مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1637|ئىنكاس: 13

بەيزۇلارنىمۇ چۈشۈنۈپ قويايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 03:36:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئېلىمىزدىكى بەيزۇلار ئاساسەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بېجى ۋىلايىتىدە، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 858 مىڭدىن ئارتۇق - 2000 ( يىلىدىكى سان.) بەيزۇلارنىڭ ئۆز تىلى بار، يېزىقى يوق. بەيزۇ تىلى خەنزۇ - زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسىنىڭ زاڭزۇ - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. بەيزۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن مەرمەرتاش ۋە قىممەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى كۆپ چىقىدۇ. دالىدا گەنتۇڭ ئىبادەتخانىس ، چۇڭشېڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۈچ مۇنارى قاتارلىق بىرمۇنچە قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار، ساڭشەن تېغى ۋە سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك ئېرخەي كۆلى قاتارلىق مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرى بار.

  بەيزۇلار ئىشلەپچىقىرىشتا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، شالنى كۆپ تېرىيدۇ، گۈرۈچتىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. بەيزۇلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئومۇمەن، ئەرلەرنىڭ كىيىنىشى ئاددىيراق، كۆپىنچىسى چوڭ پەشلىك چاپان ۋە ئۇزۇن ئىشتان كىيىدۇ، بېشىغا ئورام ياغلىق چېگىدۇ، رەڭ جەھەتتە قارا، كۆك، ئاق رەڭلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بەيزۇ ئاياللىرى سىدام كۆڭلەك كىيىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل رەڭلىك جىلىتكە كىيىشكە ۋە پەرتۇق تارتىشقا، شۇنداقلا رەڭگارەڭ چۇچىلىرى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان باش كىيىم كىيىشكە خۇشتار. بەيزۇلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، چاي تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى بويىچە ئالدى بىلەن مېھمانغا چاي تۇتىدۇ.

  «باۋاڭ قامچىسى» __ بەيزۇ خەلق تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ بىر تۈرى. باۋاڭ قامچىسى كۆپىنچە بامبۇك ياغاچلاردىن ياسىلىدۇ، ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى ئىككى چىدىن ئاشىدۇ، بەش بوغۇم بولىدۇ، ھەربىر بوغۇمىغا ئۈچتىن بەشكىچە يارماق ئېسىلىدۇ. ھېيت - بايرام كۈنلىرى كىشىلەر يۇمىلاق سورۇن ھاسىل قىلىپ، سۇناي ۋە جاڭ - دۇمباقلار ساداسى ئىچىدە باۋاڭ قامچىسىنى ئۇرۇشۇپ، تۈرلۈك جانبازلىق ھەرىكەتلىرىنى ئوينايدۇ. قامچا مۈرە ، دۈمبە ، يوتىلارغا توختىماي ئۇرۇلغاندا، يېقىملىق ئاۋاز چىقىدۇ، ھەرىكىتى قاتتىق ھەم رىتىملىق بولىدۇ.

  «مارت بازىرى» ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلىنىپ دالى شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ساڭشەن تېغى ئېتىكىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ۋاقتى 5 7__ كۈن بولۇپ، نۇرغۇن جايلاردىن كەلگەن بەيزۇلار بۇ جايغا جەم بولىدۇ. بازار مەزگىلىدە تاڭ سۈزۈلۈش بىلەنلا، چوڭ - كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئات - ئۇلاغلارنىڭ كىشنەشلىرى بىر ئالىدۇ، ئادەملەر سەلدەك ئاقىدۇ، رەڭگارەڭ تۇغلار ۋە پلاكاتلار ئېسىلىدۇ. چىرايلىق كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيگەن بەيزۇ قىزلىرى ھۆسنىگە تولۇپ كېتىدۇ. خېرىدار توۋلىغان ئاۋازلار، كۈلكە - چاقچاق سادالىرى مۇزىكا ۋە ناخشا سادالىرىغا ئەگىشىپ بىردەم ئۆرلەپ، بىردەم پەسىيىپ، قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋېتىدۇ. بازار مەزگىلىدە ناخشا - ئۇسسۇل، لەپەر - قوشاق، ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇلار كىشىلەردە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ.

  بەيزۇلار ئارىسىدىن جاڭ بوجيەن، جۇ باۋجۇڭ قاتارلىق مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئىنقىلابىي تارىخىدىكى مەشھۇر زاتلار چىققان.

  بەيزۇلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان «دۇۋەنچىچىڭدا بوغما يىلاننى چاناش»، « ئايماق بېگىنى ئۆلتۈرۈش»، «قۇياش ئېلىش» قاتارلىق ئەسەرلەر ئېلىمىز مەدەنىيەت تارىخىدىكى قىممەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت مىراسلىرى بولۇپ، بۇلاردىن بەيزۇلارنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرىنى، قەھرىمانلىق ئىش - پائالىيەتلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ

مەنبە- خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/157846/12787783.html

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 04:01:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز ، بۇنداق تىمىلار كۆپرەك يوللانسا بىلىۋالساق ياخشى.

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 2976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76348
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 6789 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 04:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىز ئارقىلىق بەيزۇلار بىلەن ئاز تولا چۈشەنچە ھاسىل بولدى.....رەھمەت.

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

بۇ كۈنلەرمۇئۈتۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19864
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12594
تۆھپە نۇمۇرى: 325
توردا: 2146 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 04:33:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەرنىڭ زىمىنىمۇ بىزنىڭ شىنجاڭنىڭكىدەك ياخشى  ئوخشايدۇ.

بۇ كۈنلەرمۇئۈتۈپ كىتەر

ئەسلى ياۋايى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9509
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10000
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2011-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 05:03:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا مۇشۇنداق  مىللەتلەرنى  تونۇشتۇرىدىغان تىمىلارنى جىراق يوللىسىڭىز ...

كوممونېستىك پارتىيە ياشىسۇن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5949
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11132
تۆھپە نۇمۇرى: 467
توردا: 605 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 05:27:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئاسارەئەتىقە بوپ كەتتوققۇ!؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16353
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7148
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2011-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 05:41:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېرخەي كۆلىدىكى كېمە ساياھىتىدە بەيزۇلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرگەن ئىدىم.كىيىمىمۇ.ئۆيىمۇ ئاق مىللەتكەن.

jiksandisunapan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 05:50:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
muz0999 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 06:03:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15617
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9749
تۆھپە نۇمۇرى: 471
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 06:15:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي دوسلا تېما يولغىچغا رەخمەت دىمەي. ئىنكاس يازغىڭلا بولمسا يازماڭلار.بۇ تورداشمۇ جاپا  تارتىپ يولايدۇ.رەخمەت سىزگە بولسا باشقا قېرنداش مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆرۈپ ئادىتى مىللى ئالاھىدىلكنى يولشىڭىزنى چىن دىلىمىدىن ئۈمۈت قىلمەن! [s:166]  [s:121]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش