ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان سەۋەبلەر
[align=justify] تېببىي ئالىملار ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئاياللارنىڭكىدىن قىسقا بولۇشنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان ، دەپ قارايدۇ :
ئاشقازان كېسىلى: ئەرلەر ھاراق ، تاماكىغا ئامراق . يەنە تاماقنى تېز ھەم كۆپ يەيدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6.2 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ .
تېرە كېسىلى: كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن ساقلىنىشقا ، تېرىسىنى دائىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ قارا پېگمېنت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى .
يۈرەك كېسىلى: ئادەتتە ، ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ئاياللارغا قارىغاندا جىددىيرەك ، خىزمەت بېسىمىمۇ بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاياللارغا قارىغاندا 7-10 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭا ، ئەرلەر يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، تاماكا ، ھاراققا چەك قويغاندىن باشقا ، يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمال ساقلىشى ۋە بېسىمنى يەڭگىللىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك .
جىگەر كېسلى: ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى كۆپ بولغاچقا ، ئاسانلا ھەر خىل جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ . ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى يەنە ھاراق ئىچىدۇ . جىگەر ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 60-80 گىرام ئىسپىرتنى پارچىلىيالايدۇ ، بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ .
تۈز ئۈچەي كېسىلى: ئەرلەر ئادەتتە تەركىبىدە ياغ ۋە ئاقسىل كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ . ئىلمىي تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، ياغ ۋە ئاقسىلنى كۆپ ئىستېمال قىلىش تۈز ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن . شۇڭا ، تۈز ئۈچەي راكى ۋە باشقا ئۈچەي كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم تەركىبىدە سېللۇلوزا مول بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم .
مەزى بېزى كېسىلى: مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ %60 ىدە مەزى بېزى كېسىلى بار ئىكەن . ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىرىنچىدىن ، ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتمەسلىك . ئىككىنچىدىن ، جىنسىي مۇناسىۋەتنى كونترول قىلىش . ئۈچىنچىدىن ، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش كېرەك .
مەنبە: «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» دىن ئېلىندى.