمىگەن بولاتتى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش